مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 1miskal

ئۈزۈك سىلىشنىڭ سىز بىلمەيدىغان بىشارەتلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىز بۇ دۇنياغا مىھمان.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15736
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 5683 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 05:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزلار .ئاياللار .قولىغا ئۇزۇك سالسا دھششەت يارىشىدۇ .لىكىن قولىغا ئۇزۇك سىلىۋالغان ئەرلەرنى كورسەم شۇ بىر خىل بولاپ قالىمەن ئۆزۇممۇ .                            ئۇزۇكنى ئاياللارنىڭ سىلىشىغا ياراتقان تۇرسا ..

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ .مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.

بىز بۇ دۇنياغا مىھمان.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15736
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 5683 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 05:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 05:08 PM
مېنىڭ كۆزۈمگىمۇ ئۈزۈك سېلىۋالغان ئوغۇللارمۇ بىر خىل ز ...

زەيپانە  بۇ نىمە دىگەن گەپ؟

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ .مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.

ئىللىق ئائىلەم ئىللىق ماكانىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12698
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9012
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:00:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xayda9 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-2 08:27 PM
نامسىز بارماققا ئۈزۇك سىلىش، ناسارالانىڭ ئىشى دەپ ئاڭ ...

مەنمۇ: يامان بولىدۇ،كاپىرلارنىڭ ئىشى دەپ ئاڭلىغان

ئاتىنىڭ ھۆرمىتى بولمىغان ئائىلە مەجرۇھ  ئائىلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆركان يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 12:54 AM
بىز مۇسۇلمانلاردا ئۈزۈكنى ئايال كىشى سالىدۇ. يارىشىد ...

بىز مۇسۇلمانلاردا ئۈزۈكنى ئايال كىشى سالىدۇ. يارىشىدىغىنىمۇ شۇلار.
ئۆزلىرى ئوغاۋالا ئەكەكنىڭ بەك ساغىلىرى كىپ كەتكەن بوسا ئالتۇندىن باشقا مىتاللادا زەگەرگە ئاپىرىپ سوقتۇرۇپ ئوڭ قوللىرىغا سالسىلىرى بولىدۇ.
كۆز قويدۇراملا ياكى نەقىش چىقىراملا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى
بىز مۇسۇلمانلا ئاشۇنداق قىلىمىز.

كاللاڭنىڭ سۈيى بار ئاداشكەن ...مەن بارماقلىرىنى ئۈزۈك بىلەن توشقوزىۋالغان ھەم ئۈزۈك سىلىۋالغان ئوغول بالىنى ئۇچراتمىدىم. مىنىڭ نەزىرىمدە ئۈزۈكنى پەقەت قىز بالا سالىدۇ ھەم سالسا يوللوق،لىكىن 4-قەۋەتتىكى ئاداش ئۈزۈك سىلىشنى يەھۇدىلارنىڭ ئادەتلىرى دەپتىكەن،سەن مۇسۇلمانلاردا ئاياللار سالىدۇ دەيسەن.شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈك سىلىشنى يەھۇدىلارنىڭ ئادەتلىرى دىگەچكە مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەتلىرى قانداق دەپ قالدۇرۇپ قويدۇم...گەپنى چۈشەنگەن بولساڭ گەپ قىلساڭ بولمىسا سىنى بىرەرسى چىللىدىمۇ ياكى مەن ئۈزۈك سالىمەن دەپتىمەنمۇ ؟نىمانداق كاللا دىسە پاالچاق دەپ گەپ پۇتلايسە ۋا ئاداش ...

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61136
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:15:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئۇستاز دوكتور ئەپەندىم، مەن بىگىز بارماق ۋە چىمچىلاق بارمىقىمغا ئۈزۈك سېلىشنى ياقتۇرىمەن، بەزى قېرىنداشلىرىم بۇنىڭ ھاراملىقىنى ھەدىستە كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشتى، ئەمما ئۇستازىمدىن سورىسام ئاياللارغا دېيىلمىگەن دېدى، توغرىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ھەدىستە ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ماۋۇ بارمىقىمغا ياكى ماۋۇنىڭغا ئۈزۈك سېلىشىمدىن توسقان، دەپ ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارماققا ئىشارەت قىلغان.(سەھىھى مۇسلىم 2078-ھەدىس)

بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى قاسسىي دۇردۇنى، يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىشتىن، ۋە يەنە ئۈزۈكىمنى ماۋۇنىڭغا ۋە ماۋۇنىڭغا سېلىشتىن توسقان، دەپ ئورتا بارماق بىلەن بىگىز بارماققا ئىشارەت قىلغان.(تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكروھلىقى توغرىسىدا دېگەن بابتا 1786-نومۇر بىلەن رىۋايەت قىلىپ: ھەسەن، سەھىھ، دەپ باھالىغان)

دېمەك سەھىھى مۇسلىم رىۋايىتىدىكى: "ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى بارماق" تىن مەقسەت: ئورتا بارماق بىلەن بىگىز بارماق ئىكەنلىكىنى تىرمىزى رىۋايىتى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئەر كىشىنىڭ ئۈزۈكنى ئورتا بارماق بىلەن بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا سېلىشى مەكروھ بولىدۇ. بۇ مەكروھلۇق تەنزىيھىي مەكروھلۇقتۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/71)

بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام نەۋەۋى شۇنداقلا ئۇندىن بۇرۇن ئىمام تىرمىزى ئەرلەرنىڭ بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشىنىڭ ھۆكمىنى مەكروھ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئىمام نەۋەۋى بۇ مەكروھلۇقنى تەنزىيھىي دەپ يەڭگىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھەزم بۇ چەكلىمىنى ھاراملىققا ئېلىپ بارغان.(ئەلمۇھەللا 4/50)

بۇ ھەدىستىكى چەكلەشنى ھاراملىققا ئاپارماي مەكروھلۇققا ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، قايسى بارماققا ئۈزۈك سېلىش ياكى سالماسلىق ئەدەب-يوسۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردۇر. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە: ئىبادەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەب-يوسۇن كۆزلەنگەن ئىشلاردا بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى ئەمەس، يول كۆرسىتىشنى بىلدۈرىدۇ، توسۇش ھاراملىقنى ئەمەس مەكروھلۇقنى بىلدۈرىدۇ. پەقەتلا ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدىغان بىرەر دەلىل بولسا ئاندىن ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۇسۇل ئالىملىرى ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىبادەت بىلەن ئەدەپنى ئايرىش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدۇر.

ئەمدى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئۈزۈكنى ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا سېلىش مەكروھ بولىدۇ، دەپ قارىساق، بۇ ھۆكۈم ئاياللارغىمۇ ئوخشاشمۇ ياكى ئاياللار پەرقلىنەمدۇ؟

بەزى ئالىملار: بۇنىڭدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، پەرق بار، ئاياللارنىڭ ئورتا بارماق بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى (بىگىز) بارماققا ئۈزۈك سېلىشى چەكلەنمەيدۇ، دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى چەكلىگەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسىدە: " ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى توسقان" دېگەن. مېنى دېگەچكە بۇ ئەرلەرگىلا قارىتىلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك، چۈنكى ئاياللار ئادەتتە زىننەتلىنىشكە ئېھتىياجى بولغاچقا، ئۇلارغا بۇ جەھەتتىن كەڭچىلىك بار، بۇ تەرەپتىن ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرمىزى رىۋايىتىدە ئۈزۈكنى ئاشۇ ئىككى بارماققا سېلىش دۇردۇن، يىپەك بىلەن قاپلانغان قىزىل كۆرپىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىر قاتاردا توسقان. يىپەك، دۇردۇنلار بولسا ئاياللارغا چەكلەنمەيدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن بۇ ئىككى بارماققا ئۈزۈك سېلىشنىڭ مەكروھلىقى ئەرلەرگە خاس دېيىشكە بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋى: "ئەمما ئايال كىشى ھەممە بارماقلىرىغا ئۈزۈك سالسا بولىدۇ" دېگەن. (شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/71)

كۇۋەيت فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 11/27-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۈچلۈك قاراشتا ئۈزۈكنى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىش ھاراملىق ياكى مەكروھلۇقنى بىلدۈرىدىغان بىر دەلىل كەلمىگەچكە ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھالىتىدە قېلىپ مەكروھ بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت گەپ-سۆز قىلمىغان ئىشلار مۇباھ دائىرىسىدىكى ئىشلاردۇر".

بۇ يەردىكى نامسىز بارماق بىلەن باش بارماققا سېلىشنىڭ مەكروھ بولماسلىقى ئەرلەر بىلەن ئاياللارغا ئوخشاش.

ئەمما ئەرلەر ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈكنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالغاندەك ئوڭ ياكى سول قولىنىڭ چىمچىلاق ياكى نامسىز بارمىقىغا سالىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىن ئۈزۈك سېلىشى ھارام بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

  پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-9-16
مەنبە:ساجىيە تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61136
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2013-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈستىدىكى پەتىۋادا سورالغان سۇئاللار:
1.ئەسسالامۇئەلەيكۇم: چاتئەلدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ توي قىلغاندىن كىيىن توي قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ئۈزۈكنى باشقا دىندىكىلەردەك نامسىز بارماققا تاقىشى توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ مۇسلىمە: سۆز سالدۇرۇش ياكى توي ئۆزۈكىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ بەزى مىللەتلەردىكى قەدىمى ئادەتكە تۇتىشىدۇ. كېيىنچە ئىنگىلىزلەرنىڭ، خرىستىئانلارنىڭ ئادىتى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە بەزىبىر ئېتىقادلىرى بار. يېقىنقى زامانلاردا بەزى مۇسۇلمانلار شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرمۇ گەرچە خرىستىئانلاردەك ئېتىقاد قىلمىسىمۇ بۇ ئادەتنى خرىستىئانلاردىن ئېلىشقا باشلىغان. لېكىن بۇلارمۇ ئۈزۈكنى ئېلىۋەتسە ياكى ئورنى ئالماشتۇرۇلسا شۇم پال ئالىدۇ. بۇنى ئىسلام دىنىمىز توغرا تاپمايدۇ. دېمەك: بىرىنچىدىن بۇ خرىستىئانلارنىڭ ئادىتى. ئىككىنچىدىن ئېتىقادقا چېتىشلىق ئىش. شۇڭا بۇنداق ئۈزۈك تاقاش توغرا ئەمەس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
2.ئەسسالامۇئەلەيكۇم:بەزى كىشىلەر ئۇزۇك سېلىشنى سۇننەت دەپ،بارماقلىرىغا ئۇزۇك سېلىۋالىدۇ.ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟
جاۋاب:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ ئويغان:

ئەرلەرنىڭ ئۈزۈك سېلىشى ھەممە كىشىگە سۈننەت ئەمەس. بەلكى مۆھۈر بېسىش، ئىمزا قىلىش دېگەندەك ئىشلاردا ئېھتىياجى بار قازى، ئەمەلدار، ھاكىم دېگەندەك كىشىلەرگە سۈننەت. ئۇنداق ئىشلاردا ئۈزۈككە ئېھتىياجى يوق، پەقەتلا زىبۇ-زىننەت ئۈچۈنلا سالىدىغان بولسا بۇنىڭ ھۆكمى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەكروھ، چۈنكى زىبۇ-زىننەت ئەرلەرگە ياراشمايدىغان ئىش، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جائىز، چۈنكى بەزى ساھابە-تابىئىيلاردىن ئەمەل تۇتمىغانلارمۇ ئۈزۈك سالغان. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا سالمىغان تۈزۈك.  

نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇندىن -ياكى كۈمۈشتىن-ئۈزۈك ياسىتىپ، ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنى تەرىپىگە قارىتىپ سېلىۋالغان، ئۇنىڭغا: "ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد" دەپ نەقىش قىلدۇرغان ئىدى. كىشىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ياسىتىپ سېلىشقا باشلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك ياسىتىپ سېلىۋېلىشقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى تاشلىۋېتىپ: «مەن ئۇنى ھەرگىز سالمايمەن» دېدى. ئاندىن كۈمۈشتىن ئۈزۈك ياسىتىپ سېلىۋىدى، كىشىلەرمۇ كۈمۈش ئۈزۈك ياسىتىپ سېلىۋېلىشتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېدى: ھېلىقى ئۈزۈكنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ئەبۇ بەكىر، ئاندىن ئوسمان سېلىۋالغان ئىدى، ئاخىرى ئوسماننىڭ قولىدىن ئەرىيس قۇدۇقىغا چۈشۈپ كەتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 5866-ھەدىس)

رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پادىشاھلارغا، باشقا دۆلەتلەرگە مەكتۇب ئەۋەتكىنىدە ئاشۇ ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرىنى باساتتى. ئاشۇ زۆرۈرەت ئۈچۈن ئۈزۈك سالغان. يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگىنىدەك رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىنكى خەلىپىلەرمۇ شۇ ئۈزۈكنى ئاشۇ مەقسەتتە ئىشلەتكەن. شۇڭا قانداق بىر كىشى بىرەر ئىشتا ئەمەل تۇتۇپ ئۈزۈك سېلىپ مۆھۈر ئىشلىتىشكە ئېھتىياجى بولسا، ئاشۇنداق كىشىلەرگە ئۈزۈك سېلىش سۈننەت بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:ساجىيە تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 06:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MY_Dreām يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 12:51 AM
مۇسۇلمانلاردا بۇنداق ئادەت بار دەپ ئاڭلىمىدۇق ، ئاڭل ...

سەن ئاڭلىمىغاچقىلا ئۇنداق ئادەت مۇسۇلمانلاردا يوق،يەھۇدىلارنىڭ ئادەتلىرى بولوپ قالامدا ؟
ئەڭ ياخشىسى ساڭا جىق گەپ قىلماي بۇرادەر،بۇ توغورلوق ئۆزۈڭ ئىزدىنىپ تەپسىلىيرەك بىلىۋال.بىر ئىغىز گەپ بىلەن دەپ بەرسەم ئاياللار ئۈزۈك سالسا بولىدۇ ئىسلامدا،ھەتتا پەيغەنبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ ئوڭ قولىغا كۈمۈشتىن ئۈزۈك سالاتتى دىيىلىپتىكەن .ھەممىنى يەھۇدىلارنىڭ ئادتلىرى دەپ قالايمىقان سۆزلەشتىن ئۇيالمايدىغان قانداق ئىغىز باردۇ زادى ؟
قارىسام،نامازخان،سالىھ قىرىندىشىمدەك قىلىسەن،قاتتىق گەپ قىلغۇم،كۆڭلىڭگە ئازار بەرگۈم يوق،لىكىن توغرا-خاتانى ۋە بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلىشتا ئۆزى ئىنىق بىلسە ھۆكۈم قىلغۇلۇق بولمىسا جىم تۇرغۇلۇق ئىسلامدا ئۇقتۇڭما بۇرادەر ...

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 07:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پالتاڭ بولسا ئۇتۇن كاممۇ ، ئوغلۇڭ بولسا خۇتۇن كاممۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1695 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە تېمىدىن ئىنكاس قىززىق جۇمۇ ```

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 09:56:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MY_Dreām يوللىغان ۋاقتى  2013-3-3 07:40 PM
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قايسى بارمىقىغا سالىدىغانلىقىنى سە ...

ئەمىسە سەنمۇ ئوچوق دە قايسى قولىغان سالسا قانداق بولىدىغىنىنى ...
ئۈزۈك سىلىشنىڭ گىپى چىقىپ بولغىچە يەھۇدىلارنىڭ ئادىتى دەپ پەتىۋا پىچماي .

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش