قىز ئوغۇللارنىڭ ھالقا سېلىشتىكى پەرقلىرى :
قىزلارنىڭ بىرجۈپ ھالقا سېلىشى- بويىغا يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى .
قىزلارنىڭ ئىككى جۈپ ياكى ئۈچ جۈپ ھالقا سېلىشى تاپتىن چىققان ، يىغىشتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بارغانلىقىنىڭ بەلگىسى ، بۇنداقلار پۇللا بولسا خۇددى كالىدەك بۇرنىغىمۇ ھالقا ئۆتكۈزۈپ ، بىرەر زەردارنىڭ ئالتۇندىن زەنجىر بىكىتىپ ئۆزىنى يىتىلەپ مېڭىشىغىمۇ رازى بولىدىغانلار تىپىغا كىرىدۇ .
قىزلارنىڭ قۇلىقىدا بىر پاي ھالقىنىڭ بولىشى ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ يەنە بىر پېيىىنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى ،
ئوغۇللارنىڭ (باشقا قىتئەدىكى ) بىرجۈپ ھالقا سېلىشى -سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمەيدىغان مىللى ئۆرپ -ئادەتنىڭ بەلگىسى .
ئۇغۇللارنىڭ (بىزنىڭ يۇرتلاردىكى ) بىرپاي ھالقا سېلىشى -ناجىنىسلىقنىڭ بەلگىسى .
ئوغۇللارنىڭ قۇلىقىغا ھالقا سالماي ، بوينىغا زەنجىر تاقىماي ، ئۈزۈك سالماي ، ساقال -بۇرۇتنى پاكىزە ئەپچىل قۇيۇپ ياكى قىرىپ يۈرىشى - راۋۇرۇس تەربىيە كۆرگەن يىگىتلىكىنىڭ بەلگىسى .
يېشى قىران كۆرۈنگەن ئەرلەرنىڭ ئوڭ قولىنىڭ نامسىز بارمىقىغا ئالتۇندىن نەقىشسىز سىدام ئۈزۈك سېلىشى -(غەرپنىڭ تەسىرىدە ) توي قىلىپ بولغان ئەر ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى .
پۇتىنىڭ بارمىقىغا ئۈزۈك تاقاش - ھەددىدىن ئاشقان ، نېرۋىسىدىن تاشقان ساراڭلىقىنىڭ بەلگىسى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 01:04 PM