مىللەت سۆيگەن دىنسىزلىق ئەمەس
(نازىگۈل)
ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتتى بىزنى،
يارىلىشىڭ ئادەم مەندىن دەپ.
ياراتتىغۇ ئەقىلنى بىرگە،
ئىشلەتكىن ھەم قىپتۇر سەۋەپ دەپ.
ياراتتى ھەم نەچچە مىڭ مىللەت،
ئاللاھ ھۆكمى مىللەتنى بىرگە.
تونۇمىساڭ مىللىتىڭ ئۆزۈڭ،
قارشىمۇسەن ئاللاھ ھۆكمىگە.
ئۇيغۇرلىقىڭ ئۇنۇتما دىسەم،
چالا موللا قوپتى دىنسىز دەپ.
بادام دوپپا مىللى خاسلىققۇ،
ئۇيغۇر دىسەم ئۆڭدىڭلار ھەجەپ!
ئەرلەر كەيسە بادام دوپپىنى،
يارىشاتتى ئۇيغۇرلۇق ئۇرغۇپ.
كاللا دىسەم پاقالچەك دەپلا،
بۈۋىم قوپتى ھىجاپتىن چۈشۈپ.
توۋا دەپلا ياقامنى تۇتتۇم،
چالا بۈۋىم چالا موللىغا.
ھىجاپلىنىڭ، توسۇش ھەددىممۇ،
ئەركىن تاللاڭ، ياغلىق دوپپىلا.
مىللەت سۆيسەم دىنسىز چىقارساڭ،
نەدىن تاپتىڭ بۇنداق پەتىۋا.
سەۋەپ قىلماي تىلەپ ياتامدۇق،
تىرىشقاننى كۆرەلمەمدۇق-يا؟!!!
قېرىندىشىڭ چىقىرىپ كاپىر،
بولماقچىسەن قانداق مۇسۇلمان.
چىن مۇسۇلمان بېرەمتى ئازار،
قېرىنداشقا ھەم توقۇپ يالغان؟!!!
ئىسلام دىنى ئەڭ ئۇلۇغ دىندۇر،
بۇرمىلىما تەتۈرگە سۆرەپ.
ئۇ ئېتىقاد، ئەمەستۇر پەداز،
بولما ۋەزخان كالىدەك مۆرەپ!
دىنىم ئىسلام! مىللىتىم ئۇيغۇر!
دەيمىز دىلدىن مىللەت سۆيگەنلەر!
مىللەت سۆيگەن دىنسىزلىق ئەمەس،
ئاچقىن كۆزۈڭ تەتۈر يۈرگەنلەر!!!
ئۇيغۇرۇمدۇر ئەجدات ۋارىسى!
ئىسمى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئۇيۇلتاش!!!
يوقالمىسۇن ئۆزلۈك غورۇرلار!
ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر قېرىنداش!!!
جىسمىم ئۇيغۇر! روھىم ئېتىقاد!
ئاتىلارمەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان!
بىلىم قورال، كۈتمەكتە تاڭلار!
پەخرىم مېنىڭ ئۇيغۇر ھەر زامان!!!
مەنبە: »ئەرەپمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ« دىگەن شېئىرىم ئەسلى، ئۆزلۈك ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش مەزمۇنىدىكى شېئىر ئىدى، لېكىن بەزىلەرنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئىپادىلەشلەرنى بىلمەسلىكى سەۋەپلىكمۇ ياكى بەزىلەرنىڭ دىنى بىلىم سەۋىيەسىنىڭ چالىلىقى سەۋەبىدىنمۇ ئۇ شېئىرغا ھەرخىل بۇرمىلاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، كەڭ تورداشلارنى خاتا چۈشەنچىلەرگە باشلىۋەتتى....
ئۆز قېرىندىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىش، توغراگەپ قىلسىمۇ، دىگەن گەپلىرىنى بۇرمىلاپ، دىنسىزغا چىقىرىۋېتىش بىر چىن مۇسۇلمان ئىگىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ؟؟؟!!!..........
بۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلار زادى قانداق مۇسۇلمان؟؟؟!!!.........
مۇسۇلمان دىگەن نامغا مۇۋاپىق ئىش قىلىۋېتىپتىمۇ؟؟؟!!!.........
مىللەت بىلەن دىن بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، دىنىي بىلىم بىلەن پەننىي بىلىممۇ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلمايدۇ، بىرى روھدىكى ئېتىقاد بولسا، يەنە بىرى كىملىك سالاھىيەتتۇر.
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئۆز ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ
كەڭرى بىلىملەرنى ئىگەللىشىنى،
دىنىي بىلىم بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۈگۈنۈپ، پەننىي بىلىمنى قورال قىلىپ ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى كۈچلەندۈرىشىنى،
ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ،
دىنىمىز بىر، تىلىمىز بىر، دىلىمىز بىر
ئۇيغۇر بولۇشتەك مۇقەددەس بىرلىكنى ساقلاپ،
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن!
2012-يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 12:43 PM