ئايروپىلان ئەڭ خەتەرلىك قاتناش قورالى ئوخشايدۇ
ھازىرقى شارائىتتا ئايروپىلان ئەڭ تېز قاتناش قورالى بولسا كېرەك. مەن ۋېلىسپىت، ماشىنا، پويىزلارغا ئولتۇرۇپ باقتىم. جاپاسى يەتكۈچە بار. ھەر قېتىم يۇرتقا بېرىپ كىلىشتە مۇشۇ قاتناشنى تاللاش بەك تەسكە چۈشىدۇ. جاپانى ئويلىسام ياخشىراقتا ماڭغۇم بار، ئەمما بەكلا قىممەت. ئادەتتىكىسىدە شۇ جاپانى تارتىدىغان گەپ. ئامال يوق-تە …
بەزى دوستلىرىم باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان بىلىتى تېپىپ شۇنىڭدا مېڭىشىدۇ، شۇ ۋاقتىدا بەكلا ھەۋەس قىلاتتىم. ھەم ئۆزەمگە «كىلەر قېتىم مەنمۇ بالدۇرراق مۇشۇنداق بىلەت تاپاي» دەيتتىم. ئەمما قېيىشقاندەك ۋاقتنى مۇقىملاشتۇرالماي يەنە شۇ پويىزغا ئولتۇرراتتىم. ھەي! ئايروپىلان! ھەي! ئايروپىلان! نىسىپ بولمىدى-دە …
مانا يەنە شۇ ئايروپىلان بىلىتى ئىزدەۋېتىپ بىر خەۋەرگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. «2010-يىلى يۈز بەرگەن 10 چوڭ ۋەقەنىڭ بەشى ئايروپىلان ۋەقەسى ئىكەن!». توۋا، توۋا! … خەۋەرنى ئوقۇسام بالا-قازاغا ئۇچرىغانلار ئاز ئەمەسكەن. تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم: « نېمىشقا شۇنچە بىخەتەر قاتناش قورالى تۇرسا، يەنە شۇ خەتەرلىك ئايروپىلاننى تاللايمەن؟ …»
قارىغاندا بۇ قېتىم يەنىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرمايدىغان ئوخشايمەن …
2010/12/25 01:35:50
ھاھاھا…مېنىڭمۇ 14سائەتلىك ئۇچۇش كەچمىشىم بار بولدى ، دەسلەپكى قېتىمدا كاللام قۇپ-قۇرۇق بولۇپ قالدى ھەم شۇنداق مەنىسىز ھېس قىلدىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشنى ..
2010/12/27 16:24:54
خۇدايىم بۇيرۇسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزلەرمۇ چىقىپ قالارمىز. لېكىن نېمىشقىكىن ھەر قېتىمدا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن پويىزغا ئولتۇرۇپ قالىمەن
2010/12/26 16:50:18
مېنىڭچە ئەڭ بىخەتەر قاتناش ۋاستىسى پويىز بولسا كىرەك.
2010/12/27 16:23:55
قانداق دەيسىز؟
2010/12/27 20:39:10
مېنىڭچە ئەڭ بىخەتەر قاتناش ۋاستىسى پويىز بولسا كىرەك.
قوللايمەن!
2010/12/29 19:56:06
مەنمۇ ھازىرغا قەدەر دۆلىتىمىزدە تېخى ئايروپىلان ۋەقەسى ئاڭلاپ باقماپتىمەن(ئەخمەتجان قاسىمى ئولتۇرغان ئايروپىلاندىن باشقا)، شۇڭا ئاساسەن بىخەتەرمىكىن دەپ قارايمەن. ناۋادا، شارائىت بولسا ئامال بار ئايروپىلانغا ئولتۇرغان ياخشىكەن دەپ قارىدىم، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ ۋە پويېزنىڭ جاپاسىنى ئويلىسام، بىر يەرگە بارغۇم كەلمەيلا قالىدۇ.
2010/12/29 23:00:32
ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ ۋە پويېزنىڭ جاپاسىنى مەن يەتكۈچە تارتىمەن. ئىككى كېچە-كۈندۈر پويىزدا ئولتۇرۇپ، ئۇلاپلا 24 سائەت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسقا چىقىدىغان گەپ. جان ئاران-ئارانلا قالىدۇ ئۆيگە بارغۇچە
2011/01/01 21:47:55
سىز قەشقەر تەرەپلەردىن ئوخشىمامسىز؟ قايسى يىرىدىن ؟
2011/01/02 11:47:31
قەشقەرنىڭ قوشنا يىرىدىن مەن. بۇرۇن خوتەنگە بارغۇچە قەشقەردىن ئۆتۈتتۈق.(ئابدىكىرەم ئابلىز سۆزى )
2011/02/20 16:20:10
ئايروپىلان،ئاپتوبۇس،پويىزلارغا چىقىپ بىقىپتىمەن،جاپالىقى يەنىلا پىيادە يۈرۈشكەن……..