CS نىڭ 2010-يىللىق KOD5 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

ۋاقتى: 2010-12-22 / تۈر: تېمىسىز/ كۆرۈش: 452 قېتىم / 8 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

مەن ئەڭ ئۇزۇن ئوينىغان، ھەم ياقتۇرۇپ ئويناپ ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقىرىدىغان ئويۇن CS ئىدى. مۇشۇ سەۋبلىك CS قا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن. بۈگۈن توردا CS نىڭ 2010-يىللىق KOD5 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ سىن فىلىمى ئۇچراپ قالدى. ھەممىنى تولۇق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىدىم. ئازراق كۆرۈپ، قالغىنىنى كىيىن كۆرۈش ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم.
گەرچە مەن ئويۇن ئۈچۈن ھەممە ۋاقتىمنى ئاجراتمىساممۇ، بەزى-بەزىدە ئويۇن ئوينايدىغان پۇرسەتلەرمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇ ۋاقتتا دەل مۇشۇ CS مېنىڭ بىرىنجى تاللىشىم!

8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  1. ئۇيغۇربەگ
    2010/12/24 09:03:39

    نېمىشقىكىن،كۆزنەك7نى يېڭىدىن قاچىلىغاندىن كىيىن،بۇ ئويۇن تولا قېتىۋېلىپ…ھازىر ئوينىيالماي ئىچىم سەت پۇشتى،باشقا ئويۇن ئويناپ باقماپتىكەنمەن!…

    • نۇرقۇت
      2010/12/24 11:48:32

      سىنكارتىڭىزنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. Win7 ئۆزى قاچىلىغان قوزغاتقۇچ بۇ ئويۇننى قوللاپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا سىنكارتىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

  2. پرېستان
    2010/12/24 10:46:47

    QQ شركىتىنىڭ CF چىققاندىن بۇيان CFلا ئوينايدىغان بولدۇم.

    • نۇرقۇت
      2010/12/24 11:49:37

      CF نى مەنمۇ يېڭى چىققاندىن باشلاپلا ئوينىغان. ئۇنىڭدا دەرىجەممۇ خېلى قېرى مېنىڭ :lol: لېكىن نېمىشقىكىن مۇشۇ CS خۇمارىمنى باسالمايدىكەن

      • پرېستان
        2010/12/24 13:19:21

        CF ئويناۋەرسە CS بىلەن ماسلىشالماس بولۇپ قالىدىكەن. باللار بىلەن CS ئوينىسام بۇرۇنقىدەك شاش ئوينىيالمايدىكەنمەن. :mrgreen:

      • نۇرقۇت
        2010/12/24 14:03:28

        CF ئوينىسام كومپيۇتېرىمىڭ جېنىنى سەل قىيناپ قويىدىكەن. شۇڭا ھازىر ئانچە ئوينىماس بولدۇم. ئىچىمىز پۇشقاندا 10 نەچچەيلەن بىر توپ بولۇپلا 1~2 سائەت CS سوقۇپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئويۇن خۇمارىمىزمۇ چىقىپ قالىدۇ.

  3. munglan
    2010/12/24 17:21:11

    مەن ئوڭغاي سولغاي ئارىلاش سولغاي ئويناشقا ئامراقراق . ئويناپ باقساق بولغۇدەك

  4. ئوغلان
    2010/12/28 16:04:39

    بىزمۇ پات – پات باللىنى چاقىرىپ ئوپچى تورخانىغا چىقىپ بىر ئىككى سائەت ئىتىشىپ قويىمىز ، ئالامەت قىززىپ قويىدۇ …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif