ئىنسان شۇنداق ياۋۇز مەخلۇق

ۋاقتى: 2010-12-15 / تۈر: تېمىسىز/ كۆرۈش: 392 قېتىم / 1 باھا باھا يوللاش تەلەي +1

«ياۋۇز» سۆزىنىڭ مەنىسىنى بەلكىم ھەممىمىز بىلىمىز. كۆپ ۋاقىتلاردا «ياۋۇز بۆرە» دېگەندەك سۈپەتلەشلەرنىمۇ ئىشلىتىپ تۇرىمىز. ئەمما ئاشۇ ياۋۇزلۇقنىڭ مەنىسىنى قانچىلىكىمىز چۈشۈنۈپ يەتكەندىمىز؟ قانچىلىكىمىز ياۋۇزلۇق قىلىپ گۇناھلارغا پاتقاندىمىز؟ …

بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىرسىنىڭ شۇنداق ئۇماق بىر بۆجەننىڭ ئۈستىگە قېلىن ئەينەكنى قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، بىچارە بۆجەننى مىجىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنىنى كۆرگەندە، قەلبىمنى ئېيتقۇسىز بىر ئازاپ چۇلغىۋالغان ئىدى. «ئادەمنىڭ سورىقى بولمىغان بولسىدى، خەپ … » دەپ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇشۇپ كەتكەن ئىدۇق …

بۈگۈ توردا يەنە بىر قىسقا فىلىم كۆردۈم. راستىنى دېسەم تولۇق ئەمەس، پەقەت ئازراقلا كۆرۈپ ئۆچۈرۋەتتىم. داۋاملىق كۆرۈشكە چىدىمىدىم. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك چاغلايدىغان ئاشۇ ئالىيجاناپ، داڭلىق كىشىلەر غادىيىشىپ ئۈستىگە ئارتىۋالىدىغان ئاشۇ پۇزۇر كىيىملەرنىڭ قانچىلىك ياۋۇزلۇقلار بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە «ئادەمگە قانداقلا كەلگۈلۈك كەلسىمۇ ئازكەن» دەپ ئويلىدىم. توغرا، ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ سورىقى بىرىدۇ. ئەمما بۇ خىل ياۋۇزلۇقنى «ھەق» دەپ قارايدىغان ئاڭ، ئىنسانلارغا قاچاندىن بىرى سىڭگەن بولغىيدى دەيمەن!؟ …

ئاران 1 تاللا باھا يېزىلىپتۇغۇ؟ بىچارە ماقالە كۆمۈلۈپ كەتمىسۇن، باھا يېزىپ كۆتۈرۈپ قويۇڭ!

  1. مەمتىمىن
    2010/12/27 03:58:09

    گەپ قىلماڭ ، مۇشۇ چ چ نىڭ سو سو دىگەن بىر بىتى بار ، يولداشلار ئارىسىدىكى ھەر قىسما ئىشنى يوللايدىغان . چ چ بىۋاستە ئىلخەت شەكلىدە ئەۋەتىدىكەن كۈندە ئىككى قېتىمدەك ، بەزى نەرسىلەرنى تورلارغا يوللارمەن دەپ ئويلىغان ، لېكىن مەن كۆرۈپ شۇنداق ئاچچىقىمنى باسالمايمەنيۇ ، چوڭلار كۆرسە نىم بوپ كېتەر دەپ ساقلىماي ئۆچۈرۋەتتىم .
    ئىچكىرىدىكى تۆت قىزچاق بىلەن يەنە بىر بالىنىڭ تىرىك ئىتنى قايچا ۋە ئەتىركىدەك بىر نەرسىلەر بىلەن تېرىسىنى سويۇۋاتقان رەسىمى باركەن ، تېنىم شۇنداق جۇغۇلداپ كەتتى . دېمەك ئىگىمىز ھېلىمۇ يەرشارىنى بەزى ياخشىلارنىڭ خاسىيتىدىن ئامان ساقلاۋېتىپتۇ . ئۇنداق ئىشلار بەك جىقكەن . ھەي ، نېمە ئامال دەيسىز ، ئادەمنىڭ توخۇ پوقى ئەسكىسى بولمىسا ، ياخشىنى پەرق ئەتكىلى بولماسكەن ، ئەسكىنىڭ پايدىلىق تەرىپى شۇكەن ، ياخشىنى بىزگە بايقىتىپ بېرىدىكەن .
    تېمىلىرىڭىز خېلى بولىدىكەن جۇمۇ ، چارچاپ كەتكەن ، خېلى ھاردۇقۇم چىقىپ قالدى .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ.)

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (مەخفىي)

بېكەت ئادرېسى

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif