[Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)

ئالدىنقى قېتىم ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەدىنىڭ ئىمزاسىدا تولۇق تۈزۈتۈلگەندىن كىيىنكى «ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» ناملىق ئۇزۇن يازمىنى خالاستان بىلوگىدا ئىلان قىلغان.«ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ تۈزۈتۈلگەن يولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ 1736.html

بۇ ماقالە دەل شۇ يازمىنىڭ داۋامى بولۇپ مەزمۇنى يۇلغۇن ئىملا تەھرىرلىگۈچتىن ئۆتكۈزۈلۈپ يوللاندى.________ نەزەرى

بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ  ”قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت  دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان  بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىگە تېرىسىنىڭ ئاق بولغانلىقىنى ياكى ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلدى. شۇ نەق مەيداندا بالىلارنىڭ ئانىلىرى بار بولۇپ نەتىجىدىن تولىمۇ بىئارام بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ھەتتا بىر ئايال ”مەن بالامغا ئىرق توغرۇلۇق ھىچ نېمە دېمىگەن. مېنىڭ ھەر خىل ئىرق ھەر خىل مىللەتتىن دوستلۇرۇم بار. مەن بالامدا نېمىشقا بۇنداق ئوي شەكىللىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. قارىغاندا مېنىڭ باشقا ئېرقتىكىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ بالامغا ئىنساننىڭ ئىرىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرشۇم يېتەرلىك بولمىغان ئوخشايدۇ“ دەپ يىغلاپ كەتتى.

تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن 130 بالىنى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياش گورۇپپىسى بويىچە تەكشۈرگەن بولۇپ 4-5 ياش گورۇپپىسىدا 76% بالا تېرىسى قارا بولغان قونچاقلارنى ”دۆت، ناچار، سەت“ بالىلارغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن. 9-10 ياشلىق بالىلار گورۇپپىسىدا بۇنداق قاراش 59% بولغان. بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسىگە بەزىلەر قارشى چىقىپ بۇ تەجرىبىنىڭ لايىھەلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغان. بەزى ئىنكاسچىلار ”ئاق تەنلىك بالىلار قايسى قونچاق ئۆزىگە ئوخشىسا شۇنى ئەقىللىق، چىرايلىق ۋە ئېسىل دەپ تەرىپلىدى“ بۇنىڭ ئىرقچىلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېدى. بۇنداق دېگۈچىلەر يەنە ”قارا رەڭنىڭ قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت، ياۋۇزلۇق دېگەندەك كۆچمە مەنىلەردە قوللۇنىلىشى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇ پەقەت رەڭ ھەققىدىكى تونۇش مەسلىسى ئېرقچىلىققا كىرمەيدۇ،“ دەپ قارىدى. يەنە بەزىلەر بۇنداق قاراشقا ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەت سەۋەپچى دەپ قارىغان، بالىلار گۇناھسىز، ئۇلارنى ئىرقچى دېگىلى بولمايدۇ، دېدى.

ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ئىرق قارىشى ھەققىدىكى بۇ تەتقىقات قارا تەنلىك بالىلار ئارىسىدىمۇ يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ بۇ باللاردىمۇ ئاق تەنلىككە ئوخشۇتۇلغان قوچاقلارنى ئىجابى باھالاش خاھىشى كۆرۈلگەن. بۇنداق تەتقىقات ئامېرىكىدا 1940-يىللىرىمۇ ئىشلەنگەن بولۇپ ئاق تەنلىك ۋە قارا تەنلىك بالىلارغا توم قارا قورچاقتىن تارتىپ ئاپئاققىچە بولغان قورچاقلاردىن بىرىنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان. قورچاقلارئەڭ ئامراق، سەل ئامراق دېگەندەك ئامراقلىق دەرىجىسى بويىچە تۈرگە ئايرىلغاندا ئاق قورچاق قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئورتاق ئامرىقى بولۇپ چىققان. بۇنىڭ سەۋەبىگە چۈشەنگەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قارا تەنلىكلەرنى ئايرىم مەكتەپ ۋە ئايرىم سىنىپلاردا ئوقۇتىدىغان ئىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇندىن كېيىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم مەلۇم ساندا ئوخشىمىغان ئېرقتىن بولۇشى بەلگىلەنگەن ئىكەن. يۇقارقى تەتقىقاتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققۇچىلار بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

[url]http://www.cnn.com/2010/US/05/19/doll.study.reactions/index.html?iref=allsearch[/url]

مەن يۇقارقى مەسىلىنى مۇنداق ئويلۇدۇم. ئامېرىكىدا بالىلار كىچىكىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلىنىدۇ. بالىلارنىڭ كىچىككىنە نەتىجىسىمۇ قالتىس، كارامەت دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلار بالىلىرنىڭ كىچىككىنە قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن چىقىپ قالسا قانچە پۇل، قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قولدىن بەرمەيدۇ. نەتىجىدە بالىلاردا ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ يېتىلىدۇ. يۇقارقى تەجرىبىدە ئاق تەنلىك بالىلارنىڭ ئاق قونچاقلارنى ئەقىللىق، چىرايلىق، ئېسىل دەپ قارىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ”ماڭا ئوخشىغاچقا شۇنداق“ دەپ چۈشەندۈرىشى يۇقارقى ئىشەنچنىڭ ئىپادىسى. مەزكۇر تەجرىبىدە مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر مەسىلە قارا تەنلىك قىز بالىلارنىڭ ”تېرىڭىزنىڭ قانداقراق رەڭدە بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىز؟“ دېگەن سۇئالغان ئاقراق قونچاقلارنى كۆرسەتكىنى بولدى. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى تېلۋىزور ۋە كىنولاردا ساھىپجاماللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاق تەنلىك بولغىنىدىن بولسا كېرەك.

تەتقىقاتتا دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نوقتا، ئاق تەنلىك بالىلاردىكى ئۆز ئىرقىغا بولغان مايللىقنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ  ئاجىزلىشىشى. مەنچە بۇ جەمئىيەت تەربىيىسى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مائارىپتىكى يېتەكلەشنىڭ مەھسۇلى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ھەرخىل ئىرقتىكى، ھەرخىل مىللەتتىكى بالىلارنىڭ بالىلارنىڭ بىرلىكتە ئوقۇشى رىغبەلەندۈرىلىدىكەن. بۇ يالغۇز ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئەمەس ئالى مەكتەپتىمۇ شۇنداقكەن. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنۋېرىستىتتىكى ھەممە پاكۇلتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىگە قاراپ باقتىم، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك بولغان بىرمۇ پاكۇلتىت يوقكەن. بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاق تەنلىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان، باشقا ئېرقلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز يەر دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، مەن مەيلى تاللا بازىرىغا باراي، ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا باراي پۈتۈنلەي ئاق تەنلىك ئىشلەيدىغان ئىشنى كۆرمىدىم. كۆرۈپ باقاي دەپ سوتنىمۇ زىيارەت قىلىپ كەلدىم، قارا تەنلىك كاتىپ قىز شۇنداق قىزغىن كۈتىۋالدى. ئوندەك سوت زالىغا قاراپ باقتىم، ئۈچ سوتچى قارا تەنلىككەن. بۇ شەھەرنىڭ 80 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسىدا قارا تەنلىكلەر بەش پىرسەنتىكىمۇ يەتمەيدۇ. دېمەك، ئامېرىكىلىق بالىلار يۇقارقى رىياللىققا يۈزلىنىپ ياشاش  جەيانىدا، ئەقلىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كېلىپ چىققان ئىرقىي تەرەپتارلىقتىن قۇتۇلۇپ ماڭىدىكەن.

بالامنىڭ يەسلىسىدە قونچاقلار قارا، قوڭۇر ۋە ئاسىيا چىراي قىلىپ ھازىرلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەد بالىلارنىڭ كاللىسىغا ئىرقىي چۈشەنچىنىڭ ئورناپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن. بالام بىلەن يەسلىدە بالىسى بىللە ئوقۇيدىغان بىر چىڭخەيلىك ئايال بار ئېدى. بىر كۈنى بالىلار ساغلاملىق مەركىزىگە بىللە باردۇق. بالىسى تۇنجى قېتىم تەكشۈرىلىۋاتقان بولغاچقا ئېغىرلىقى، بويى، تۇغۇلغان كۈنى قاتارلىق ئۇچۇرلار سورالدى. بالىسنىڭ ئىرقى سورالغاندا ”ئاق“ دەۋاتىدۇ. ھەيرانلىقمنى يوشۇرالمىدىم. سەۋەبىنى سورۇسام، ”ناۋادا بالامنى ئاسىيالىق دەپ بەرسەم، پاكىستان، بېنگاللىقلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە تەكشۈرىشى مۇمكىن. مېنىڭ ئۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆچرەتتىمۇ تۇرغۇم يوق. ساپاسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم بىلىدۇ بالىلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل بارمۇ تېخى“. قىزىق يېرى بۇ ئايال ئامېرىكا دېگەن يەردە قارا تەنلىكنى ئايرىم، ئاسىيالىقنى ئايرىم ئۆچىرەتكە تىزمايدىغانلىقىنى، ئايرىم تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىنسا قانۇنى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ پەرەز قىلالمايدۇ. مەن بۇلارنى بىلگەچكە گەپ قىلمىدىم، ئۇنىڭ قىلمىشىدىنمۇ ئاغرىنمىدىم، پەقەت ئىنسانلىقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى تونۇيالماي مۇشۇ ياشقا كەلگنىگە ئېچىندىم. ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنداق ئىرقچىلىقنى سىڭدۈرگەن موھىتتىن، ئۇنى ئايرىمچىلىققا مايىل يېتىشتۈرگەن جەمئىيەتتىن ئەپسۇسلاندىم.

يەسلىدە مەن دىققەت قىلغان يەنە بىر ئىش ئوغۇل قىزلارنىڭ ئوخشاشلا قونچاق ئوينىشى بولدى. بالىلار قونچاقلىرىغا تاماق يىگۈزىشەتتى، كىتاپ ئوقۇپ بېرىشەتتى، قۇراشتۇرۇش، تىزىش، سىزىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىشەتتى. بۇلاردىن مەن ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ گۆدەكلىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنى مەلۇم جىنىسقا مەنسۇپ دەپ قارىۋېلىپ بالىلارنىڭ ئىنسان ئورتاق ئېرىشىدىغان خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قالماسلىقى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم. مەن بۇنى ئۆزەمگە سېلىشتۇرسام، قىزىمغا قىز بالا دېگەن ئۇنداق بولىدۇ، بۇنداق بولمايدۇ، ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلمايدۇ، دېگەنلەرنى تىلى چىققاندىن بېرى سىڭدۈرۈشكە باشلاپتىمەن. ئايالىممۇ ”تاماقنى پاكىز يەڭ، بالىڭىز سەت بولۇپ قالىدۇ. چېچىڭىزنى تاراپ قوياي قىزبالا دېگەن چىرايلىق ياسىنىپ تالاغا چىقىدۇ…“ دېگەندەك گەپلەنى كۆپ دەيدۇ. مەنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالىدىكى جىنس پەرقىنى مەقسەتلىك تەكىتلىمەسلىكى ئامېرىكىدا بالا تەربىيىسىگە ئائىت پەننى بىلىمنىڭ ئومۇلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ئىلمىيلىكتىن ئالغاندا جىنىس تەبىئى ھادىسە بولغان بىلەن ئىنساننىڭ جىنىس ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تەربىيىنىڭ، موھىتنىڭ مەھسۇلى. ئەگەر بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ جىنسى پەرق، جىنسى ئىش تەقسىماتى، پەرقلىق جىنىسقا خاس خۇي مىجەزلەر بەكرەك تەكىتلەنسە ۋە بۇلارغا ئائىت ئىشلار مەزگىلسىز ئۆگىتىلسە ئۇلارنىڭ ئورتاق ئىنسانلىق خاراكتىرى بۇرمىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، باتۇرلۇق، باراۋەرچىللىك، تەۋەككۈلچىلىك، ئادىللىق، ھەققانىيەتچىلىك، مېھرىۋانلىق، رىقابەتچانلىق، ھەمكارچانلىق قاتارلىق خاراكتىرلار ئىككىلا جىنىسقا ئورتاق.

ئەگەر قىزىڭىز بار يەردە ئوغلىڭىزنى ”ئوغۇل بالا دېگەنمۇ قورقامدۇ، ئوغۇلبالا دېگەنمۇ يىغلامدۇ، ئەركەك دېگەن يېلىنمايدۇ…“ دېسىڭىز قىزىڭىز يىغلاش، قورقۇش، يىلىنىش دېگەنلەر قىز بالىنىڭ خۇيى ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىرى ”قىز بالا بولغاندىن كېيىن ئۇنى قىل، قىزبالا دېگەن بۇنى قىلمايدۇ، بۇ دېگەن قىز بالىنىڭ ئىشى“ دەپ كىچىككىنە بالىغا چوڭلارنىڭ كاللىسىدىكى ئىش تەقسىماتىنى سىڭدۈرۈپ ماڭسىڭىز قىزىڭىز ياكى ئوغلىڭىز ئىسانغا ئورتاق ئىشلارنىمۇ بۇرۇنلار قىزغا ياكى ئوغۇلغا خاس دەپ قارىۋېلىپ قىلمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭغا تەنتەربىيەگە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا ئانچە ھەۋەسمەن ئەمەسلىكىنى، ئۆزى يالغۇز بىر يەرگە (ئالى مەكتەپتىكى قىزلار ھەتتا تاماققىمۇ بىر دوستى بىلەن بىللە چىقىدۇ) چىقالمايدىغانلىقىنى مىسال قىلىمەن. بۇ بالىلارنى كىچىك چېغىدا ”قىز بالا دېگەن تولا سەكرەپ، يۈگرەپ يۈرسە پۇتى يوغۇناپ كېتىدۇ. قىز بالا دېگەن تالادا سەكىلدەپ يۈرمەي ئۆيدە جىم ئولتۇرىدىغان“ دېگەندەك گەپلەر بىلەن تەربىيەلىگەننىڭ نەتىجىسىمىكىن دەيمەن. مەنچە جىنىس پەرقى بالىلارنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ سۈنئى تەكىتلەنمەي، مۇۋاپىق ياشقا بارغاندا ئۆگىتىلسە ياخشىمىكىن دەيمەن.

مەن ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە 6-يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدىم. كۆزەتكىنىمگە كۆرە، بىزنىڭ قىزلىرىمىز ئىرادىلىك، تىرىشچان، قۇلىقى يۇمشاق، مېھرىۋان، پاكىز. بۇنى ئوغۇللىرىمىز ۋە ھەرقانداق مىللەت قىزلىرى ئۈلگە ئالسا ئەرزىيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئاجىز، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، قورقۇنچاق. مېنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلىرىم ئاغرىپ قالغاندا بىرەر دوستى دوختۇرغا بىللە بارمىسا بارالمايدۇ، ھەتتا تاماققىمۇ يالغۇز چىقىشقا خوش ياقمايدىغان. مەن شۇنداق ئېسىل، ئىستىقباللىق قىزلارنىڭ ئاجايىپ ناچار ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ چېكىنىپ كەتكەنلىرىنى كۆرگەن. سەۋەبىنى سورۇسام، شەنبە يەكشەنبە ياتاقتا يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن، دوستلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتلىشىپتۇ، شۇڭا قاتاردىن قالغۇسى كەلمەپتۇ، ئۆيدە ئاتا-ئانىسى باشقۇرۇپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۆزىدىن پەرقلىقلراق بىرىنىڭ باشقۇرۇپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قاپتۇ. مەن مۇھەببەتلىشىشىنىڭ مۇنداق غەلىتە سەۋەبلىرىنى كىچىكىدىن جىنسى پەرقنىڭ  خاراكتىر ۋە قىلىق جەھەتتە يېشىغا ۋە زامانغا نامۇناسىپ تەكىتلەنگەنلىكتىن بولدىمىكىن دەيمەن.

مەن بۇيەردە ئامېرىكىدا قىز ئوغۇللۇق پەرقى تەكىتلەنمەيدۇ دېمىدىم. پەرقلەندۈرۈش بۇلاردا بەزى جەھەتتە بىزدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن قىزلارنى ئوغۇللارغا ئوخشاپ قالمىسۇن دەپ كىچىكىدىن شاپتۇل چېچىكى كىيىملەرنى كەيدۈرۈش، قىزلارنىڭ چېچىنى كىچىكىدىن چۈشۈرتمەسلىك…قاتارلىقلار. مېنىڭ يەسلىدىكى يۇقارقى ئىشتىن بايقىغىنىمنىڭ كەينىدە بىر ئىلمىيلىك بار. چۈنكى يەسلىدە قىز بالىغا قونچاق، ئوغۇل بالىغا ماشىنا ئوينۇتۇلسا گۆدەك بالىنىڭ قەلبىدە ”بالا بېقىش ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى“ دېگەن خاتىرە ئورناپ قېلىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق دېگەندە ئامېرىكىلىقلار ئۆيىدىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دېمەكچى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قىزلارنىڭ قونچاقنى، ئوغۇللارنىڭ ماشىنىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمما يەسلى دېگەن ئىلمىيلىك بىلەن ئادەمنىڭ قىلىقىنى ۋە قەلبىنى شەكىلگە كىرگۈزىدىغان يەر. يەسلىدە تەكىتلىنىدىغىنى ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان نەتىجىلىرى ئاساسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇل. مەنچە بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەبىيەسىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلىدە داۋام قىلىدىغان كۈلتۈرى (مەدەنىيىتى) بىلەن يەسلىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئىلمىيلىك ئايرىلغان.

«[Gulan]ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس(”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ نىڭ داۋامى)»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: