-
قېنى كىم تىز ھېسابلىيالايدۇ ؟ (1) - [ماتېماتىكىلىق تېپىشماقلار]
2009-01-14
قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىغان ؟
مەلۇم بىر كۇنى بىر ئوۋچى ئوۋغا چىقىپ كەچ ئۆيگە قايتىپتۇ .
ئايالى ئۇنىڭدىن :
___ سىز بۇگۇن قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىدىڭىز ؟ __ دەپ سوراپتۇ .
ئوۋچى جاۋابەن ؛
___ قۇيرۇقى يوقتىن توققۇز تۇياق ، يىرىمىدىن سەككىز تۇياق ، بىشى يوقتىن ئالتە تۇياق ئوۋلىدىم __ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ .
ئايالى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى دەرھاللا بىلىۋاپتۇ ( ئوۋچىنىڭ ئايالى ماتېماتىكىدا ياخشى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ - دە ! )
قېنى سىزمۇ دەپ بىقىڭ : ئوۋچى زادى قانچە تۇياق ئوۋ ئوۋلىدى ؟