-
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (5) بىلال ئىلياس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-07-30
بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن -
ماتېماتىك جەمشىد ھىجرى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-07-01
غەربتىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىجادىيەتلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئىنسانىيەت ھەزارىتىگە چوڭ خىزمەت قىلىشتىكى رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ياۋرۇپالىق ئالىملار غىياسۇددىن، دەپ تونۇلغان جەمشىد ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مەھمۇد كاشانى ھىجرى 9ـ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ماتېماتىكا ئالىمى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنىمىزدە پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ئونلۇق كەسىر سانلارنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئىجادىيەتنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ھېسابلاش جىھازلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدا چوڭ رولى بولغاندۇر.
جەمشىد كاشانىنىڭ "مىفتاھۇل ھۇسساب فى ئىلمىلھىساب (ماتېماتىكاچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىدىكى ئاچقۇچى)" ناملىق ئەسىرى مەكتەب ۋە ئۈنىۋېرسىتىتلەردىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈشتە غەرب ۋە شەرق ئالىملىرىنىڭ ئەسىرلەرچە تايىنىدىغان مەنبىئى بولغاندۇر. شۇنىڭدەك ئالىملار كاشانىي ئىجاد قىلغان ۋە دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە ۋە قانۇنلارنى ئىشلەتكەندۇر.
جەمشىد ھىجرى 8ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراننىڭ كاشان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ھىجرىنىڭ 839ـ يىلى (1435ـ م) ۋاپات بولغاندۇر. ئۇ ۋاپاتىدىن 20 يىل ئاۋۋال كاشاندىن سەمەرقەنتكە كۆچۈپ بارغان ۋە ئونلۇق كەسىر ساننى ئۇ يەردە ئىجاد قىلغان. كاشانى ئونلۇق كەسىر سانلارنى قانداق ئىشتىلىتىش ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يېزىپ، ئۇنى ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ تارىختا بىرىنچى قېتىم ماتېماتىكا ئىلمىنى ھەممە ئادەم ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇ تەقرىبى نىسبەتتە ئەڭ ئىنچىكە قىممەتكە ئېرىشكەن. غەرب ئالىملىرى جەمشىد كاشانىنىڭ ئۇلاشقان نەتىجىسى 20ـ ئەسىر ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاش جىھازى ئارقىلىق يەتكەن نەتىجىسىگە تەڭ كېلىدۇ، دەيدۇ.
-
ماتېماتىك دېكارت - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-30
دېكارت
[笛卡儿 Rene Descartes مىلادى 1596-يىلىدىن 1650-يىلىغىچە ياشىغان]
فرانسىيە پەيلاسوپى، فىزىكى، ماتېماتىكى، ئانالىتىك گېئومېترىيىنىڭ ئىجاتچىسى. دېكارتنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مېتودولوگىيە»، «مېتافىزىكىلىق خىياللار»، «پەلسەپە پرىنسىپلىرى»..... قاتارلىقلار بار. «مېتودولوگىيە» نىڭ ئاخىرىغا «سۇنغان نۇرلار»، «ئاقار يۇلتۇزلار ھەققىدە»، «گېئومېترىيە» دىگەن ئۈچ پارچە قوشۇمچە قىلىنغان. «گېئومېترىيە» قىسمىدا ھەركەتتىكى بىر نۇقتىنىڭ كوردىناتى چۈشەنچىسى تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلۇپ، ئانالىتىك گېئومېترىيە ئىجات قىلىنغان. «گېئومېترىيە» جەمئىي 3 توم بولۇپ، 1-تومدا سىزغۇچ ۋە سىركۇل ئارقىلىق شەكىل ياساش مەسىلىلىرى؛ 2-تومدا ئەگرى سىزىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى؛ 3-تومدا ستېرېئولۇق ۋە ھىپېر ستېرېئولۇق جىسىملارنى ياساش بايان قىلىنغان. 3-تومدا ئەمەلىيەتتە، تەڭلىمە يىلتىزلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئالگېبرالىق مەسىلىلەر، بۇنىڭ ئىچىدە تەڭلىمە كوئېففىسېنتلىرىنىڭ ئىشارىسى بىلەن مۇسبەت، مەنپى يىلتىزلارنىڭ سانى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى تەڭلىمىلەر نەزەرىيىسىدىكى «دېكارت مۇسبەت، مەنپى ئىشارىلەر قائىدىسى» دىن ئىبارەت. دېكارتنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى ئارىفمېتىكا، ئالگېبرا، گېئومېترىيىلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئومۇمىي ماتېماتىكىنى تۇرغۇزۇش. ئۇ ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيىدىكى مېردىئان ۋە پاراللىل سېستىمىسىدىن چىقىپ، تەكشىلىكتىكى نۇقتا بىلەن ھەقىقىي سانلار جۈپى (x,y) نىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئىككى ئۆزگەرگۈچىلىك تەڭلىمە F(x,y)=0 نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلگىرى قارىمۇ-قارشى بولغان «سان» بىلەن «شەكىل» دىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات ئوبىكتىنى بىرلەشتۈردى ھەمدە ماتېماتىكىغا «ئۆزگەرگۈچى مىقدار» نى كىرگۈزۈپ، ماتېماتىكا تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ئېنگېلس ئۇنىڭغا يۇقۇرى باھا بېرىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: «دېكارتنىڭ ئۆزگەرگۈچى مىقدارى ماتېماتىكىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۆزگەرگۈچى مىقدار بىلەن ھەركەت ماتېماتىكىغا كىردى، دىئالېكتىكا ماتېماتىكىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالمۇ دەرھاللا زۆرۈر بولۇپ قالدى». -
ماتېماتىك رىمان - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-27
رىمان
Bernhard Riemann 黎曼
رىمان 1826-يىلىدىن 1866-يىلىغىچە ياشىغان. گېرمانىيە ماتېماتىكى، رىمان گېئومېترىيىسىنىڭ ئىجاتچىسى، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلەر فۇنكسىيىسىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. رىمان «گېئومېترىيە ئاساسىدىكى پەرەزلەر» نى بوشلۇق چۈشەنچىسىگە كېڭەيتىپ، گېئومېترىيىنىڭ يەنە بىر كەڭ ساھەسى ــــ رىمان گېئومېترىيىسىنى يارادتقان. بىر قىممەتلىك ئانالىتىك فۇنكسىيىنى كۆپ قىممەتلىك ئانالىتىك فۇنكسىيىگە كېڭەيتكەن، «رىمان سىرتى» دىن ئىبارەت مۇھىم چۈشەنچىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەرنىڭ گېئومېترىك ئاساسىنى تىكلەپ، «رىمان ـــ لوخ تېئورېمىسى» غا ئىگە بولغان. ترىگونومېترىك قاتارلار نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئىنتېگرال نەزەرىيىسىنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ھازىرقى زامان ئانالىتىك سانلار نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلەپ، بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەڭ بۇرۇن رىمان تەكشىلىكى دىگەن چۈشەنچىنى كىرگۈزۈپ، ھازىرقى زامان توپولوگىيىسىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. كونفورم ئەكس ئەتتۈرۈش، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيە، كۆپ دەۋرلىك فۇنكسىيە ۋە شۇنىڭدەك خۇسۇسىي دىففىرېنسىئال تەڭلىمە، سانلار نەزەرىيىسى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىجادىي خاراكتىرلىق تۆھپىلەرنى قوشقان. -
ماتېماتىك گائوس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-27
گائۇس
Carl Friedrich Gaus 高斯
گائۇس 1777-يىلىدىن 1855-يىلىغىچە ياشىغان گېرمانىيە ماتېماتىكى، فىزىكى، ئاسترونومى. گائۇس خېلى بۇرۇنلا سانلار نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى «ئارىفمېتىكا» دىگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھىپېرگىئومېترىك قاتارلار، كومپلېكس ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى، ستاتىستىكىلىق ماتېماتىكا، ئېللىپىسلىق فۇنكسىيىلەر نەزەرىيىسى جەھەتلەردە تۆھپىلىرى بار. گائۇسنىڭ «سىرتلار ئۈستىدىكى ئومۇمىي تەتقىقات» دىگەن ئەسىرى يېقىنقى زامان دىففېرېنسىئال گېئومېترىيىسىنىڭ باشلىنىشى بولغان. گائۇس غەيرى ئېۋكلىد گېئومېترىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن پاكىتلار ئۇنىڭ ئىجاتچىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گائۇس ئەڭ كىچىك كۋادراتلار ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان ھەمدە پوتېنسىئال نەزەرىيىسىنى لاپلاسنىڭ تەپەككۇر ئۇسلۇبى بويىچە داۋاملىق راۋاجلاندۇرغان. ئۇنىڭ فىزىكا، ئاسترونومىيە، گېئودىزىيە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ناھايىتى زور تۆھپىلىرى بار. ئۇ مۇۋازىنەت ھالەتتىكى سۇيۇق جىسىملار نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگەن. يەر ماگنىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى تەتقىق قىلغان. گېرمانىيىلىك فىزىك ۋېبىر (Wilhelm Eduart Weber 1804 ـــــ 1891-يىللار) بىلەن بىرلىكتە ئېلىكتىر ماگنىتىزمنىڭ گائۇس بىرلىكىنى تۇرغۇزغان. گائۇس ئۆزىنىڭ پلانېتلار ئوربىتىسىنى ھىسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ كىچىك كۋادراتلار ئۇسۇلى بويىچە، ئىتالىيە ئاسترونومى پىئاز (1746 ــــ 1826) بايقىغان سېرپرا يۇلتۇزىنىڭ ئوربىتىسىنى ھىسابلىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قۇياشنى كونۇس كەسمىلىرى بويىچە ئايلىنىش ھەركىتى نەزەرىيىسى» دىگەن كىتابنى يازغان. بۇلاردىن باشقا گائۇسنىڭ يەنە ۋېكتورلار ئانالىزى توغرىسىدىكى گائۇس تېئورېمىسى، ئالگېبرالىق ئاساسلىق تېئورېمىلارنىڭ ئىسپاتى، مۇنتىزىم ئون يەتتە تەرەپلىكنى ياساش، نورمال تەقسىماتنىڭ مۇنتىزىم ئەگرى سىزىقى توغرىسىدا، تۈپ سانلار تېئورېمىسىدىكى ھىسابلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بار.
-
ماتېماتىك ياكوب بېرنوللى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-27
ياكوب بېرنوللى
ياكوب بېرنوللى [Jacob Bernoulli 雅各.伯努利 1654-1705]
شۋېتسارىيە ماتېماتىكى. بېرنوللىلار ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، (تأإةندصكص رامكىدىكى ياكوب Ⅰ). ۋارىئاتسىيىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى. لېيبنىز بىلەن بىرلىكتە دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرالدا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەرنىڭ ئىنتېگرالى مەسىلىسىدە تۆھپىسى بار. ياكوب بېرنوللى 1694-يىلى تۇنجى بولۇپ تىك بۇلۇڭلۇق كوئوردىنات بىلەن قۇتۇپ كوردىناتلاردىكى ئەگرىلىك رادىئۇسىنىڭ فورمۇلىسىنى بەرگەن، بۇ قۇتۇپ كوردىناتنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇ يەنە كاتېنارى (سىزىقى) مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لېمنىسكاتا ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان، لوگارىفمىلىق سپىرال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ھەر خىل ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ لوگارىفمىلىق سپىرال بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ياكوب بېرنوللى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئەڭ بۇرۇن تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «قىياس مىتودى» دېگەن ئەسىرى ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىدىكى «بېرنوللى تېئورېمىسى» ــــــ «چوڭ سانلار قانۇنى» نىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ يەنە مۇسىبەت پۈتۈن سانلار شارائىتىدا نيۇتۇن ئىككى ئەزالىقلار تېئورېمىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش- گۇرۇپپىلاش نەزەرىيىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. -
ئاتاقلىق ماتېماتىك فېرمات - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-06-24
فېرمات
Pierre Fermat 费尔马
فېرمات فرانسىيىنىڭ ئاتاغلىق ماتېماتىكى، 1601-يىلىدىن 1665-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ سانلار نەزەرىيىسى، ئانالىتىك گېئومېترىيە ۋە ئوپتىكا قاتارلىق ساھەلەردىمۇ تۆھپىلىرى بار. ئۇ سانلار نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان «فېرمات چوڭ تېئورېمىسى» 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە) ئەنگليە ماتېماتىكا ئالىمى ۋېللىس (安德鲁·怀尔斯) تەرىپىدىن ئارىدىن 357 يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئىسپاتلاندى. فېرمات ماكسىمۇم، مىنىمۇم قىممەتلەرنى تېپىش مەسىلىسىدە دىففېرېنسىئال ئىدىيىسىنى نيۇتون، لېيبنىزلاردىن خېلى بۇرۇنلا قوللانغان.
-
ئۇيغۇر ئالىمى فارابى ھەققىدە - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-05-31
فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى. فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى.
بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.
.
-
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (1) فارابى - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئۇلۇغ ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجىرىيىنىڭ 259 - يىلى ( مىلادى 870 - يىلى ) سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى فاراب ( ئوتتۇرا ) شەھىرىنىڭ ۋاسپىچ ھەربى قەلئەسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ 30 ياشقا كىرگىچە ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇركىي تىل - ئەدەبىياتى ۋە مۇزىكا سەنئىتىنى، شۇنداقلا پارىس تىلىنى پىششىق ئەگىلىدى. كىيىن باغدات شەھىرىگە بېرىپ، ئەبۇ بەكرى ئىبىن سىراجىدىن ئۇستازلىقىدا ئەرەپ تىلىنى ھەم خىرىستىئان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گىرىك تىلى ۋە لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، ھەرزان شەھىرىگە بېرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىددىن پەلسەپە، لوگىكا، تىبابەت نەزەرىيىسى، ماتىماتىكا، مۇزىكا ئۆگەندى ھەم كۆپلىگەن پەلسەپىۋى ئەسەر ۋە شىئېر يازدى. 921 - ، 922 - يىللىرى ھەرراندىن باغداتقا قايتىپ 20 يىل تۇرۇش جەريانىدا، ئەڭ نادىر ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىللە، يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىلمى سۆھبەت - مۇتالىئەلەردە بولۇش، دەرس لىكسىيە سۆزلەش بىلەن شوغۇللاندى.
فارابى ياشانغان چاغلىرىدا سىياسى ۋەزىيەت تۈپەيلى دەمەشىققە كىتىپ، ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇدەۋلەتىنىڭ زور ئىلتىپات كۆرسىتىشى ۋە ئۇستاز تۇتىشىغا نائىل بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھەلەپ، دەمەشىق، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن تۇنۇشۇپ، ئىلمى مۇنازىرە، لىكسىيەلەردە يۇقۇرى شۆھرەت قازىنىپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. بەزى تارىخى مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە، فارابى سامانىيلا دۆلىتىدە << ئەتتالىم ئەسسانى >> ( ئىككىنچى تەلىمات ) مەشھۇر كىتابنى يېىزىپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىيلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئىبنى نوھقا تەقدىم قىلغانلىقى، مەنسۇر ئىبنى نوھنىڭ بۇ كىتابتىن سۈيۈنۈپ، فارابىغا ئارستوتىلدىن كىيىنكى << ئىككىنچى >> ئۇستاز دەپ شۆھرەتلىك نام بەرگەنلىكى مەلۇم. -
ﺟﺎﻫﺎﻥ ماتىماتىكا تارىخىدىكى گېگانت-ئەيلېر - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-27
ئەيلېر 1707- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى شېۋىتسارىينىڭ باسېل شەھرىدە تۇغۇلغۇپ، 1783-يىلى 9 ئاينىڭ18- كۇنى روسىينىڭ پېتىر بۇرىگ (ھازىرقى لېنىن گىرات ) شەھىرىدە ۋاپات بولغان . ئەيلېر ، دۇنيا تارىخىدىكى ئارخىمىد ، نىيوتون ، گاۇس لار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ئەڭ مەشھۇر ماتېماتېكلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ بىلىمى ، پۈتمەس _تۈگۇمەس ئىجادىي كۈچى ، مول مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۇرىدۇ .
ئەيلېر 19 يېشىدىن 76 يېشىغىچە بولغان 50 نەچچە يىل جەريانىدا ، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان .ھازىر ماتېماتېكىىنىڭ ئەيلېرنىڭ نامى ئاتالمايدىغان تارمىقىنى يوق دېسكمۇ بۇلىدۇ. ماتېماتېكىنىڭ ئېلمېنتار گېومېتىريىدىكى ئەيلېر سىزىقلىرى ، كوپ ياقلىقلار ھەققىدىكى ئەيلېرتىورمىسى ، ئانالىتىك گىومېتىريىدىكى ئەيلېر ئالماشتۇرۇش فورمىلىسى،تۆتىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يېشىشنىڭ ئەيلېر ئۇسۇلىدىن تارتىپ تاكى سانلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فۇنكىسىيسى ،دېففىرىنسىال تەڭلىمىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى ،قاتارلار نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تۇراقلىق سانى،ۋارىاتسىيە نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر تەڭلىمىسى،كومپىلىكىس ئارگىمىنۇتلۇق فۇنكىسىيىلەر نەزەرىيىسىدىكى ئەيلېر فورمۇلىسى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەيلېر نامى بىلەن ئاتالغان نەتىجىلەر زامانىمىزغىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. -
دۇنيا دىكى تۆت ئۇلۇغ ماتىماتىك - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-04-26
دۇنيا دىكى تۆت ئۇلۇغ ماتىماتىك :
نيوتۇن - (Sir Isaac Newton ، 艾萨克·牛顿爵士 ) ئەنگىليىلىك ، 1643- 1727-يىللار ،
تۆھپىلىرى : نىيۇتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى ، ئالەملىك تارتىش كۈچى ، ئوپتىكا جەھەتتىكى ،نۇرنىڭ سۇنۇشى ،قايتىشى ، دىففىرىنسئال ۋە ئىنـتگرال (微积分)
ئارخىمىد- (مىلادىدىن ئىلگرىكى 287-يىلى سىتسىليەدە تۇغۇلغان ،مىلادىدىن ئىلگرىكى 212-يىلى شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتكەن . )
مەشھۇ ر ئارخىمىد سپرالى تەڭلىمىسىنى ρ=α×θ نى ئىجات قىلغان ، پىشاڭ پىرنسىپىنى ، ئارخىمىد تەڭلىمىسنى ئىجات قىلغان . كوپىرنىكتىن 1000يىللار ئىلگرىلا يەر شارىنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى ،قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىنقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
گائۇس( Johann Carl Friedrich Gauss گىرمانىيىلىك، 1777-يىلى تۇغۇلغان ) باشلانغۇچ دەرسلىكدىكى ھىلقى 1دىن 100گىچە سانلارنىڭ يىغىندىسنى ناھايىتى تىزلا ھىسابلاپ چىققان 11ياشلىق بالا . بۇ دەل تەڭ ئايرىمىلىق سانلار قاتارىنىڭ يىغىندىسنى ھىسابلاش فورمۇلىسى ، ئىسىڭىزدە بولسا بىز بۇنى تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈگەنگەن ...
يۇلا ( Leonhard Euler ، شىۋىتسىيلىك ، 1707- 1783-يىللار . ) e^ix =cos x + isin x نى ئىجاد قىلغان . -
مۇشۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياش ماتېماتىكا ئالىمى ئابدۇرېشىت ئابدۇۋېلى بىلەن بولغان سۆھبەت بېرىلدى. بۇ پروگرامما 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، پروگرامما سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆپ ئۆتمەي، سۈرەتكە ئېلىش سورۇنىغا قاتناشقان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى يۈرەك سۆزلىرىنى خەت ئارقىلىق رىياسەتچىگە يوللىغان، بۇ خەت مەلۇم يوللار بىلەن قولىمىزغا چۈشكەن ئىدى، بۇ يەردە شۇ خەتنى ئەينەن بەردۇق:
-
دوكتور رەھىم ئايىتبايېۋ ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ ئوقۇشتىن كېيىن شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان، ھازىر ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتى مىتاللورگىيە ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.ئۇيغۇر تىلى ، ئېنگىلىز تىلى ۋە روس تىللىرىغا پىششىق.
خىزمەت تارىخى:
2001 -يىلى 8- ئايدىن بېرى -- ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا مىتاللورگىيە تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى، مۇئاۋىن فىراپپىسور . }
2000- يىلى 5 - ئايدىن 2001- يىلى 5 ئايغىچە، ئامېرىكا < Colorado > مەكتىپى ماتېماتىكا ۋە كومپىيوتېر تېخنىكىسى بويىچە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىسى .
1999- يىلى 8- ئايدىن 2000 -يىلى 5 ئايغىچە ئامېرىكا فلورىدا ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپلىك مۇئاۋىن فىراپپىسور
1998- يىلدىن 1999-يىلغىچە فىلورىدا مېتالورگىيە ئۇنىۋېرسىتىدا ماتېماتىكا ۋە كومپىيوتېر ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان
1994- يىلدىن 1997- يىلغىچە كېنتاكى ئۇنىۋېرسىتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
1992- يىلدىن 1994- يىلغىچە ئامېرىكا كېنتاكى ئۇنىۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتىدا ئوقۇتۇش ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
1988- يىلدىن 1989- يىلغىچە قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتىدا مېخانىكا فاكۇلتىدا ياردەمچى لېكتور ۋە قوللىنىش ئىلمى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. -
پىفاگور ئۆگۈتلىرىدىن پارچە - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-02-15
ئەي ئەزىز، سەن دائىم پازىل كېشىلەر بىلەن دوسلاشقىن ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىنى ئىزدە، ئۆز نەپسىڭنى كۆپ يېيېشتىن ئاسرا! ، غەزەپلىنىشتىن ، كۆپ ئۇخلاشتىن ، قەبىھ ئىشلاردىن قاچ ! ئۆلۇمنى دائىم يادىڭدا تۇت ۋە شۇنىڭغا بېقىپ ئىش قىل ، كەسىپ ۋە مەھىشەتتە ئوتتۇرچە يول تۇت!
__ ھەر كىم دوست تۇتۇشقا قادىر بولمىسا ، دۇشمەنگە قارشى ئىش تۇتۇشقا ھەم ئاجىز كىلىدۇ . كىشىنى سۆزىگە قاراپ ئەمەس ، ئىشىغا قاراپ بىلىشكە بولىدۇ .
پىفاگور. «ئەدەپنامە» دىن ئىلىندى__ -
ماتېماتىك ئۆمەر ھەييام - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2009-02-14
(ئۆمەر ھەييام( 1040- 1123
نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، ماتېماتىك, شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىيلىقىدا « مالىك شاھ ئاسترونومىيىلىك جەدۋىلى » نى ئىشلەپ ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن . ئۇ «ھېساب مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى » « ئارفىمېتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان