«بىر مىليۇن» ناملىق ئىتوت ۋە مېنىڭ تويۇم

ۋاقتى: 2012-01-03 / تۈر: تېمىسىز/ كۆرۈش: 966 قېتىم / 43 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇم ھەققىدىكى پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، كېيىن بىلسەم مەن مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان يىل بېشىدىن باشلاپ ئۆيدە بۇ خىل پاراڭلار كۆپ بولغان ئىكەن. تۇغقانلار بىر قىسمى مېنى «ئوقۇغان يېرىدىن بىرەرسى بېلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ.» دەپ قارايتتى، باشقىلار «توي دېگەن چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، يەنىلا چوڭلارنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە بولغىنى ياخشى.» دەپ قارايتتى. مەن بولسام بۇ پاراڭلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئالتە يىللىق ئوقۇشۇمنى ئۆزۈم بويتاق پېتى پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتتىم. يەنە كېلىپ يۇرتتىكىلەرنىڭ كۈتمىگەن يىرىدىن چىقىپ، توققۇز يىللىق ئوقۇشنىڭ داۋامىنى ئوقۇش نېيىتىدە ئۆيگە باردىم. بۇ خىيالىم ھەممەيلەننىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقتى.
تۇغقانلار ۋە تونۇش بىلىشلەر ھەرخىل گەپ-سۆزلىرى ۋە نەسىھەتلىرىگە «مېنىڭ بۇنچە بۇرۇن بىر ئۆيگە باش بولۇپ قالغۇم يوق، نەچچە يىلدىن بىرى مەكتەپتىن چىقماي سىرتتا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇپ كەتكىنىدىن خەۋىرىم يوق، شۇڭا ھېچبولمىغاندا بىرەر يىل سىرتلارنى كۆرۈپ، چۈشۈنۈپ ئاندىن توي قىلساممۇ كېچىكمەسمەن؟ …» دەپ چىرايلىق رەت قىلدىم. ئارقىدىنلا يۈك-تاقامنى يۈدۈپ يەنە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. مانا بۇ ئىشلارغا ئۈچ ئاي بولدى. بۇ ۋاقتتىن بېرى ئۆيدىكىلەر بېلەن تېلىفونلاشقاندا بۇ پاراڭلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلۈپ باقمىدى.
مانا نەچچە كۈن بورۇن تاساددىپىي ھالدا «بىر مىليۇن» ناملىق ئىتوتنى كۆرۈش جەريانىدا ھەرخىل خىياللار كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ مېنىڭ تويۇم ھەققىدىكى غەملىرىنى ئازدۇر كۆپتۇر چۈشەنگەندەك بولدۇم. مېنىڭ نەزىرىمدىكى توي «ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشۈنۈپ قوبۇل قىلالايدىغان ئىككى باشنىڭ قوشۇلۇشى» ئىدى. مېنىڭ خىيالىمچە بولسا توينى ئاددا-ساددا ئۆتكۈزۈپ، كەپىدە تۇرساممۇ خاتىرجەم، بەختلىك كۈن كەچۈرسەملا يىتەرلىك بولاتتى. كۈنلىرىم ئۆزەم قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار بېلەن، ئۆزەم بىللە تۇرۇشنى خالايدىغانلار بېلەن ئۆتسە مەن شۇنىڭغا رازى ئىدىم. بەلكىم بۇ خىيالىم بەك خىيالى ھەم غايىۋىي بولۇپ قالغاندۇ، ئەمما مەن بۇ ئاددىي كاللام بېلەن ھېچقاچان ھەشەمەتلىك داچىلاردا ياشاشنى خىيال قىلىپ باققان ئەمەس. مۇنۇ ئىتوتتىكى تويغا كېتىدىغان چىقىم، قەرىز ئېلىش، بىر مىليۇننىڭ ئۆي بىزەش ۋە ماشىنا ئېلىشقا يەتمەستىن كەملەپ قېلىشى ماڭا ئاكامنىڭ «ئۇكامنىڭ تويى ئۈچۈن كەم دېگەندە 100 مىڭ كوي كېتىدۇ، شەھەردە ئولتۇرىمەن دەپ قالسا يەنە ئۆينىڭ ئىشى بار، شۇڭا بالدۇرراق پۇلنىڭ غېمىنى قىلمىساق بولماس …» دېگەن گەپلىرىنى يادىمغا سالدى(بۇ گەپلەرنى مەن تەتىلدە باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئىدىم، ھەم چاقچاق ئارىلاش قىلىپ «مەن تويۇمنى ئاددىي قىلىمەن، ھەرقانچە كەتسىمۇ ئۇنچە جىق پۇل كەتمەيدۇ.» دەپ تۈگەتكەن ئىدىم.). بۇ ئىشلارغا نېمە دېيىش كېرەك؟ …
«بىر مىليۇن» ناملىق ئىتوتتىكى پۇل يوق ۋاقىتتىكى توينىڭ غېمى، ئەر ۋە ئايالنىڭ بۇ بىر مىليۇن پۇلنى نېمە ئىشلارغا سەرپ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. گەرچە ئۇ پەقەت ئۇلارنىڭ خىيالى بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئىدىيىنىڭ ھەقىقىي ئاشكارىلىنىشى بولىدۇ. چۈنكى تەييارلىقسىز دېيىلگەن گەپ-سۆزلەر سىزنىڭ ھەقىقىي ئىدىيىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئالدىن ئۆزگەرتىۋالغان ياسالمىلىق مەۋجۇت ئەمەس. ئىتوتنىڭ ۋەقەلىكىنى بىز ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ كارتىنىسى دەپ چۈشىنەمدۇق؟ ئۈرۈمچىدىكى بىر يېقىن دوستۇمنىڭ «بىزنىڭ بۇ يەردە توي ئۈچۈن 650 مىڭ پۇل كېتىدۇ. توي قىلماق ئاسان ئەمەس. ئاڭلىسام خوتەندە بەك ياخشىكەن، بۇنچە جىق پۇل كەتمەيدىكەن.» دېگەن گەپلىرىنى چاقچاق دەپ چۈشەنگىنىم خاتاكەن دەپ ئويلىدىم. قارىغاندا بۇ ئالتە يىللىق ئوقۇش جەريانىدا مەن ھەقىقەتەن «ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەك»تەك دۇنيادىن بىخەۋەر ياشاپتىمەن.
ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، تەخىرسىز ھالدا «توي قىلامدۇق، ياكى تويغۇزامدۇق؟»، «ئۆمرىمىزدىكى بىر قېتىملىق توي ئۈچۈن، بىر ئۆمۈرلۈك قەرزگە بوغۇلۇشنىڭ زۈرۈرىيىتى بارمۇ؟» دەپ ئويلانساق بولىدۇ. ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى توغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلىشىنى ئاسانغا چۈشمىدى، ئەمدى توي قىلىمىز دەپ ئۇلارنى بۇرنى-قولىقىغىچە قەرزگە تويغۇزساق مۇۋاپىق بولامدۇ؟ كۆڭلىمىزدە «ئۆمرىمىزدە بىر قېتىملىق توي بولغاندىكىن قانچىلىك قىلساق ئەرزىيدۇ.» دەپ ئويلايمىز، ئەمما مۇشۇ ئويلىغىنىمىز ئۈچۈن تويدىن كېيىنكى بىر ئۆمرىمىز شۇ تويدا تۆلەنگەن بەدەل ئۈچۈن ئىشلەشكە سەرپ قىلىنسا، بۇنداق ھاياتنىڭ قانچىلىك مەززىسى بولىدۇ؟ توي ئىككى ياشنىڭ تويى، ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىمىزنى «بىزنى باققانغا تويغۇزۇش» دېگەنلىك ئەمەس. ئەلۋەتتە، توي ئۈچۈن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇش تېخىمۇ زۈرۈر ئەمەس. ناۋادا توي قىلىشىڭىز بايلىقىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن بولسا ئومۇ سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز، ئەلۋەتتە.
دوستلىرىمىنىڭ «سەن بۇنداق ئويلىساڭ بىر ئۆمۈر توي قىلالماي قالىسەن جۇمۇ! ھازىر دېگەن زامان ئۆزگەردى، پۇل دېگەننى جىق-جىق خەجلىمسە بويتاق قالىدىغان گەپ. قىز تەرەپ سالغان تويلۇقنى ئالمىساڭ توي قىلىشىڭغا قوشۇلمايدۇ …» … «سە كومپيۇتېرغا ئامراق بولغاندىكىن كومپيۇتېردىن بىرنى خوتۇن ئورنىدا ئالساڭلا بولىدۇ سەن، بۇ شەرتلىرىڭگىمۇ تولۇق چۈشىدۇ …» … دېگەن پاراڭلىرىچۇ تېخى! …
ئەمدى پاراڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن، بەرىبىز ھازىر توي قىلىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن. «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەندەك، مەنمۇ «يا خوتۇن ئالارمەن، يا كومپيۇتېر» دەپلا بۇ يازمىنى مۇشۇ يەردە توختىتاي.

43 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. رادىئو ھەۋەسكارى
    2012/01/03 22:03:37

    مۇبارەك بولسۇن ، بۇگۇن بىلوگىڭلارغا تۇنجى قىتىم كېلىشىم .
    «يا خوتۇن ئالارمەن، يا كومپيۇتېر» دەپ يۇرمەي ئاۋال كومپىيۇتىر ئېلىڭلار ، 5000 نىڭ تۆۋىنىدە خىلى كومپىيۇتىرلارنى ئالغىلى بولىدۇ (ھەجەپ ئۇستا ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلىپ كەتتىم ).

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 19:18:38

      كومپيۇتېرنىغۇ 4 يىل بۇرۇن ئېلىۋالغان :lol: ھاھااھ خۇدايىم ھەممىنى چۈپتى بېلەن ياراتقان دەيدىغۇ! شۇغا مېنىڭمۇ جۈپتۈم بىر يەردە بار چوقۇم

  2. پرېستان
    2012/01/03 22:04:42

    ھازىرقى جەمىئەتتە قىزلار ئاددى-ساددا تويغا ئانچە خوشى يوقتەك! «دۇنيادا ئاران بىر قېتىم بولىدىغان تۇرسا! داغ-دۇغىلىق ئۆتكۈزمىسەك قانداق بولىدۇ» دەيدىكەن ئەمەسما!

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 19:25:10

      شۇڭىمۇ توي قىلغۇسى بارلار قىلالماي بويتاق يۈرىۋاتىدۇ. پۇلنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر توي قىلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجرىشىۋاتىدۇ. ھەي بۇ تەڭسىزلىكنى …

  3. روھچىن
    2012/01/04 13:04:01

    تويدا قىز بىلەن چۈشۈنۈشۈپ توي قىلغاندا قىز مۇ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت ئىشلىسە ئۇغۇل تەرەپمۇ ماسلاشسا ئۇنچىۋىلا چىقىمدار بۇلۇپ كەتمەيدۇ.
    چ چ دا ئۈرۈمچىلىك بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. تويغا تەييارلىق قىلىۋېتىپتىكەن. ئاۋۋال ئۆي ئېلىش ئاندىن ئۆينى بىزەش، ئاندىن سەرەمجانلاشتۇرۇشلاردىن كىيىن توي قىلالايدىغانلىقىن ئېيتتى. ئۇ قىزنىڭ دىگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا توي 50 تۈمەننىڭ بۇتەرپىدە پۈتمەيتتى.
    ئۇ قىز ئاخىردا يىگىت تەرەپ بىلەن پەقەت توي قىلغۇم يوق ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ماقۇل بولدۇم. شۇڭا ئارلاشمىدىم. ئۆزۈم خالىغان بىرەسى بىلەن توي قىلغىلى قويغان بولسا ھەرگىز بۇنداق چىقىمدار قىلمىغان بۇلاتتىم. 50 مىڭدىن ئاشۇرمايتتىم. تۇرمۇش ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئەمەس مىھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىللىقلىققا تۇلىدۇ- دىدى

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 19:26:20

      يىغىپ كەلسە شۇ قىز بالىنىڭ ئىدىيىسىگە باغلىق بولۇپ قالىدىكەن. «تۇرمۇش ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئەمەس مىھىر-مۇھەببەت بىلەن ئىللىقلىققا تۇلىدۇ» بۇ گەپنى قوللايمەن

  4. روھچىن
    2012/01/04 13:05:31

    ئىتوتتا ئىپادىلەنگىنى ئادەملەرنىڭ ئەسلى تەبئىتى بولسا كېرەك. ئاق كۈڭۈل ئادەملەر بىرمىليۇننى كۆرگەندە ئاشۇنداق بۇپ كەتسە قارا كۈڭۈل ئادەملەر نىمىلەرنى قىلار

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 19:29:58

      بىر نېمە دېمەك تەس. ئادەم دېگەن مۇرەككەپ نەرسە. سىز، بىزلەرگە شۇ بىر مىليۇن ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىدىغىنىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز. دەل شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئاندىن ئاشكارا بولىدۇ. مەن ئۇنداق قىلىمەن، بۇنداق قىلىمەن دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ.

  5. تەدبىركار
    2012/01/04 20:17:28

    ۋەتەندە گاچچىدە بىرنى ئېلىۋېلىپ ئۇدۇل چەتئەلگە ئېلىپ قاچىلى ئەندى :mrgreen:

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 20:59:33

      ئاۋارىچلىق بەك كۆپىيىپ كېتىدىكەن، شۇڭا يۇرتقا قايتىپ ئاندىن توي ئىشىنى ئويلىشاي دېدىم. :roll:

    • nure1113
      2012/01/06 22:42:22

      تەدبىىركارنىڭ تەدبىرى بولدىكەن جۇما .

  6. ش.ئە.ئۇيغۇرى
    2012/01/04 22:58:36

    ئەگەر ئۆي ئالىمەن دېسە 650 مىڭ ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ، ماڭا ئوخشاش ئۆي ئالماي ۋاقتىنچە ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرماقچى بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا….. تۇرمۇش…..

    • نۇرقۇت
      2012/01/04 23:59:11

      ئۆي ئېلىپ بىر ئۆمۈر ئۆي قۇلى بولۇپ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلغۇم يوق! ھەي …

      • سەھرالىق
        2012/01/05 13:38:01

        ھاجىم تىژلىقما؟ كۇلىدا ياشاۋىرىپ ئەسەبلىرى ئاجىزلاپ كېتىپتا :lol: …ئالىمكام بىلەن نەزەرباي نەچچە قىزنىڭ كاللىسىدن تۈتۈن چىقارغىچە سىلە بىرەرسىگە قاش ئېتىپمۇ سالمىلىما؟ ھەي قويسىلاۋا… مەن ياۋاشمەنمىكىن دېسەم، سىلە ئاسمان ئۆرۈلسە تىگىدە مانتا يەيدىكەنلا :grin:

      • نۇرقۇت
        2012/01/05 23:12:14

        ھاھاھا ياشلىقنى قەدىرلەپ بېكار ئىشلارغا ئارىلاشماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ … ھاھھا :lol:

      • ئارمانىم
        2012/01/06 21:15:59

        مۇشۇنداق قىلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن، ياشلىقىمىزدا يەنە شۇ بىلىم ئىگىلىگەنگە يەتمەيدۇ. :!:

      • نۇرقۇت
        2012/01/06 22:59:30

        شۇنى دېمەمسىز. ياشلىقنى ئىسراپ قىلىۋەتسەك جاپاسىغا قېرىغاندا قالىمىز

      • پرېستان
        2012/01/10 01:59:05

        ياشىلىقتىكى مۇھەببەت پەيزى دەيمەن….!!! :mrgreen:

  7. تۈركىيار
    2012/01/06 19:41:19

    بۇجاھاندا ياشىماق تەسمۇنىمە؟ ئاۋۋال بىلىم ئىگەللەش ئەڭ مۇھىمكەن، ئاندىن باشقىسىنى ئويلاش كىرەككەن،‹‹توي قىلدىڭ بالادا قالدىڭ، توي قىلمىساڭ تالادا قالدىڭ ››دىگەن گەپ راسىت ئوخشايدۇ
    قىزىىق گەپلەر بۇيەردە بولىدىكەن ئەمەسمۇ، :lol: :razz:

    • نۇرقۇت
      2012/01/06 21:17:43

      مۇڭدىشىدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن بلوگ بېلەن مۇڭدىشىدىغان بولىۋالدىم :lol:

  8. قۇتبىلىك
    2012/01/07 04:02:18

    توي ئۇ بىر جەڭ ئىكەن، كىلنچەك ئۆيگە كىرگىچە مانا ئۈچ سائەت قالدى، مانا ئىككى سائەت قالدى دەپ ساناپ تۇردۇم، قانداقتۇر توي كىچىسىنىڭ شىرىنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قۇدىباج تاراختۇرقلارنىڭ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن خاپىلىق تېرىپ بەرمەي ئۇزاپ كىتىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى، ئادەم بەزىدە ئۆزى ئويلىغاندەك ياشايمۇ دەپ ياشاپ بولالمايدىكەن.
    مۇھەببىتىمنىڭ مەھەلە كويدىكى قىزلار 30 مىڭ سوم قىز مېلىغا چىقىرىلغان ئىكەن، مەن قانچە ئەكىرمەن دىسەم ئىختىيارىڭلار دىگەن، 20 مىڭدىن سۆز ئاچسام سەت تۇرامىكى دەيدۇ، ئانىسى قوپۇپ بىزنىڭ دوست-دۈشمىنىمىز يوقمۇ يەي، ئاندا ماندا دەپ قۇلاقنى يىدى، ئۆيدىكىلەرگە 20 مىڭنى ئەكىرمىز دىسەم ئاكاڭنىڭ ئايالىنى 12 مىڭغا ئەكەلگەن، ساڭا نىمە دەپ 20 مىڭنى خەجلەيمىز، كىلىننىڭ كۆڭلىگە كىلىدۇ دەيدۇ. توي كوچىسىغا چۈشۈپ ئائىلە كوچىسىغا ماڭغىچە تالاي قائىدە يۇسۇنلاردىن ۋاز كەچتىم، تالايلىرىگە مەجبۇر بولدۇم.
    توي قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ قائىدە يۇسۇنى ئوخشاش، ئىككى ئائىلنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئوخشاشراق بولسا ئاسان ئوخشايدۇ، بولمىسا ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدىكىدەك «دۇخاۋا تۈشۈك ئىكەن» دەپ جىدەل-خاپىلىق ئويناپ يۈردىغان ئىش ئىكەن.
    يەنە بىر ئىش توينى ھەرگىزمۇ سىز ۋە مەشۇغىڭىز قىلمايدىكەنسىز، توي قىلدىغانلار ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇرۇق تۇققانلار ئىكەن، بۇ ئىككى جاننىڭ گىپى ئۆتمەيدىكەن، يارىم قوپۇپ دىدىكى مەن 6 يىل ئارلاشقان، چوقۇم توي قىلمەن، مەن دىدىمكى مەنكى ئەر، چوقۇم ئالىمەن، مەن دىدىمكى 20 مىڭ، ئۇدىدىكى ئۇنداق قىلغىچە ئۆلتۈرۋەت.
    6 يىل ئەمەس 60 يىل ئارلاشقانمۇ ۋاقتى كەلگەندە 6 موچەنگە يارىمايدىكەن. ھەي بىز 6 يىل ئارلاشتۇق(سەلبى مەنىسى: مەن ئالمىسام كىم ئالاتتى سىنى)، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىۋاتقاندىكىن بىر بىرىمىزنى چۈشنىلى، مەن ئەمدى خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئاتا-ئانامغا ئېغرىمنى سالغۇم يوق، ساڭا بۇنداق كۆپ پۇلنى مەن نەدىن تاپىمەن، ھا بۇنداق گەپلەر 6 پۇڭغا يارىمايدىكەن. قىز ئويلايدىكەنكى ئاتا-ئانام مىنى ئىززىتىم بىلەن يولغا سېلىپ قويسا، قىزنىڭ ئىززىتى قۇلۇم-قوشنا دوست يارەنلەرنىڭ ئېغىزىغا چىققان قانچە پۇل ئەككىرىپتۇ دىگەن گەپ بىلەن بولدىكەن. ئاز ئەككىرسە تېخى، كۆپ ئەككىرسە تېخى، شۇنچىلىك تىرىشىپ ئاددىي ساددا قىلىمەن، ئاتا-ئانامغا ئېغرىمنى سالمايمەن دەپ تۇرۇپ ئالدى كەينى 60 مىڭ بىلەن توينى ئۇزىتىپتۇق، ئېغزىمنى تاتلىق قىلىپ تويدىن كىيىن ئېلىپ بىرىمەن دەپ نۇرۇغۇن نەرسى ئالمىدىم تېخى ئالغان بولسا نەچچىگە بارار ئىكەن تاڭ.
    مىنىڭچە توينىڭ يولىغا بالدۇر كىرمىگەن ياخشى، بەزىدە شارائىت مەجبۇرلاپ مەندەك بالدۇر توي قىلىپ سالدىغان ئىش ئىكەن(قىز دادىسى كىسەلچان)، ئەگەر شارائىت يارلا بەرسە يىتەلىگەن يەرگىچە ئوقۇغان ياخشى. يەنە بىر گەپ ھەر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خوشلىقى بولىدۇ، 40 ياشتا مۇھەببەتلىشىپ دەريا بويلىرىدا يۈرسە يارشىپ كەتمەيدۇ شۇڭا، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە دىگەن گەپمۇ بەزىدە توغرا چىقىپ قالىدۇ، بەكمۇ راھىپ بوپ كەتمەي يۈرگۈلۈك، مۇھەببەتلىشىشنىڭ پروگرامما ئېچىشقا پايدىسى كۆپ، ھەم پروگرامما ئۈچۈن مۇھىم رولى بار. :razz:

    • نۇرقۇت
      2012/01/07 04:52:43

      ماۋۇ مەن دەل كۈتكەن ئىنكاس بوپتۇ. ئىنكاسنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنىڭ توي يولى مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەتتىم. نوچىلىق قىلىپ تېخى يۇرتتىن ئەمەس باشقا جايدىن ئۆيلىنىش خىيالىم باردەكتى، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش زۈرۈرمۇ نېمە!؟ خۇدايىم شۇنداق تەس كۈنگە قېلىشتىن ساقلىسۇن. مەنغۇ ھازىرقى ئەلپازىمدا تويغا ئالدىرايدىغاندەك ئەمەس، ئەمما شۇ چوڭلارنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بېلەن توينى بالدۇر قىلساق دەيدىغان ئىشلار چىقىپ قالىدىكەن. شۇنداق بولۇپ قالمىغىدى دەپ باشتا بەش پاتمان غەم بار. خۇدايىم ساقلايدۇ دەپ دۇئا قىلىپ ئولتۇرىمىز مانا.

  9. قۇتبىلىك
    2012/01/07 04:07:38

    ماۋۇ بلوگىنىڭ ئىنكاس تەھرىرلەيدىغان يىرى يوقمۇ؟ سەل نۇمۇسۇم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ مىنىڭ، ماۋۇ بىر سەت ئىش بوپتۇ، قېتىپ قويىلى…

    • نۇرقۇت
      2012/01/07 04:54:01

      ئىنكاس ئېگىسىگە تەھرىرلىگىلى قويىدىغان يىرىمۇ بارمىدى؟ مۇشۇ ۋوردپرەس دېگەن ئاداشنىڭ ئەلمى-تەلمىنى تېخىچە بىلىپ بولالمىدىم دېسە! مەن بىر ئىزدەپ باقاي ئەمىسە

  10. ئىزتىل
    2012/01/07 11:31:21

    توي قىلغىنىمغا مانا بۈگۈن ساپمۇ ساق ئىككى ئاي ئىككى كۈن بولدى . توي قىلىشتىن بۇرۇن يەتتە يىل مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستۇم مانا ئەمدىلىكتە مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمغا ئايلاندى ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭ تاللىشىمىزغا ھۆرمەت قىلدى – يۇ يەنە شۇ قىز مېلى ( ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا پۇل مەسلىسى) گە كەلگەندە بىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى ، ئۆينى مەن تۇتساممۇ لېكىن توينى ئائىلەمدىكىلەر قىلدى . ئەمدى تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش بىر ۋاقىتلارغىچە بىر خىل يۇسۇندا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ ، چۈنكى شۇ توي بەك ھەشەمەتلىك بۇلۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن خىلى بۇزۇپ چېچىشلار بولدى دەپ قارىدىم ، ئەگەرچەندە تويۇم ئاددى – ساددا بولغان بولسىدى ، كېيىنكى تۇرمۇشۇم بەلكىم ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى تەرەپلەردىن كاپالەتكە ئىگە بولغان بۇلاتتى . لېكىن ئايالىم بىلەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن . شۇڭا دەيمەن ، ھەر گەپ دەل شۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ئائىلىدىكىسىلەرنى قايىل قىلىش – قىلالماسلىقىدا ئىكەن . ( مەن يېرىم قايىل قىلدىم ئائىلەمدىكىلەرنى )

    • روھچىن
      2012/01/07 13:11:31

      ئىككى ئاي بولسا تۇرمۇشىڭىزدىن ھۈكۈم چىقىرىشقا تېخى بالدۇر

      • ئىزتىل
        2012/01/08 01:18:45

        ئەلۋەتتە گېپىڭىزنىڭ تۇللۇق ئاساسى بار ، بۇ ئىككى ئاي تېخى ھېچنىمىدىن خۇلاسە چىقىرالمايدۇ . گەپ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ بەخىتلىك داۋاملىشىشىدا .

      • روھچىن
        2012/01/08 20:03:34

        تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

    • نۇرقۇت
      2012/01/07 17:20:11

      تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك داۋاملىشىشىغا تېلەكداشمەن. توينى دەپ كېيىنكى تۇرمۇشقا روھىي بېسىم ھاسىل قىلىۋالغۇم يوق، شۇڭىمۇ توينى ئاددىي قىلغۇم بار. خۇدايىم ئاسانلىق بەرسە دېگەن ئۈمىدتىمەن، قىز تەرەپنىڭ ئۆيدىكىلىرى جاھىللىق قىلمىسىلا تويۇمنى چوقۇم ئاددىي-ساددا قىلىمەن

      • كروران
        2012/01/09 23:05:34

        قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى قايىل قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ سىز تاللىغان قىز، سىزدەك ياخشى يىگىتنىڭ تاللىشىغا ئېرىشكەن قىزمۇ چوقۇم بۇ تەلەپنى ئورۇنداپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىدۇ. ئاللاھ سىزنىمۇ مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي!

  11. خەندان
    2012/01/09 22:20:37

    ۋاي ۋۇي….نىمانداق جىق غەم قىلىسىلەر ھەي ئوغۇللار، نى نى قىزلار تۇرمامدۇ ئوقۇغان، بىلىملىك، قائىدىلىك….. بۇنچە غەم قىلىپ كەتمىسەڭلارمۇ كۆزۈڭلارنى يوغان ئاچساڭلار سىلەرگە ئوخشاش پىكىرلىك قىزلار نۇرغۇن.

    • نۇرقۇت
      2012/01/10 00:33:52

      بۇيتاقچىلىقتا بۇنچىلىك غەم قىلساق ھېچنېمە بولماس، بېكارچىلىقتا ئۇخلاپ ياتقۇچە غەم قىلىپ قويدۇققۇ :mrgreen:

  12. كروران
    2012/01/09 23:02:19

    شۇنداق، يۇقىرىقى بەزى ئىنكاسلاردا دېيىلگەندەك توي قىلىدىغان يىگىت قىز بىر ياقتا قېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى غىژ-پىژ قىلىپ باش قېتىشچىلىقى بولىدىغان ئىشكەن ئۇ توي دېگەن. يېقىندا بىر تويدا ئاڭلىشىمچە قىز تەرەپنىڭ «بىر قىز بالىنى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق، كارتىسى بىلەن بەردۇق دېگەندەك گەپلەر » ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ئوغىسىنى قايناتسا، «قىز مېلىنى شۇنچە ئېلىپ تۇرۇپ ئۆيگە تۈزۈك بىر نەرسە ئالماپتۇ دەپ رەنجىشلىرى» بىلەن قارىغاندا كېلىننىڭمۇ ئىناۋىتىگە داغ يېتىدىغان گەپكەن. شۇڭا ئويلاپ قالدىم، توي بولغانىكەن ئۇنىڭ چىقىمى ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن لايىقىدا قىلىنغان ھۆرمەت ئىززەت، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش، قارشى تەرەپنىڭمۇ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىش، گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ تويدىن كېيىن ئۇلاغقا قوشۇلغان كالىدەك قەرز تۆلەش يولىدا چۆرگىلىگەندىن ياخشىمىكىن دەيمەن. ئەڭ ياخشىسى قىز يىگىت بىر يۇرتتىن بولسا، ئاتا-ئانىسىمۇ بىلىشىدىغان كىشىلەر بولسا، بىر-بىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىپ توي بەكمۇ چىرايلىق ئۇزايدىكەن. مېنىڭ ئاكامنىڭ تويى شۇنداق كۆڭۈللۈك بولدى، مانا ھازىر ئىككىسى شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا مەنمۇ ھەرگىز ئارتۇق چىقىم قىلمايمەن. توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزى توي چىقىمىنى كۆتۈرەلىگۈدەك بولسا ياخشى، بولمىسا ئاتا-ئانىنى ئارتۇقچە چىقىم قىلدۇرماسلىقى كېرەك دەيمەن.

    • نۇرقۇت
      2012/01/10 00:40:31

      بۇ پىكرىڭىزنى قاتتىق قوللايمەن. ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمىسە ئاتا-ئانىسىغا جاپا سالماسلىق كېرەك. خۇدايىم بۇيرۇسا ئاددىي-ساددا توي قىلىمەن.

  13. hazina
    2012/01/13 19:50:45

    ھەممىڭلارنىڭ تويى مىنىڭكىدەك مۇشاقەتلىك بولماپتىكەن تېخى،مەنمۇ 5 يىل ئارلاشقان مەبىتىم توي قىلىش ئۈچۈن تارتقان جاپا مۇشاقەتلەر دەپ كەلسەم گەپ تولا .نورقۇت ئەپەندىدەك بولسىمۇ بولىدىكەن دىدىم بەزىدە،«يا بايدىن چىقا،ياسايرامدىن» دەپ ،ئاتا -ئانا بالام مۇشۇ ساڭا ھەمرا بولسۇن دىگەندە كۆزنى يۇمۇپلا ئالسىمۇ بولىدكەن،ھەي ،مىنڭ ئەينى ۋاقىتتا بولغۇسى قىيىن ئانامغا يارىمغان يېرىم مەن خىزمەتكە چىقماي ئۆزۈم بىر ئىش قىلىمەن دەپ دۇكان ئاچقان ئىشىم ،«ئىمتھان بەرسەكقۇ ئۆتكۈچىلىكىمىز با »،تېجارەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنداق ھەي بۇنداق ھەي دەپ بىر مۇنچە گەپ بىلەن بىزنىڭ بولغۇسى كىلىنچەكنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇپتىكەن ،كىلىنچەك يىغلاپ تۇرۇپ گاھىدا قوقاق سىلىپ دىگەندەك ماقول كەلتۇرۇپتۇ ئەمما شەرت 3تۈمەن خەلىق پۇلى موچەن كەم بولسا ياق «2009 يىلى», ئىككى يىل تىجارەت قىلىپ تاپقان تەگىنىم ئاران چىقىدىكەن 2.5 تۈمەن بۇنداق ۋاقىتتا يەنە شۇ مھرىبان ئاتا-ئانىمىز بىزگە ھەمدەم بولىدىكەن شۇ «شۇ ئاتا ئانىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئامىن» تىخى توينى ئاندى-ساددا ئۆتكۈزەيلى دىسەم ،بالام مىنڭ بىرلا قىزىم بۇ ئەلجامائەتنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزنى كۆتۈرىمەن دىگەندەك بىر تالاي شۆھرەتپەرەس گەپلار،تويدىن كىيىن ئىجارە ئۆي ئىلىپ ئولتاغاچ تۇرۇپ تېجارەتنى كىڭەيتىپ ئاندىن ئۆينىڭ غىمىنى قىلايلى دىسەم ھەرگىزمۇ يىقىن كەلمىدى،ئاز قالغان ئاچىقىمدا كۆتە قىزىڭنى دىگىلى،ئەمدەى قەرىز قىلىپ ئالغان ئۆينىڭ غىمى بىلەن تۇرمۇش بىسىمى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆتۋاتىدۇ كۈنلەر .ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلغانياقى باشقىچە ھىس قىلىپ قالدىم ئائىلە دىگەننى ،ھەر كۈنى بۇرۇن قايتىپ بالامىنى ئەركىلتىپ بالام ھەرخىل تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ داد داد داااااااااا دەپ كەتسە زىممەمدىكى بارلىق غەملەر كۆتۈرلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىمەن،«كونىلارنىڭ بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار» دىگنى راس گەپكەن،شۇڭا بويتاقلارغا تەۋسىيە بالدۇرراق ئاتلىنىڭلار توي ئىشغا سىلەرنىڭمۇ داد داد دااااا دىگەن تاتلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغىڭلار يوقمۇ.

  14. hazina
    2012/01/13 19:54:18

    ھە راس تىخى يىقندا بىر ئەغنەم تېلفۇن قىپتۇ ،ئاداش قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارساق ئانىسى بىز قىزىمىزنى 5 يىل ئوقۇتىمىز دەپ جىق چىقىم تاتتۇق مائاش كارتىسى بىزدە ئىككى يىل تۇردۇ ،تويلۇققا 2 تۈمەن ئەكىلىڭلار دىگىدەك،ما گەپنى ئاڭلاپ بۇنداقمۇ ئاتا -ئانا بولىدىكەن دەپ ياقامنى 3 نى چىشلىۋەتتىم

    • سەھرالىق
      2012/01/16 01:20:31

      ماۋۇ تازا قىززىق گەپ بوپتۇغۇ؟…توۋا دەي جۇما ،مېنىڭمۇ بىشىمدا بار بۇ غەم…ئازلا قالدى زادى …غەرەز ئۇقىدىغان قىزلارنى خەق ئەپكەتتى… :arrow:

  15. ۋەتەن
    2012/01/18 00:21:37

    مەن قانداق قىلىۋالغان بولغۇيتۇم … :mrgreen:

  16. سۈكۈت
    2012/01/23 13:06:24

    ئوغۇللار ھەرگىز ئېزىپ تېزىپ داشۆدە باشقا يۇرتلۇق بىلەن يۈرۈپ قالماڭلار، ئاخىرىدا قۇتۇلالماي يەنە بىچارە ئاتا-ئاناڭلارنى جاپا تارتقۇزىسىلەر.
    يېقىندا بىر قوشنىمىزنىڭ تويىغا قىز تەرەپنىڭ بىزدىن 500 كىلومېتىرلىق نېرىدىكى بىر ئۆتەڭدىن بولغىنىغا قارىماي، قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە تويلۇق ئۈچۈن 30 مىڭ (ئاز بوپ قالسا بەرمەسمىش) ئاپاردى، كىچىك چايغا بېرىشقىلا كىراغا 3000 ، تويغا بېرىش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك تۆت ماشىنىغا 10 مىڭدەك كەتتى، مانا ئەمدى «قىز كۆرسىتىش» ئۈچۈن يەنە شۇ قائىدىنىڭ يۈزى دەپ ئۇ قوشنىمىز ئاز كەم 1000 يۈەننى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ چاقىغا يۆگەيدىغان گەپ.

  17. نەتىجە
    2012/01/28 23:12:42

    خېلى تەجىرىبىلىك بوپ قالدۇققۇ مانا… ھەي.. مۇشۇ يالغۇز كومپىيوتېر ياكى باشقا ياقتۇرغان ئىشى بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلەر مەنلا ئەمەسكەنمەن ئەسلى…

    يا بايدىن چىقار- يا سايرامدىن. خۇدايىم سالامەت قىلسا 5-6 يىل تۇرۇپ تۇرامىز يەنە…

  18. قاراخان
    2012/02/24 16:21:12

    مەنچە بولغاندا توينى ئاددى-ساددا ، ئۆتكۈزگەن ياخشى . ئىككى ياش بەخىتلىك ئۆتسىلا شۇ ياخشى.

  19. بەگتاش
    2012/02/28 01:35:25

    مەنمۇ پات يىقىندا توي قىلىمەن دەپ تۇرىۋاتىمەن، ھەممەيلەن ئۆز ئارا بىلىشىمىز. چوڭلار كۆرۈشكەندە قارشى تەرەپ تويلۇقنى قانچىلىك بولسا بولىدۇ دەپ دىگىلى ئۇنىماپتۇ، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر 30مىڭ يۈەن ئاپىرىمىز دەپ يۈرىدۇ، توي چىقىملىرىنى قوشقاندا كەن دىگەندە 40مىڭ يۈەن كەتكۈدەك.

  20. ئىزيار
    2012/04/16 21:15:59

    ھەي .. بەزى ئىشلارغا ھەقىقەتەن بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن ئادەم ، مەنمۇ تۇنجىسى بىلەن 3 يىل دەك يۈرگەن ھازىر بولسا ساق 5 يىل بولاتتى .. لىكىن ئاززاراق ئىش بىلەن تەگىشىپ بىرمەزگىل ئالاقىلاشمىغان ، مەن تېخى شۇنداق ئىشەنچ بىلەن بىز 10 يىل ئايرىلىپ تۇرساقمۇ ھامان ئۇ ماڭا ساقلايدۇ دەپ ئويلىغان ، ھەم سەۋەنلىك مەندە بولمىغاچ ئۇنىڭ دىن يارىشش توغرىسىدا گەپمۇ قىلمىغان ، بىرمەزگىل ئۆتتى گەپ يوق …. شۇنىڭ بىلەن مەيلى بوپتۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كەڭ قورساق بولاي دەپ ئۆزەم تىلفۇن ئۇرۇپ يۈرۈپ يەنە قايتا يارىشىش توغرىسىدا گەپ ئاچسام .، ئۇ باشقىلار بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى :twisted: :twisted: بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۈزۈلۈپ چۈشكەندەك بوپكەتتى … بىرمەزگىل دىن كىيىن مەنمۇ يۈردۈم مانا ئەمىسە دەپ ،، لىكىن تۇنجىسىنى ياخشى كۆرگەندەك ،. تۇنجىسىغا كۆڭۈل بەرگەندەك بەرگىىلى بولمايدىكەن …. شۇنداق ئويلاپ قالدىم ، ئاشۇنىڭغا قىلغان 3 يىللىق مۇھاببىتىمنى php غىمۇ ياكى asp.net دەك بىرسىگە قىلغان بولساممۇ خېلى تولۇق چۈشۈنۈپ بولاتتىم ، قىزلانى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەسكەن … شۇڭا دەيمەن ئەڭ ياخشىسى كىچىكىپ توي قىلغان ياخشىكەن ، ئىقتىسادنىمۇ تېپىپ تاللغاندىمۇ تازا تاللاپ تۇرۇپ ئالىمەن دىگەننى ئالغان ياخشى كەن ، توي قىلىپ ئالدىرماي چۈشەنگەن ياخشىكەن ،، مەن شۇڭا 2020 – يىلى توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن …. :mrgreen: :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif