خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ

يىقىندىن بىرى مىنىڭ كۆپ ۋاقتىم ئۆگىنىش، ھەر خىل تاللاش بىلەن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن سىرىت خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتجان بىلەن ھەمدەمدە بولۇشتۇق. بۇيىل 3-ئايدا بېيجىڭدا تونۇشۇپ، ئەسرالاشقاندىن تارتىپ ماڭا ئاكا سۈپەت كىلىدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆپ كۆردۈم. شۇ چاغدىكى قىسقىغىنە بىر ھەپتىدىمۇ كەلگۈسۈمگە قۇدرەتجاننىڭ ھاياتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىلدە ھەممەيلەن ئالدىراش. مۇشۇ دەقىقىلەردە يەنە قۇدرەتجاننى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەگرى- توقايلىققا تولغان بىر ھاياتنىڭ شاھىتى بولغان «ئاكا ئاغىنەم» بىلەن قايتا ئەسرالىشىۋاتىمەن.

خوش، قالغان گەپنى يەنە ئاڭلاشقا پۇرسەت بولار. تۆۋەندە قۇدرەتجان ھەققىدە يېزىلغان بىر كۇبلىت شېئىرنى دىققەتكە سۇناي. مەنبە يانغىن

خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ

(مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ قۇدرەت ياقۇپ ھەققىدىكى رادىئو زىيارىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن)

«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،ئاپپاي يىغلىدى ئۆكسۈپ.
«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،داداش تىترىدى،كۈلۈپ.

كىچىكىڭىزدە،
ئاپپاي ئېيتقان خارۋارد رىۋايىتى،
قەلبىڭىزگە چوڭقۇر ئويۇلغانمىدى؟!
چېچەنلىكىڭىز ،زېرەكلىكىڭىز،
سىزنى يىڭى بىر دۇنياغا__
خارۋاردقا تۇتاشقان يولغا،
باشلاۋاتقاندەك تۇيۇلغانمىدى؟!

2001-يىلى،
ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى،
سىزنى ئارماندا قالدۇرغىنىدا،
دۈشمەنلەر كۈلۈپ دوستلار يىغلىغىنىدا،
ئاتا ئانىڭىز ھەسرەت بىلەن باققىنىدا،
يۈرۈكىڭىز پارە پارە بولغانمىدى؟!
بېشىڭىزدا چاقماق چاققانمىدى؟!
شۇنداقلا،
«ياق.مەن تىز پۈكمەيمەن.
ياق،مەن خارۋارددا ئوقۇيمەن»دەپ،
ئىرادىڭىز تولۇپ تاشقانمىدى؟!

ئاشۇ كۈن،
كېيىنكى يول ئۈچۈن،
قارار چىقىرىلىپ،
پويىز شاڭخەيگە قاراپ گۈدۈك ئۇرغىنىدا.
سىز يىغلىمىدىڭىز،
ئاپپاي يىغلىمىدى،
داداش يىغلىمىدى.
كۈلۈپ خوش دىيىشتىڭلار،
لېكىن قەلبىڭلار،
مۇمكىن بولغان ھىجران،پىراق ئۈچۈن،
چۇل چۇل بولغانتى ھە؟!
«يۈزلەر گۈلگۈن،يۈرەكتە لىق ياش»
يىڭى مۇساپە باشلانغانتى، دە…

بېيجىڭدىكى كۈنلەردە،
ئىرادىڭىز،
تىرىشچانلىقىڭىز،
يەنە بىر مېۋىسىنى بەردى.
تۆت ئايلىق ئۆگىنىش،
ئىنگىلىزتىلىنى سىزگە بويسۇندۇردى.
شۇ كۈنلەردە،
مۇۋاپىقىيەتنىڭ دەرۋازىسى،
روجەكلىرىنى سىزگە ئاچتى.
يىڭى بىر قۇياش،
سىزگە ئىللىق كۈلۈپ باقتى.
مۇئەللىملىك قىلغان كۈنلەردە،
ئىرادىڭىزدە تەۋرىنىش بولغانمىدى؟!
سېغىنىش پىراقى،
ۋۇجۇدىڭىزدا،
گۈلخان بولۇپ يانغانمىدى؟!
ياق،
خارۋارد چوقۇم،
سىزگە تېخىمۇ يېقىن،تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنگەنىدى…

2003-يىلى،
13مەكتەپتىن تەڭ كەلگەن چاقىرىق،
چوقۇم،
سىزگە يىڭى بىر مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى بەخشەندە ئەتتى.
پايتەختتىكى بىر كۈنلۈك دىدار،
كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن،
تېخىمۇ گۈزەل پايانداز سالدى.
ئاپپاي يەنە بىر قېتىم خوش ئېيتتى،
«يۈزلەر گۈلگۈن،يۈرەكتە لىق ياش»
خىياللار يەنە خارۋارد تامان كەتتى…

2003-يىلى،گوللاندىيە،
يەنە تىرمىشىش،
يەنە تىرىشىش…..

2004-يىلى،يازدا،
ئامىركا جورج ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرسىتىتى،
سىزگە قۇچاق ئاچتى.
چوقۇم،
بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر ھەققىدە،
يىڭى يىڭى داستانلارنى يازدىڭىز،
قايىللىق ئىپادىلىرى ئىچىدە،
خاۋاردقا قاراپ،
تېخىمۇ جەسۇر،
تېخىمۇ مەزمۇت قەدەملەرنى باستىڭىز…

2005-يىلى،
كۈتكەن مىنۇتلار ،
ئاخىرى كېلىۋاتاتتى.
نەچچە يىللىق ئارمان،
شۇ مىنۇت،
تېخىمۇ كۈچلۈك يېنىۋاتاتتى.
تۇمان تاراپ،
يىڭى بىر قۇياش كۆتۈرلىۋاتاتتى…
شۇ مىنۇت،
ئېلخەتنى ئېچىپ،
سىز ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن تۇيۇلغان بىر سىكۇنتىنى كۈتىۋالدىڭىز.
ئاندىن بېسىپ كەلگەن خاتىرجەملىك،
يېنىكلىك،
«ئۇف»دەپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدىڭىز.
تېلفۇن يۈرەكلەرنى ئۇچراشتۇرغاندا…
نەچچە يىللىق ھاردۇق،
يىراقلارغا ئۇزىدى تىزلا.
ئاپىنىڭ ئۆكسىشى،
دادىنىڭ رەھمىتى،
چوقۇم سىزنىمۇ،
ھاياجاندىن قاتتىق ئۆكسۈتتى.
بەلكىم،
ئاپاش داداشلار،
ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىك مىنۇتلارنى،
بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
خارۋارد،
سىزنى ئاخىرى كۈتىۋالدى،
جاراڭلىق كۈلكە،
جەسۇر سىما.
خارۋارد ھويلىسىغا،
يىڭى زىننەتلەرنى قوشىۋالدى.
……
……
«جاپانى كىم تولا چەكسە،
گۆھەرنى شۇ ئالار تاشتىن،
گۆھەر ئالغۇچە شۇ تاشتىن،
نى سەۋدا ئۆتىدۇ باشتىن.»
بەرھەق،
سىزنىڭ نىشانىڭىز،
ئەزەلدىن ئايدىڭ ئىدى.
ئەستايىدىللىق،
ئىرادە.
تىرىشچانلىق،
ئۈنۈملۈك پىلان،
ئاتا ئانا دۇئاسى،
سىزگە ھەر ۋاقىت يار ئىدى.
ئارمان ئۈچۈن چېكىلگەن جاپا،
سىز ئۈچۈن ھېچنىمە شۇنداققۇ؟!
سىزدىكى جاسارەت ئىشەنچ،
تارىخلاردىن بۇيان كۈيلەنگەن،
سىزدىكى ئىرادە،پاراسەت
مۇۋاپىقىيەتكە يۈزلەنگەن.
شۇنداققۇ؟!

10يىلدىن كېيىنكى ۋىسال،
يۈرەكلەرنى قانداق شاتلىققا چۆمدۈرگەندۇ؟!
خارۋارد ھاياتىدىكى غەلبىلەر،
سىزنى قانداق شانۇ شەرەپكە ئورىغاندۇ؟!
دادا مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا كۈلگەندە،
ئانا ھاياجاندا ئۆكسىگەندە،
يۈرىكىڭىز قانداق بىر تۇيغۇغا چۆمۈلگەندۇ؟!

قاراڭ،
سىز ئۈچۈن يەنە بىر قۇياش كۆتۈرۈلدى،
قاراڭ،
سىز ئۈچۈن يىڭى تىلەكلەر يېغىۋاتىدۇ.
سىزنى يىڭى غەلبىلەر كۈتىۋاتىدۇ…

«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،ئاپپاي يىغلىدى ئۆكسۈپ.
«ئاپا مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»_
دېدىڭىز،داداش تىترىدى،كۈلۈپ.
«ئاپا،مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»
دېدىڭىز،ئۇيغۇر« يارايسەن» دېدى.
«ئاپا،مەن خارۋاردقا ئۆتتۈم»
دېدىڭىز،تەڭرىتاغ نۇرغا چۆمۈلدى.

«خارۋارد ئەركىسى قۇدرەتكە بېغىشلاپ»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: