قۇياشنى كۆرەلىسەم، يېڭىچە بىر ئۆزەمنى كۈتىۋالسام دەيمەن
مەنمۇ شۇنداق قىلىپ مەخسۇس بلوگ ئېچىۋالدىم. نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزۈلۈپ قالغان پارچە-پۇرات نەرسە يېزىش ئادىتىمنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرۇشۇمنىڭمۇ مۇئەييەن سەۋەبى بار.
«ئىتىقادسىز كىشىدىن قورق» دېگەنگە ئوخشاش، بەزىدە تۇرمۇشتا دائىم مۇقىم قىلىدىغان بىرەر ئىش تاپالماسلىقتىنمۇ قورقۇش كېرەككەن. شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ، ئۆزىڭىز چوقۇم قىلىشڭىز كېرەك بولغان بىرەر ئىشنى تاپالمىغاندا ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. ئەنە شۇنداق بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزگە قىلىدىغانغا مەلۇم ئىش تېپىڭ. مەيلى ئەھميەتلىك بولسۇن، ياكى ئەھمىيەتسىز بولسۇن، پەقەت سىز «چوقۇم قىلىشىم كېرەك» دپ قارايدىغان ئىشتىن بىرنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىڭ. ئەلۋەتتە، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشنى قىلماڭ، باشقىلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغايدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلماڭ.
مانا مەن ئۇزۇندىن بىرى ئۆزۈم «چوقۇم قىلىدىغان» بىرەر ئىش تاپالمىغىنىم ئۈچۈن بەزىدە ئۆزۈمدىن ئاغرىناتتىم. ئويلا-ئويلا بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى مەن سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرىكى بىر قىسىم ئادەتلىرىمنىڭ ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغان ئىكەن. مەن بۇنى بايقىيالىدىم. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن بىر غەنىمەت. بۈگۈن مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا ئۆزگىرىش بولىدىغان كۈندۇ، بەلكىم.
ئەتە چىققان قۇياشنى كۆرەلىسەم، يېڭىچە بىر ئۆزەمنى كۈتىۋالسام دەيمەن.