مەن QQ دىن قانداق قول ئۈزدۈم

ۋاقتى: 2011-12-05 / تۈر: كىشى يۇرتلىرىدا/ كۆرۈش: 1,516 قېتىم / 37 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

QQ نىڭ جىنى كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرگە چاپلاشتى. مەنمۇ ئۇلارنىڭ سىرتىدا قالمىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندا ئەمدىلا تورخانىغا كىرىشنى ئۆگەنگەن چاغلىرىم ئىدى. ئاۋۋال QQ نومۇرى بارلار بىز يېڭىدىن تورخانىغا كىرگەنلەرنى زاڭلىق قىلىپ بولۇپ بىزگە نومۇر ئېلتىماس قىلىپ بىرىشتى. ئەمما كىيىنكى قېتىم كىرگەندە پارولنى ئۇنتۇپ قالغاچقا كىرەلمىدىم. شۇنىڭ بېلەن سۇراشتۈرۈپ يۈرۈپ توردىن QQ نومۇرى ئېلىتىماس قىلدىم. ئېلتىماس قىلغاندىمۇ بىراقلا 10 نەچچىنى ئېلتىماس قىلدىم. گەرچە ھەممىنى ئىشلەتمىسەممۇ جىقراق نومۇر ئېلتىماس قىلىپ ئارىسىدىن ئەستە تۇتۇش ئاسانراق بىرىنى تاللىۋالماقچى بولدۇم. ئاخىرىدا ئارىسىدىن ئۈچ نومۇرنى ئېلىپ قالدىم. قايسىنى ئىشلىتىشنى جەزملىيەلمەي، بىر مەزگىل ھەممىسىنى تەڭ ئويناپ يۈردۈم. مانا بۇ مېنىڭ QQ غا خۇمار بولۇشۇمنىڭ باشلىنىشى ئېدى. ئۇ چاغلاردا تورخانىغا كىرىپ تۇنجى قىلىدىغان ئىش QQ ئىدى. ئاندىن ناخشا چىقىدىغان توردىن بىرنى ئېچىپ قويۇپ، QQ دۇنياسىدىن ناتۇنۇش كىشىلەرنى قوشۇپ تۈگىمەس پاراڭلارنى سوقۇپ قۇياتتۇق. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ياخشى كىشىلەرگىمۇ ئۇچرىدىم، ئەمما بېكار پاراڭ سالىدىغان كىشىلەرگە بەك كۆپ ئۇچرىدىم. ھەممىسى شۇ چاغلاردىكى ماڭا ئوخشاش قۇرۇق پاراڭچىلار ئىدى. ئەمما بۇنداق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ئارىدىن 2-3 ئاي ئۆتۈپ بۇ تۈگىمەس پاراڭدىن زىرىكتىم. شۇنىڭ بېلەن بىر مەزگىل QQ نى تاشلاپ ھەرخىل ئويۇن ۋە تور ئارىلاش بېلەنلا كۈنلەر ئۆتتى.

شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئىككى يىللىق تەييارلىق ئوقۇشنىڭ تۇنجى يىلىدا يېڭىباشتىن QQ ئويناشقا كىرىشىپ قالدىم، بەلكىم ئىچكىرىدىكى روھىي بېسىم ۋە بېكارچىلىقتىن بولسا كېرەك. مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرخانىسىدا QQ يوق بولغاچقا ھەر قېتىم توردىن چۈشۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بارا-بارا بۇمۇ ئېغىر كەلدى، شۇنىڭ بېلەن تۇنجى بارماق دېسكىنى سېتىۋېلىپ توردىن چۈشۈرگەن QQ نى ساقلاپ قويۇشقا ئىشلەتتىم. بۇ كۈنلەر كۈزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ بىز تەييارلىق ئوقۇشنىڭ 2-يىللىقىغا قەدەم قويدۇق. ئالدىنقى بىر يىلنى مەن كومپيۇتېر ئالدىدا QQ ۋە مۇنبەر ئويناش بېلەن ئۆتكۈزدۈم. 2006-يىلى 12-ئايلاردىغۇ دەيمەن، ساۋاقدىشىمنىڭ قىزىقتۇرۇشى بېلەن توربەت ياساشقا قىزىقىپ قالدىم. راست گەپنى ئېيتقاندا ئۇ چاغدا مەن توربەت ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. دوستۇمنىڭ تۇنجى كۆرسەتكەن نەرسىسى DVBBS مۇنبەر سىستېمىسى ئىدى. دوستۇمنىڭمۇ توربەت ياساشتىن خەۋىرى يوق. ئىككىمىزدە ئوتتەك قىزغىنلىقتىن باشقا نەرسە يوقتى دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بېلەن ئېككىمىز DVBBS نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش يولىدا جاپالىق جەڭگە كىرىشىپ كەتتۇق. ئىككىمىز ئاخىرى چىقماس تالاش-تارتىشلارنى قىلاتتۇق. دەسلەپكى نۇرغۇن ۋاقتىمىز GB2312 كودىدىن UTF-8 گە ئالماشتۇرۇشقا سەرىپ بولدى. ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەچكە ھەرخىل ئۇسۇلدا سىناپ باقاتتۇق، تالاي قېتىملاپ مەغلۇب بولاتتۇق، تالاش-تارتىش قىلاتتۇق. ئاشۇ كۈنلەردە QQ دا بەزى كىشىلەردىن ياردەم سورىماقچى بولدۇم. ئەمما يەنىلا كتۈكىدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. DVBBS نى GB2312 دىن UTF-8 گە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئاي ۋاقت سەرپ قىلدۇق. بۇ جەرياندا QQ دا نۇرغۇن كىشىلەر بېلەن پاراڭلىشىپ ساۋاق ئالدىم. ئاخىرى ئۇنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىغان ھالغا ئېلىپ كەلدۇق. بىز بۇ نۇسخىسىنى بويسۇندۇرغاندا، ئاچقۇچى تەرەپ يېڭى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بېلەن يېڭىباشتىن قىلماقچى بولدۇق. ئەمما بۇ قېتىم خېلىلا ئاسانغا توختىدى. بەت يۈزىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىغان بولساقمۇ، ھەرھالدا ئىشلەتكىلى بولاتتى. ئاشۇ DVBBS بېلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن ۋاقت مېنىڭ ئەڭ جاپالىق ۋاقتىم ئىدى. تاشلاپ قويۇشقا كۆڭۈل ئۇنىمايتتى، قىلاي دېسەم ماغدۇر يەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ ئاخىرى ئۇنى بويسۇندۇردۇق. تەييارلىق ئوقۇش پۈتۈپ دوستۇم بېلەن باشقا-باشقا مەكتەپكە كەتتۇق. شۇنىڭ بېلەن بۇ جاپالىق تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلگەن بولدى. شۇ ۋاقىتتا مەلۇم سەۋەبلەر بېلەن Discuz!6.0 گە قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ بېلەن Discuz!6.0 بېلەن جەڭگە كىرىشىپ كەتتىم. بۇ جەرياندا مەن QQ دىن شاتلىقمۇ تاپتىم، بىلىممۇ ئالدىم، خاپىلىققىمۇ يولۇقتۇم. نەچچە 2007-يىلى 12-ئايلاردا ئاخىرى Discuz!6.0 نىڭ تەرجىمىسىنى تاماملىدىم. بۇنىڭ تەرجىمىسى DVBBS تىن جىق ئاسانغا توختىدى. بۇ تەرىپىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ DVBBS تىن ئۈزۈل-كىسىل قول ئۈزدۈم، ھەم Discuz!6.0 گە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. مۇشۇ چاغقا كەلگەندە مەن توربەت لايىھەلەشنى ئۆگۈنۈشكە رەسمىي كىرىشكەن بولدۇم. چۈنكى بۇ بىر يېرىم يىللىق جاپالىق ئاچچىق ساۋاقلار مېنى نۆلدىن باشلاپ تەپسىلىي ئۆگۈنۈشكە ئۈندەيتتى. شۇنىڭ بېلەن مۇكەممەل تاماملانمىغان Discuz!6.0 نى تەجرىبە ئوبيىكتى قىلىپ ئولتۇرۇپ, HTML نى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەندىم، CSS نى ئۆگەندىم، JS نى ئاز-تۇلا ئۆگەندىم. PHP نى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. بۇ ئەھۋال تاكى Comsenz نىڭ UCenter سى چىققۇچى داۋاملاشتى. UCenter ئېلان قىلىنغا كۈنى ئوتتەك قىزغىنلىق بېلەن بوشلۇق سېتۋېلىپ يېڭى Discuz!6.1 ۋە Ucenter قاتارلىقلارنى سىناشقا كىرىشىپ كەتتىم.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رەسمىي ھالدا نۇرقۇت ئەترىتى رەسمىي بارلىققا كىلىپ تور دۇنياسىغا رەسمىي قەدەم قويغان بولدۇم. ئاشۇ كۈندىن باشلاپ QQ دىكى پائالىيىتىم كۈنسىرى كۆپەيدى. نەچچە يىل مابەينىدە QQ كومپيۇتېردا تۇنجى ئاچىدىغان يۇمشاق دېتالغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ تۆت يىل مابەينىدە QQ ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقت سەرپ قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. بەلكىم QQ دەرىجىسى بۇنىڭغا جاۋاب بولالايدۇ. مېنىڭ QQ دەرىجەم كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆسكەن دەرىجە دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئەنە شۇنداق قىلىپ مەن QQ نىڭ سادىق قۇلىغا ئايلىنىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمىگەن ئىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بىر مەزگىل تورغا چىقالمىدىم، بېكارچىلىقتا تورنى، QQ نى سېغىندىم، ئەمما تورغا چىقىشقا شارائىت يوق ئىدى. تور ۋە QQ خۇمارى ئاستا-ئاستا تۈۋەنلەشكە باشلىدى. ئاز كۈندىن كىيىن يىراقلارغا سەپەرگە چىقتىم، ھەم ئۆزگىچە تور مۇھىتىغا چۈشتۈم. بۇ يەردە ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمگە مانا بۈگۈن ئىككى ئاي توشۇشقا 2 كۈن قالدى.

بۇ جەرياندا مەيلى تور سەۋەبىدىن بولسۇن، مەيلى QQ نىڭ سۈپىتى سەۋەبىدىن بولسۇن QQ دىن ئاستا-ئاستا قول ئۈزدۈم. ئويلاپ باقسام بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى باركەن.

1. بەك كۆپ ۋاقتىمنى ئېلىپ كەتتى. QQ دا پاراڭلىشىش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقتىم سەرپ بولدى. يۇرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىرىماي پاراڭ قىلىشقا، بىر ۋاقىتتا بىر قانچە ئادەم بېلەن پاراڭلىشىشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، مەن خەت يوللاپ بولغاندىن كىيىن جاۋاب ساقلاپ ۋاقت ئۆتەتتى. ئاخىرىدا پاراڭنىڭ تايىنى يوق، نەچچە سائەت ۋاقت بېكاردىن بېكار سەرپ بولۇپ كەتتى. نېمىلا بولمىسۇن ۋاقتنى بۇنداق ئىسراپ قىلسام بولمايتتى. قەدرىگە يەتتىم ئەمەسمۇ!؟ QQ پاراڭلىشىدىغان دوستلارغا شۇنداق دېگۈم كىلىدۇ: گەپ بولسا تېز-تېز قىلىڭ! سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى ساقلاپ چاچقا ئاق كىرىپ كەتمىسۇن! بۇ پاراڭدىن باشقا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ.

2. ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە، ئەمما ئۆزى كېلەڭسىز، ئېغىر! ئىلگىرى بۇ نۇقتىغا دېققەت قىلماپتىكەنمەن، ئەمدى ھېس قىلسام QQ بەكلا چوڭ، كېلەڭسىز، ھەم ئېغىركەن! ئۇنى ئىشلىتىپ پاراڭ سېلىشتىن باشقا ئىش قىلمايدىكەنمەن. ئاندا-ساندا رەسىم يوللىغاندىن باشقا ھەممىسى خەت ئىدى. ئەزەلدىن باشقىلار بېلەن سىنلىق پاراڭلاشمايتتىم. مىكروفۇن ۋە كامىرامۇ يوق! بۇنىڭغا قۇرسىقىم كۆپتى. نېمىشقا كىچىككىنە ھاجىتىم ئۈچۈن بۇ كېلەڭسىز كالاچنى سۆرەپ يۈرگىدەكمەن!؟

3. سۈپىتى ناچار! قانداق ناچار؟ ئەڭ ئاۋۋال QQ نىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىدىن مەسىلە چىقتى، بۇ تەرەپتە نورمال ئىشلىتىش تەسكە چۈشتى. ئارقىدىن تور سۈرئىتى سەۋەبلىك QQ نىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشمۇ تەسكە چۈشتى! Skype دەك دېتاللار كۈچىمەيلا ئېچىلىدىغان تور مۇھىتىدا، ماۋۇ QQ دېگەن نېمە ئۇلانماي تۇلا چاتاق سالدى! ھەتتا WebQQ دېگەن كېلەڭسىزمۇ نورمال ئىشلىمەي قۇيقا چېچىم تىك تۇردى! نېمىشقا باشقا پاراڭ دېتاللىرى نورمال ئىشلىگەن يەردە بۇ ئەخلەت نورمال ئىشلىمەيدۇ؟! نېمىشقا يىنىكرەك، كىچىكرەك، ئەپچىلرەك قىلمايدۇ!؟ راستىنى ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم تۇنۇشلار ئىشلىتىۋاتقاچقا QQ ئىشلىتىشكە مەجبۇرىي ئىدۇق. ئەمما سىز ۋە مەن، ئۇ ھەممىزمىز بىراقلا باشقا پاراڭ دېتالىغا كۆچىمىز دېسەك ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق. شۇ قىلىشنى خالىماي كەلگەنغۇ!؟

4. باشقا پاراڭ دېتاللىرى ھاجىتىمدىن چىقالايدۇ، تېرىكتۈرمەيدۇ، ئەپچىل، يىنىك! مانا بۇ Google Talk بۇنىڭغا مېسال بۇلالايدۇ! كۆڭۈلدىكى گەپنى قىلغاندا Google Talk مەن ياقتۇرغا پاراڭلىشىش دېتالى بولۇپ قالدى! ئۇنىڭدىن باشقا Skype مۇ شۇنداق ياخشى! ماۋۇ MSN نى ئانچە ئىشلىتىپ باقمىدىم، ھازىرمۇ بەك ئىشلىتىپ كەتمەيمەن. يىغىپ ئېيتقاندا، يەنە داۋاملىق QQ ئىشلىتىشكە باھانەم يوق! مەن QQ غا قەرزدار ئەمەس! شۇڭا ئۇنىڭدىن ئاساسەن قول ئۈزدۈم! چىقمايمەن ئەمەس، چىقىمەن! ئەمما ھەيتىدە 2-3 قېتىم چىقىپ خەت بارمۇ-يوق قاراپ باقىمەن، ۋاقتنىڭ يىتىشىچە جاۋاب يازىمەن، ئەمما مەن دائىم ئاچمايمەن. مۇشۇ سەۋەب بېلەن يېقىندىن بىرى QQ دا جاۋاب قايتۇرمىغان ياكى قايتۇرالمىغان، مېنىڭ تاپالمىغان دوستلىرىمغا ئۆزرە ئېيتىمەن.

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، بولسا سىزمۇ QQ دېگەن كەيپتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ! مەن بېلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز QQ بېلەن ئەمەس، باشقا يول بېلەن ئالاقىلىشىڭ! تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ ئالاقە قوراللىرىم.

دائىم ئىشلىتىدىغان پاراڭ دېتالى: Google Talk

ئۆزى يىنىك، تىز، ئەپچىل. داڭلىق شېركەت Google نىڭ مەھسۇلاتى! Google نىڭ ھەرقايسى مەھسۇلاتلىرى دائىرىسىدە ئىشلىتىش بەك قولاي! ئۈستەل نۇسخىسىنى ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ. تور كۆرگۈچكە كىچىك ئاسقۇ كېڭەيتمىسىنى ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سۇپا ئاتلاپ پاراڭلىشالايسىز. ئەڭ مۇھىمى سىزگە دەخلى قىلمايدۇ. ئاۋارە قىلمايدۇ. خەتلىك، ئاۋازلىق، سىنلىق ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنى نورما قوللايدۇ.

nurqut[#]gmail.com 2-ئورۇندا تۇرىدىغىنى Skype ھازىر مىكروسوفتنىڭ قارمىقىدا! ئىشەنچىلىك! يىنىك، سۈپىتى ياخشى، ئىشلىتىشكە قولاي! خەتلىك، ئاۋازلىق، سىنلىق ئالاقە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنى نورما قوللايدۇ. ئەمما مەن بۇنى Google Talk تەك دائىم ئاچمايمەن.

nurqut 3-ئورۇندا تۇرىدىغىنى نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى. تورنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىش دائىم دېققەت قىلىپ تۇرىمەن. كەمچىلىكى ئەزا بولمىسىڭىز ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلالمايسىز، ھەم دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرالمايمەن. ئۇزۇن گېپىڭىز بولسا تىزىملىتىپ قىسقا ئۇچۇر يوللسىىڭىز بولىدۇ.

FinalDream 4-ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاۋام تورى، سىنا مىكروبلوگى،تېڭشۈن مىكروبلوگى، گۈدۈك مىكروبلوگى قاتارلىق مىكروبلوگلار! تور بار يەرگە بارسام ئېچىپ قاراپ باقىمەن.

NurQut/NQFinalDream/نۇرقۇت 5-ئورۇندا تۇرىدىغىنى QQ بولۇپ قالدى. كېلەڭسىز، ئېغىر، ۋاقت ئالىدۇ. ئۇنى ئاز دەپ تورغا تەلىپى يۇقىرى، مەن ئۇدۇل كەلگەن توردا ئاچالمايمەن. ئۆزىڭىز ئەھۋالغا قاراپ قۇلاي ئۇسۇلنى تاللاڭ.

ئاخىرقى سۆز: QQ ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ! ئەرزىمەيدۇ! ئۈستىدە دېگىنىمدەك كېلەڭسىز، ئېغىر، سۈپەتسىز بولىىشىغا قارىماي بىزنىڭ يېزىقىمىزنى سۈزىۋىتىدۇ! مۇشۇ نوقتىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىشىمىز زۈرۈرلىكىنى بىلدۈرىدۇ! ئۇنى بايقۇت قىلىش كېرەك! بىزنىڭ يېزىقىمىزنى بايقۇت قىلغان بۇ نىجىسنى يېزىقىنى سۆيگەن ھەر بىر كىشىنىڭ ۋاقتىدا بايقۇت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار!

37 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. ئىزدەن
    2011/12/05 11:55:35

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    شۇنداق، بۇنى بايقۇت قىلماسىلىققا بولمايدۇ. بەلكىم بۇنىڭغا يەنە ئازىراق ۋاقىت باردۇر..
    ئۆگىنىش خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 00:36:01

      رەھمەت. بىز نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ

  2. نەۋسالە
    2011/12/05 12:07:27

    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تاشلىغانمەن QQ نى. بىر يىل بولغىلى قوپۇپتۇ. Skype باشقىچىلا راھەتتە…

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 00:37:04

      شۇنداق، باشقىنى ئىشلەتمىسە ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقاننىڭ قانچىلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ

  3. ئالغا
    2011/12/05 19:13:44

    مەنمۇ ئۈلۈشكۈن كەچتە بۇ QQ دىگەن نەرسىدىن قول ئۈزدۈم ، كومپىيوتىرىمدىكى QQ نى يۇيۋەتتىم ، خەق ئىشلەتتى ، ئالاقە قىلالمايدىكەنمەن دەپ ئۆزىمىزگە مەجبۇر قىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟ ئىشى بولسا بىز قالدۇرۇپ قويغان ئۇسۇلدا ئۆزى ئالاقىلاشسۇن !

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 00:37:50

      «ئىشى بولسا بىز قالدۇرۇپ قويغان ئۇسۇلدا ئۆزى ئالاقىلاشسۇن !» بۇ گېپىڭىزنى قوللايمەن

  4. ئارمانىم
    2011/12/06 10:57:19

    مەن بۇنەۋسۇم باشلىنىلىشىغىلا تاشلىغان ئىدىم، ئاساسلىقى ئىلخەت ئىشلىتىمەن، ۋاقتىم چىققاندا ئىچىپ كۆرۈپ جاۋاپ يىزىپ قويىمەن، زادى پاراڭلىشىشقا توغرا كەلسە MSN با. QQ توغرا مەنىدىن ئىيىتغاندا ئالاقە قۇرالى ئەمەس بەلكى كۆڭۈل ئىچىش قۇرالى ئىكەن.
    ئۈگۈنۈش ۋە ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 00:39:51

      « QQ توغرا مەنىدىن ئىيىتغاندا ئالاقە قۇرالى ئەمەس بەلكى كۆڭۈل ئىچىش قۇرالى ئىكەن.» بۇ گېپىڭىزنى قوللايمەن

  5. نەتىجە
    2011/12/06 12:12:36

    مەنمۇ بۇرۇن تاشلىغان، لېكىن كېيىن قانداق تېپىۋالغىنىمننى بىلمەيمەن،ھازىرمۇ يوشۇرۇن ، لېكىن قۇرۇق پاراڭ بولمىسىمۇ ئارامچىلىق بولمايدىكەن. تېلېفۇنمۇ يېتىپ ئاشىدىكە ئارامسىزلىققا… مەنمۇ قول ئۈزمەكچىمەن. بۇرۇن sykpe ئىشلەتكەن. ماۋۇ گوگلنىڭكىنى سىناپ باقاي.

    باشقىلار زاماننىڭ ئاخىرىدا قالسا قالسۇن، بىز بولساقمۇ ئالدىدىراق ماڭايلى. قانداق دېدىم.. qq دەۋىرنىڭ ئارقىسىدا قالغان دورامچى مەھسۇلات دېسەم ئارتۇق كەتمەس.

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 00:44:03

      ئاڭلىسام دۆلەت ئىچىدە گۇگېلنىڭ سەل ئاسا دەيدۇ. سىز بىر سىناپ بېقىڭ قېنى

  6. كۆرەش
    2011/12/07 18:30:05

    راستىنى دىگەندە ماۋۇ گوگىلنىڭ google talk ھەقىقەتەن بولىدۇ .مەنمۇ ئۇزۇن بولدى ئىشلىتىۋاتقىلى ئاۋۇ skype مۇ بولىدۇ لىكىن مەن تازا ئىشلىتىپ كەتمەيمەن،
    ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى قوللىمىسا مەنمۇ قوللىمايمەن.
    بەزى ئىلاجىسىز ئېچىپ قالىمىز…
    ئاستائاستا ھەممىمىز بىر كۆچىمىز مانا ئەمىسە دەپ .
    لىكىن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىدىغانلىرمىز بەك ئاز كۆپ ساندىكىلەر ئاشۇ كىلەڭسىز پىنگىۋىنغا كۆنۈك.
    باشقىسىنى ئۇقمايدۇ.

    • نۇرقۇت
      2011/12/07 19:47:18

      QQ ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغانلارغا تەس كېلىدۇ. «كۆنگەن يامان ئەمەسمۇ» :razz:

  7. فەرزىن
    2011/12/07 19:58:41

    تىرىشچانلىقىڭىزعا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم،مۇمكىن بولسا سىز ئادەتتە زىيارەت قىلىدىعان باشقا تىلدىكى تور بىكەتلەرنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز~!

    • نۇرقۇت
      2011/12/08 08:37:17

      كۆپلىرىنى Google دىنلا ئىزدەپ تاپىدىكەنمەن. بۇندىن كىيىن يولۇققان ياقتۇرغانلىرىمنى خاتىرىلەپ قوياي.

  8. قەلبىم
    2011/12/07 21:17:35

    مەن 2008-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئىشلىتپتىمەن شۇ ۋاققتىا كومپيوتېرى دەرسى ئۆتسە مەن تور بەت لاھىلەيتى، html بەت ياساشنى ئاران ئۆگۈنۈپتىمەن، 2009 يىلى تەرجىمە قىلىشقاچۈشۈپتىمەن كېچە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ تەرجىممە قىلىپ utf-8 گە توغۇرلسام بەت ئېچىلماي مېنى شۇنداق ئاۋارە قىلاتتى،
    تور تاقالغاندا asp بەت تۈزۈشنى ئۆگۈنۈپتىمەن ھازىرغىچە ئاخىرى چىقماۋاتىدۇ ، مېنىڭ چ چ رىمدا نۇرغۇن ئەسلىمە بار ئامال يوق ئېچىپ سالىمەن.

    • نۇرقۇت
      2011/12/08 08:38:04

      ئەسلىمە ھەممە جايدا بار. سىزمۇ بەلكىم كىيىنچە ھېس قىلىپ قالىسىز …

  9. مەن چ چ غا كىرىشكىلى 5يىل بولاي دەپ قاپتۇ،لېكىن ئۇنچە خۇمار بولۇپ كەتمىدىم.لېكىنزە مۇشۇ 7.5 چىققاندا ئوغرىلانغا چ چ رىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ دېسە(ئەمدىلەتىن 1قۇياش2ئايغا چىققانىدى). ئۇ يۈتكەندىن كېيىن يەنە بىرنى ئالغانىدىم،بۇ بىر قۇياش 3 ئاي بوپ قاپتۇ. كېيىنچە توربېكەت ئىشلىرىغا قىزىقىپ قالغاندىن بېرى ئاۋارە قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىپ يوشۇرۇن ئاچقىلى 7 ئايچە بوپ قالدى. msnگە كۆنەي دەپ ئۇنىڭغا yultuzi@msn.cnدەپ تىزىملىتىپ بىر ھەپتە ئېچىپ بىرمۇ ئادەم يوق ئۇنىمۇ تاشلاپ قويدۇم(ھەتتا ئۇيغۇرچە قوللامدۇ سىناپ باقاي دېسەم پاراڭلاشقۇدەك بىرمۇ ئادەم يوق) شۇنىڭ بىلەن بولدى پاراڭلاشمىسام پاراڭلاشماپتىمەن دەپ يەنە چ چ نى يوشۇرۇن ئېچىۋاتىمەن. ئىشقىلىپ كۆنگەن يامانكەن . :lol:

    • نۇرقۇت
      2011/12/12 20:52:59

      ئىش بولمىسا پاراڭلاشمايدىغانلا بولدۇم، سىرتنىڭ خۇيى يۇققان ئوخشايدۇ ماڭىمۇ

  10. bizakqi
    2011/12/12 01:05:14

    زادى مىنىڭمۇ خوشۇم يوق چ چ دىگەن نەرسە بىلەنSkype
    نى ئىشلىتىمەن

    • نۇرقۇت
      2011/12/12 20:53:57

      مەنمۇ skype نى ئىشلىتىمەن، لېكىن يەنىلا gtalk قا كۆنۈپ قالدىم. ئېلخەت، پاراڭنى بىر يولىلا جۆندەيمەن

  11. jamal
    2011/12/12 19:35:28

    ئېلانىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،ئېلاننى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلىسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى

    • نۇرقۇت
      2011/12/12 20:51:49

      قەيەرگە ئېلان قىلىشنى ئۇقمىدىم جۇمۇ. جاي تاپالمىغاندىكى مۇشۇ كەپىدىلا يوللاپ تۇردۇق. سىزنىڭچە ئېلاننى قايدى دائىرىگىچە كېڭەيتسەم بولار؟

      • jamal
        2011/12/13 21:42:19

        بىزنىڭ جامائەت يىغىلىپ قالغان مەكتەپداش ۋە مىكرو بىلوگقا

      • نۇرقۇت
        2011/12/15 18:21:46

        ياردەم قىلمامسىز؟ :mrgreen:

  12. ئاغىنىلەر
    2011/12/13 16:12:47

    مەنمۇ نەچچە ئايلار بولوپ قاپتۇ مۇشۇ چ چ دىگەننى ئىچىپ قالسام يوشورون ئاچىمەن راس قۇرۇق گەپ بەك جىق

  13. تۈركىيار
    2011/12/20 00:16:51

    مەنمۇ كىيۇ كىيۇ دىگەن نەرسىدىن ۋاز كىچىشىكە ئاز قالدى،مەنغۇ قۇرۇق پاراڭ قىلمايمەن، لىكىن مۇشۇ دوسلىرىمىنىڭ ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ ۋاقتىغا ئېچىنىمەن،بەزىلىرى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ بۇ نىجىسىنى،كومپىيتوتىر ئالساملا سىكايپىنى ئىشلىتىمەن،

  14. جۇلالىق
    2011/12/29 17:18:35

    مەنمۇ 2006-يىللىرى QQ دېگەننى دەھشەت ئوينىۋەتتىم بىر زامان. تازا 3 يىل ئويناپتىمەن. ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان بۇ نەرسىنى ئىشلەتكەندىن تارتىپ قاچان دەرىجىسى قۇياشقا چىقىدىكىن دەپ ھەر كۈنى بىر قارايمەن. ئاخىرى قۇياشقىمۇ چىقتى. بىراق بۇ نەرسە شۇ پېتىلا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. مەن شۇنچە زارىقىپ كۈتكەن قۇياش ماڭا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئاتا قىلمىدى. قۇرۇق پاراڭنىمۇ تازا سالدىم نۇرغۇن ۋاقتىم مۇشۇ ئەرزىمەس نەرسىگە بەنت بولۇش بىلەن ئۆتتى.
    2009-يىلى تور بىر مەزگىل تاقىلىۋېدى. كاللىنى سەل سىلكىۋەتتىم. ئويلاپ باقسام كاللام خېلىلا گاراڭ بولۇپ بىر نەرسىگە ئىشلىمەس بولۇپ قاپتۇ. تور ۋە QQ مېنى ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ شۇنىڭ بىلەن كاللامنى سىلكىگەندىمۇ قاتتىق سىلكىدىم. ئۆزۈمنى تېپىۋالغىدەك دەرىجىدە سىلكىدىم. تور توختىغان شۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزۈمنى قايتىدىن تېپىۋالدىم. QQ خۇمارى شۇنىڭ بىلەنلا يوقالدى. تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ نەرسىنى ئانچە ئاچماس بولدۇم ئاچساممۇ مۇھىم ئىشىم بولسا ئاندىن ئاچىمەن بولمىسا ئاچمايمەن. QQ دېگەن بۇ نەرسىدىغۇ مۇھىم ئىشقۇ يوق. كونا دوست بۇرادەرلەر بىلەن ئانچە مۇنچە سالاملىشىپ ئەھۋال سورىشىپ قويىمىز.
    گەپنىڭ قىسقىسى بۇنىڭ ئالدىدا قانچە ئۇزاق ئولتۇرساڭ ۋاقتىڭ شۇنچىلىك زايا بولۇپ كېتىدۇكى سەن بۇنى سەزمەيلا ئۆتۈپ كېتىسەن. سەن ۋاقتىڭنىڭ ئەرزىمەس نەرسە ئۈچۈن زايا بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن ۋاقتىڭدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسەن.

    • نۇرقۇت
      2011/12/30 01:38:06

      بۇ پىكرىڭىزنى قاتتىق قوللايمەن، ھەدە

  15. روھچىن
    2011/12/31 14:31:45

    مەنمۇ دائىم ئۈزۈل-كىسىل قول ئۈزسەم دەيمەن. بىرنەچچە قېتىم غەيرەت بىلەن skype,msn دىگەنلەرنى قاچىلاپ باقتىم. گەپ قىلغۇدەكمۇ ئادەم يوق يەنە چ چ نى تېپىۋالدۇق. قارىسام توردۇنياسىدا چ چ ئوينايدىغانلار ساپاسى ئەڭ تۆۋەن كىشىلەردەك بىلنىدۇ.
    چ چ ئاچمىساق بۇزۇلۇپ كەتكۈدەك مۇھىم ئىشلىرىمىزمۇ يوق، شۇ يەنىلا كۆنگەننىڭ ئىشى ئوخشايدۇ.

    • نۇرقۇت
      2011/12/31 21:14:44

      دائىم پاراڭ سېلىشقا ئامراق بولسىڭىز QQ دىن قول ئۈزمىكىڭىز تەس، ئەمما ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەشنى ئويلىسىڭىز QQ دىن ۋاز كېچەلەيسىز.

  16. تىلماچ
    2012/01/05 12:09:17

    توغرا گەپ ، مەنمۇ زادى زىرىكىپ تۇرغان بۇنىمىدىن تېمىڭىزنى كۆرۈپ دەرھال چۆرىۋېتىشنى لايىق تاپتىم ، ھەممە ئالاقىمىزدىن تۇلۇق خەۋەردار بۇلۇپ تۇرىدىكەن بۇ خەق ، ئۆتكەندە بىر ئاي توختىتىپ قويغان مىنى . ئەمدى مەن بىر ئايدىن كېيىن توختىتىپ قويىمەن… مەڭگۈلۈك
    ئاكا ياخشىراق ئېلخەت ئادرىسىنىمۇ تەۋىسيە قىلمامسىز !!! :!:

    • نۇرقۇت
      2012/01/05 22:52:53

      ئېلخەتكە مەن gmail ئىشلىتىمەن. مىكروسوفتنىڭ hotmail سىمۇ بولىدۇ.

  17. تۈرۈك
    2012/01/08 02:31:32

    QQ نىڭ بىزگە ئېپ كەلگىنى بىر ئاۋارىچىلىق ھازىرقى QQ بولسا مۇھاببەتلىشىش قۇرۇق گەپ سېتىش ۋە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشىىتىن باشقا نەرسە ئەمەس ھەم شۇنىڭغا ئەگىشىپ QQ نىڭ نۇرغۇن ئۇيۇنلىرى چىقتى 图标 لىرىما با ئەلۋەتتە بەزى دوسلار شۇ ئەرزىمەس 图标نى يۇرۇتۇش ئۇچۇن شۇ ئۇيۇنلارنى چۈشۈرۈپ ئويناپ ۋاقىت ئىسراپ قىلدۇ

    ئۇزەمنى مىسال قىلسام مەن QQ ئىشلىتىۋاتقىلى 6 يىل بولدى مۇشۇ 6 يىل جەريانىدا ساق 1450 كۈن ئېچىپتىمەن ھازىر ئويلىسام شۇ ۋاقىتلىرىمغا ئېچىنىمەن

    • نۇرقۇت
      2012/01/08 19:25:12

      بۇ نېمىنى قانچە ئۇزۇن ئوينىسىڭىز شۇنچە خۇمار قىلىدىكەن، ناۋادا چىداپ بىر مەزگىل ئىشلەتمىسىڭىز ئېسىڭىزدىن چىقىپلا كېتىدۇ. بەك جىق ۋاقت ئىسراپ قىلىدۇ ئىشقىلىپ

  18. بىريىل
    2012/01/24 22:27:50

    بۇ پىنگىۋىندىن ۋاز كېچىش لازىم. قوللايمەن. بۈگۈندىن ئېتىبارەت كومپىيۇتېرىمدىن بۇ نىمىنى ئۆچۈرۋېتىمەن

  19. رىچات
    2012/03/18 00:06:41

    مەنمۇ بەك زىرىكتىم مۇشۇ چ چ دىن ئادەمنى بىكار ئاۋارە قىلىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى جېق پاراڭلىشىش دىتالىكەن بۇ :mrgreen:

  20. برلام
    2012/04/06 15:10:20

    Google Talk تىن مەنمۇ تىزىملاتتىم ezdinixqan@gmail.com قوشىۋىلىڭلار چچ دىن ئاستا ئايرىلاي

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif