-
گېئومىتىرىك شەكىل سىزىش تاختىسى - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-10-26
تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قابىل ياردەمچىلىرىدىن بىرى بولغان گېئومىتىرىك شەكىل سىزىش تاختىسى دىتالى. بۇ دىتال ئارقىلىق قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان گېئومىتىرىك شەكىللەرنى ناھايىتى ئاسانلا سىزىپ چىققىلى،بۇ ئارقىلىق قىزىقتۇرۇش،ئىپادىلەش كۈچى ناھايىتى ياخشى بولغان دەرسلىك دىتالى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. دىتالنىڭ سىغىمى كىچىك 1 مېگابايتقىمۇ يەتمەيدۇ،بىراق ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش،دەرسلىك دىتالى تۈزۈش دىتاللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى دىتالنى چۈشۈرۈپ دىتالنىڭ نامى بويىچە بەيدۇ ياكى گوگۇلدىن دەرسلىكلىرىنى ئىزدىسىڭىز ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئازراقلا خەنزۇچە ساۋادىڭىز بولسا ئاسانلا ئۈگىنىپ كېتەلەيسىز،خەنزۇچىنى بىلمەيمەن دىسىڭىز «باغۋەن كومپىيۇتىر ئۈگىنىش دەرسلىكى»نى چۈشۈرۈپ يەشسىڭىز ئۇنىڭدا ئويغۇرچە دەرسلىكىمۇ بار.
-
چوت (سەنپەن) ۋە چوت سوقۇش - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-09-06
。
چوتنى جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن زامانلار ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش ئاساسىدا، تەخمىنەن14 - ئەسىر ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوت ھېسابلاش چوكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەڭ تارقىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ئەڭ ئومۇملاشقان ھېسابلاش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوت بىلەن ھېسابلاش چوت سوقۇش دېيىلىدۇ. جۇڭگودىن باشقا بەزى رايونلاردا چوت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىدى. قەدىمكى مىسىرلىقلار سودا - سېتىق قىلغاندا، يەرگە قۇم يېيىتىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىقچە سىزىپ، ئاندىن ئۇششاق تاشلارنى بۇ ئېرىقچىلارغا تىزىپ، ئېرىقچىلاردىكى تاشلارنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق قوشۇش، ئېلىشنى ئىشلىگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى چوت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن، ياۋروپالىق سودىگەرلەر ئېرىقچىسى بار تاختاينى قۇم ئورنىغا، مەخسۇس ياسالغان ئۇرۇقلارنى تاش ئورنىغا ئالماشتۇرغان. كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ ھېسابلاش تاختىسى ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان چوتقا ئاز - تولا ئوخشىغان. لېكىن، بۇ ھېسابلاش تاختىسى پولاتتىن ياسالغاچقا، ئېغىر ۋە قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربلىكلەردە قاپىيىلەشكەن ئاغزاكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئەپلىشىپ بەرمەي، بارا - بارا شاللىنىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردا چوت ھەربىر تاياققا10 ئۇرۇق ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ. -
فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېش قۇرالى - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-06-01
بۇگۇن تور ئارىلاۋىتىپ فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېشنىڭ بىر ياخشى قۇرالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ قۇرال توردا مەشخۇلات قىلىش قۇرالى بولۇپ ماڭا خېلى ياراپ قالدى . بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئۇچ ۋە تۆت ئۆلچەملىك شەكىللەرنى سىزغىلى بولىدىكەن.پارامېتىرلىق تەڭلىمە،تېرگونومېتىرىك تەڭلىمە ، تەتۇر تېرگونومىتېرىك تەڭلىمە، لوگارىفمىلىق تەڭلىمە،مۇتلەق قىممەتلىك تەڭلىمىلەرنى قوللايدىكەن، گېرافىكلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىختىيارى ئۆزگەرتىشكە ھەم ئايلاندۇرۇپ تەڭشەشەكە بولىدىكەن، شۇڭا دوسلارغا تەۋسىيە قىلدىم.