قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات(1)
مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات ھەققىدە دائىم تالاش تارتىش بولۇپ تۇرىدۇ. ئاۋۋال بۇ بىر نەچچە سۇئالغا قاراپ باقايلى:
مەۋجۇتلۇق بىلەن تەرەققىياتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟
مەۋجۇتلۇق بولمىسا تەرەققىيات نەدىن كىلىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىسا مەۋجۇتلۇقنى قانداق ساقلىغىلى بولىدۇ؟
تەرەققىيات بولمىغان مەۋجۇتلۇقنىڭ نېمە مەنىسى؟
…
مانا بۇ سۇئاللار تەرەققىيات ۋە مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى مۇنازىرىنى دائىم باش-ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش تارتىشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشنى ياقتۇرىمىز. چۈنكى بىز مۇنازىرىدە بىرلىككە كىلەلمىسەكمۇ، مۇنازىرە جەريانىدا ئۆزگىچە ئاڭ ۋە كۆز قاراش، بىردەكلىك ۋە ئوخشىماسلىقنى چۈشىنىپ يىتىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئېڭىدا مەۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۈگۈن مەن يەنە مۇشۇ تېمىدا سۆزلەپ قالىدىغان بولدۇم.
يېقىندىن بىرى تەرەققىيات ئاساسىي تېما بولىۋاتىدۇ. ھە دېسىلا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچىمىز. ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلالمىغان تۇرۇقلۇق سىز قانداق تەرەققىي قىلماقچى؟
باشقىلاردىن سىزنى قوللاشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، سىز باشقىلارنى قوللاپ باقتىڭىزمۇ يوق ئويلاپ بېقىڭ. تەرەققىيات ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەۋجۇتلۇق كېرەك. مەۋجۇت بولمىغان شەيئىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن سۆز ئېچىش ئەخمەقلىق.
ئۇنداقتا بىز ئاۋۋال گەپنى مەۋجۇتلۇقتىن باشلايلى. مەۋجۇتلۇق نەدىن كىلىدۇ؟ گەرچە مەۋجۇتلۇقنى چوقۇم مەلۇم نەرسىدىن كىلىدۇ دەپ جەزملىمىسەممۇ، ئەمما شۇ بىر نوقتا ئىنىقكى: مەۋجۇتلۇق قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ.
…
ئۇنداقتا قوللاش بولمىسا مەۋجۇتلۇق نەدىن كىلىدۇ؟ مەۋجۇتلۇق بولمىسا تەرەققىيات نەدىن كىلىدۇ؟ تەرەققىياتسىز مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىچۇ؟ …
…
—————————–
بۇ تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرى يەنە چىقمىدى. بىز شۇنداق تالاش-تارتىش بىلەن پاراڭنى تۈگەتتۇق. ئەمما مېنىڭچە بۇ پاراڭ ئەھمىيەتسىز بولمىدى. ھېچبولمىغاندا قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلماس گەۋدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.
2010/12/16 22:05:04
پەيلاسوپلارچە پاراڭ قىلىشنى ئۆگىنىۋاپسىز ھە (ھىجايغان رەسىم).
——
قوللاش، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىياتنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلماس گەۋدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.
——-
ماۋۇ گەپ ئوبدان ئېيتىلىپتۇ. راست ئايرىلالمايدىغان ئچۈن دوست بۇ.
2010/12/16 22:24:05
بلوگقا كاللا قانداق كەلسە شۇنداق ئىشلىتىۋاتىمىزغۇ