ئەزىز توردىشىم مەندەك بىر شەيخنى يوقلاپ غېرىبخانەمغا قەدەم ئېلىپسىز، ئەمدى بىر پىيالە چېيىمغا بولسىمۇمەرھەمەت قىلىڭ، چۈنكى سىز ئاللاھنىڭ ماڭا ئىۋەتكەن تۇنجى مېھمىنى ھەم مۇكاپاتى!
زۇلمەتلىك تۇپراق
ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
ئاپتوردىن: ۋەقەلىك پۈتۈنلەي ئويدۇرما بولۇپ شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يېزىلغان.ئەينەن ئېلىنغان جاي ئىسىملىرى سىيۇژىت تەلىپى بويىچە ئېلىنغان،ھەرگىز باشقا مەقسەت يوقتۇر.
ئەسىرىمنى :
تۇنجى ئۇستازىم ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال ئانام قەمەرنىساخانغا بېغىشلايمەن!
بىرىنچى باب
ئەنسىزچىلىك
1970-يىلى
ئامېرىكا
كىراۋىن ھەربىي ئىشلار تەتقىقات بازىسى–نامدا ھەربىي تەتقىقات ئورگىنى بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئەدلىيىسى تىزىملىكىگە كىرمىگەن بىي رەسمىي ھەربىي تۇرمە بولۇپ بىۋاسىتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكنىڭ «ئالاھىدە ئىشلارمەھكىمىسى »گە قارايتتى. يىللىق خام چوتى يەتتە مىلىيارد دوللاردىن ئاشىدىغان بۇئالاھىدە ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردىكى نەتىجىسى بەزىدە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشەتتى.
ئامېرىكىنىڭ كوزىر ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان بۇ «مەھكىمە» گە قاراشلىق كىراۋىن ھەربىي ئىشلار تەتقىقات بازىسى - ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قۇرۇقلۇققا ئانچەيېقىن بولمىغان جايدىكى ئۆزىنىڭ يېشىللىقى، مۇھىتىنىڭ يېقىشچانلىقى بىلەن كىشىنىڭ كۈزىنى قاماشتۇرىدىغان يېگانە ئارال- كىراۋىن ئارىلىغا جايلاشقان ئىدى . بۇ ھەربىي تەتقىقات بازىسى 1955-يىلى پېرىزدىنىت ئېزىنخاۋىرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن نېۋادائۇران تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنىڭ تارماق تەجرىبىخانىسى نامىدا يەرلىك ئاھالىلىرىگە ناھايىتى زور تۆلەم تۈلەش ئارقىلىق باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈش بەدىلىگە قۇرۇلغان ئىدى، بۇ تەتقىقات بازىسى ھەربىي تەرەپ تەۋەلىكىدىكى ئۇران تەتقىقات بازىسى بولسىمۇئەمەلىيەتتە شۇ دەۋىردىكى ئامېرىكا ئېلىم-پەن ساھەسىدىكى بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلار پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىيالمىغان تەجرىبە تەتقىقاتىدىكى ئالىم –مۇتەخەسىسلەرنى مەڭگۈلۈك نەزەر بەند قىلىش مەخسىتىدە قۇرۇلغان تۇنجى تۈرمە ئىدى.
كېيىنچە بۇ تۈرمىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش پىلانىغا ئاۋاز قوشۇشنى خالىمىغان باشقا ئەللەردىكى نوپۇزلۇق «ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خەتەرلىك جاھىل شەخسلىرى» ئىچىدىكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قەتلى قىلىنىش پىلانىغا كىرمىگەن ئەمما تۇتۇپ ئەكېلىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بىر تۈركۈم مۇھىم شەخسلىرى مەخپىي نەزەر بەند قىلىنىدىغان بولغان ئىدى.
بۇ تۈرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى مەھبۇسلارنىڭ تۇرالغۇ جاي شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئالى دەرىجىلىك خان – سارايلاردىن قېلىشمايتتى ، يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە قىسىلمايتتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىردىن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە خىزمەتكارى بولمىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك داچىنىڭ ئۆزى ھېسابلىناتتى .ئۇلار تېلېۋىزۇر ئارقىلىق سىرىتقى دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەر تاپالايتتى،ئىلىكتىرلەشكەن شەخسى كۈتۈپخانىسى بار ئىدى خالىغان ماتىرياللارنى كومپىيۇتېردا كۆرەلەيتتى ،يېزىقچىلىق ،تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايتتى. تاماقتىن كېيىن گۈللۈكدە مېڭىپ سەگىدەلەيتتى بىراق بۇ جايدىكى مەھبۇسلارنىڭ سىرىتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەننىڭ ئۈستىگە قەتئى بىر-بىرىنى كۈرەلمەيتتى پەقەت بىر ئۆمۈر تىكەندەك يالغۇز ياشاش، ئۆزىگە تونۇش بولغان تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش ياكى مەلۇم بىرخىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىنىش بۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر جازا ھېسابلىناتتى.
كىراۋىن ئارىلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئون ئىنگلىز مىلى دائىرە ئىچىدىكى تەۋەلىكتە مەيلى سۇ ئاستىدىن بولسۇن مەيلى ھاۋا يۈزىدىن بولسۇن بىر تال ئۇچار قانات ياكى كىچىك بېلىجانمۇ ئىلغار رادار سېستىمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى ھەم زۆرۈر بولغاندا بىرلا كۇنۇپكا بىلەن بۇ تەۋەلىككە كىرىپ قالغان باشمالتاق چوڭلۇقىدىكى ھەرقانداق جانلىق –جانسىز جىسىم ۋەيران قىلىش كۈچى زور بولغان ئىلغار قۇراللارتەرىپىدىن كۇكۇم تالقان قىلىناتتى.
شۇنداقلا قاتمۇ-قات ھەربىي مۇھاسىر ئىچىدىكى بۇ ئالاھىدە تۈرمە مەھبۇسلىرىنىڭ بۇيەردىن قېچىپ كېتەلىشى ياكى سىرتتىكىلەرنىڭ بۇلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتەلىشى ئەسلامۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى.
تۈن يېرىم بولغاندا مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقىنىڭ تېلېفۇنى تۇيۇقسىز جىرىڭلىدى :
- كاپىتان ، مەن جەننەت رايۇنىدىكى يەتتىنچى نۇمۇرلۇق مەھبۇس بولىمەن، سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم...
مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى كاپىتان جونسۇن تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن كەلگەن بۇ ئاۋازدىن بەكلا چۇچۇپ كەتتى ،چۈنكى ناتۇنۇش بۇ ئاۋاز ئۈچ يىلدىن بىرى سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان ئىزچىل تىلسىز دەپ قارالغان بىر مەھبۇستىن كەلگەن ئىدى.ئۇ ئۇيقۇلۇق ھالىتىنى دەرھال ئوڭشاپ تېلېفون تورۇپكىسىنى ئورنىغا قويدى- دە كەلگەن تېلېفون نومۇرىغا قايتىدىن سىنچىلاپ قاراپ چىقتى ئاندىن قاتتىق جىددىلىشىپ سول تەرىپىدىكى بىر قانچە كۇنۇپكا ئىچىدىن جەننەت رايونى ھەربىي قاراۋۇللۇق بۈلۈمىنىڭ جىددى ئالاقىلىشىش كونۇپكىسىنى ئالدىراپ باستى:
- دوكلات كاپىتان!، – دەقىقە ئىچدە قاراۋۇلدىن جاۋاب قايتتى.
- رايونىڭلار جىددىي ھالەتكە ئۆتسۈن!،- كاپىتان ئالدىراپ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەچ ئارخىپ بۆلۈم لىنىيىسىنىڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ ئىيتتى، – جەننەت يەتتىنىڭ يازما ئارخىپىنى دەرھال سۇراق ئۈيىگە ئەكىلىڭ!
ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇت ئۆتۈپ سۇراق ئۆيىنىڭ چىرىقى كۈندۈزدەك يۇرۇپ كەتتى،يۇمىلاق ئۈستەلدە مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى ، ئارخىپ بۆلۈم ،ساغلاملىق مەركىزى ۋەجەننەت رايۇنىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ جەمئىي تۆت ئادەم جىددى تۈستە ئۆز قوللىرىدىكى ماتىرياللارنى ۋاراقلىغاچ يېرىم كېچىدىكى تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ سۇراققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئالدى بىلەن مۇئاۋىن تۈرمە باشلىقى جونسۇن سۆز قىلدى :
- ئەپەندىلەر ، جەننەت يەتتە تۈرمىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىش رەسمىيىتىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شۇنداقلا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بىۋاسىتە قول تىققان ، ئارخىپىدا ئۇنىڭ ئىسمى ، دۆلەت تەۋەلىكى، مىللىتى ياكى شۇغۇللىنىدىغان كەسپى جەھەتلەردە ھېچنىمە دېيىلمىگەن پەقەت ئىككى قۇرئىزاھات «بۇ كىشى خاتىرسىنى يۇقىتىش بىلەن بىرگە مەڭگۈلۈك سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان، بىر قىسىم مەخپىيەتلىكلەرنى چەتئەللەرگە سېتىۋەتمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىلىدۇ» دەپ تولدۇرۇلغان ، مەخسەتكە كەلسەك ئەپەندىلەر بايام جەننەت يەتتىگە تۇيۇقسىز زۇۋان كىرىپ قالدى ، بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ، سىز قولىڭىزدىكى ساغلاملىق ئارخىپىغا قاراپ بېقىڭ؟،-كاپىتان شۇنداق دىگەچ ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇل دوختۇرىغا قاراپ قويدى.
- كاپىتان، ئارخىپتا دىيىلىشىچە جەننەت يەتتە تۈرمىگە ئېلىنغان ۋاقتىدىلا چوڭ مېڭ ەقانتومۇر ئۆسمىسى سەۋەپلىك خاتىرسىنى يوقاتقان ھەم سۆزلەش ئىقتىدارىدىن مەڭگۈلۈك قالغان ئىكەن. ھۈجەيرە DNA تەكشۈرۈشىدەئۇنىڭ 1941-يىلى9-ئاينىڭ21-كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئىسپاتلانغان. بىر ئاي ئالدىدىكى يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىمۇ كىسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگۈرۈش بولمىغان. بۇ زادىنېمە گەپ ئەمدى؟- ساغلاملىق مەركىزىدىكى مەسئۇل دوختۇر گېپىنى تۈگىتىپ تاماكىسىنى قاتتىق بىر شوراپ قويدى.
- ليتىنانت سىز شۇ رايۇنغا مەسئۇل، باشقا بايانلىرىڭىز بارمۇ ؟ - دېدى كاپىتان جونسۇن ئۇنىڭغا مەنىلىك قاراپ.
- كاپىتان،- دېدى ليتىنانت سەل دۇدۇقلاپ، -بۇ مىنىڭ رايونۇمدىكى ئەڭ يۇۋاش مۇسۇلمان مەھبۇسنىڭ بىرى ، تۈرمىگە كىرگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ناماز ئوقۇش ۋە كىتاب كۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئىشى يوق، يېقىندىن بىرىمۇ ئۇنىڭ ھەركىتىدە ياكى پىسخىكىسىدا بىرە غەيرىلىك سەزمىدۇق. قۇلۇمدىكى كۆزىتىش خاتىرسىدىمۇ شۇنداق ئىكەن.
- ئەمىسە باشقا گەپ بولمىسا جەننەت يەتتە كىرسۇنمۇ؟،- كاپىتان قالغان ئۈچەيلەن گەقارىدى، ئۇلار بىردەك بېشىنى لىڭىشتتى .ئىشىك ئېچىلىپ يەتتىنچى نۇمۇرلۇق مەھبۇس ئىككى قاراۋۇلنىڭ ھەمرالىقىدا كىرىپ كەلدى.
مەھبۇس ئوتتۇرا بوي ئەمما مۈرىسى ناھايىتى كەڭرى، بىلەكلىرىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشلىرى خۇددى تېرىسىگە پاتماي ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك، چېچى قارا، يۈزلىرى ئاق ، ساقاللىرى شالاڭ ، بورنى سەل چوڭ ، ئېغىزى كىچىك، چىرايلىق قوي كۈزلىرىدىن مۇلايىملىقى چىقىپ تۇرۇدىغان ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىكى تەنھەرىكەتچىگە ئوخشاپ كىتىدىغان ناھايىتىمۇ كېلىشكەن ئاق تەنلىك يىگىت ئىدى. ئۇ بىر قارىماققا گېرمانىيىلىككە ئوخشاپ قالسا يەنە بىر قارىماققا ئامېرىكا ھىندىئانلىرىغا ئوخشاپ قالاتتى، ئۇ ئۇرۇندۇققا ئاستا كىلىپ مۆتىۋەرلەرچە ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئولتۇرۇشتىكى بۇ سىپايە ھەركىتىدىن ئۇنىڭ ناھايىتىمۇ پاراسەتلىك ھەم پىشقان بىر ئەر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، ئىككى قاراۋۇل قائىدە بويىچە بۇ مەھبۇسقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئىشىكنى ئاستاغىنا يېپىپ چىقىپ كېتىشتى.
كاپىتان ئورنىدىن تۇرۇپ ئالاھىدە ياسالغان ئەينەك تامغايېقىن كىلىپ بۇ مەھبۇسقا خۇددى داڭلىق رەسساملارنىڭ سىزما پورتىرىتلىرىغا زەن سالغاندەك قايتىدىن بىر قاراپ چىقىپ ئاندىن ئېغىز ئاچتى :
- ئەپەندىم ، مەن كاپىتان جونسۇن ، كىراۋىن ھەربىي تۈرمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قېنى قۇلىقىم سىزدە ،– بۇ ئەستايىدىل ئېيتىلغان سۆزلەر مەھبۇس تۇرغان ئۆيگە ئۆز پېتى ئاڭلاندى. مەھبۇس گەرچە ئالدىدىكى تۇرسۇق ئەينەك تامدىن ئۆزىنىڭ ئەكسىدىن باشقىنى كۆرەلمىسىمۇ لېكىن ئۇ خۇددى كاپىتاننى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەندەك بېشىنى كۈتۈرۈپ ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ پىششىق ئامېرىكا تەلەپپۇزىدا ئالدىرماي سۆز قىلدى:
- كاپىتان ، بۇ سۆزلىرىمنى مارشالغا يەتكۈزۈڭ، ئەتە ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋال – سىتىرت كوچىسىدا قەستكە ئۇچرىشى مۇمكىن ، ۋاقتى بەلكىم چۈش سائەت ئون ئىككى يېرىم ئەتراپىدا بولسا كېرەك!
- ئەپەندى ، سىز كىم ؟- كاپىتان جونسۇن داڭ قاتقىنىچە ھۇدۇقۇپ سورىدى، ئۇنى مۇشۇتاپتا سۇغۇق تەر باسقان ئىدى، چۈنكى بۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئادەتتىن تاشقىرى ئەتىۋارلىنىپ دۆلەت گۆھىرىدەك قوغدىلاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاددى قاراشقا بولمايتتى. ئۇ قۇلىدىكى تېخى تۈگىمىگەن سىگارتىنى ياندىكىلەرگە سۇنۇپ بىرىپ قول ياغلىقىدا پىشانىسىنى سۈرتكەچ مەھبۇستىن كۆزىنى ئۈزمىدى.
- كىملىگىمنى بىلمەيمەن كاپىتان، خاتىرەم تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەن چېغى، ئېغىر ئالمىسىڭىز مەن قايتسام.
- بولىدۇ ئەپەندىم ، سىزگە كۆپ رەھمەت، مەن ھازىرلا سۆزىڭىزنى مارشالغا يەتكۈزىمەن، يەنە باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟-كاپىتان شۇنداق دىگەچ يېنىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلدى.
- ھازىرچە يوق كاپىتان ،بۇ كېچىدە تۆتىڭلارنى ئاۋارە قىلغىنىمدىن تۇلىمۇ خىجىلمەن.
- ماقۇل ئەمىسە ئەپەندى، ياخشى ئارام ئېلىڭ ،– دېدى كاپىتان تۈپۈكىنى غۇرتتىدەيۇتۇپ.
ئىككى قاراۋۇل مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
كاپىتان جونسۇن جىددىيلەشتى، كاپىتان ئوڭ قۇلىدا قاس چىقىرىۋىدى داڭ قېتىپ قالغان ئۈچەيلەن دەرھال ھەركەتكە كىلىپ جەننەت يەتتىنى سۇراق قىلغان چاغدىكى بارلىق سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ كومپىيۇتېرلىق تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.
- كاپىتان، جەننەت يەتتىنىڭ بايامقى سۆز قىلغاندىكى كومپىيۇتېرلىق پىسخىكا ئانالىزىدىن قارىغاندا يالغان ئېيتماپتۇ ...
- كاپىتان ، ئۇنىڭ مېڭە توقۇلما سىكانىرىدا چوڭ مېڭىسىدىكى قانتومۇر ئۆسمىسى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا تەڭ يېرىمدەك كىچىكلەپتۇ...خاتىرسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگىنى راستتەك قىلىدۇ...
- ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك يۈرۈش –تۈرۈش ھەركىتىنىڭ كومپىيۇتېرلىق ئانالىزىدىن قارىغاندىمۇ بىرە روھىي كىسەللىكنىڭ ئالامىتى ياكى يالغۇزلۇقتىن پەيدا بولغان خامۇشلۇق ئالامىتى يوق ...
كاپىتان تېخىمۇ جىددىيلەشتى:
- ئەپەندىلەر ،دېمەك ئۇنىڭغا ھازىرچە «يېرىم ئۇيقۇ» تەجىربىسى ئىشلىگەننىڭ پايدىسى يوقكەندە ؟
- شۇنداق كاپىتان، مېڭىسىدىكى ئۆسمە تېخى تولۇق يوقالماپتۇ ، ناۋادا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ گەپ كوچىلايمىز دەپ «يېرىم ئۇيقۇ » تەجىربىسىدە كەتكۈزۈپ قويساق ئۇنىڭ مېڭىسى كاردىن چىقىدۇ...ئۇ چاغدا يۇقىرىغا جاۋاب بىرىشىمىز تەسكە توختايدۇ.
كاپىتان ئۈستەل ئۈستىدىكى بايام چىكىپ بۇلالمىغان يېرىم سىگارىتىنى قۇلىغا ئېلىپ ئوت ياقتى ئاندىن تازا بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىرماي ئېيتتى:
- ئەپەندىلەر ،سىلەرگە ئايان، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئاددى بىر ئاشپەزمۇ نەچچە ئايلىق تەمىناتى بىلەن نىيۇ يۇركتىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنالايدۇ، ناۋادا بۇ قېتىمقى ئىشىمىزدىن چاتاق چىقسا خان-سارايلىرىمىزنى قوغداپ قېلىش ئەمەس جېنىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەپ، بۇپتۇ ئۇنى ئەقلىدىن ئازدىمۇ دەيلى لېكىن ئۇ بىزنىڭ تۆت ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى قانداق بىلدى؟ مېدىتسىنا ئىلمىدە گاچا دەپ قارالغان ئادەم زادى قانداق بولۇپ گەپ قىلىپ قالدى؟
- گەپ مۇشۇ يەردە كاپىتان ،بەلكىم ئۇ ئاقساراي ئەمەلدارلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تېلېۋىزوردىن ئاڭلىغاندۇ بىراق بىزنىڭ مۇزاكىر گۇرۇپپىمىزدىكى ئىككى ئادەمنىڭ يوقلىقىنى قانداق بىلگەندۇ؟ ياكى بولمىسائۇنىڭدا ئالدىن كۆرۈش ئىقتىدارى بارمىدۇ؟
كاپىتان ئېغىر بىر خۇرسىنغاندىن كېيىن ئۈنلۈك ئاۋازدا بۇيرۇق قىلدى:
- سىلەر ھازىردىن باشلاپ جەننەت يەتتىنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق يۇشۇرۇن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ چىقىڭلار، يېڭىلىق بولسا خەۋە قىلىڭلار ، ئۇنىڭ يىللىق سالامەتلىگىنى تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ شەخسى ئارخىپىنى ماڭا يەتكۈزۈڭلار ،بولدى باشلاڭلار!
كاپىتان جونسۇن ئۇيقۇسىزلىقتىن چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ ھەربىيلەرگە خاس جاسارىتى بىلەن سوراقخانىدىن مەغرۇر ھالدا چىقىپ كارىدور بىلەن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ياتىقىغا كىردى-دە قۇلىغا تېلېفوننىڭ تورۇپكىسىنى ئېلىپ ھاۋايغا دەم ئالغىلى كەتكەن تۈرمە باشلىقى مارشال ھايكىرغا تېلېفون ئۇرماقچى بۇلدى بىراق يەنە تورۇپكىنى ئورنىغا قۇيۇپ قويدى. «قانداق قىلىش كېرەك ، مارشالغا زادى نېمە دىسەم بۇلار، دوكلات قىلمىسامچۇ؟ .. ناۋادا ئىشلار بۇ ساراڭنىڭ دېگىنىدەك چىقىپ قالسا ئۇچاغدا...» كاپىتان ئويلىنىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنى قارا تەر باسقاندەك بولدى ،ئۇ غەيرەتكە كىلىپ تورۇپكىنى ئالدى-دە تۈرمە باشلىقى مارشال ھايكىرنىڭ نۇمۇرىنى بېسىشقا باشلىدى.
* * * * *
بۈگۈن ۋال – سىترىت كوچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. رەڭگا-رەڭ كىيىملەرنى كېيگەن كىشىلەر سەلدەك مەيدان تەرەپكە قاراپ ئاقماقتا ئىدى ، كۇچا-كويلاردا يۈزلىرىنى ھەرخىل رەڭدە بويىۋالغان ھەزىلكەشلەر، ھەرخىل ھايۋانلار سىياقىغا كىرىۋالغان قىزىقچىلار، قۇلىدا گۈل-چەمبىرەكلەرنى پۇلاڭلىتىۋاتقان ئېگىز پاچاقلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بۈگۈنكى يىغىلىشقا تېخىمۇ خۇشاللىق قاتقان ئىدى. ئىسقىرتىش، داقا-دۇمباق ، سۇناي ئاۋازى ، كەپسىز بالىلارنىڭ ئۇيان-بۇيان قوغلىشىپ توۋلاشلىرى ھەممىسى بىر بولۇپ ۋال – سىترىت كوچىسىنى بىر ئالغان ئىدى. قۇمدەك ساناقسىز كىشىلەرتۇپى ئىچىدە قانداقتۇر بىركىملەر قوللىرىدا پىلاكاتلارنى كۆتۈرۋېلىشىپ ھايۋانات-ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش توغرۇرلۇق ھەدەپ نۇتۇق سۆزلەۋاتسا يەنە قانداقتۇر بىر كىملەر قوللىرىغا كىچىك بايراقلارنى كۆتۈرۋېلىشىقان ئىدى. بۈگۈنكى بۇ يېغىلىش قارىماققا شۇنداق قالايمىقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلەر تۇپى خۇددى يىراقتىن تېزگىنەكتە باشقۇرۇلىۋاتقاندەك يەنىلا ناھايىتى تەرتىپلىك ھەم رايىش ئىدى.
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى «بىخەتەرلىك ئىشخانىسى» دا دۆلەت ئىشلار كاتىپى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن بولۇپ ئون نەچچە كىشىلىك جىددى مۇزاكىرە گۇرۇپىسى ۋال كوچىسىدىكى مەيداندىنمۇ بەك قىززىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇزاكىرىسى ئىچىدە كىراۋىن ھەربىي تۈرمىسىنىڭ باشلىقى مارشال ھايكىر ئەپەندىمۇ بېشى چۈشكەن ھالدا بىر بۇرجەكتە ئولتۇراتتى...
- ....بۇپتۇ ، بۇنى قۇيۇپ تۇرايلى ئەپەندىلەر ھازىرقى مەسىلە مەيداننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، قېنى مۇتەخەسىسلىرىڭىزنىڭ يېڭى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي، –مۇداپىئە مېنىستىرى خاككىر سالماق ھالدا بىخەتەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مايۇر مىخائىلغا قاراپ بۇيرۇق قىلدى.
- بۇ قېتىم پىرىزدىنىت ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيدانغا يىغىلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى كۆپ، ئەتراپتىكى ئوچۇقچىلىق دائىرە بەك چوڭ ،بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتۇق. بىرىنچىدىن ۋول كوچىسىغا تەۋە بارلىق يەرئاستى يوللىرى، ھەرخىل تونىللار، ئەۋرەز، گاز يوللىرىغا بولغان تەكشۈرۈش -قاراۋۇللۇق كۈچەيتىلىپ يەر ئاستىدىن بۇلىدىغان خەۋپ يوقىتىلدى، ئىككىنچىدىن يەريۈزىگە نىسبەتەن ئەسلىدە كۇچا-مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرغان پۇقراچە كىيىنگەن ئالاھىدە خادىم بىرمىڭ بەش يۈز ئىدى، مارشالنىڭ ئاخشامقى خەۋىرىگە ئاساسەن يەنە بىر يېرىم مىڭنى كۆپەيتتۇق، پەمىمچە ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا مەيدان – كوچىلاردىكى بارلىق كىشىلەر ھازىر قولىمىزدا بار بولغان ئەڭ ئىلغار رېنتېگېنلىق سىكانىرلاشتىن ئۆتۈپ بولدى ،بۇ خىل سىكانىرلاشتا كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېلىپ ماڭغان يىڭنە چوڭلۇقىدىكى ھەرقانداق مېتال جىسىمنى بىلگىلى بولىدۇ دېمەك مەيدان ئىچىدىن ياكى كوچا ئىچىدىن قاتىلنىڭ قول سېلىش مۇمكىنچىلىكى تۈگىتىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن مەيدان ھاۋا بوشلۇقى كىچىك كۆلەمدىكى«قوغدىنىش سىستېمىسى» غا كىرگۈزۈلدى ، بۇ خىل سىستېمىدا مەيدان يۈزى ھاۋابوشلىقىدا ئاۋاز سۈرئىتىدىن تىز يۈرىۋاتقان ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن تېزلىكتىكى تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى ھەرقانداق جىسىم رادار سېستىمىسىغا چۈشۈش بىلەن بىرگە قوغدىنىش سىستېمىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن خەۋىپنىڭ كېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئەتراپتىكى جايلارغا قاراپ باقايلى ،بىزگە بېسىم ئەكەلگىنى دەل مۇشۇ بىنالار، – قىزغىن سۆزلەۋاتقان قىرىق ياشلار چامىسىدىكى بۇ ۋىجىك ئادەم ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى ئىچكى قاتلىمىدىكى«دىلو ئانالىز ئاتىسى» دەپ نام ئالغان تالانتلىق شەخس مايۇر مىخائىل بولۇپ گەرچە ئۇ «ئامانلىق ئىشخانىسى» نىڭ ئاددى بىرئەزاسى بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تېرورلۇق - قاتىللىق رازۋېتكىسى توغرىسىدا يازغان بەزى ماقالا-كىتاپلىرى ياۋروپادىكى داڭلىق ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھېلىھەم دەرىسلىك قىلىنىپ ئۆتۈلۈۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى ھېسابلىناتتى ھەتتا پېرىزدىنىت نىكسونمۇ بۇ كىشىگە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرەتتى، ئۇگەپ قىلىۋاتقاندا مۇزاكىردىكى بارلىق خادىملار باشقىچە زەن قۇيۇپ ئاڭلىدى، مىخائىل كىچىك ئىكراندىكى ئاسمان پەلەك بىنالارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۈزىنى داۋاملاشتۇردى، –پىرىزدىنىت سۆز قىلىدىغان سەھنىنىڭ كەينى ، ئوڭ-سول ئىككى تەرىپى شۇنداقلا ئۈستى ئوق ئۆتمەس ئەينەكتىن ياسالغان يۆتكىمە تام بىلەن بېزەلدى، شۇنداقتىمۇ سەھنە يۈزى ئالاھىدە چوڭ، ئالدى تەرەپتىن كېلىدىغان خەۋىپنى ئازايتىش ئۈچۈن بىزدە ھازىر بار بولغان ئەڭ ئىلغار يىراق مۇساپىلىق قۇرال ئوقىنىڭ ئەڭ يىراققا بېرىش ئارىلىقى ئىككى مىڭ مېتىرغا يىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن شۇنداقلا بۈگۈنكى شامال كۈچى ۋە يۆنىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ دائىردىكى بارلىق بىنالارنى نىشانغا كىرگۈزدۇق، سائەت ئونغا يېقىن زوركۆلەملىك ئاختۇرۇش-تىنتىش خىزمىتى تامام بولىدۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىنالارنىڭ ھەر بىر دەرىزىسىگە بىردىن ئالاھىدە قىسىم ئەسكىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، سۆزۈم تامام ئەپەندىلەر!
- ناھايىتى ياخشى قىپسىز مىخائىل ، سىزنى قوللايمەن ، ھە راست تۈرمە باشلىقى ھايكىر، ھېلىقى تىجىمەل ئەپەندىڭىزگە ئاپىرىپ بەرگەن مەيدانغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب كەلمىگەندۇ؟،- دېدى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاككېر جىدىدىي تەلەپپۇزدا.
- ياق مىنىستىر ئەپەندى ، تېخىچە جاۋاب يوق...،- مارشال ھايكىر چۈشۈپ كەتكەن بېشىنى كۆتۈرۈپ دۇدۇقلىغىنىچە جاۋاب بەردى.
-بۇپتۇ ھېچقىسى يوق، – مىنىستىر سالماقلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىدىكى مايۇر مىخائىلنىڭ قۇلىنى تۇتتى ئاندىن سەمىمىلىك بىلەن ئېيتتى، – بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور قوغداش ھەرىكىتى ھەم بىزنىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز، ھەممە ئىشلار ئېيتقىنىڭىزدەك بولغاي ئىلاھىم ، سىزنىڭ غەلىبىڭىز بىزنىڭ غەلىبىمىز شۇنداقلا ئامېرىكا خەلقىنىڭ غەلىبىسى قەدىرلىك مايۇر ! ۋەتەننىڭ كىلەچىكى سىزنىڭ قولىڭىزدا ، تەڭرىم ئامېرىكىنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ! سىز بىزنىڭ پەخرىمىز مىخائىل!، –مۇداپىئە مىنىستىرى خاككېر تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مىخائىلنىڭ مۆرىسىنى قوش قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مەدەت بەردى ۋە سورۇننى ئاخىرلاشتۇردى.
* * * * * * * *
چۈشكە يېقىن كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلاپ مەيدان تېخىمۇ ئاۋاتلاشتى، سەھنىدە ئورۇندىلىۋاتقان ناخشا-مۇزىكا ئەترىتىنىڭ شوخ-يېقىملىق كۈيلىرى پۈتۈن مەيدان ئەھلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىپ چوڭىدىن كىچىككىچەھەممىسى مۇزىكا دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ كەتكەن ئىدى پەقەت تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن مۇخبىرلار لاققۇ-لۇقىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ نۇتۇق سەھنىسى تەرەپتە ئالا-تۇپۇل مېڭىشىپ يۈرىشەتتى. پېرىزدىنىت كېلىدىغان ۋاقىتمۇ بۇلاي دەپ قالدى...
پىرىزدىنت ئاخىرى كەلدى.
مۇزىكىنىڭ ئورنىنى نەچچە مىڭ ئاممىنىڭ ئىچى-ئىچىدىن ياغدۇرغان قىزغىن گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىر ئالدى ، ئاسمان –زېمىن ئالقىش ئىسقىرتىشلاردىن تىتىرىدى، پېرىزدىنىت ۋەزىپىگە ئولتۇرغان نەچچە يىلدىن بىرى ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئىشسىزلىق ئازايتىلدى ، بولۇپمۇ مال باھاسى مۇقىم بۇلدى،ياشانغانلارنىڭ بېقىلىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، زەھەر ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بولدى ،خەلقئارادىكى «ئۆزخەلقىنى ئۆزى قانلىق باستۇرۇشقا كۈنۈپ كەتكەن جاللاتلارنى تازىلاش» كۈرىشىگە ئامېرىكا ئۆزى باش بولۇپ قاتناشتى ھەم زور غەلبىگە ئىرىشتى، ئۇرۇش چىقىمى كۆرۈنەرلىك ئازايتىلىپ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ نەپىقە پۇلىنى كۆپەيتىش ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش جەھەتلەردىكى بىر قاتار مەسىللەر ياخشى ھەل قېلىندى...
پېرىزدىنىت خانىمى بىلەن ماشىنىدىن چۈشتى،ئالقىش ساداسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى، ئۇلار مەيداندىكى ئاۋامغا خۇددى يىراق سەپەردىن قايتىپ كەلگەن ئاتا ئۆز باللىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغاندەك يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ ئاۋامغا قانماي قارايتتى، قانماي كۈلۈمسىرەيتتى ، قانماي قول پۇلاڭلىتاتتى، ئۇلار يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردەك قول تۇتۇشقىنىچە نۇتۇق سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى، چاۋاك توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، پېرىزدىنىت كېلىنچەكنىڭ قۇلىنى قويۇۋەتمەستىن مىكروفوننىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە قولىنى ئېگىز پۇلاڭلىتىپ مەيداندىكىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن خانىمىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قۇيدى. خانىم كۈلۈمسىرىگىنىچە كەينىگەسەل يېنىپ تۇردى ، پېرىزدىنىت مەيدان ئەھلىگە قاراپ سۈزىنى باشلىدى:
- ئەزىزلىرىم ، چۈشلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن ! قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئالغىنىمدىن تۇلىمۇ خىجىلمەن !، – يەنە قىزغىن گۇلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ، پېرىزدىنىت كۈلۈپ كەتتى.ئۇ بۇ قېتىم سۆزىنىڭ بېشىدا «ھۆرمەتلىك خانىملار-ئەپەندىلەر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدى، ئۇ ئىككى قۇلىنى ئاستا چىقىرىپ ئۇلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەندەك ئۇلارغا قارىتىپ پۇلاڭلاتتى، ئاندىن سۈزىنى داۋاملاشتۇردى، – بۈگۈن ھەرقايسىڭىزلار بىلەن قۇياش كەبى قەدىرلىك ھەم سۆيۈملۈك بولغان ئامېرىكىنىڭ ئۇلۇغ بايرىقى ئاستىدا ئوخشاش بىر مەيداندا ،ئوخشاش بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقىنىمدىن ئۆزەمنى تۇلىمۇ بەخت ھېس قىلىمەن!، –ئالقىش چاۋاكلار تەدرىجىي بېسىقىپ مەيداندىكى مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان تەشنا كۆزلەرپېرىزدىنىتقا تىكىلدى. پېرىزدىنت سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى....
دانە-دانە ئېيتىلغان دەبدەبىلىك سۆزلەر كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىسىنى چىكىپ ئۇلارنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىۋاتقان پەيتتە مەيدانغا يېقىن جايدىكى «ئامانلىقنى قوغداش ئىشخانىسى»نىڭ قۇماندانلىق ماشىنىسىدىكى ئون نەچچەخادىم خۇددى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاتوم بومبىسى پارتلايدىغاندەك جىددىي ھالەتتە خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى بۇ نۇتۇقنىڭ مەزمۇنى بولماستىن بەلكى نۇتۇقنىڭ بالدۇرراق تۈگەپ پېرىزدىنىتنى بەش بۇرجەكلىك بىناغا ئامان-ئىسەن قايتۇرۇش ئىدى .كونترول سۇپىسىدا قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالغان ئالاھىدە خادىملار ئالدىدىكى كومپيۇتېر ئىكرانىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئەتراپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخپىي ھەم ئاشكارا قاراۋۇللار بىلەن توختىماي ئالاقىلىشاتتى. ماشىنا ئىچى خۇددى پايچىك بازىرىدەك قىززىپ كەتكەن بولۇپ «ئۈچىنچى نۇمۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھتىن كەلگەن سىگنال ياخشى ئەمەس،يەتتىنچىسىگە ئالماشتۇرۇڭ ، ئون سەككىزىنچى بىنا جاۋاب قايتۇرۇڭ، ھە ياخشى ،ئالتىنچى بىنا جاۋاب قايتۇرۇڭ ياخشى ، ...ياخشى...جاۋاب قايتۇرۇڭ ...ياخشى...»دىگەندەك ئاۋازلار ماشىنا ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. ھەر كىم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى، پەقەت بۇقېتىمقى قوغداش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولغان مايۇر مىخائىل قۇلىدىكى قەلەمنى چىشلىگىنىچە پات – پات قول سائىتىگە قاراپ ماشىنا ئىچىدىكى تار يولدا ئۇيان-بۇيان ماڭاتتى، ئىشلار نورمال كىتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن مايۇر يەنىلا جىددىيلەشكىنىدىن سائىتىگە قارايتتى... ۋاقىت ئۇنىڭغا ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كەينىگە مېڭىۋاتقاندەك بىلىندى...
- دوكلات مايۇر ، تۆت بال شەرق شامىلى، كۈچىيىش ئېھتىماللىقى زور! – دېدى ھاۋا رايىغا مەسئۇل خادىم گەپنى قىسقارتىپ.
- بايام تېخى ئىككى بال ئىدىغۇ ؟
- شۇنداق مايۇر ، لېكىن شامال كۈچى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ . ھازىر بەش بالدا تۇراقلاشتى.
- ئۇ نان قېپىلارنىڭ ھاۋارايى مۆلچىرى قانداقتى؟
- دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى مۆلچەر ئىككى بال شەرق شامىلى ئىدى مايۇر.
مايۇر جىددىيلەشتى.
- ئاناڭنى...، نۇتۇق تۈگەشكە يەنە قانچىلىك قالدى؟
- تەخمىنەن بىر يېرىم مىنۇت.
مايۇر مىخائىل ياندىكى دۇربۇننى ئېلىپ دەرھال ماشىنىدىن چۈشتى –دە چىمچىلاق بارمىقىنى ئاغىزىدا ھۆلدەپ قۇلىنى ئېگىز كۆتۈردى. ئاندىن شامال كېلىۋاتقان تەرەپتىكى بىنالارغا دۇربۇن بىلەن قاراشقا باشلىدى، ئىشلار ئۇنىڭغا نورمالدەك بىلىندى. ئۇ دۇربۇننى كۆزىدىن ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشقا تەمشەلدى ،بىراق كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە دۇربۇننى ناھايىتى تىزلىكتە كۆزىگە ئەكىلىپ بايام قارىغان تەرەپكە قايتا قارىدى. دۇربۇننىڭ پارقىراق بىر جۇپ كۈزى شامال كىلىۋاتقان تەرەپتىكى بىر جۇپ قوشماق بىناغا تىكىلدى، بۇ بىر جۇپ قوشماق بىنا مەيدانغا ئەڭ يىراق بىنالاردىن بولۇپ بىرى مەيدانغا بىر يېرىم مىڭ مېتىر يىراقلىقتا بولسا يەنە بىرى مەيدانغا ئىككى مىڭ مېتىر يىراقلىقتا ئىدى ، كۆز بىلەن قارىغاندا ئىككى بىنا خۇددى قوشماق بىنادەك ياكى بىر پۈتۈن سېپىل تامدەك كۆرۈنەتتى. دۇربۇن بىلەن سىنچىلاپ قارىغاندا ئاندىن ئىككى بىنانىڭ ئارلىقىدا بىر مېتىرچە بوشلۇق بارلىقىنى كۆرگىلى بۇلاتتى. ئەمما مايۇرنىڭ دىققىتى بۇ ئىككى بىنادا ئەمەس بەلكى ئىككى بىنانىڭ ئارلىقىدىكى بوشلۇقتا يەر يۈزىدىن ئاران كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر مۇناردا يەنى ئىككى بىنادىن سەل يىراق جايدىكى قەدىمىي چېركاۋ مۇنارىدا ئىدى...ئۇنىڭ يۈرىگى « قارتتىدە » قىلىپ قالدى، گەرچە بۇ چېركاۋ مۇنارى بۇ قېتىمقى قاراۋۇل ئۇرۇنلاشتۇرۇش پىلانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى شامال يۆنىلىشى ھەم شامال كۈچى مايۇرنىڭ پىلانىغا پايدىسىزدەك بىلىندى. ئۇ جىددى بۇيرۇق قىلدى «نىشان بىلسۇن چېركاۋى، يەر يۈزى ھەم ھاۋادىن دەرھال ھەركەتكە كەلسۇن !»
بۇيرۇق تۈگىمەستە بوشلۇقتا ۋەزىپە ئۈتۈۋاتقان بىر قانچە تىك ئۇچار ئايروپىلان يۆنۈلۈشىنى چېركاۋ تەرەپكە ئۆزگەرتتى .ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارمۇ سىكنۇت ئىچىدە نىشاننى چېركاۋ مۇنارىغا قارىتىشقا باشلىدى. چىركاۋغا ئەڭ يېقىن جايدىكى ئالاھىدە قىسىم چاقماق تىزلىكىدە ھەركەتكە كەلدى...
پېرىزدىنت ھېلىھەم نۇتۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى...
-«...مىڭلىغان بالىلار بىزگە تەلمۈرمەكتە ئۇلار تويغۇدەك تاماققا موھتاج بولماقتا...شۇنداق، ئىستىبداتلار تېخى يوقىتىلغىنى يوق، مىڭلىغان ئانىلار ئەشۇ ئىستىبداتلارنىڭ زۇلىمى تۈپەيلى كېچىسى تېخى ئارامىدا ئۇخلىغىنى يوق ، ئۇلارنىڭ كۆز يېشى دەريا بولۇپ ئاقماقتا ، ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش، نامراتلىققا قارشى تۇرۇش بىزنىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارىمىز ! بىز كۆز يېشىمىز بىلەن ئەمەس ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلارمىز...مانا بۇ تەڭرىنىڭ بىز ئامېرىكىلىقلارغا بەرگەن ھۇقۇقى!....» نۇتۇق مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەيداندا گۈلدۇراس ئالقىش كۈتۈرۈلدى.
نۇتۇق تېخى تۈگىمىگەن ئىدى، پېرىزدىنت نىكسون ئالدى تەرەپتىن كەلگەن ئىللىق شامالدىن چوڭقۇر نەپەس ئالماقچى بولدى. ئۇ بۇ شامالدىن خۇددى قانداقتۇ بىرخىل خۇشپۇراقنى تاپقاندەك كۈزىنى يېرىم يۇمۇپ ئاسمانغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى، چۈنكى ئالدى تەرەپتىن كەلگەن بۇشامال، مەيداندىكى ئاۋامنىڭ تەر پۇراقلىرىنى ئۆز پېتى ئەكەلگەن ئىدى. بۇ خىل پۇراق پېرىزدىنتقا خۇددى ئۆز ئانىسىدىن كەلگەن مەززىلىك تەر پۇرىقىدەك ياكى ئۆزىنىڭ بوۋاق بالىسىدىن كەلگەن تاتلىق سۈت پۇرىقىدەك بىلىنىۋاتاتتى... مانا بۇ كىشى - ئۆز خەلقىنىڭ ئاچچىق تەر پۇرىقىنى ئۆزىگە خۇشپۇراق بىلگەن بۇ ئادەم، تەڭرىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا بەرگەن كاتتا بىر مۇكاپاتى ئىدى. ئەپسۇس بۇ ئىللىق مەيىن شامال پۇراپ قانغىلى بولمايدىغان تاتلىق پۇراقنى ئەكىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر شۇم نەرسىنىمۇ ئەكىلىۋاتقان ئىدى...
پېرىزدىنت كۈلۈمسىرىگىنىچە سۆز قىلىشقا تەمشىلىپ ئىككى قۇلىنى شۇنداق كۆتۈرۈشى سول كۆكرىگى چىممىدە قىلغاندەك بۇلدى. سول مۈرىسىنىڭ ئاستىدىن يەنى سول مەيدىسىدىن قىپقىزىل قان بولدۇقشىپ ئېتىلىپ چىقتى...
پېرىزدىنت يېقىلدى...
ئۇنىڭ يېنىغا ئەڭ دەسلەپ كەلگىنى ئۇنىڭ خانىمى بولدى، خانىم شۇنداق ھەسرەت بىلەن قاتتىق بىر چىقىردىكى بۇ ھەسرەتلىك ئاۋازدىن پۈتۈن ئامېرىكا تىتىرەپ كەتتى...
* * * * * * * *
پېرىزدىنت يېقىلغاندا ھېچقانداق ئاغرىقنى سەزمىدى .باشتا ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ بىر نەرسىنى كۆرەلمىدى كېيىن خىرە بىر يورۇقلۇقنى كۆردى ، يورۇقلۇق بارغانسېرى كۈچەيدى ، پېرىزدىنىت كۈزىنى تەستە ئېچىۋىدى ئانىسىنىڭ يېنىداكۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى :
- بالام ئويغىنىڭ ، دادىڭىزنىڭ كېلىدىغان چېغى بولدى . تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە كۆپ سوۋغات ئەكىلىدىكەن...- ئانا مېھىرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قۇيۇپ كىچىك ھۇجرىدىن يىنىك دەسسەپ چىقىپ كەتتى.
ئۈچ ياشلىق نىكسون ئورنىدىن ئەسنەپ ئويغاندى ئاندىن پىلتىڭلاپ يۈگرەپ چىقىپ تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئانىسىنىڭ پۇتىنى قۇچاقلىۋېلىپ بىردەم ئەركىلىۋالغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ تىزراق كېلىشىگە تەقەززا بولۇپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك يولغا چىقىپ ساقلاپ تۇردى. شۇ ئەسنادا بىركىچىك قارا ماشىنا يولنىڭ بۇيىدا توختاپ ئىچىدىن ئىككى ئادەم چۈشكىنىچە كىچىك بالىنى ماشىنىغا سۆرەپ تارتىپ ئاچىقتى. بالا شۇنچە ۋاقىرىسىمۇ بۇنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى، ئۇتوۋلىدى، يىغلىدى، تېپىچەكلىدى... ئۇلار بالىنى بازار سىرتىدىكى بىر خارابىلىكتىكى تاشلاندۇق ئۆيگە ئەكەلدى . ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر ئۈستەل تۇراتتى. ئۇلار بالىنى ئۈستەلگە ياتقۇزدى ئاندىن قۇللىرىغا ئۇستىرا، پىچاقلارنى ئېلىپ بالىنىڭ يۈرىگىنى سۇغارماقچى بولۇشتى. بۇرنى پاناق كەلگەن بۇ ئىككى پاكار ئادەم ئەسلىدە ئادەم ئەزالىرى سودىسى قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ياللانما نىمكارلىرى بولۇپ بۇلار يىراق ئەلدىكى «ئادالەت ھامىيسى» دېگەن دۆلەتتىن كەلگەن ئاققۇن مۇناپىقلار ئىدى. پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ نامى گەرچە «ئادالەت ھامىيسى»بولسىمۇ بىراق بۇ ئەلدە نەقانۇندىن نە ئادالەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. بۇ ئەل شۇنداق بىر ئىستىبىداتنىڭ قولىدا قالغان ئىدىكى «كىمكى خانلىقنىڭ ئادالەتسىزلىكى توغرىسىدا بىر ئېغىز گەپ قىلسا ئۇنىڭ ئۈچ ئەۋلادى، ئىككى ئېغىز گەپ قىلسا ئۇنىڭ يەتتەئەۋلادى قىرىلىپ تاشلىنىدۇ»دەيدىغان قانۇنى بارئىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىلەردە ئىشلىتىلگەن ئون ئادەم ئەزاسىنىڭ توققۇزى مۇشۇ «ئادالەت ھامىيسى» دىن كىلەتتى.
بالا ئۈستەلدە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلۇپ پۇت-قۇلى تۆت تەرەپتىن باغلاندى بالا توختىماي « ئانا ! ئانا » دەپ ۋاقىرايتتى. ئۇلار بالىنىڭ بۇرنىغا بىرنىمىنى پۇرىتىۋىدى بالا شۇك بولۇپ ھۇشىدىن كەتتى. ئۇلار بالىنىڭ كۆينىكىنى يىرتىپ كۆكرىكىگە قەلەم بىلەن كېسىدىغان ئورنىغا بەلگە سىزىۋاتقان پەيتتە « قارس- قۇرۇس » قىلغان ئاۋاز بىلەن ئىشىك ئۆرۈلۈپ ئۆيدىن تۇپا –چاڭ كۈتۈرۈلدى.ئشىكنىڭ ئالدىدا ئاتلىق بىر ئادەم قۇلىدا بىسى ۋالىلداپ تۇرىدىغان بىر ئاي پالتىنى تۇتقىنىچە غەزەپ بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئىككى ۋىجىك قاۋان ئالا-تۇپۇر بولۇشۇپ قورققىنىدىن لاغ-لاغ تىترىگىنىچە قوللىرىدىكى ئۇستىرا –پىچاقلارنى تاشلاپ ئاتلىق ئادەمنىڭ ئالدىدا تىزلاندى.
- سەنلەر كىم ؟ - دېدى ئاتلىق ئادەم غەزەپ بىلەن.
- بىز...بىز پادىشاھىمىز ئۈچۈن بايلىق توپلىغۇچىلارمىز...- دېدى ئۇلار يەر سۆيۈشۈپ تۇرۇپ.
- ھازىرچە ئاچكۆز شاھىڭغا ئىككى باش بېرەي، قالغان سوۋغىنى ئوغلۇمدىن ئالسۇن! -ئاتلىق ئادەم ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئىككى قاۋاننىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى. ئاندىن بالىنى كۈتۈرۈپ باغرىغا باستى بالا ھۇشىغا كىلىپ كۆزىنى ئېچىۋىدى، دادىسىنىڭ يېنىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
مۇشۇ چاغنىڭ ئۆزىدە پېرىزدىنىت ھۇشىغا كەلدى. بايامقى ئىشلار ئۇنىڭ بىھوش ھالەتتىكى كۆرگەن چۈشى ئىدى، بەخىتكە يارىشا بۇ قېتىمقى قەسىتلەشتە چېركاۋ مۇنارىدىن ئېتىلغان ئۇق ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمىگەن ئىدى. نەچچە سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۆپكە ۋىناسىغا كېلىپ توختاپ قالغان ئۇق ئېلىۋېتىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بەكلا قانسىراپ كەتكەنلىكتىن ئىككى كۈندىن بىرى بىھوش ياتاتتى.
پېرىزدىنىت كۈزىنى تەسلىكتە ئاچتى ، يېنىدا قىزى ۋەئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. ئۇ قىزىنى يېنىغا چاقىرىپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى ئاندىن ئايالىنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتتى . خانىمنىڭ كۆزىدىن خۇشاللىق يېشى توختىماي دومىلايتتى. بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن خانىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئاستاغىنا ئېغىز ئاچتى :
- قەدىرلكىم ئەزىز مېھمانلىرىڭىز ساقلاپ قالدى؟، - خانىم دۆلەت ئىشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئاق كۆڭۈل ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئوبدان چۈشىنەتتى.
پېرىزدىنىت بېشىنى لىڭىشىتتى. دەسلەپتە مۇئاۋىن پىرىزدىنىت كەيندىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، ئاندىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىقلار نۆۋەت بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ھەقىيقى دوستلۇق يېشىنى تۆكتى. پېرىزدىنىت كىراۋىن تۈرمىسىدىكى ئىشلاردىن باشلاپ بېلسۇن چېركاۋىدىكى قاتىلنىڭ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر تاپتى. ئاخىرىدا ئۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرىنى قايتا چاقىرىپ بىر ئىش ئۈستىدە توختالدى :
- « ئادالەت ھامىيسى»نىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ - پېرىزدىنىتنىڭ بۇ سوئالىدىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
- سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدىكەن، ئۇ خۇن ئاسالار ئۆز خەلقىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ خۇن بەدىلىگە ئاشلىق توپلاپ باشقا ئەللەرگە ياردەم قىلىپ ياخشىچاق بولماقتا، ئەسلى –ۋەسلىدىن كىچىپ موسكوۋاغا خۇشامەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلىماقتا، ب د ت دا بۇ توغرىلىق ئىختىلاپ كۆپ .
- ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قاراشلىرى يېتەرلىك ئەمەس. ئۇلارغا تاشلاپ قويساق «ئادالەت ھامىيسى» نىڭ مەيدان- كوچىلىرى يۈتكەن بالىسىنىڭ دەردىدە ساراڭ بولغان ئانىلارغا تۇلىدۇ. مۇسكىۋامۇ ئۆز بىلگىنىچە پۇرۇقشىپ قاينىۋاتىدۇ. ئەمدى قاراپ تۇرۇۋەرسەك ئۆزىمىزگە يۈز كىلەلمەيمىز ، مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئىشنى باشلىساق بۇلاتتى! – دېدى پېرىزدىنىت ئابايامقى چۈشىگە تەبىر بەرگەندەك ئۇھ تارتىپ.
- بىزمۇ شۇنى كۈتۈۋاتاتتۇق، مىنىستىر ئەپەندىنىڭ ناگانلىرى غىلىپىدا قىززىپ كەتكىلى نەۋاق، ئەمدى شامالدايدىغان چاغلىرى بولدىغۇ دەيمەن!،– دېدى باش كاتىپ مۇداپىئە مىنىستىرىغا قاراپ چاقچاق ئارىلاش سۆز قىلىپ .
- راس گەپنى دىسەم مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن سىگارىتىمغا پۇل تاشىمىغان ئىدى، ئەمدى خۇماردىن چىقىدىغاندەك تۇرىمەن!، – دېدى مۇداپىئە مىنىستىرى باشقىچە روھلىنىپ.
- ئەمىسە ئۆزەڭلار بىلىڭلار ، ئۆز ئىچىدىن يىمىرىلىش ئاساس بولسۇن لېكىن پەيتى كەلگەندە ئاۋايلىماڭلار! –دېدى پېرىزدىنىت مەنىلىك قىلىپ.
- خاتىرجەم بۇلۇڭ!، – دېدى باش كاتىپ بېشىنى لىڭىشتىپ.
قەدىناسلارنىڭ سۆھبىتى پات تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. پېرىزدىنىت ئالدى تەرەپتىكى تام سائىتىدىن چىققان داڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باش كاتىپقا قاراپ سۆز قىلدى:
- ھېلىقى مېھمىنىڭىزنىڭ كېلىدىغان چېغى بولدىغۇ دەيمەن . ھە راست، ئامانلىق ئىشخانىسىدىكى مايۇر مىخائىلنىڭ ئىستىپانامىسىنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، ئۇنىڭغا دەڭ، مىنى بالدۇرراق ساقايسۇن دىسە دەرھال ئۆز ئورنىغا كەلسۇن! –دېدى پېرىزدىنىت بۇيرۇق قىلىپ.
- باش ئۈستىگە پېرىزدىنىت ، مايۇرغا سالىمىڭىزنى ئۆزۈم يەتكۈزىمەن، ئەمدى ئۇ كىرسۇنمۇ؟ - دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىشىكنى ئېچىپ سىرىتتا ئولتۇرغان مەھبۇسقا ئىشارەت قىلدى.
يېرىم ئېچىلغان ئىشىكتىن ئۈستىگە يارىشىملىق كۈلرەڭ كاستىۇم -بۇرۇلكا كېيگەن، پىشانىسى شەبنەمدەك يالتىراپ تۇرغان، كېلىشكەن بىر يىگىت ئەدەپ بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۇدۇل پېرىزدىنىت ياتقان كارۋاتنىڭ يېنىغا يېقىن بېرىپ ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن « پېىزدىنىت ئەپەندى ، سىزنى كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن! » دەپ ھۆرمەت بىلدۈردى. پېرىزدىنىتمۇ جاۋابەن ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئۇنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كىرىسلودا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ئاندىن يېنىدىكىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ گۈللەرگە تولغان ئازادە يورۇق ئايرىمخانىسىدا پېرىزدىنىت ۋە ھېلىقى «مەھبۇس» ئىككىيلەنلا قالغان ئىدى.
بىر دەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن پېرىزدىنىت بۇ ناتۇنۇش يىگىتنى يېنىغا چاقىردى. ئاندىن ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ «رەھمەت ئوغلۇم ، سىزنى قىيناپ قويدۇق، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن !» دەپ ئۇنىڭغا ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى. پېرىزدىنىتنىڭ ھازىرقى مۇئامىلىسىدىن خۇددى ئاتىنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھەقىيقى قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى. پېرىزدىنىت يىگىتنىڭ قۇلىنى بوش تۇتۇپ تۇرۇپ دېرىزە سىرتىدىكى گۈللۈككە نەزەر سالدى. ئاندىن ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ بىر تىندى. ئۇنىڭ بۇ تىنىقىدىكى ئېغىر ھەسرەت ، كۆز يەتكۈسىز ئارمان ياش يىگىتنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ناۋادا بۇ ئازاپلىق تىنىق گۈلخانغا ئايلانغان بولسىدى پۈتۈن دۇنيانى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغان بۇلاتتى...
- بالام ،سەن قايسى باغنىڭ گۈلى؟ نېمە ۋەجىدىن گۈلزارلىقىڭنى تاشلاپ تاغنى ماكان تۇتتۇڭ؟ خالىساڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگىن ، ھېكايەڭنى ئاڭلاشقا بەكمۇ تەشنامەن ! – پېرىزدىنىت ئاتىلىق سالاپەت بىلەن ئۇنىڭ قول بارماقلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا ئۇنىڭ قوي كۆزلىرىگە تىكىلدى.
يىگىت ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىنسانلاردا بۇلىدىغان ھەقىيقى سەمىمىيلىكنى كۆرگەندەك بولۇپ ئۇنىڭ يۇمران ئىسسىق قۇلىدىن بىرخىل ئاتىلىق مىھرىنى سەزگەندەك بولدى. ئۇ بىر نېمىدىن ئىزاتارتقاندەك ئاستاغىنا ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە كەلدى. كىچىك گۈللۈكتىكى ئۇچۇۋاتقان كېپىنەكلەرگە ، غۇڭۇلداپ ئۇچۇۋاتقان ھەسەل ھەرىلىرىگە قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن چوڭقۇر بىر ئۇھ تىندى، ئاندىن روھلۇق ھالدا كارۋاتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئېغىز ئاچتى :
- مۇكەممەلىك بىزگە خاس ئەمەسكەن ، ئىنسان خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن يەنە خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدىكەن، قاراڭ ئاۋۇ ھەسەل ھەرىسىگە پېرىزدىنىت ئەپەندى ، ئۇ بىر ئۆمۈر ھەسەل يېغىپ، بىر ئۆمۈر كۆنەك ياسىدى، ئادەملەر ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسىنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن كارى بولمىدى ! ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ ھەسىلىنى ئېلىۋالدى ، ئاقىۋەتتە ھەسەل ھەرە ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلدى! شۇنداقتىمۇ ھەسەل ھەرىلىرى ئۆزىگە كېلىدىغان تالاپەتنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا بوشاشمىدى، مەڭگۈ ھەسەل يېغىشنى، كۆنەك ياساشنى توختاتمىدى! شۇنداق ،بىز ھەممىگە ئېرىشتۇق. لېكىن ئېرىشكەنلىرىمىزدىن يۇقاتقىنىمىز كۆپ بولدى. غەم-قايغۇدىن، ۋەھىمىدىن قۇتۇلالمىدۇق! ھەسەل ھەرىسى بولسا خالىغان يەرگە ئۇچالىدى، خالىغان يېرىگە قۇنالىدى، يەنىلا قايغۇ ۋەھىمىدىن خالىي ئۆتتى!... دەپ كەلسەم مىنىڭمۇ ئەشۇ كىپىنەكتەك ، ئەشۇ ھەسەل ھەرىسىدەك غەمسىز، بىغۇبار چاغلىرىم بولغان، لېكىن گۈللۈكۈم ۋاقىتسىز كۈز شامىلىدا توزۇپ، دەھشەتلىك بوران بېغىمنى خازان قىلىپ مېنى قاراڭغۇ زۇلمەتكە تاشلىدى. شۇنداقتىمۇ پەرۋانىدەك ئۈمىدۋار ياشىدىم، بىر ئۆمۈريۇرۇقلۇق ئىزدىدىم! ئەشۇ ئۈمۈدۋارلىق ئالدىمدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇقلۇققا ، گىياھسىز چۆللۈكنى يېشىل چىمەنلىككە ئايلاندۇردى! ھازىر ئويلىسام دۇنيانى رەڭگا –رەڭ كۆرسەتكىنى كۆزئەمەس كۆڭۈلكەن. كۆڭۈل قانچە كىرلەشكەنسىرى دۇنيا شۇنچە رەڭسىزلىشىدىكەن! ئەكسىچە كۆڭلۈڭ قانچە پاكىزلانغانسىرى دۇنيا شۇنچە رەڭگە تولىدىكەن! ھەسەل ھەرىسىنىڭ گۈل شىرنىسى يىغقاندىكى ھۇزۇرى بىلەن پەرۋانىنىڭ شام يالقۇنىغا ئۆزىنى ئاتقاندىكى ھۇزۇرى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگە ئايان، ئەكسىچە بىزگە يىراق....،- يىگىت سۆزلەپ مۇشۇيەرگە كەلگەندە جىمىپ كەتتى.
- سۆزلە، ئوغلۇم، قۇلۇقۇم سەندە، – دېدى پېرىزدىنىت بېشىنى لىڭىشتقىنىچە يىگىتكە ئىلھام بىرىپ.
- قەدىرلىك پېرىزدىنىت ئەپەندى ، گۈلزارلىقىمنىڭ ھىكايىسى بەكمۇ يىراقتا. بىلمىدىم سەيلە قىلىشقا راستىنلا تاۋىڭىز بارمىدۇ؟!
- مەرھابا ئوغلۇم، يول باشلىشىڭغا ئىنتىزارمەن!
شاش ئاتلار قامچىلانماستىلا يۈرۇپ كەتكەندەك ،ۋاقىت تۇلپارلىرى بۇ ئىككى ئادەمنى ئېلىپ ئۇچقاندەك چاپقىنىچە بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر بۇرۇنقى چاغلارغا ئېلىپ ماڭدى...
(ئاللاھ خالىسا داۋامى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ بەتكە يوللىنىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xayhim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 02:45 AM