IPAD2 شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ!؟ جان بىلەن ئويناشماڭ!
ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كىلىدۇ. ھاياتلىق شۇنچىلىك ئاجىزكى، قىلچىلىك زەربە مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ.
ئۇزۇندىن بىرى ھەممە جايدا IPAD2 قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. تېلىۋىزور ئېلانلىرى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە تور يۈزى شەخسىي مەتبۇئاتلىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىپ، IPAD2 نى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلدى. ئاقىۋەتتىچۇ؟ ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك بولىدۇ. تەشۋىقات دولقۇنىنىڭ زەربىسى ۋە قايمۇقتۇرىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن بىر قىسىم ياشلاردا، يۇتقانغا قاراپ پۇت سۇنماي، IPAD2 ئۈچۈن جان بىلەن ئوينىشىدىغان ۋەقەلەر كۆرۈلدى.
يېقىندا مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 17 ياشلىق ئوقۇغۇچىسى IPAD2 سېتىۋېلىش ئۈچۈن، قاراڭغۇ بازار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى 20 مىڭ يۇەنگە سېتىۋەتكەنلىك خەۋىرى تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەلۇم شەھەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ IPAD2 ئۈچۈن جېنىنى تىكىپ قۇيۇپ ئىسپىرما سېتىش ۋەقەسى كىلىپ چىقتى. …
يۇقارقىلار ھەرخىل ۋەقەلەرنىڭ ئاشكارىلانغىنى خالاس. يەنە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى بىر ئاللا بىلىدۇ. قېرىنداشلار، گەپ سۆزلەرگە دېققەت قىلايلى! بەزى نەرسىلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى بەك ئاشۇرىۋەتمەيلى! ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قويايلى!
دوستلار، ھايات ئادەمگە بىرلا قېتىم كىلىدۇ. ھاياتلىق شۇنچىلىك ئاجىزكى، قىلچىلىك زەربە مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدۇ. IPAD2 شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ!؟ بىر ئېغىز گەپ: ئەرزىمەيدۇ!~ جان بىلەن ئويناشماڭ!
كىيىنكى: بلوگنىڭ يېڭى ھاياتى، يېڭى قىياپەت، يېڭى قەدەم
2011/06/04 21:34:43
يەنىلا سەھرالىق بولغان ياخشىكەن، جاھاندا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى…
ئۇستام، ماۋۇ يازمىلىرىنى گۈدۈكتىن كۆرۈپ پالاقلاپ كىرىشىم، ئاۋۇ باش سۆرەتلىرىدە ياڭيۇ قاقلاۋاتقانمىتىلە؟
2011/06/04 22:58:32
كاۋاپچىلىق قىلىۋاتقان …
2011/06/07 19:10:09
قانچىگە ساتتىلا؟
2011/06/08 15:54:05
بېكارغا
2011/06/11 11:18:27
ھەممىڭلار ئوينا ۋاتقان ئوخشىمامسىلە؟ گۈدۈكنى، مەنلا قالدىممۇ نىمە.
2011/06/18 13:46:42
شۇ، بىزمۇ بېرىۋالدۇق