-
ماتېماتىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2010-08-08
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ھەر بىر سائەتلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى شۇ دەرسنىڭ ئۆزىدە بىلدۈرۈش بىلەن بىللە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر:
1. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى كېرەك. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىدىكى يۈزەكى تەھلىللىرىنى پىششىقلاپ، ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكىدا ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆتۈلگەن دەرسنى دەرسخانىنىڭ ئۆزىدە ئىگىلىتىپ، مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.2. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ماتېماتىكا دەرسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىغا باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئوبدان قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئۇنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ماتېماتىكىلىق شەكىل، ئىسخېما، ھەرىكەت ۋە ئاۋاز قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى بەزى ئابستراكت ئۇقۇم، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق ۋە بىۋاسىتە نامايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم. -
1. كۆرسىتىپ يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ بازار ئايلانغان، سەپەرگە ياكى سىرتلارغا ساياھەتكە چىققاندا، بالىغا يولدىكى نومۇر كۆرسەتكۈچ، دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسى ۋە ئېلان تاختىسىنى كۆرسىتىڭ. كۆرگەن رەقەملەرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇتۇڭ. بۇنداق قىلسا، بالىدا يەسلىگە كىرىشتىن ئىلگىرىلا رەقەم چۈشەنچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، ئۆچىرەتتىكى ئادەملەرنى ساناش، ئۆيگە قايتقاندا دەل - دەرەخلەرنىڭ سانىنى ساناش ياكى بىناغا چىققاندىمۇ بالا بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەينى ساناشنى ئۇنتۇماڭ.
2. ئاڭلاش، سوراش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بەزى بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى دوستلار ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى تىزىۋېلىپ، تەرتىپ بويىچە ئۇلارغا تېلېفون ئۇرغۇزۇڭ، سىز بالىڭىزغا تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇپ بېرىپ تېلېفوننى بالىڭىزغا ئۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ. بالىڭىز ئۈنلۈك ھالدا قەغەزدىكى تېلېفون نومۇرىنى ئوقۇسا، سىز تېلېفون ئۇرۇشقا مەسئۇل بولسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالىنىڭ ئۆي ۋە بوۋا، مومىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئەستە ساقلىشىغا دىققەت قىلىڭ. بالىغا تەرتىپسىز رەقەملەر گۇرۇپپىسىنى ئەستە ساقلاشنى مەشىق قىلدۇرۇڭ.
3. قول سېلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش باسقۇچى بالا ئۆيدە ئويناۋاتقاندا، ھەر بىر ھوجرىدىكى ئۆي جاھازىلىرىنى كۆزىتىشكە، ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشقا يېتەكلەڭ.
ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا بالىڭىزنى گىئومېتىرىيىلىك ئاساسىي ئۇقۇمنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەڭ. مەسىلەن، 4 تەرەپلىك، 3 بۇلۇڭ، چەمبەر ۋە 5 تەرەپلىك قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىز يەنە بالىڭىزغا 2 ئۈچ بۇلۇڭنىڭ بىرىكىپ بىر تۆت تەرەپلىكنى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، بىر دانە چەمبەرنى 2 دانە يېرىم چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ئويۇنغا تەۋە تۈرلەر، مەسىلەن، ئۆيدىكى لۆڭگە، مۇنچا لۆڭگىسى، قول ياغلىق قاتارلىقلارنى بىر يەرگە يىغىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بالىڭىزنى ئوخشاش بولمىغان رەڭ ۋە چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىغۇزۇڭ. مەسىلەن، سىز كۆك رەڭ گۇرۇپپىسى قانچىلىك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سوراش ئارقىلىق بالىڭىزنى سانىغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى جاۋابقا ئىگە قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنى 2 تال كۆك رەڭلىك لۆڭگە، بىر دانە قول ياغلىق ۋە 3 جۈپ كۆڭ رەڭلىك پايپاق بولۇپ، كۆك رەڭ گۇرۇپپىسىدا جەمئىي 6 تال نەرسە بار، دېگەنلەرگە ئوخشاش. -
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ساپا مائارىپىدىكى رولى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە بەلگىلىك رولى بار. مەن ئۇنىڭ بىر قانچە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىكەن.
1. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتەردى2.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىكى مول ئۇچۇر مەنبەسى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېشىل چىراق ياقتى.
3.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتېماتىكا دەرسخانا ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى مول مەزمۇن بىلەن تەمىن ئەتتى.
4.يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. -
تەبىئەتتىكى ماتېماتىكا - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-06-01
-
فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېش قۇرالى - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-06-01
بۇگۇن تور ئارىلاۋىتىپ فۇنكىتسىيىنىڭ گىرافىكىنى سىزېشنىڭ بىر ياخشى قۇرالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ قۇرال توردا مەشخۇلات قىلىش قۇرالى بولۇپ ماڭا خېلى ياراپ قالدى . بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ ئۇچ ۋە تۆت ئۆلچەملىك شەكىللەرنى سىزغىلى بولىدىكەن.پارامېتىرلىق تەڭلىمە،تېرگونومېتىرىك تەڭلىمە ، تەتۇر تېرگونومىتېرىك تەڭلىمە، لوگارىفمىلىق تەڭلىمە،مۇتلەق قىممەتلىك تەڭلىمىلەرنى قوللايدىكەن، گېرافىكلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىختىيارى ئۆزگەرتىشكە ھەم ئايلاندۇرۇپ تەڭشەشەكە بولىدىكەن، شۇڭا دوسلارغا تەۋسىيە قىلدىم.
-
ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟ - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2009-05-04
-
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش لازىم - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2009-03-21
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ۋاسىتىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا، خاسلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئۇل سالدى. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىنى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن:
1. ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ماتېماتىكا دەرس ئۆلچىمى››نى پىششىق ئىگىلەپ، ئۆلچەم بىلەن دەرسلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشتا دەرسلىك ئىنتايىن مۇقەددەس بولۇپ، دەرسلىكتە نېمە بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ مەزمۇننى يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىناتتى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ‹‹دەرس ئۆلچىمى›› پەقەت دەرسلىككە نىسبەتەن يېتەكچىلىك رولىنىلا ئوينايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆلچىمىنى پىششىق ئىگىلەپ، دەرسلىكنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق كېڭەيتىشى ياكى قىسقارتىشى، دەرسلىكنى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.
2. مۇۋاپىق دەرسلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بىر سائەتلىك دەرس نۇرغۇن قەدەم – باسقۇچلار ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ياخشى ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر سائەتلىك دەرسنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئوقۇتۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس پىلانى تۈزگەندە، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە يېڭى، ئىجادىي ئۇسۇللارنى سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايدىغان، جەلپ قىلالايدىغان قىلىپ پىلانلىشى، دەرس سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي ئازايتىشى كېرەك.
-
ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۇل سۆزۇم بار - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-22
ئالدى بىلەن سۆزۇمنى يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغانلارغا ۋە بولماقچى بولغانلارغا ئىيتىۋالاي .......
مەن 20 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بولدۇم . مۇشۇ جەرياندىكى خىزمەت تەجىربەمگە ئاساسەن شۇنى سەمىڭلارغا سالاي : سىز چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىقتەك بۇيۇك كەسىپنى ، « ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنجىنىرى » بولۇشنى تاللىغان چىغىڭىزدا كەلگۇسى قىلماقچى بولغان ، يەتمەكچى بولغان ئارمان - ئىستەكلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چومىسىز . ئەمەلىيەتتە ھەقىقى يۇسۇندا بۇ كەسىپكە قەدەم قويغىنىڭىزدا ياكى ئۇمۇد - ئىستەكلىرىڭىزنى ئورۇنلاشقا باشلىغان چىغىڭىزدا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولمايدىغانلىقىنى ياكى بولمىسا بۇ كەسىپنىڭمۇ «ژىرىڭلىق » يەرلىرى بارلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىسىز . ئوقۇتقۇچىلىقنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا كەسىپلەردىن پەرىقلەنمەيدىغان « جان بىقىش يولى » ، « تىكچىلىك يولى » ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىڭىزنىڭ « ئىنسانلار روھىنىڭ ئىنجىنىرى » ئەمەس ، بەلكى تۆۋەن قاتلامدىكى ئەڭ « ئىزىلىشكە ئۇچرايدىغان » ھەممە كەسىپتىكىلەرنىڭ چېشى پاتىدىغان تەبىقىگە مەنسۇپ بولغىنىڭىزدىن ئىبارەت رىئاللىقنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق كۆرۇپ قويۇڭ . -
ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ماتىماتىكا قەھەتچىلىكى - [ماتېماتىكا مائارىپى]
2009-02-16
نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيادىكى بۆگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىيات مىۋىسى ھەممىزنىڭ دىقىقىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمىيىتىمىزدە بىز نىمىنىڭ تەرەققىيات ۋە نىمىنىڭ ھەقىقى كۈچ ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇبدانلا چۈشىنىپ قالدۇق. ھەر قايسى تەرەپلەردىن بولسۇن بىزنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىمىز بىزگە يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ئورنىنى بىر نۆۋەت كۆرسىتىپ قايتا ئويلىنىپ بىزدىكى نىمىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بولغان ساھە ئىكەنلىكىنى ناھايتى پاكىتلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ.
كۆز ئالدىمىزدىكى كۆزگە مىختەك قادالغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزدىكى تەپەككۇر گادايلىقىنى ۋە مەنىۋىى نامىراتلىقنى مەسخىرە بىلەن ئىپادىلەپ بىرىۋاتىدۇ. -
بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2009-02-05
بەدەن تىلى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشى
ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەش جەريانىدا تىل سەنئىتىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشتىن سىرىت ، زور مىقتاردىكى غەيرى نۇتۇق ئالاقە ۋاستىلىرىدىن ، جۇملىدىن بەدەن تىلىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانسا ، ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشتە تېخىمۇ ياخشى ئۇنۇمگە ئىرىشەلەيدۇ .
بەدەن تىلى دېگىنىمىز ___ ئوقۇتقۇچىنىڭ قول ئىشارىتى ، بەدەن قىياپىتى، چىراي ئىپادىسى ۋە كۆز ھالىتى قاتارلىق مەلۇم ئۇچۇر يەتكۇزۇپ ئالاھىدە مەنا ئىپادىلەيدىغان بىر يۇرۇش « بەلگىلەر سېستىمىسى » دىن ئىبارەت .ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۇنى تىل بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىمۇ ياكى ئايرىم ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز - ئار چۇشۇنۇش ، ئۆز- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ، بىلىم بىرىش ۋە بىلىم ئىلىش قاتارلىق ئالاقە جەريانىدا بەدەن تىلى ئۆزىگە خاس پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئوقۇتۇش جەريانىدا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشەنچىگە تولغان نۇرلۇق كۆزلىرى ، تەبەسسسۇملۇق چىرايى ، مۇئايەنلەشتۇرۇش خاراكتېردىكى بۈاش لىڭشىتىشى ئوقۇغۇچىلارغا زور روھىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى ئۇنۇملۇك باشقۇرۇش ئۇچۇن باش، قول ئارقىلىق مۇناسىپ كۆرسەتمە ئىشلىشى ، دەرىسنى لىكسىيە قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ، ئالاھىدە ئىما- ئىشارەت ياردىمىدىن پايدىلىنىپ چۇشەندۇرۇش قېيىن بولغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلىپ ، ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش مەقسىتىگە يېتىشى تولىمۇ زۆرۇر. -
مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-05
مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا نىمە بولدى ؟
بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز ، مىللى مائارىپى ئىشلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان . مەكتەپ مۇدىرى دىمەك - ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىمەكلىكتۇر . < مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بىر ياخشى مەكتەپتىن ئىبارەتتۇر > ، مىللى مائارىپىمىز نۇرغۇن مۇشكىلاتلارغا ۋە خىرىسلارغا دۇچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ، بىز سىياسى سەزگۇرلىكى يۇقۇرى ، قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق ، بارلىقىنى مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلىيالايدىغان ساپالىق مەكتەپ مۇدىرلىرىغا مۇقتاجمىز .
ئەپسۇس ، يىقىندا تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇققان يوقلاش بىلەن بىرىپ ، بىر نەچچە ناھىيە - شەھەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدىم ، ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئون نەچچە ساۋاقدىشىم ۋە دوستلىرىم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ دىگەندەك ئوخشىمىغان تۇزۇلمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى بولغان ئىدى ، بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم ۋە سۆيۇندۇم ،دائىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولدۇم ، شۇنۇڭ بىلەن بىرگە مىللى مەكتەپلىرىمىزنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالى توغۇرلۇق دەسلەپكى چۇشەنچىگە ئىگە بولدۇم . ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ھىس قىلدىمكى بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزدا مەسىلە ئىغىر ئىدى ، توغرىسىنى ئىيىتقاندا بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزدا مەسىلە ئىغىر ئىدى . -
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى ؟ - [مائارىپىمىزغا نەزەر]
2009-02-05
قەدىمدىن - ھازىرغىچە ، جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ھۆرمەتكە سازاۋەر بۈيۇك كەسىپ ھىسابلىنىپ كەلدى ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەل ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ، دەپ قارىلىپ كەلدى ، بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەقىقەت . مەن ئۆزەممۇ ئوقۇتقۇچى ، شۇ سەۋەبلىك شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىمدىن ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن پەخىرلىق تۇيغۇسى ھېس قىلىمەن ! ئەپسۇس ، يىقىندا تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا تۇققان يوقلاش بىلەن بىرىپ ، بىر نەچچە ناھىيە - شەھەردە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدىم ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساۋاقداش ، دوست - بۇرادەرلىرىم كۆپرەك بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كۆپ بولدى ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ، ئۇلارنىڭ دائىملىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى چۇشۇنۇشىم چۇڭقۇرراق بولدى . بىلدىمكى بىزنىڭ مائارىپىمىزدا مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ئىغىركەن .توغرىسىنى ئىيىتقاندا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا مەسىلە ئىغىركەن !
-
كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2009-02-01
1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش
بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ.