xayhim يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:10 PM
ئۈچىنچى باب:ئاشىق
شۇ ...
تۆتىنچى باب:يامان چۈش
شۇ كۈنى كەچتە جالال شەيخ خۇپتەن نامىزىدا ئوغلىنىڭ مەسچىتتە يوقلىقىنى سەزدى. ئۇ نامازنى تۈگىتىپ ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ ھەمرالىقىدا ئۈيىگە ئالدىراپ قايتتى،خىزمەتچى ياۋۇزبەگنىڭ ئۆزىنىڭ ھوجرىسىدا جەيناماز ئۈستىدە قۇرئان تۇتقىنىچە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
جالال شەيخ بىچارە ئوغلىنىڭ كىچىك چاغلىرىدا دائىم ئاخشاملىرى ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭ ئەشۇنداق جەيناماز ئۈستىگە چىقىۋېلىپ قۇرئان تۇتىۋېلىپ ئولتۇرىدىغان بالىلىق ئوماق چاغلىرىنى ئەسلەپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى. ئۇ ھوجرىغا ئاستا كىرىپ ئوغلىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردى. ياۋۇزبەگ قۇرئاننى قۇچاقلىغان پېتى يېنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇ مۇشۇ تاپتا چۈش كۆرىۋاتاتتى، چۈشىدە ياۋۇزبەگ نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن بىر باغدا سەيلە قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بار ئىدى. بىر چاغدا خان ئاق ئۈجمە ئۇسۇلغان بىر ئالتۇن قاچىنى باش سانغۇن پاششاخانغا سۇنغۇدەك، پاششاخان تازىم قىلىپ سوۋغىنى ئالغاندىن كېيىن ئەمدى يەي دەپ تۇرىشىغا ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ زىمىننى تۇمان باسقۇدەك. شۇ ئەسنادا باغنىڭ شىمالىي ئىشىكىدىن بىر سېرىق قاۋان بوينىدىكى ئۈزۈلگەن زەنجىرىنى سۆرىگىنىچە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كىرىپ پاششاخاننى چىشلىۋالغۇدەك، پاششاخان ياۋۇزبەگكە ئالتۇن قاچىنى سۇنۇپ بىرىپ قاۋان بىلەن ئېلىشىۋاتقۇدەك. قاۋاننىڭ يۈزىدىكى تۈكلەر ئۇنىڭ قان تېمىپ تۇرغان ئاغىزىنى يېپىۋالغان بولۇپ ھىڭگاي چىشلىرى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرارمىش. ياۋۇزبەگ ئاچچىققا چىدىماي ئۇچقاندەك سېرىق قاۋاننىڭ ئەدىپىنى بەرگىلى بارسا، كاللىسىنىڭ يېرىمىنى قۇتۇر باسقان ئۇ لالما ئىت پاششاخاننى سۆرەپ مېڭىۋاتقۇدەك...ياۋۇزبەگ دوستىنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ چىدىماي ۋارقىرغۇدەك...
مۇشۇ چاغدا ياۋۇزبەگ «پاششاخان..پاششاخان...» دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئويغىنىپ كەتتى. جالال شەيخ چىلىق-چىلىق قارا تەر باسقان ئوغلىنىڭ پىشانىسىنى سۈرتۈۋىدى ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كاۋاپتەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.
- نېمە بولغانسەن جىگىرىم بالام، ساڭا دورا تەڭشەپ بېرەي – دېدى جالال شەيخ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ.
- ھېچقىسى يوق ئاتا، چۈشتە ئېقىن سۇدا ئۇزۇن تۇرۇپ قاپتىمەن. ئازراق سۇغۇق ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ،- دېدى ياۋۇز بەگ ئاتسىنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ،– ئۆزلىرىگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
- قېنى ئېيتقىن، بالام – دېدى جالال شەيخ ئىككى قۇلى بىلەن ئوغلىنىڭ پىشانىسىنى سۈرتۈپ.
- سىلى توغرا دەپتىكەنلا ئاتا، مەن باغقا خاتا قۇنۇپ قاپتىمەن...
- دېمەكچى بولغىنىڭ؟...
- باغ بىنا بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ ئىگەم ئۇ گۈلنى پەرۋىش قىلىشنى دوستۇم پاششاخانغا پۈتۈپتىكەن.
جالال شەيخ بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھتىن، ئۆزىدىن ۋە پاششاخاندىن بۆلەك يېقىنىنىڭ يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇنداقلا ئوغلىنىڭ خاراكتىرىنى بەش قولدەك چۈشىنەتتى.
ياۋۇزبەگ ئېغىر بىر ئۇھ تارتقاندىن كېيىن سۈزىنى داۋام قىلدى :
- بايام مېنى قارا بېسىپ قاپتۇ.سىلىگە ئېيتماي دىسەم ئۇ چۈش يۈرىگىمدە تۇرىۋالدى، قانداق قىلاي ئاتا؟
- ياخشىلارنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، ئېيتىۋەرگىن بالام.
ياۋۇزبەگ ئابايام كۆرگەن چۈشىنى دادىسىغا ئۆز ئەينى بايان قىلدى. جالال شەيخ گەپ – سۆز قىلماي ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن ئوغلىنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى:
- ئوغلۇم يامان چۈش شەيتاندىن، ياخشى چۈش ئاللاھتىن، خاتىرجەم ئارام ئالغىن. ئۇلۇغ ئاللاھ پۈتۈن خەلىققە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغۇدەك، ئاسايىشلىق كۈنلەر ئۇزۇنغا داۋاملاشقۇدەك، خىزمەتچىدىن دورا تەڭشەپ كىرگۈزەي ، قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى، بالام.
جالال شەيخ ئوغلىنىڭ ھوجرىسىدىن چىققاندىن كېيىن خىزمەتچىنى چاقىرىپ ئوغلىغا دورا كىرگۈزدى. ئاندىن تاھارىتىنى يەڭگۈشلەپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئۇزۇن دۇئادىن كېيىن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلاشقا تەمشەلدى. ئۇ كېچىچە ئوغلىنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ ياخشى ئۇخلىيالمىدى.
ئەتىسى جالال شەيخ ئادەتتىكىدىن بۇرۇن ئويغۇنۇپ ناماز بامداتقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئوغلىنىڭمۇ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى سەزدى. ئوغلىنىڭ ئۆزىگە قىلغان سالام ئاۋازىدىن ئۇنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇلار مەسچىتكە چىقىشنىڭ ئالدىدا ياۋۇزبەگ دادىسىغا بىر گەپنى دېدى :
- ئاتا، بىر تەلىپىم بار ئىدى، دېسەم رۇخسەت قىلالىمۇ؟
- قۇلىقىم سەندە ئوغلۇم!
- ئۇزۇندىن بىرى سىلىگە ئېيتمىغان بىر ئىستىكىم بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ جاھاننىڭ ئۇ قېتىغا بېرىپ نەزەر كۆزۈمنى ئېچىپ بېقىش. ئاڭلىسام ياۋرۇپالىقلار ئايغا چىقماقچى بۇلىۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ قاتار-قاتار ئۇنىۋېرسىتېتلىرى دۇنيانىڭ يەر-يەرلىرىدىن ئوقۇغۇچى ئېلىۋېتىپتىمىش، خالىسىلا مەنمۇ شۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېرىپ تەشنالىقىمنى قاندۇرسام دەيمەن، ئاتا !
جالال شەيخ قەدىمىنى توختىتىپ ئۆزىنى يىتىلەپ ماڭغان ئوغلىنىڭ قۇلىنى ئىككى ئالقىنىنىڭ ئارىسىغا ئالدى ئاندىن:
-ئوغلۇم، سەن ئويلىغاننى مەنمۇ بۇرۇنلا ئويلىغان. لېكىن سەن يۈرەك پارەمدىن ئايرىلىشقا كۈزۈم قىيماي، سىنى مۇشۇ كەمگىچە ھېچيەرگە ئىۋەتمەي يېنىمدا ساقلىغان ئىدىم. ئىلىم ئىگىلەش بىز مۇسۇلمانلارغا پەرىز.ئاخشام ئېيتقان سۆزلىرىڭ كېچىچە كاللامدىن كەتمىدى.ھەي!... بۇنى ھازىرچە دىيىشمەي تۇرايلى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاششاخان سىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ. بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى تۈركلەرنىڭ قېنى. مەنمۇ بۈگۈن ساڭا ئېيتاي دەپ تۇرغان. ئاللاھ يۇلىدا ھىجرەت قىلغۇچىلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، بارغىن بالام ، قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى! ئىلىم دېڭىزىدىن ئۈنچىلەرنى سۈزۈپ ئۇنى خەلقىڭگە سۇنغىن، مەندىن ئەنسىرىمىگىن...
- ياۋۇزبەگ دادىسىنىڭ بۇ ئىشقا شۇنچە تىز ماقۇل بولغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ھەم بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى.
ئۇلار مەسچىتتىن قايتىپ كىرگەندە خىزمەتچى ئادىتى بويىچە مەسچىتتىن بالدۇرلا كىرىپ ناشتىلىق تەييارلىۋاتاتتى.ياۋۇزبەگ ئازراق نەرسە يەپلا ھوجرىسىغا كىرىپ بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇپ ماڭدى. جالال شەيخ ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خىزمەتچىنى يېنىغا چاقىرىپ پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى:
- بۇرادەر، ئوغلۇم بىر ئاز يامان چۈش كۆرۈپ قاپتۇ، مىنىڭ كۆرگەن چۈشۈممۇ ئانچە ياخشى ئەمەس. يېقىندىن بىرى قاپىقىم تولا تارتىپ كۆڭلۈم ئارامىدا ئەمەس، پات ئارىدا چاقماق چېقىپ مۆلدۈر ياغىدىغاندەكلا بىلىنىپ قالدى شۇڭا جۇدۇن ئۆرلىمەستە بالىنى ئارۇزۇسىغا قاندۇرايلى، ئانىسى رەھمەتلىكمۇ ھايات چېغىدا بالىنىڭ ئۇقۇشى توغرىلىق شىرىن ئارزۇلارنى قىلىدىغان ، ئۇنىڭ ياۋرۇپادا ئىلىم تەھسىل قىلغۇسى بار ئىكەن.ئاۋۇ ساندۇقتا ئازراق بىر نەرسە بار شۇنى تەييار قىلغىن. ھازىر بېرىپ باش سانغۇننى ئىزدەپ باقايلى، چىگىرىدىن چىقىش خېتىغا ئۇ مېڭىپ قالسا ئەجەب ئەمەس!
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئات ھارۋىسى بىلەن سەھەردە شەھەرگە قاراپ ماڭدى، قۇياش ئۆرلىمەستە جالال شەيخ ئوردىنىڭ ئالدىدا پاششاخاننىڭ ئىشقا كىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى.
ئۇزاق ئۆتمەي باش سانغۇننىڭ مەخسۇس كىچىك ھەربىي ماشىنىسى خان ئوردىسى ئالدىدىكى چوڭ سەينادا توختاپ ماشىنىدىن پاششاخان چۈشۈپ كەلدى. بىر قولىدا تەسۋىر، بىر قۇلىدا ھاسا تۇتقان جالال شەيخ خىزمەتچىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. پاششاخان ئۆزىنى ئەزەلدىن ئىزدەپ باقمىغان جالال شەيخنى كۆرۈپ خۇددى ئۆز ئاتىسىنى كۆرگەندەك خۇشال بولدى. ئۇ ئالدىراپ –تىنەپ ئۇدۇل ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى ۋە جالال شەيخ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
-مۇبارەك قەدەملىرى يىتىپ قاپتۇ ئاتا، ياۋۇزبەگكە بىرە ئىش بولمىغاندۇ؟- دېدى پاششاخان ياۋۇزبەگدىن ئەنسىرەپ.
ئەسلىدە ياۋۇزبەگ مەلىكە كۈن چېچەكنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ بەزمىگە بارماي ئۇدۇل ئۆيىگە كەتكەن ئىدى. پاششاخان ياۋۇزبەگنىڭ بىر كەتكىنىچە كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ خىزمەتكاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان، خىزمەتكار ئۇنى ئىزدەپ تاپالماي ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ پاششاخانغا ئېنىق جاۋاب بىرىش مەخسىتىدە ھېلىقى جەڭ ئېتىنى جالال شەيخنىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ بەرگەچ ياۋۇزبەگنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلىقىنى،ئۇنىڭ پاششاخاننىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن پاششاخانغا دەپ قويماي ئۈيىگە كەتكەنلىكىنى بىلگەن ھەم بۇ خەۋەرنى پاششاخانغا يەتكۈزگەن ئىدى.
- ياۋۇزبەگ ئۇ ساقىيىپ كەتتى، ئوغلۇم . ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنى بىزنىڭ بوسۇغىمىزغا قەدەم تاشلاتقۇزغاندىن بىرى ئائىلىمىزدىن خۇشاللىق كەتمىدى، بالام !– دېدى جالال شەيخ پاششاخاندىن مىننەتدار بولۇپ،- لېكىن سىزگە دەيدىغان جىددى بىر ئىشىم چىقىپ قالدى ، شۇ سەۋەپتىن يولىڭىزغا قاراپ تۇرغان ئىدىم .
- قېنى ئېيتىڭ ئاتا، نېمە ئىشتى؟
- - دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن بالام، ياۋۇزبەگ ئانىسىدىن كىچىك قالغان، كۆڭلى يېرىم چوڭ بولدى .ئۇ بىچارىنىڭ، رەھمەتلىك ئانىسىنىڭ ئارزۇسىمۇ بالىنى ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەش ئىدى. ئەمدىلىكتە ئىلىم-بىلىم يىڭىلىنىپ مەغرىپ ۋە مەشرىق جانلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئالى مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغۇسى بار ئىكەن. شۇ ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ، ئوغلىنىڭ ئارزۇسى سەۋەبلىك روھى قۇۋۇنۇپ قالمىسا بۇلاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى سىزنى ھەل قىلىپ بېرەرمىكىن، دەپ ھوزۇرىڭىزغا كېلىۋىدىم ،بالام،- دېدى جالال شەيخ كۆزىگە ياش ئېلىپ.
- شۇ ئىشمىدى ئاتا، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىش بىھاجەتقۇ؟! ياۋۇزبەگ ئۆزەمنىڭ ئىنىسى. ئۇنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە ئەلۋەتتە مىنىڭ پۇتۇممۇ ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئارزۇسى مىنىڭ ئارزۇيۇم. ئۇنى ھەپتە كۆرمىسەم يۈرۈگۈمنىڭ قانچىلىك ئېچىشىدىغانلىقىنى ئەشۇ دوستلۇق مىھرىنى سالغان بىر ئاللاھ بىلىدۇ. مەنچە بولسا ئۇنى ھېچيەرگە بارغۇزمايتتىم. بۇپتۇ، سىلى ئېغىز ئېچىپلا ئاتا، ئۇنىڭ يول تەييارلىقىنى قىلسىلا. ھەپتە ئاخىرىغىچە پۈتۈن ئىشلارنى پۈتكۈزىمەن، ئۇنىڭ يول چىقىمىدىن باشلاپ مەكتەپ ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىغىچە ھەممىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرىمەن. قەيەرگە چىققۇسى بارلىقىنى مەسلىھەتلەشكەچ تۇرۇشسىلا، مەن ئۆيلىرىگە خانلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئىۋەتىمەن قالغىنىغا شۇ مەسلىھەت بىرىدۇ!
- ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بالام!
- ھە راست ئاتا، مىنىڭمۇ سىلىدىن ئۆتۈنىدىغان بىر تەلىپىم بار ئىدى، ئېيتىشتىن ئۇيۇلىمەن...
- سىزمۇ ئۆزەمنىڭ ئوغلى بالام، تارتىنماي ئيتىۋىرىڭ.
- بىر قانچە قېتىم ياۋۇزبەگكە پۇرىتىپ باقتىم. ئېنىقىنى دېسەم خاندانلىقنىڭ ھەربىي كۈچى ناھايىتى كرىزىس ئىچىدە قالدى، ئاتا. ۋەتەن ئىختىساسلىق ھەربىيلەرگە موھتاج بۇلىۋاتىدۇ. بىز باللىرىمىزنى دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تۈركۈملەپ يولغا سېلىۋاتىمىز-يۇ بىراق ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۈگىنىدىغانغا بالىمىزنى بەرمەيۋاتىمىز.بۇنداق كېتىۋەرسەك ئاقىۋىتىمىز ياخشى بولمايدۇ. بولسا بىزمۇ باللىرىمىزنى ھەربىي ئونىۋېرسىتېتقا ئېۋەتىپ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلىرىنى خانلىق ئىچىدە تەرەققى قىلدۇرساق بۇلاتتى. مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇيقۇ ماڭا ھارام بولدى، ئەگەر بۇ گېپىم كۆڭۈللىرىدىن ئۆتسە... ئاتىنىڭ سۈزىنى ئاڭلىمايدىغان بالا يوق، سىلىنىڭچە...؟،- دېدى ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزى بىلەن پاششاخان جالال شەيىخنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
- كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز ئوغلۇم،پەيغەمبىرىمىزنىڭ« ۋەتەن ئىمان جۈملىسىدىن، جەننەت قېلىچنىڭ ئاستىدا»دېگەن سۆزلىرى ھېلىمۇ ئارىمىزدا كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. بۇپتۇ، مەن ئۇنىڭغا دەپ باقاي! – دېدى جالال شەيخ ئىشەنچ بىلەن ئىللىق كۈلۈمسىرەپ.
ئۇلار ئوردا ئالدىدىلا ئىشىنى تۈگۈتۈپ خوشلاشتى. جالال شەيخ باش سانغۇننىڭ پەرزەنتلەرچە قىلغان مۇئامىلىسىدىن ئاپارغان نەرسىلىرىنى قەتئىي چىقىرالمىدى ھەم پاششاخاندىن چەكسىز خوش بولۇپ يول بۇيى ئۇنىڭغا دۇئا قىلدى.
(داۋامى بار)