ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى

خۇددى بۇرۇنقى پەرەزلەردە ئېيتىلغاندەك Apple دىكىلەر دادىللىق بىلەن GoogleMaps تىن ۋاز كەچتى. بۇ ئالدىنقى قىتىم Gppgle Adsense تىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ iAd نى يولغا قويغانلىقىدىن كىيىنكى يەنە بىر ئىسلاھاتى. شۇنداقلا ھازىرقى يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يۈزلىنىشى. چۈنكى بىر نەرسىدىن ۋاز كېچىش يەنە يىڭى قىيىنچىلىققا ۋە يىڭى پۇرسەتكە تولغان بىر يولغا ئىلىنغان قەدەم.

يىڭى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شىمالىي ئامېركا رايۇنىدا 3 ئۆلچەملىك ئوبرازلىق خەرىتە ئۇچۇرى تەمىنلەش، يۈز مىليوندىن ئارتۇق سودا نوقتىسى تەپسىلىي چۈشەندۈرىشى، شۇنداقلا turn-by-turn يول باشلاش قاتارلىقلاردۇر. جوڭگو رايۇنىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك خەرىتىسى قانچىلىك ئىنىقلىقتا، بۇنى ئالدىرماي بايقايمىز.

سىناقتىن قارىغاندا iMaps نىڭ 3 ئۆلچەملىك ئىقتىدارى Google نىڭ ئىقتىدارىدىن ياخشى بولۇپ ھەم سۈزۈك، ھەم بەكلا يىنىك ئىكەن.

يۇقارقىلارغا ئوخشىمايدىغىنى Apple ھازىرقى دوستلىشىش تورلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمۈد بىلەن قاراپ Youtube نى تېخىمۇ مەركەزلىك ھالدا ئۆز مەھسۇلاتىغا سىڭدۈرگەن. Shared Photo Streams دېگەندەك يىڭى ئىقتىدارلار ئارقىلىق رەسىم ھەمبەھىرلىنىش قاتارلىق مودا ئەپلەرنىمۇ باشلامچى بولۇپ مەشغۇلات سىستىمىسىغا سىڭدۈرۋەتكەن.

ئۆزىنىڭ دوستلىشىش تورىنىڭ مەركىزى بولمىش FaceTime نى 3G تورى مۇھىتتىمۇ ئىشلەيدىغان قىپتۇ. ئەمدى ھەۋەسكارلىرىمىز تۈرمىدىن قاچۇرمايمۇ FaceTime نى خالىغان يەردە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپتۇ.

«ئالما GoogleMaps تىن رەسمىي ۋاز كەچتى»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .ئۇستازلار. بىزنى يىڭى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.سىز دىن بىر ئېشنى سوراپ باقسام، ھازىر بۇ ئاپپىلى سىستىمىسىدىكى .گوگلې خەرىتىنى چىقىرىۋىتىپ تۇ .يەنە يىڭى ئېقتىدار قىتىپتۇ. بۇ ئېنتايىن ياخشى بوپتۇ.لىكىن .بىز 1ئاي ئېلگىرى يىزىۋالغان .سىستىمىلاردا
    .ھىلىمۇ .مۇشۇ گوگلى خەرىتىسى.بارمۇ ياكى .ئاپتۇماتىك ھالدا قىتىۋەتتىمۇ . ياكى بىز بۇ يىڭى ئېقتىدارنى .ئېشلىتىش ئۈچۈن .ئاپپىلى .ھۆججەتلىرىنىڭ .يىڭىسىنى چۈشۈرۈپ .قايتا .يىزىپ .ئېشلىتەمدۇق .مۇشۇ يەرگە كەلگەندە .سەل گاڭگىراپ قالدىم .ئەسلى سورىمايتىم.لىكىن .مەن يىڭى ئۈگەنگۈچى بولغاچقا .تازا .بىلىپ يىتەلمىدىم .شۇڭا.ئۇستازلارنىڭ .بىر كەڭچىلىك قىلىشىنى سورايمەن.ئەمسە .ئېلخەتتتە جاۋاپ كۈتىمەن.

    1. سىز بىر ئاي بۇرۇن شۇنداقلا بۇ يىل 10-ئايدىكى iOS 6 نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن بۇرۇن Google نىڭ خەرىتىسىنى قاچىلىمايتتىم دىسىڭىزمۇ ئېلاج يوق، چوقۇم مەجبۇرى ئىشلىتىسىز. ھازىرقى iOS 5 كە تەۋە بولغان يىقىندا چىقماقچى بولغان 5.X كە نەشىر يىڭىلىسڭىزمۇ قوشۇلمايدۇ.
      10-ئايدا يىڭى نەشىر بولىقى تارقىتىلغاندىن كىيىن سىز ئۈسكىنە نەشرىنى iOS 6 گە كۆتۈرسىڭىز ئاندىن Googlemaps ئۆچۈپ Apple Maps قاچىلىنىدۇ. كىيىنچە Google maps مۇ ئايرىم قاچىلاش بولىقى ئېلان قىلىدۇ. ئىھتىياجىڭىزغا ئاساسەن قاچىلاپ ئىشلىتىسىز. iOS 6 دىن تارتىپ ھەرقانداق ئۈسكىنىگە Apple Maps چوقۇم قاچىلىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: