ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم
نېمىشقىكىن تۇيۇقسىزلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە يادلىغان «چۈنكى ، مەن _ ئادەم» ناملىق شېئىر ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ھەر بىر كۇبلىتنىڭ ئاخىرىدا تەكرارلانغان «چۈنكى ، مەن _ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم» مىسراسى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندەك بولۇپ قالدىم. توۋا دەيمەن، توۋا …
ھاياتىمىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا بىلمەسكە سېلىپ ياشاۋىرىدىكەنمىز. يېگەن تاماقنىڭ جېنىمىزغا جاپا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا شۇ خىلدىكى خىللاپ يەۋىرىدىكەنمىز. مانا مەن شۇنداق ئادەم. خىياللىرىمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران. نەتىجىسى چىقماۋاتقان ئىشلار ئۈچۈن ھاياتىمىزنى قۇربان قىلىۋاتقىنىمىز راستمۇ؟ پاراڭلار تىگىدىن باش-ئاخىرى قولاشمايدىغان ئەبجەش خىياللارنىڭ چوقان ئۇرۇپ چىقىشى بىزنىڭ تاللىشىمىزغا باقمايدۇ. بەزىدە قۇرسىقىمىز شۇنچە ئاچقان بولسىمۇ تاماق يىيىشتىن ۋاز كىچىمىز، بەزىدە قۇرساق ئېتىلىپ كەتكۈدەك تويۇپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە ئاچكۆزلۈك قىلىپ يەۋىرىدىكەنمىز. بىز توقلۇقتىن قۇرسىقىمىز چىڭقىلىپ قىينىلىۋاتقاندا، ئاللىكىملەردۇر ئاچ قۇرساق ھالدا بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالىدىكەن. بۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر. چۈنكى ، بىز _ ھېسسىياتلىق ھايات ئادەم، ئەمما بۇ ھېسياتىمىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا!
بۈگۈن يەنە جۆيلۈيدىغان كىسىلىم تۇتتى. يازا-يازا گەپنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي توختاشقا مەجبۇرى بولدۇم. ئۇچە ئۇچ خىيال كەپتىرىم! پەغەزگە قۇنىدىغان ۋاقتىڭمۇ كەلدى.
كىيىنكى: تەۋسىيە كىنو: شاھنىڭ نوتۇقى(国王的演讲)
2011/02/26 14:54:10
چۈنكى مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم.ۋۇجۇدۇم پايخان بولسا ماڭا ماتەم…
بۈگۈن قەشقەردە قار تولا، ئاخشام ياغقان پېتى توختىمىدى، مەكتەپكە قانداق قايتارمەن….چۈنكى مەن ھازىر ئۆيدە…
قالايمىقان قىلىۋەتتىمغۇ تازا…
مەنمۇ بۇ شېئىرنى بەك ياقتۇرىمەن،بولسا شائىر بىلەن بىر كۆرۈشكۈم بار ئىدى، داۋاملىق ئىزدەپ بارسام يوق ئۇكىشى…
2011/02/27 14:54:07
ھايات مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز.
بىراۋلار بىر پارچە نانغا زار بوپ يىغلاۋاتىدۇ. بىزلەر كاتتا سورۇنلاردا ئېسىل تائاملارنى يەپ ئاشقانلىرىنى قاراپمۇ قويماي تاشلاپ چىقىپ كېتىمىز.
2011/07/25 17:17:22
دۇنيا ھېكىمگە باقىۋەندە ئەمەس