مىدىرلاپ تۇرۇڭ، كۆمۈلۈپ قالمايسىز
تۇرمۇش ئادەمنى ھەر كويلارغا سالىدۇ. بەزىدە ئىشلارنىڭ ئۈستى-ئۈستىلەپ كىلىشى بىزنى نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئاقىۋەتتە بىز بىراقلا ھەممىنى تاشلاپ «قۇتۇلىمىز»، ئەمما ئاخىرىدا زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.
چۆلدە بوران چىقىپ قالسا جىم تۇرغان نەرسىنى كۆمۈپ تاشلايدىكەن. ئەمما مىدىرلاپ تۇرغان نەرسىلەر كۆمۈلۈپ كەتمەيدىكەن. گەرچە قېقىلىپ سوقۇلۇپ كۈرمىڭ جاپالارنى تارتسىمۇ يەنىلا قۇمغا كۆمۈلۈپ يۇقۇلۇپ كىتىش ھالاكىتىدىن ئامان قالىدىكەن. بەلكىم بىزمۇ مىدىرلاپ تۇرىشىمىز كېرەكتۇ؟! شۇندىلا بۇ ئادەم دېڭىزىغا كۆمۈلۈپ كەتمەسمىز. ئۇنداقتا قانداق مىدىرلاش كېرەك؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. يۇلۇققان ئىشلار ئۈچۈن تىركىشىش كېرەك.
مەن ئەدىب ئەمەس، دەبدەبىلىك گەپلەرنى دىيەلمەيمەن. مەن يازغۇچى ئەمەس، ئۇزۇن كەتكەن قۇرلارنى تىزالمايمەن. ئەمما مەن «مىدىرلاپ يۈرۈپ» بەزى ئۈزۈندىلەرنى تىزالايمەن. مۇشۇ ئۈزۈندىلەردىن بىرەرسىگە پۇتلىشىپ كىتىپ، يۇلىڭىزنى تېپىۋالسىڭىز مەن شۇنىڭغا خۇش.
ئۇنداق بولسا بېكار ياتمايلى! پۇرسەت مىدىرلاپ تۇرغۇچىلارغا يۇلۇقىدۇ. غەلبە ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇب بولىدۇ.
2011/02/11 00:27:44
مەن پۇتلىشىپ كەتتىم جىڭ… شۇڭا كىچىككىنە قامقاقنى سەل چاغلىسا بولمايدۇ…
2011/02/13 20:38:04
پاھ.. نېمىدىگەن ياخشى گەپلەر بۇ، رەھمەت قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. مەنمۇ ھەقىقەتەن پۇتلىشىپ كەتتىم.
2011/03/27 23:54:29
مەنمۇ سىزدەك قاراشتا ، مىنىڭمۇ بولىۋاتقان ئىشلارغا شۇنداق ئىچىم پۇشىدىغان ، بىراق يەنىلا مىدىرلاپ يۈرۈپ بۇگۇنگە ئۇلاشتم ،ئاللاغا شۇكرى ، يەنە بىرقىتىم پۇتلىشىپ كەتتىم مانا .!~~