ئايروپىلان ئەڭ خەتەرلىك قاتناش قورالى ئوخشايدۇ

ۋاقتى: 2010-12-24 / تۈر: تۇرمۇش تىنىقلىرى/ كۆرۈش: 483 قېتىم / 10 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

ھازىرقى شارائىتتا ئايروپىلان ئەڭ تېز قاتناش قورالى بولسا كېرەك. مەن ۋېلىسپىت، ماشىنا، پويىزلارغا ئولتۇرۇپ باقتىم. جاپاسى يەتكۈچە بار. ھەر قېتىم يۇرتقا بېرىپ كىلىشتە مۇشۇ قاتناشنى تاللاش بەك تەسكە چۈشىدۇ. جاپانى ئويلىسام ياخشىراقتا ماڭغۇم بار، ئەمما بەكلا قىممەت. ئادەتتىكىسىدە شۇ جاپانى تارتىدىغان گەپ. ئامال يوق-تە …

بەزى دوستلىرىم باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان بىلىتى تېپىپ شۇنىڭدا مېڭىشىدۇ، شۇ ۋاقتىدا بەكلا ھەۋەس قىلاتتىم. ھەم ئۆزەمگە «كىلەر قېتىم مەنمۇ بالدۇرراق مۇشۇنداق بىلەت تاپاي» دەيتتىم. ئەمما قېيىشقاندەك ۋاقتنى مۇقىملاشتۇرالماي يەنە شۇ پويىزغا ئولتۇرراتتىم. ھەي! ئايروپىلان! ھەي! ئايروپىلان! نىسىپ بولمىدى-دە …

مانا يەنە شۇ ئايروپىلان بىلىتى ئىزدەۋېتىپ بىر خەۋەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. «2010-يىلى يۈز بەرگەن 10 چوڭ ۋەقەنىڭ بەشى ئايروپىلان ۋەقەسى ئىكەن!». توۋا، توۋا! … خەۋەرنى ئوقۇسام بالا-قازاغا ئۇچرىغانلار ئاز ئەمەسكەن. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم: « نېمىشقا شۇنچە بىخەتەر قاتناش قورالى تۇرسا، يەنە شۇ خەتەرلىك ئايروپىلاننى تاللايمەن؟ …»

قارىغاندا بۇ قېتىم يەنىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرمايدىغان ئوخشايمەن …

10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. ۋەتەن
    2010/12/25 01:35:50

    ھاھاھا…مېنىڭمۇ 14سائەتلىك ئۇچۇش كەچمىشىم بار بولدى ، دەسلەپكى قېتىمدا كاللام قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالدى ھەم شۇنداق مەنىسىز ھېس قىلدىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشنى .. :mrgreen:

    • نۇرقۇت
      2010/12/27 16:24:54

      خۇدايىم بۇيرۇسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزلەرمۇ چىقىپ قالارمىز. لېكىن نېمىشقىكىن ھەر قېتىمدا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ قالىمەن

  2. Goodboy
    2010/12/26 16:50:18

    مېنىڭچە ئەڭ بىخەتەر قاتناش ۋاستىسى پويىز بولسا كىرەك.

  3. ئۇيغۇربەگ
    2010/12/27 20:39:10

    مېنىڭچە ئەڭ بىخەتەر قاتناش ۋاستىسى پويىز بولسا كىرەك.
    قوللايمەن!

  4. تەدبىركار
    2010/12/29 19:56:06

    مەنمۇ ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدە تېخى ئايروپىلان ۋەقەسى ئاڭلاپ باقماپتىمەن(ئەخمەتجان قاسىمى ئولتۇرغان ئايروپىلاندىن باشقا)، شۇڭا ئاساسەن بىخەتەرمىكىن دەپ قارايمەن. ناۋادا، شارائىت بولسا ئامال بار ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ياخشىكەن دەپ قارىدىم، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ ۋە پويېزنىڭ جاپاسىنى ئويلىسام، بىر يەرگە بارغۇم كەلمەيلا قالىدۇ. :mrgreen:

    • نۇرقۇت
      2010/12/29 23:00:32

      ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ ۋە پويېزنىڭ جاپاسىنى مەن يەتكۈچە تارتىمەن. ئىككى كېچە-كۈندۈر پويىزدا ئولتۇرۇپ، ئۇلاپلا 24 سائەت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقىدىغان گەپ. جان ئاران-ئارانلا قالىدۇ ئۆيگە بارغۇچە

      • تۇغچى
        2011/01/01 21:47:55

        سىز قەشقەر تەرەپلەردىن ئوخشىمامسىز؟ قايسى يىرىدىن ؟

      • نۇرقۇت
        2011/01/02 11:47:31

        قەشقەرنىڭ قوشنا يىرىدىن مەن. بۇرۇن خوتەنگە بارغۇچە قەشقەردىن ئۆتۈتتۈق.(ئابدىكىرەم ئابلىز سۆزى ) :lol:

  5. سادا
    2011/02/20 16:20:10

    ئايروپىلان،ئاپتوبۇس،پويىزلارغا چىقىپ بىقىپتىمەن،جاپالىقى يەنىلا پىيادە يۈرۈشكەن…….. :razz:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif