بايا ئات ۋە ئات گۆشى توغرىسىدا -دېگەن بىر تېمىنى كۆرۇپ قالدىم.
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-32032.0html
كۆپىنچە تورداشلار (قارىسام ئات گۆشىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىغا ئىشەنچ قىلالماي تۇرۇپ يەپ سالغانلار ياكى يەۋاتقانلار) ئات گۆشىنى يىسە بولىىدۇ- دېگەن ئويغا كىلىپ قاپتۇ.
مىنىڭ پىكرىم باشقىچە:
( 1) شۇ تېمىدا مۇنداق نەقىل بار- ئاللا قۇرئان كەرىمدە ئات ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : «ئاللا تائالا ئات ،خېچىر ۋە ئىشەك قاتارلىقلارنى سىلەر نىڭ مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىينەت ئۈچۈن ياراتتى ، ئاللا يەنە سىلەر بۈلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارتىدۇ » ;
(سۈرە نەھلى 8_ ئايەت ) دىمەك ئاتنى ۋە ئىشەكنى مىنىش ئۇچۇن ياراتقان، ئۇنى يېيىش ئۇچۇن ياراتمىغان، شۇڭا يىسەك بولمايدۇ.
(2) ئات بىلەن ئىشەكنىڭ تەن قۇرۇلىشىدا پەرىق يوق، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىشەك چىشى ئات بىلەن كۇيلىشىدۇ (بۇ خۇددى ئىمان ئىيىتمىغان كاپىرغا خوتۇن بولغانلارنىڭمۇ كاپىر بولىدىغىنىغا ئوخشاش ئىش)،شۇڭا ئات گۆشىنى ھالال دېيىشكە بولمايدۇ ، ئەگەر ئۇ ئىشەك بىلەن كۇيلەشمىگەن تەقدىردىمۇ ، كۇيلەشكەن "مەينەت ئات" نىڭ بالىسى بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ قىنىدىلا "ھاراملىق" بار.شۇڭا ئات گۆشىنى يىيىشكە بولمايدۇ.
(3)يەنە ئات بىلەن ئىشەكنىڭ ھەر ئىككىسى تاق تۇياقلىق ھايۋان، تاق تۇياقلىق ھايۋانلارنى يىيىشكە بولمايدىغانلىقى ئىنىق ،پەقەت قوش تۇياقلىقلار ئىچىگە توڭگۇز كىرىپ قالغانلىقى ئۇچۇنلا ، ھەدىسلەردە ئۇ ئالاھىتەن تىلغا ئىلىنىپ يىيىشكە بولمايدۇ دېيىلگەن،شۇڭا سىز مەيلى قانداق پەتىۋا چىقارماڭ ، ئات گۆشى ھارام!
(4) تېمىدا مۇنداق جۇملىلەر بار " 2_ ئات گۈشى ______ ئات گۈشى ھالالمۇ ؟ ھاراممۇ ؟ دىگەن مەسىلىدە بىز ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمگە :
قارايمىز . قۇرئان كەرىمدە يىيىش ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا ئات تىلغا ئېلىنمىغان ، يەنى ئات گۈشى
ھارام دەيدىغان ئۇچۇق لەبزى يوق " . بۇ گەپچە ، قۇرئان كەرىمدە ئىنىق كۆرسىتىلمىگىنى ئۇچۇنلا ئات گۆشىنى يىسەك بولىۋېردىكەندە؟! ئەمەلىيەتتە قۇرئان ۋە ھەدىستە ئىنىق ئىسمى ئاتالمىغان، "بارلىق گۆشخۇرلارنىڭ گۆشىنى ، پوكىنى يەرگە تىگىدىغان بىغىرلىغۇچىلارنىڭ گۆشىنى....." ھەممىسىنى يىيىشكە بولمايدۇ. سىز شۇلارنى ھەدىستە يىمەڭ دېمىگەن -دەپ گۆشىنى يەمسىز ؟ ئەگەر شۇنداق بولغاندا ئىت گۆشىمۇ ھالال بولغان بولىدۇ.
(5) شۇ تېمىدا يەنە " 1) ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما ھەدىس رەۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : « رەسۇلۇللانىڭ زامانىدا ئاتنى بۇغۇز -
-لايتتۇق ئاندىن ئۇنى يەيتتۇق » ( مەنبە سەھىھۇل بۇخارى 27-باپ 5578-ھەدىس )
2) جابىر ئىبنى ئەبدۇللا ھەدىس رەۋايەت قىلىپ مۇنداق دىگەن : « رەسۇلۇللا خەيبەر كۈنى ئىشەك گۈشىدىن چەكلىدى ، ئات گۈشىدە رۇخسەت قىلدى » ( مەنبە سەھىھۇل بۇخارى 27-باپ 5579-ھەدىس )
يۇقارقى ئىككى ھەدىس ، ساھابىدىن كېيىنكى راۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزگەرگەن ھالدا سەھى مۇسلىمدىمۇ ،
بۇخارىدىكى مەزمۇنى بۇيىچە رەۋايەت قىلنغان . ( مەنبە سەھى مۇسلىم 5134-ۋە 5137-ھەدىس )
جابىر ئىبنى ئەبدۇللا رەۋايىتىدىكى « رەسۇلۇللا خەيبەر كۈنى ئىشەك گۈشىنىدىن چەكلىدى ، ئات گۈشىدە رۇخسەت
قىلدى » دىگەن ھەدىس سۈنەن ئەبۇ دائۇددا ئىككى خىل سەنەد بىلەن تەكرار رەۋايەت قىلىنغان .
( مەنبە سۈنەن ئەبۇ دائۇد 3790- ۋە 3791-ھەدىس ) "دېگەنلەر نەقىل ئىلىنغان. ئەمەلىيەتتە
ھەدىستە كەلتۇرۇلگەنلەر چۇشەنچىلەر ئاشۇ دەۋېر ئىھتىياجىدىن بولغان (ئۇنىڭ ئۇستىگە يىسىڭىز ھالال- دېگەن گەپمۇ ھەدىستە يوق) ، شۇڭا بۇگۇنكى تىنىچلىق دەۋېردە، ئاچارچىلىق ئۆلۇم تۇمشىقىڭىزغا كەلمىگەن ھالەتتە ئات گۆشىنى يىيىش راۋا ئەمەس.
(6) تېمىدا مۇنداق بايانلار بار --سەنەدلىرى مۇكەممەل بولغان يۇقاقى ھەدىسلارغا ئاساسەن ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىك دىن باشقا بارلىق
جۇمھۇر ئالىملار ئات گۈشىنىڭ ھالاللىقىدا بىرلىككە كەلگەن .
ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ئات گۈشىنى مەكرۇھ ( يەنى مەكرۇھى تەنزىھە ) دەپ پەتىۋا چىقاغان .
ئىمام مالىك ئەت گۈشى ھارام دەپ قارىغان . ئىمام ئەبۇ ھەنىفىنىڭ ئەت گۈشىنى مەكرۇھ دىيىشدكى دەلىلى ، 1_ ئايەت ، ( يەنى « ئاللا ئات خېچىر ئىشەكقاتارلىقلارنى سىلەرنىڭ مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىينەت ئۈچۈن ياراتتى ......... » دىگەن ئايەت ) نى دەلىل قىلدى.
2_ ھەدىس ،( يەنى خالىد ئىبنى ۋەلىد رەۋايەت قىلغان « رەسۇلۇللا ئات ،خېچىر ۋە ئىشەك گۈشلىرىنى يىيىشدىن
چەكلىدى » دىگەن ھەدىس ) مەنبە سۈنەن ئەبۇ دائۇد 26- باپ 3792-ھەدىس
ئىمام ئەبۇ ھىنىفە ئات گۈشىنى مەكرۇھ دىيىشدە __ بىرىنچىدىن يۇقاقى ئايەتكە ئاساسەن ، ئات قاتناش ۋاستىسى
ۋە زىينەت ئۈچۈن يارتىلغان ، ئاتنى يىگەندە مۇھىم قاتناش قورالى ئازلاپ كىتىدۇ دىگەننى كۆزدە تۇتقان .--------ئىنىقكى ، بىز مەلۇم بىر ھايۋاننىڭ سانىنىڭ ئازلاپ كىتىشىنى دەپ ئۇنى ھالال - دەپ يىسەك ئەقىلغە سىغمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان قوي نىمىشقا يوقاپ كەتمەيدۇ؟!
(7) تېمىدا ئات گۆشىنى يىيىشكە بولىدۇ- دېگەنگە كۆپرەك " ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام مالىك دىن باشقا بارلىق جۇمھۇر ئالىملار ئات گۈشىنىڭ ھالاللىقىدا بىرلىككە كەلگەن . " دېگەندەك ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان، ئۇ مۇشۇ دەۋېر ئادەملىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئات گۆشى ھەققىدىكى ئاخىرقى كىسىم بولالمايدۇ .ئەگەر ئىران دىنى داھىسى ئىت گۆشىنى يەڭلار ! - دېسە ھەممە ئىرانلىقلار ۋە مۇسۇلمانلار ئىت گۆشى يىسەك بولارمۇ ؟!
(8) مەن ئىشخانىدىكى ئىشەك گۆشى يەيدىغان خىزمەتداشلىرىمدىن سوراپ باقتىم ، ئۇلار ئات گۆشى بىلەن ئىشەك گۆشىنىڭ تەمىنىڭ ئوخشاشلىقىنى، پەرقى يوقلىقىنى دىدى. مانا بۇ رىياللىق!
شۇڭا ، ئات گۆشىنى يىيىشكە بولمايدۇ، يەپ سالغانلار توۋا قىلىڭلار ! (پەقەت دورىلىق ئۇچۇن باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۇقماي يىگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا).يەنە پەتىۋا تىپىپ يەۋەرسەڭلار ئۆزۇڭلارنىڭ ئىشى. ئىگىرى شەبنەم مۇنبىرىگە مۇشۇ تېمىنى يوللىغان ئىدىم، ئات گۆشىنى يىيىشكە بولمايدۇ- دېگەن پىكىردىكىلەر كۆپ سانلىق ئىدى، نەچچە يىل ئۆتمەيلا يىيىشكە بولىدۇ - دېگەنلەر كۆپىيىپ قاپتۇ، مانا بۇ ئۇيغۇر مەنىۋىيتىدىكى چوڭ ئۆزگۇرۇش ۋە بۇرۇلۇش . ئىش مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ، يېڭى پەتىۋانى چىقىرىۋەرسەك ، بىزنىڭمۇ يىمەيدىغان نەرسىمىز قالمىغۇدەك!