دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم ئاكىمىزغا بېلەت تاشلاڭ
مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ باققان بولسىڭىز، دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم ئاكىمىزنى چوقۇم تونۇيسىز. داڭلىق، تالانتلىق، ئاۋازى يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ دىكتور ئاكىمىز ئۈچۈن كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بېلەت تاشلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇرۇنمۇ بۇنداق بېلەت تاشلاش ئىشلىرى كۆپ بولغان. سىز ھەرخىل ئىشلار بېلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرخىل كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان، بەلكىم بەزىلىرى ئۈچۈن نېمىشقا بېلەت تاشلىغىنىمىزمۇ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئەمما دىكتور ئابدۇقادىر ھاشىم ئاكىمىز سىز چوقۇم بېلەت تاشلاشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەرنى بىرى. بىز باشقا چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ، مۇشۇ كىچىككىنە ئىشتا بولسىمۇ قوللاشقا تىگىشلىك كىشىلىرىمىزنى قوللايلى! بىزدىن كىچىككىنە ۋاقتتىن باشقا ھېچنېمە كەتمەيدۇ.
مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى 3-نۆۋەتلىك 10 مۇنەۋۋەر رىياسەتچىنى تاللاش پائالىيىتى
2011/08/04 01:31:33
فەقىر كەينى-كەينىدىن 3 بىلەت تاشلىۋەتتى، مۇشۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىنى قالتىس دورىۋىتەتتىمدە مەن
2011/08/05 18:02:24
ئاۋازىنى دورىيالامسىز؟ ئۇنداقتا بەك يامانكەنسىز جۇمۇ …
راستىنى دېسەم ئاۋازىنى بەك ياقتۇرىمەن بۇ ئاكىمىزنىڭ
2011/08/04 22:08:20
شۇنداق بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا باشقا چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلمىسەكمۇ، ئۆز-ئارا قوللاپ تۇرساق شۇ چوڭ ئىش. مەن ھەركۈنى ئىككى قېتىم تاشلايمەن…
2011/08/04 22:10:27
ئۆز-ئارا دىكى ئارا مائوسنىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن كۈچۈرۈلۈپ كىتىپتۇ.. ئۆزگەرتىپ قۇيارسىز!!
2011/08/05 18:05:00
شۇنداق. ئۆز-ئارا قوللىشىمىز كېرەك. ئىنكاسىڭىزنى تۈزىتىپ قويدۇم.