-
1. كۆرسىتىپ يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئايلانغان، سەپەرگە ياكى سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا، بالىغا يولدىكى نومۇر كۆرسەتكۈچ، دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسى ۋە ئېلان تاختىسىنى كۆرسىتىڭ. كۆرگەن رەقەملەرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇتۇڭ. بۇنداق قىلسا، بالىدا يەسلىگە كىرىشتىن ئىلگىرىلا رەقەم چۈشەنچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، ئۆچىرەتتىكى ئادەملەرنى ساناش، ئۆيگە قايتقاندا دەل - دەرەخلەرنىڭ سانىنى ساناش ياكى بىناغا چىققاندىمۇ بالا بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەينى ساناشنى ئۇنتۇماڭ.
2. ئاڭلاش، سوراش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بەزى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى دوستلار ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى تىزىۋېلىپ، تەرتىپ بويىچە ئۇلارغا تېلېفون ئۇرغۇزۇڭ، سىز بالىڭىزغا تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇپ بېرىپ تېلېفوننى بالىڭىزغا ئۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ. بالىڭىز ئۈنلۈك ھالدا قەغەزدىكى تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇسا، سىز تېلېفون ئۇرۇشقا مەسئۇل بولسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ئۆي ۋە بوۋا، مومىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئەستە ساقلىشىغا دىققەت قىلىڭ. بالىغا تەرتىپسىز رەقەملەر گۇرۇپپىسىنى ئەستە ساقلاشنى مەشىق قىلدۇرۇڭ.
3. قول سېلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالا ئۆيدە ئويناۋاتقاندا، ھەر بىر ھوجرىدىكى ئۆي جاھازىلىرىنى كۆزىتىشكە، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا يېتەكلەڭ.
ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا بالىڭىزنى گىئومېتىرىيىلىك ئاساسىي ئۇقۇمنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەڭ. مەسىلەن، 4 تەرەپلىك، 3 بۇلۇڭ، چەمبەر ۋە 5 تەرەپلىك قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز يەنە بالىڭىزغا 2 ئۈچ بۇلۇڭنىڭ بىرىكىپ بىر تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، بىر دانە چەمبەرنى 2 دانە يېرىم چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئويۇنغا تەۋە تۈرلەر، مەسىلەن، ئۆيدىكى لۆڭگە، مۇنچا لۆڭگىسى، قول ياغلىق قاتارلىقلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بالىڭىزنى ئوخشاش بولمىغان رەڭ ۋە چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىغۇزۇڭ. مەسىلەن، سىز كۆك رەڭ گۇرۇپپىسى قانچىلىك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سوراش ئارقىلىق بالىڭىزنى سانىغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى جاۋابقا ئىگە قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنى 2 تال كۆك رەڭلىك لۆڭگە، بىر دانە قول ياغلىق ۋە 3 جۈپ كۆڭ رەڭلىك پايپاق بولۇپ، كۆك رەڭ گۇرۇپپىسىدا جەمئىي 6 تال نەرسە بار، دېگەنلەرگە ئوخشاش. -
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2009-03-21
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا، خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئۇل سالدى. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن:
1. ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ماتېماتىكا دەرس ئۆلچىمى››نى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆلچەم بىلەن دەرسلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا دەرسلىك ئىنتايىن مۇقەددەس بولۇپ، دەرسلىكتە نېمە بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەزمۇننى يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىناتتى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ‹‹دەرس ئۆلچىمى›› پەقەت دەرسلىككە نىسبەتەن يېتەكچىلىك رولىنىلا ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆلچىمىنى پىششىق ئىگىلەپ، دەرسلىكنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كېڭەيتىشى ياكى قىسقارتىشى، دەرسلىكنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.
2. مۇۋاپىق دەرسلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بىر سائەتلىك دەرس نۇرغۇن قەدەم – باسقۇچلار ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ياخشى ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوقۇتۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس پىلانى تۈزگەندە، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە يېڭى، ئىجادىي ئۇسۇللارنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان، جەلپ قىلالايدىغان قىلىپ پىلانلىشى، دەرس سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشى كېرەك.
-
بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2009-02-05
بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى
ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش جەريانىدا تىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشتىن سىرىت ، زور مىقتاردىكى غەيرى نۇتۇق ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ، جۇملىدىن بەدەن تىلىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانسا ، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشتە تېخىمۇ ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشەلەيدۇ .
بەدەن تىلى دېگىنىمىز ___ ئوقۇتقۇچىنىڭ قول ئىشارىتى ، بەدەن قىياپىتى، چىراي ئىپادىسى ۋە كۆز ھالىتى قاتارلىق مەلۇم ئۇچۇر يەتكۇزۇپ ئالاھىدە مەنا ئىپادىلەيدىغان بىر يۇرۇش « بەلگىلەر سېستىمىسى » دىن ئىبارەت .ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇنى تىل بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ ياكى ئايرىم ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز - ئار چۇشۇنۇش ، ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ، بىلىم بىرىش ۋە بىلىم ئىلىش قاتارلىق ئالاقە جەريانىدا بەدەن تىلى ئۆزىگە خاس پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوقۇتۇش جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشەنچىگە تولغان نۇرلۇق كۆزلىرى ، تەبەسسسۇملۇق چىرايى ، مۇئايەنلەشتۇرۇش خاراكتېردىكى بۈاش لىڭشىتىشى ئوقۇغۇچىلارغا زور روھىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئۇنۇملۇك باشقۇرۇش ئۇچۇن باش، قول ئارقىلىق مۇناسىپ كۆرسەتمە ئىشلىشى ، دەرىسنى لىكسىيە قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ، ئالاھىدە ئىما- ئىشارەت ياردىمىدىن پايدىلىنىپ چۇشەندۇرۇش قېيىن بولغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلىپ ، ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش مەقسىتىگە يېتىشى تولىمۇ زۆرۇر.