ئالىي مەكتەپ ئوقۇشۇم پۈتكەندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇم ھەققىدىكى پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، كېيىن بىلسەم مەن مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان يىل بېشىدىن باشلاپ ئۆيدە بۇ خىل پاراڭلار كۆپ بولغان ئىكەن. تۇغقانلار بىر قىسمى مېنى «ئوقۇغان يېرىدىن بىرەرسى بېلەن ئۆي-ئوچاقلىق بولىدۇ.» دەپ قارايتتى، باشقىلار «توي دېگەن چاقچاق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، يەنىلا چوڭلارنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە بولغىنى ياخشى.» دەپ قارايتتى. مەن بولسام بۇ پاراڭلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئالتە يىللىق ...
تولۇق مەزمۇنى
ئاۋۋال بۇ «1 مىليۇن» ناملىق ئىتوتنى كۆرۈپ چىقىڭ.
مەنزىل: http://www.ozhan.cn/play.asp?id=176
ئەمدى گېپىمىزگە كېلەيلى، سىز بۇ ئېتوتنى كۆرۈش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ ئىتوتنى ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ كىچىك كارتىنىسى دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ئىتوتتىكى رولچىلار جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرەلىدىمۇ؟ ئاۋۋال پاراڭ سوقۇپ تۇرايلى …
مەزكۇر ئىتوتتىن ئالغان تەسىرات ۋە قاراشلىرىمنى كېيىنكى يازمامدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن. بەل...
تولۇق مەزمۇنى
يانفۇن تۇرمۇشىمىزنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇرچە كۈرۈنمە يۈزلۈك يانفۇنلار تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە پارىڭى كۆپ بولىۋاتقان iPhone، Android ۋە Windows Phone قاتارلىق ئەقلى يانفۇنلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇزۇندىن بىرى مۇنازىرىلەرمۇ بولۇپ تۇرى. مانا ھازىر بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەپتۇ.
مول ھۇسۇللۇق تەجرىبەخانا بولغان uyghurdev تەجرىبەخانىسى ئۇيغۇرچە Android يانفۇن ROM ياساپ تارقىتىپتۇ. قى...
تولۇق مەزمۇنى
Transformers (变形金刚) 3 بىز ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كىلىۋاتقان كىنولارنىڭ بىرى ئىدى. ئەسلىدىلا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇيۇلۇشى كېرەك بولغان بۇ كىنو دۆلىتىمىز بازىرىدىكى بەزى فىلىملەرنىڭ قويۇلۇش ئىھتىياجى ئۈچۈن 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇيۇلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ۋاقتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولالماي قالىدىكەنمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە بۇ فىلىمنى كۆرگىلى بولىدىغان توپ كۆرگۈچىلەر بىلىتى(团购票)نى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا سېتىۋېلىپ بولغان ...
تولۇق مەزمۇنى
بلوگىم قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە مۇشۇ بىرلا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كەلدىم. ئۇسلۇب يېڭىلاشقا ۋاقت چىقمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇسلۇبنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئىدى. بولۇپمۇ رەڭلەر كۈزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈنەتتى.
مانا يېرىم بوپتۇ، ئەمدى بىر كىيىم ئالماشتۇرۇپ باقايمۇ-يا دەپ تورنى مىڭ ئىزدىسەممۇ تۈزۈكرەك بىرەر ئۇسلۇب ئۇچرىمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاخىرى مۇشۇ ئۇسلۇبقا ئازدۇر كۆپتۇر بولسىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بېقىشنى ئويلىدىم. ھەرخىل ئۆزگەرتىش ئا...
تولۇق مەزمۇنى
يېقىنقى ئۇزاق مەزگىللىك ئالدىراشچىلىق ۋە داۋالغۇشتىن كىيىن، بېكەت بوشلۇقى نورمالسىزلىشىپ بلوگ يېزىشقا مۇمكىن بولمىدى. ھازىرمۇ FTP نى ئىشلەتكىلى بولمايۋاتىدۇ. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ.» دېگەن شۇ ئوخشايدۇ. FTP ئوڭشالسا يېڭى قىياپەتنى بىلەن بلوگنى باشلىۋالسام بولاتتى …
...
تولۇق مەزمۇنى
ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن ئېيتقاندان «ئاتالمىش 2.14 بايرىمى» ئۆتكۈزۈش توغرا بولمىسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ بايرام ئۈچۈن پايپىتەك بولىۋاتىدۇ. جۈپى بارلارغۇ بايرىمى بىلەن ئۆتىۋەرسە، بويتاقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىۋەرسە بولاتتى. ئەمما جاھاندىكى ئىشلارغا باھانە تاپقىلى بولمايدۇ. بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇ يىلللىق 2.14 بايرىمىدا قايسى ئىشنىڭ ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىز چوقۇم خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئەمىسە ق...
تولۇق مەزمۇنى
بۇ يىللىق مەركىزى تېلىۋىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم «مەشرەپ» ناخشىسىنى ئوقۇدى. تېلىۋىزىيەدە ئانا تىلدىكى ناخشا ئاڭلىمىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا شۇنداق خۇش ياقتى.
گەرچە چاغان بىزنىڭ بايرىمىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزدىكى چوڭ بايراملارنىڭ بىرى. ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ كېچىلىكتە مەشرەپ ناخشىسىنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇشى يېڭى يىل كېچىلىكىدە بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىز ئورۇنلىغان نومۇردىن مىڭ ياخشى (ئۇ چ...
تولۇق مەزمۇنى
خېلى ۋاقتلار ئىلگىرى توردا بىر پاچە ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. ماقالىدە «پروگرامما ۋە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قىلىدىغانلار سالامەتلىكىگە بەك دىققەت قىلىشى، ھەرگىزمۇ بىردەملىك قىزغىنلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويماسلىقى كېرەك. بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەك چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، سالامەتلىك گۈزۈل كەلگۈسىڭىزنىڭ دەسمايىسى. ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ!» دېگەن قۇرلار ئۇقۇۋاتقاندا،...
تولۇق مەزمۇنى
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ كىلىۋاتقان شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەسىرى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ. ئاۋۋال ئەزىمەتلەرنىڭ بۇ كىنو ھەققىدىكى سۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
راس يالغان بېنلادىن ناملىق فىلىم ھىندىستان كىنو رېژىسسورى ئابىشېك شامانىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ھىندىستاننىڭ ناخشا چولپىنى ئەلى زەپپەر تۇنجى رول ئالغان فىلىم، مەزكۈر فىلىم ئاچچىق كومىدىيەگە تولغان بولۇپ پاكىستانلىق مۇخبىر ئەلى ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ...
تولۇق مەزمۇنى
كۈنلەر ئۈتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن بۇۋاق تۇغۇلىدۇ، نۇرغۇنلىرى كۆزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ دۇنيادا ياشاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ يېڭى بىر دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ …
ۋاقت ئۆتىدۇ. مەن ئېكرانغا قاراپ ئولتۇرىۋاتقان مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن ئادەم توقلۇقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئاچلىقتىن زارلاۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەم قەھەتچىلىكتىن قۇرۇپ قاقشال بولىۋاتقاندا، نۇرغۇن ...
تولۇق مەزمۇنى
بىر كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ. كۈلكە جاننىڭ ئۇزۇقى …
...
تولۇق مەزمۇنى
1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ-ئۈرۈمچى پويىز ۋاقتى 33 سائەتكە قىسقىرايدىكەن. ئەسلىدىكىن 8 سائەت ئاز ۋاقت سەرپ قىلىدىكەن. لەنجۇ،شىئەن … قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ماڭماستىن 武威 دىن ئۇدۇل 石家庄 غا بارىدىكەن.(ئارىلىقتا بىر نەچچە بېكەت بار)
بۇنى ئاڭلاپ پويىزدا ئاز ئولتۇرىدىغان بوپتىمىز دەپ خۇش بولىۋاتىمەن. ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە يەنە ئاللىقانداقتۇر ئېيقىلى بولمايدىغان بىر خىل قايغۇ بار …
...
تولۇق مەزمۇنى
مەن ئەڭ ئۇزۇن ئوينىغان، ھەم ياقتۇرۇپ ئويناپ ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقىرىدىغان ئويۇن CS ئىدى. مۇشۇ سەۋبلىك CS قا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. بۈگۈن توردا CS نىڭ 2010-يىللىق KOD5 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ سىن فىلىمى ئۇچراپ قالدى. ھەممىنى تولۇق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم. ئازراق كۆرۈپ، قالغىنىنى كىيىن كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم.
گەرچە مەن ئويۇن ئۈچۈن ھەممە ۋاقتىمنى ئاجراتمىساممۇ، بەزى-بەزىدە ئويۇن ئوينايدىغان پۇرسەتلەرمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇ ۋاقتتا دەل م...
تولۇق مەزمۇنى
سىز تورغا چىقسىڭىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ تور كۆرىسىز؟ پاراڭلىشىسىز؟ ئويۇن ئوينايسىز؟ … يەنىچۇ؟ باشقا دېگۈدەك ھېچنېمە يوق. بەك بىچارىمىكەنمەن؟ ياق. مەن قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ نۇرقۇت دۇنياسىنى ئارىلاش. چۈنكى بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە بۇنىڭغا سەۋەب ياكى باھانە تاپالمىساممۇ شۇنى ئۆزۈم سىزىپ تۇرىۋاتىمەن. 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ م...
تولۇق مەزمۇنى