-
ئوخشىمايدىغان بىرىنى تىپىپ بىقىڭ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2011-01-25
تۆۋەندىكى تۆت سۇرەتتە بىرسى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، سىز تىز سۇرئەتتە ئۇنىڭغا ھۆكۇم قىلالامسىز.
-
لوگىكىلىق تېپىشماق: خۇراپىي باشلىق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-10-21
Fisher ئەپەندى بىر چوڭ شىركەتنىڭ كەچلىك دەرۋازىۋەنى ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شىركەتنىڭ باش لىدىرى Fisher ئەپەندىگە: " مەن سودا ئىشلىرى ئۈچۈن نورۋېگىيەگە بارماقچىمەن، ئەتە Heathrow ئايدىرومىدىن يولغا چىقىمەن. مەن قايتىپ كەلگۈچە شىركەتنىڭ ئامانلىق ئىشىلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭ." دېدى. Fisher ئەپەندىم باشلىقىغا قاراپ " قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نورۋېگىيەگە سىز چوقۇم كېمە بىلەن بېرىڭ " دېدى.
" مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىمەن؟ " دەپ سورىدى باشلىق .
" مەن ئاخشام چۈشۈمدە سىز نورۋېگىيەگە بارىدىغان سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئايرۇپىلاننىڭ قونۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ھەممە ئادەملارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا بۇ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرماي، كېمە بىلەن مېڭىڭ " دېدى Fisher ئەپەندىم.
بۇ شىركەتنىڭ باشلىقى خۇراپىيراق بولغاچقا، كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ قارارىنى دەرھال ئۆزگەتىپ كېمە بىلەن مېڭىش قارارىغا كەلدى. باشلىق نورۋېگىيەگە يېتىپ بارغان چاغدا كىشىلەردىن ھېلىقى ئايرۇپىلاننىڭ راستىنلا چۈشۈپ كېتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن باشلىق ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ، Fisher ئەپەندىنى چوڭ مۇكاپاتلىدى ھەم شۇ ئانلا Fisher ئەپەندىنى ئىشتىن بۇشاتتى. باشلىق نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ -
سىز ئەزەلدىنلا بېرىپ باقمىغان بىر يېزىغا ساياھەتكە بارماقچى. ئالدىڭىزدا ئاچا يول بارئىدى. بۇ يولدا ئىككى يول بار بولۇپ بۇ يولنىڭ پەقەت بىرسى بىلەنلا سىز بارماقچى بولغان يېزىغا بارغىلى بولىدۇ. سىز قايسى يول ئىكەنلىكى بىلمەيسىز. بەختىڭىزگە يارىشا بۇ ئاچا يولدا ئىككى كىشىنىڭ ئولتۇرغانلىقى كۆردىڭىز. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇلارنىڭ بىرسى ھەر ۋاقىت يالغان گەپ قىلىدىغان كىشى ئىدى، يەنە بىر بولسا ھەر ۋاقىت راسىت گەپ قىلىدىغان كىشى ئىدى. سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ راست گەپ قىلىدىغانلىقىنى قايسىسىنىڭ يالغان گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەيتىڭىز. بۇ كىشىلەرمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئىدى. سىزگە بۇلارنىڭ پەقەت بىرسىدىن پەقەت بىرلا سۇئال سورىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىندى. ئۇنداق بولسا سىز قايسى سوئالنى سورىغاندا كەنتكە ماڭىدىغان توغرا يولنى بىلەلەيسىز؟
-
ئوخشاش بولمىغان 5 خىل رەڭلىك 5 ئۆي بار. ھەر بىر ئۆيدە ئۆي ئىگىسى ۋە ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشى تۇرىدۇ. 5 ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەر بىرى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ماركىلىق تاماك چېكىدۇ، ھەم ھەر قايسىسى بىردىن ئوخشاش بولمىغان ھايۋان باقىدۇ. ئۆي ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى باققان ھايۋان بىلەن ئوخشاش ھايۋىنى بار، چەككەن تاماكىسىنىڭ ماركىسىمۇ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى چەككەن تاماكىنىڭ ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئۆي ئىگىسى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى ئىچىملىك ئىچىدۇ.
-
زىيان قانچىلىك؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-08-25
بىز بىرلىكتە تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ تارتقان زىينىنى ھىساپلىشىپ بېرەيلى.
بىر كۈنى تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ كەلگەن بىر يىگىت كىچىك تىپتىكى يانچۇق ئۇنئالغۇسىنى ياقتۇرۇپ قالدى. بۇ ئۈنئالغۇنىڭ توپ ئەكىرىش باھاسى 18 يۈەن بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 54 يۈەن دەپ يېزىلغان ئىدى.
نەتىجىدە بۇ يىگىت يانچۇقىدىن پۈتۈن 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ بۇ ئۈنئالغۇنى سېتىۋالدى. تۇرداخۇن ئۇستامنىڭ پارچە پۇلى قايتۇرۇشقا چىقىشمىغاچقا، ئۇ خوشنىسىدىن پارچە پۇل تېگىشىپ چىقىپ، ھېلىقى يىگىتكە 46 يۈەن پۇلنى قايتۇردى.
بىراق كېيىن خوشنىسى ھېلىقى 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ ساختىلىغىنى بايقاپ قالغاچقا، تۇرداخۇن ئۇستام ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا 100 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
سۇئال: تۇرداخۇن ئۇستام بۇ قېتىملىق سودىدا جەمئىي قانچە يۈەن زىيان تارتقان؟ -
ماتېماتىكىلىق تېپىشماق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-07-02
بەش خانىلىق بىر ساننى تېپىڭ ، ئۇنى 5 كە بۆلگەندىكى نەتىجە 1 بولسۇن.
بۇ بىر ئاددىي تېپىشماق، بىراق تەپەككۇرىڭىزنى راستىنلا چىنىقتۇرۇپ قويىدۇ.
-
قانۇنىيەتنى تاپالامسىز ؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2010-05-31
(1) 3, 0, 1, 5, 1, 5, 7, 2, 49, ?, ?, ?
(2) 1126311, 1225410, ?, 1423608, ?
(3) ?, 1819202122, 6061626364, 186187188189190, ?
(4) ZZ, 2, ZYZ, ZX, 2, ZUR, ZV, ?, ?
(5) 0, 5, -3, 5, -3, ?, 4, 3, 8, -4, 1, 3, ?, 7, 9, 6, ?, 8, 2, 3, 3, 5, 4, 7, 9
-
مەشھۈر ماتېماتىكا مەسىللىرى (1) - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-05-12
قۇلۇپ بىلەن ئاچقۇچ
ئوخشاپ كىتىدىغان 10 تال ئاچقۇچ ۋە ئېتىلگەن 10 قۇلۇپ بولۇپ ، ھەر بىر ئاچقۇچ پەقەت بىر قۇلۇپنىلا ئاچالايدۇ. قۇلۇپ بىلەن ئۇنىڭ ئاچقۇچىنى جۈپلاش ئۈچۈن، ئەڭ ئاز بولغاندا قانچە قىتىم ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سىلىپ ئىچىپ بىقىش كىرەك بولىدۇ ؟ -
ئاجايىپ كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا
2009-05-05
بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ سورىدى :
- دەرەختە ئون قۇش بولسا ، تاپانچا بىلەن بىرنى ئېتىۋەتسە قانچىسى قالىدۇ ؟
ئوقۇغۇچى ياندۇرۇپ سورىدى :
- ئاۋازسىز تاپانچا بىلەنمۇ ؟
- ياق .
- ئوق ئاۋازى قانچىلىك ؟
- 80 - 100 دېتسىبىل ئەتراپىدا .
- دېمەك ئوق ئاۋازى خېلى كۈچلۈك ئىكەن .
- بۇ شەھەردە قۇشلارنى ئېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ ؟ -
ﺯﯦﻬﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-05-04
1.ﯮﺧﺸﺎﺵ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻡ ﺑﺎﺭ .ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯬﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯸﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﺎﺭﻩﻙ ﺳﺎﯬﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺭﻩﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟
ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ : ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯰﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺷﺎﻣﻨﻰ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﯴﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ )ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻴﯩﻜﻰ ﯬﻣﺪﯨﮕﯩﭽﻪ ﻧﻪﻕ ﯮﻥ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻨﯩﯘﺕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ..
2.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﯮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﻪ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﻰ ﯮﭖ ﯮﺧﺸﺎﺵ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻼ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ(ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺗﺎﯕﭙﯘﯕﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﯜﭺ-- ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺗﯩﻪﻧﭙﯩﯔ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯰﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﯮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﯩﻨﻰ ﯪﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﯔ.
ﻗﯧﻨﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ!
3.ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﺍﻧﻪ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﻪ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ ، ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﻰ ﯮﭖ ﯮﺧﺸﺎﺵ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﯩﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯸﻐﯩﺮ .
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ(ﺑﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺳﯩﺸﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺗﺎﯕﭙﯘﯕﻠﻪﺷﺘﯘﺭﮔﯜﭺ-- ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ "ﺗﯩﻪﻧﭙﯩﯔ" ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ
ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﻜﻜﯩﻼ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯸﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﻩﻛﭽﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯔ.
ﻗﯧﻨﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ!
4.ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﯻﺸﭽﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻳﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ، ﯻﺶ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﯴﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻛﺎ ﯪﻟﺘﯘﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﺷﺘﯩﯖﯩﺰ ﺩﻩﻳﻠﻰ.
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻛﺎ ﯪﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯻﻜﻜﯩﻼ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ،ﯻﺸﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ؟
5.ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﻕ ﺗﯚﺕ ﻟﯩﺘﯩﺮ ﺳﯘ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﻳﻠﻰ ،
ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ، ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯴﭺ ﻟﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﯞﻩ ﺑﻪﺵ ﻟﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﻠﻪﻙ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯚﺕ ﻟﯩﺘﯩﺮ ﺳﯘﻏﺎ ﯸﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ؟
6.ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻠﻪﻙ ﻣﯩﯟﻩ ﯰﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﻳﻠﻰ.
ﯰﻧﯩﯔ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺭﻩﯕﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺟﻪﻣﻰ ﯴﭺ ﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ.
ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﯬﯓ ﯪﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻝ ﻣﯩﯟﻩ ﯰﻳﯘﺗﻤﯩﺴﻰ ﯪﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ، ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺭﻩﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯟﻩ ﯰﻳﯘﺗﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯻﻜﻜﻰ ﺗﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
7.ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﯪﻕ ﺭﺍﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺑﻠﯩﺖ ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯨﻦ ﺟﻪﻣﻰ10 ﻗﯘﺗﺎ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 10 ﮔﯩﺮﺍﻡ
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺩﺍﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ 9 ﮔﯩﺮﺍﻡ
ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ ﺑﺎﺭ .
ﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻢ-ﯪﻳﺮﯨﻢ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯘﺗﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟
ﯬﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ :
1.ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﯰﺳﯘﻟﺪﺍ ﯲﻟﭽﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ.
2.ﯻﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﺍ ﯪﺭﯨﻼﺵ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ.
8.ﺳﯩﺰﻧﻰ ﯬﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﻩﻳﻠﻰ ،
ﺳﻮﯪﻝ :
ﻧﯩﻤﻪ ﯴﭼﯜﻥ ﯬﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﺭﯗﺗﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﯮﯓ-ﺳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻼ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ، ﺑﻪﺵ ﯪﻳﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ؟
9.ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﺑﻠﯩﺖ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻗﯘﺗﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﺎﺭ .
ﯰﻧﯩﯔ ﯻﭽﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻨﯩﯔ ﯸﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮔﯩﺮﺍﻡ ﯪﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺗﺎﺭﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﺗﺎﺑﻠﯩﺘﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﺮﻻ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯮﻟﭽﻪﺵ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯘﺗﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟
10. 7 ﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ، 2 ﮔﯩﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮ ﺗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ ﺷﯩﻜﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﺍﺯﺍ ﺑﺎﺭ .
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﯬﺳﯟﺍﭘﻼﺭﻧﯩﻼ ﯴﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯻﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯪﺭﻗﯩﻠﯩﻖ
140 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﺗﯘﺯﻧﻰ 90 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﯞﻩ 40 ﮔﯩﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯻﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﯔ؟ -
ماتېماتىكىلىق تېپىشماق - پوپنىڭ ھىيلىسى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-05-04
بىر قېتىم بىر كېمە دېڭىزدا بورانغا دۇچ كېلىدۇ . شىددەتلىك دولقۇننىڭ زەربىسىدە كېمىنىڭ بىر قىسىم بۆلۈملىرى بۇزۇلۇپ ، قىيسىيىشقا باشلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى كىشىلەر كېمىدىكى تاشلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ . كېمىدىكى 25 يولۇچىنىڭ ئالدىدا ئىككى يول قالىدۇ .بىرى ، كېمىدىكى ھەممە كىشى كېمە بىلەن بىللە سۇغا غەرق بولۇش ، يەنە بىرى بىر قىسىم يولۇچىلارنى قۇربان قىلىپ ، دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنى يىنىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كېمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش . لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقراقىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى . شۇنداق بولسىمۇ كۆپچىلىك ئىككىنچى چارىنى ماقۇل كۆرىدۇ . ئەمما ھېچكىممۇ دېڭىزغا سەكرەشنى خالىمايدۇ . يولۇچىلار ئىچىدە خىرىستىئان دىنىدىكىلەردىن 10 كىشى ۋە بىر پوپ بار ئىدى . كۆپچىلىك بىردەك پوپنىڭ چارە تېپىشىنى تەلەپ قىلىشتى . ھىيلىگەر پوپ بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنى ھالقا شەكلىدە ئولتۇرغۇزۇپ ، ئۆزىدىن باشلاپ رەت بويىچە 3،2،1 دەپ ساناپ ، 3 نى سانىغان كىشىنى دېڭىزغا تاشلاشنى ، ئاندىن يەنە 1 دىن باشلاپ ساناپ ھەر قېتىم 3 دېگەن كىشىنى دېڭىزغا تاشلاشنى ئېيتىدۇ ھەمدە بۇنى ئاللانىڭ ئىرادىسى دەپ چۈشەندۈرۈپ ، كۆپچىلىكنىڭ تەغدىرىنى ئاللاھقا ۋاكالىتەن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ، بۇنىڭغا قارىشلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ . شۇنداق قىلىپ ، 14 كىشى دېڭىزغا تاشلىنىدۇ ھەمدە 10 خىرىستىئان مۇرىتى بىلەن ھىيلىگەر پوپ پۈتۈنلەي ساق قالىدۇ .
قورقۇپ جان - پېنى چىققان خىرىستىئان مۇرتلىرى ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن ، پوپنىڭ ھىيلە-مىكىر ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ .
قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ ، پوپ بۇ 10 كىشىنى قايسى ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇش ئارقىلىق دېڭىزغا تاشلىنىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان ؟
-
تېپىشماق : بىر يۇەن نەگە كەتتى؟ - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-02-23
ئۇلۇشكۇن ئۇچ « پىخسىق » دوستۇم ئۇرۇمچىگە بايراملىق ساياھەتكە كەلمەكچى بولۇپ ماڭا بىر ياتاق ئۇقۇشۇپ قويۇشنى تاپىلىغان ئىدى . ئۇلار ئىقتىساتچانلىق قىلىش ئۇچۇن ئۇچەيلەنگە پەقەت بىر ياتاق بولسا بولىدىغانلىقىنى ئىيىتتى ، شۇڭا مەن 30 يۇەنلىك ئەرزان ياتاقتىن بىرنى ئىلىپ قويدۇم ، ئۇنداقتا بىرەيلەنگە پەقەت 10 يۇەنلا توغرا كىلەتتى . ياتاق خوجايىنىدىن ئەرزان قىلىپ بىرىشنى ئۆتۇنسەم 30 يۇەنلىك ياتاقنى 25 يۇەنگە بەردى . مەن تاپان ھەققىم ئۇچۇن 2 يۇەننى ئىلىپ قىلىپ 3 يۇەننى تۇنۇگۇن ئۇلارغا بىر يۇەندىن بۆلۇپ بەرگەن ئىدىم .
-
تېپىشماق :ئۇچ خانىلىق سان كارتىسى - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-02-15
ئۇچ خانىلىق ساندىن ( 100،101،102،.......999) جەمئى 900 بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر سان كارتىسىغا يىزىپ ئۇچ خانىلىق سان كارتىسى تۇزۇشكە بولىدۇ.بەزى سان كارتىىلارنى يۇقۇرى-تۆۋەن ئۆرۇپ كۆرسەك يەنىلا ئۇچ خانىلىق سان كارتىسى بولىدۇ. ئالايلۇق،198يىزىلغان كارتىنى ئۆرۇپ كۆرسەك 861 دىگەن ئۇچ خانىلىق سان كارتىسى بولىدۇ، بۇنداق سان كارتىلىرىنى ئىككى سان كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش مۇمكىن، بىراق نۇرغۇن سان كارتىلىرىنى بۇنداق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، مەسىلەن : 531 .... قاتارلىقلار .
سۇئال : بارلىق ئۇچ خانىلىق سان كارتىلىرىنى بارلىققا كەلتۇرۇش ئۇچۇن ، ئەڭ ئاز بولغاندا جەمئى قانچە كارتا يېزىش كۇپايە قىلىدۇ؟
-
قەبرىدىكى تېپىشماق - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-02-06
ئۆتتى ئۆمرىنىڭ ئالتىدىن بىرى بالىلىقتا؛
يەنە ئۆتۇپ ھاياتىنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى
ساقال باستى يۇز - كۆزىنى؛
يەنە ئۆتۇپ يەتتىدىن بىرى
ئۆتكۇزدى ئۇ تەنتەنىلىك مۇراسىم؛
توي قىلىپ بەش يىل ئۆتۇپ،
ئىرىشتى بىر شاھزادىگە؛
ئەپسۇس، ياشاپ ئاتىسىنىڭ يىرىم يىشىنى ،
سەپەر قىلدى ئۇ ئالەمگە .
شۇندىن كىيىن ئاتا دىئوفانىت،
تۆت يىل ياشاپ ھەسرەت ئىچىدە،
ئۇمۇ كەتتى ئۇ ئالەمگە! -
دانىشمەنلەر ئىيىتقان تېپىشماقلار - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-01-30
ئىبىسېننىڭ تېپىشمىقى
مەن مۇنتىزىم تەربىيە كۆرمىگەن بولساممۇ ، تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئىنتايىن ئاددىي دەپ قارايمەن. لىكىن سىلەرنىڭ قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن.
..... ..... ..... 2 ، 1 ، 1 ، 1 ، 12 ، 1
لەرنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن، ئۇنىڭ داۋامىنى قانداق يېزىش كىرەك ؟
(ۋاقىت چېكى ئۈچ مىنۇت )
ئىبىسېن ( 1828-1906) نورۋېگىيىلىك دىرامماتۇرگ . ئۇ كىچىكىدە ۋەيران بولغان ئائىلىدە تۇغۇلغاچقا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان. 15 يىشىدا بىر دورا دۇكىنىدا شاگىرىت بولۇپ ئىشلىگەن. ئۆزلىگىدىن ساۋات چىقىرىپ ، 21 يېشىدىن باشلاپ سەھنە ئەسەرلىرىنى يىزىشقا باشلىغان. ئاخىرى شېكىسپىر ۋە موللېرلاردىن كىيىنكى دۇنياغا مەشھۈر درامماتۇرگ بولۇپ قالغان.