3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش

شىنجاڭ رايۇنىدا تېخى كەڭ كۆلەملىك WiFi سېگىنالى قاپلانمىغان بولغاچ نۇرغۇن قىرىنداشلار 3G فورماتىدىكى iPad سېتىۋالىدۇ. باھا پەرقى 800 سوم بولغان بۇ ئۈسكىنە تۆۋەن سەپلىمىلىك WiFi فورماتتىكىدىن GPS ئۆزىكى ۋە 3G بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكى ئارتۇق.

بىز تۆۋەندە يۇقارقى 3G ئۆزىكىدىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان شارائىتتا iPad 3G ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى تونۇشتۇرىمىز.

ئالدى بىلەن Cydia غا http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ دېگەن ئادېرىسنى قوشىمىز. بۇ دۇنياغا داڭلىق، بىردىنبىر ئۇتۇق قازانغان Cydia غا مەنبە تەمىنلەيدىغان تور بېكەت.

ئاندىن ئىزدەش رامكىسىدىن SwirySMS free For Ipad 3g نى ئىزدەپ قاچىلايمىز. بەلكىم 178 نىڭ مەنبەسىدىنمۇ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. ئوخشاش، ئەمما thebigboss  نىڭ نەشرى يىڭىراق.

قاچىلاپ تاماملانغاندىن كىيىن قوزغاتساق ئېكران سول تەرەپ يۇقىرسىدا چىشلىق چاقنىڭ بەلگىسىنى باسساق بەلگىلەش تەڭشىكى ئېچىلىدۇ.

شۇ يەردە 激活 نىڭ ئۇدۇلىغا ھازىر iPad نىڭ ئىچىگە سېلىنىغان كارتىنىڭ نۇمۇرىنى (+8614527882488 دېگەندەك) كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرۈپ بىر ئاز ساقلىساقلا تېزىملاش مۇۋاپقىيەتلىك بولۇپ ئېچىلىدۇ.

10010 دېگەندەكلەرگە ھەقسىز، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەقسىز. ئەمما باشقا يەرلەرگە ئۇچۇر يوللاشقا 1مو چىقىم كىتىدۇ.

«3G iPad ئارقىلىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: