nazigul8 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 02:20 PM
مەنمۇ بولدى قىلاي دەپ، كۆپ سۈكۈتتە تۇردۇم، ئاخىرى ئام ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى مۇنبەرلەردە تېمىلار ئۇلۇنىش قىلنىپ ، كۆپلىگەن مۇنبەرلەردە مۇنازىرە بوپ كەتتى . بۇنىڭغا قارىتىپ تېما يېزىلىۋاتىدۇ . قوللىغۇچىلارمۇ ، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ، بىر تەرەپ بولغانلارمۇ بار .
مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن ، تالاش - تارتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس . مانازىرە قىلماقچى بولسا ، دەلىل - ئىسپات بولۇش كېرەك . بىر - بىرىنى تىللاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە ، ئادەم تىللىغان ئادەم ئۈچۈن ئاپەت بولۇدۇ .
سىزنىڭ تېما يېزىپ ، بايانات ئېلان قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشىنى تلەپ قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .
سىزنى ئاللاھ چۈشەنگەي قېرىدىشىم . ئاللاھنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ،ئۆزىڭىزنىڭ مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىڭ .
ئاللاھ ئىنساننىڭ كىملىكىدىن ھاساب ئالمايدۇ ، بەلكى ، ‹‹ گۇناھ - ساۋاب ›› لىرىدىن ھىساب ئالىدۇ .
شۇڭا كىمنىڭ كىم بولۇشىنى ئەمەس ، ئۆزىمىزنىڭ كىم بولۇشىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 02:47 PM