MY_Dreām يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 02:01 AM
ئۆزبەگىستانلىق ئۆزبەكلەر پاشىنى چىۋىن ، چىۋىننى پاشا ...
ئىنكاسىڭىزدىن ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلاپتىمەن.ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك ئۆزبېكلەر پاشىنى چىۋىن،چىۋىننى پاشا دەيدۇ،يەنە كېلىپ كالا گۆشىنى مال گۆشى دەيدىكەن،پولونى ئاش دەيدىكەن.
يۇقۇردا ئېنىق دەلىل كۆرسىتىلىپتۇ،ئات گۆشىنىڭ ھالال يېيىشكە بولىدىغانلىغى توغرىسىدا.
نىمىشقا ئات گۆشى شىمالدا قىشتا يېيىلىدۇ،جەنۇپ تەرەپلەردە يېيىلمەيدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك،ئات گۆشىنىڭ تەبئىىتى ئىسىسىق بولغاچقا،جەنۇپ تەرەپلەردىكى بىرقەدەر ئىسسىق جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ،شۇڭا ئۇلار ئەزەلدىن يېيىشنى ئادەت قىلمىغان.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىمۇ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىز(بىزمۇ شۇ)يەپ كۆنمىگەن،بىز ئادەتتە بېلىقتىن باشقىنى يېيىشتىن شۈبھە قىلاتتۇق،كېيىن كىشىلىرىمىز دۇنيانى كۆرۈپ،كۆزى ئېچىلدى،قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇدى،شۇنىڭغا ئائىت ھەدىس ۋە پەتىۋالاردىن مەلۇم بولدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى(قوش ماكانلىق پاقا،تىمساھ،تاشپاقا....قاتارلىقلاردىن باشقىسى) بىزگە ھالال قىلىندى.