مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xayhim

زۇلمەتلىك تۇپراق(داۋامىنى كۆرمەي تۇرالمايسىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 04:03:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 348
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 06:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94522
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 08:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاتەم يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 01:57 PM
بۇ چۆچەك خىلى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ ، قېنى كۈتۈپ باقايل ...

سىڭلىم ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە  ۋە سىزنى بېقىپ تەربىيەلىگەن ئاتا-ئانىڭىزغا ئىككى دۇنيا رەھمەت ئاتا قىلسۇن، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق نادىر ئەسەرگە ھاقارەت سۈزى قىلماڭ، مۇشۇنچىلىك قىلماق ئاسانمۇ؟ ناۋادا بۇنى سىز يازغان بولسىڭىز، بىرەسى شۇنداق «چۆچەك» دەپ گەپ قىلسا كۆڭلىڭىز قانداق بولۇپ قالىدۇ؟
قاراڭ ئاۋۇ باغداشقا چۈشكەن باھالارنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91024
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 08:56:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ  مەنمۇ خىلى  كۆپ  ئەسەرلەرنى  ئوقوغان.  بۇنى  باشتىن  ئاخىر  تولۇق  ئوقۇپ  كىلۋاتىمەن.  ۋەقەلىكى  ئىنتايىن  مۇكەممەل  بىرىكىپ  داۋاملىشۋاتىدۇ.  مەزكۇر ئەسەرنى  يازغان دوستىمىزنىڭ قولىغا  دەرىت كەلمىسۇن..     ئاخىرىنى داۋاملىق يوللىشىڭىزغا تەشنامىز   . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   samatjan0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 08:58 PM  


ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىۋاتقان ھەربىر يازمىڭىزنى ئوقىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلغۇدەك بىلىم يوق كاللامدا. توختاپ قالماڭ.

توختى پوكاننىڭ تىمىللىر ئەمدى تۈگىدىما؟

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 10:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز تورداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىنى چىقىرىپ يازغان ئىنكاسىدىن خوش بولدۇم، رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:09:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان يوللايسىز ـ

ئىتقادسىز مىللە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6453
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9121
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 2556 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 02:37:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام شەيخىم ،ھارمىغايسىز .ئەسىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ كۆرىۋاتىمەن .بۇ ئەسەرنىڭ ھەربىر باپلىرى بىر بىرىدىن ئېسىل ياخشى چىقىۋاتىدۇ .ھەرقېتىم پاششاخانلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىنىنى كۆرسەملا ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈپ كىتىپ بارىمەن ،خۇددى بۇ بىر رىئاللىقتەكلا .... ھارمىغايسىز ،داۋامىنى تىزرەك يوللىشىڭىزغا تەشنامىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 10:14:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        ئون ئۈچىنچى باپ: تۈركلەر ئىتتىپاقى

ئەتىسى سەھەردە پاششاخان بالىلار بىلەن مەسچىتتىن يېنىپ مىھمانخانا ئۈيگە يېغىلدى، بالىلار ئاخشام ئەيسابەگدىن مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەچكە پاششاخان ئەمدى بىزنى تەنقىد قىلىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
-        يىگىتلەر! – دېدى پاششاخان ناھايىتى كۈتىرەڭگۈ ھالدا تىللاخان بىلەن ئاخشام دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە بالىلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ - ئىشلىرىڭلارنى ھەممىنى ئاڭلىدىم، يارايسىلەر! ئەمدى مانا ھەقىيقى تۈركمەن يىگىتلىرىگە ئوخشىدىڭلار! – بالىلار پاششاخاننىڭ ئۆزلىرىنى ماختىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۆز قۇلىقىغا ئىشىنەلمەي بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشتى – بۇ قېتىمقى ھەركىتىڭلار سىلەرنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىڭلارنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلانىڭلار ناھايىتىمۇ مۇكەممەل تۈزۈلۈپتۇ، شۇ سەۋەپتىن ھەركىتىڭلار زور غەلبىگە ئىرىشتى، سىلەرگە ئايان رۇسلارنىڭ زىمىنىمىزدا قىلمىغان ئەسكىلى قالمىدى، بايلىقلىرىمىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى بارغانسىرى كۈچەيتتى، بۇپتۇ بىز ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدۇق، ئەمما ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى، ئەمدىلىكتە بىز تۈركمەنلەرنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا كۆرۈشكە باشلىدى، ئۇلار بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىزگە، ئۆرۈپ –ئادىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە «تۈركمەنىستاننى ئېچىش» دىگەن قۇرۇق شۇئارنى كۈتۈرۈپ چىقىپ  زور كۈلەملىك رۇس نۇپۇسلىرىنى يۆتكەش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلدى، شۇ سەۋەپلىك بىزنىڭ ئانا-سىڭىللىرىمىز ئۇلارنىڭ دېدىكىگە، يىگىت-ئەركەكلىرىمىز ئۇلارنىڭ قۇلىغا ئايلاندى، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز مەيلى قانچە ياخشى مەكتەپلەردە ئۇقۇپ كەلسۇن ئىشسىز پېتى قېلىۋەردى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پوقنى ئىككىگە بۈلەلمەيدىغان نان قېپىلرى ھەرقاچان ئەتىۋارلىنىپ ياخشى خىزمەتلەرگە قۇيۇلدى، ناھاقچىلىققا چىدىمىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز بىر –ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلغىنغا  ئۇلارنى ھەرخىل بەتنام بىلەن تۈرمىگە ئالدى ياكى خىزمەتلەردىن ھەيدىدى، ئۇلار بىز تۈركمەنلەرنى تارىختا مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە خارلىدى بىزگە ھەدىسىلا «ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە قارشى چىققان مىللەتچى ئونسۇر» دىگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ بىزنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلدى،خالىغانچە  دارغا ئاستى،خالىغانچا تۈرمىلەرگە مەڭگۈلۈك قامىۋەتتى، خەلق ئۇزۇن مۇددەت نادانلىقتا قالغاچقا نىمىنىڭ ئاق نىمىنىڭ قارىلىقىنى ئۇبدان پەرىق ئىتەلمىدى، پەرىق ئەتكەن تەقدىردىمۇ رۇسلارنىڭ دەھشەتلىك تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا بېشىنى كۈتۈرەلمىدى، ئەمدىلىكتە بىز تۈركمەن ئەركەكلىرى بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇق، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى بۇ زىمىنغا نىمىشقا ئاپىرىدە قىلغان؟ بىزنى يەپ-ئىچسۇن دەپمۇ؟ بىزنى ھايۋاندەك ئەتىدىن-كەچكىچە ئۇخلىسۇن دەپمۇ؟  ياق...ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، قۇدىرەتلىك ئاللاھ بىزنى دىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، قىز-ئاياللىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان، بىز ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنى ئەركەك دىيەلەمدۇق؟ بىچارە ئانىلىرىمىز بىر نان ئۈچۈن رەستىلەردە يالاڭئاياق تىلەمچىلىك قىلماقتا، يۇۋاش قىز -سىڭىللىرىمىز بىر تال يېپىنچا ئۈچۈن  كۇچا-كويلاردا تىنىنى سېتىپ پاھىشىلىك قىلماقتا، قاراڭلار بىز ئۇلارغا نېمە قىلىپ بىرەلىدۇق، بىز ئۆلسەك ئاللاغا نېمە دەپ جاۋاب بىرىمىز؟! دەپ كەلسەم بۇلىۋاتقان ناھاقچىلىقتىن ئىچىم قان-يىرىڭغا تۇلۇپ كىتىگلىك، ئۇلارنىڭ بىزگە سالغان زۇلۇمىنى سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بالىلار سىلەرگە دىسەم بىزنىڭ پەقەت بىرلا چىقىش يۇلىمىز بار ئۇ بولسىمۇ تۈركمەنىستاننىڭ ئۈزۈل-كىسىل مۇستەقىللىقى! تۈركمەن خەلقىنىڭ ھەقىيقى ئەركىنلىكى! بىز مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كىرەك، بىز پەقەت مۇستەقىل بولغاندىلا ئاندىن ئىنسانىي قەدىرى-قىممىتىمىزنى تاپالايمىز!
ئۇنداقتا بىز مۇستەقىل، ھۆر بۇلىشىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇنىڭ توغرا جاۋابى شۇكى بىز تۈركمەنلەر جېنى بارلىرىمىز جېنىمىزنى ، پۇلى بارلىرىمىز پۇلىنى، كۈچى بارلىرىمىز كۈچىمىزنى چىقرىپ رۇسلار بىلەن قارشىلىشىشىمىز لازىم، ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ ئۇلارنى زىمىنىمىزدىن ئۈزۈل-كىسىل قوغلاپ چىقىرىشىمىز لازىم! ئەركىنىلىك، ھۆرلۈك يۇلىدا بىر تال سۈپۈركىنى بولسىمۇ قۇلىمىزغا ئېلىپ جىھادقا چىقىشىمىز لازىم! مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىيقى جىھاد، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقى ناماز، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى  بىز تۈركمەن مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاغا قىلغان ھەقىيقى ئىبادىتىمىز ھىساپلىنىدۇ!
بالىلار پاششاخاننىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ رۇسلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە غەزەپلىنىپ مۇشتلىرىنى تۈگۈشمەكتە ئىدى، پاششاخان سۈزىنى داۋام قىلدى.
-        خوش، بىز ئىزچىل بۇ ھىساپنى ئېلىشنى ساقلىدۇق، چوڭ بۇلىشىمىزنى ساقلىدۇق، لېكىن قايسى كۈنكى ھەركىتىڭلار بىزنىڭ ئاللاقاچان چوڭ بولغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىدى، بىزمۇ ئەمدى بۇنىڭدىن ئارتۇق چوڭ بولمايمىز، بىز بۈگۈننى قەدىرلىشىمىز كىرەك، بىز بىر مىنۇت بۇرۇن ھەركەتكە كەلسەك بىر نەپەر بىيگۈناھ تۈركمەن پۇقراسىنى بىر مىنۇت بۇرۇن قۇتقۇزغان بۇلىمىز! بىز بىر دەقىقە بۇرۇن قۇلىمىزغا قۇرال ئالساق بىر دەقىقە بۇرۇن مۇستەقىللىققە ئىرىشكەن بۇلىمىز! بالىلار ئىسڭلاردا بولسۇنكى سىلەر ھەرگىز ئاددى ئادەملەردىن ئەمەس،مۇنداقچە ئېيتساق تۈركمەنىستان خەلقىنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ قۇلىمىزدا، مۇشۇ يەردە تۇرغان يەتتىمىزنىڭ قۇلىدا! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇندىن كېيىنكى ھەرقانداق ھەركەتنى خالىغانچە ئۆز ئالدىمىزغا قىلماسلىقىمىز لازىم، يەتتىمىزنىڭ جېنى ئىزچىل بىر يىپقا باغلىنىپ كەلدى، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە بىر يىپقا باغلىنىمىز، ناۋادا بىرىمىزدىن چاتاق چىقسا قالغان ھەممىمىزدىن چاتاق چىقىدۇ دىگەن گەپ، دىمەكچىمەنكى قەتئىي خالىغانچە ھەركەت قىلىشقا بولمايدۇ، يۈرۈگۈڭلار ھەرقانچە قىززىپ كەتسىمۇ قىلماقچى بولغان ئىشڭلاردىن مەن ياكى تىللاخان ئالدىن خەۋەر تېپىشىمىز كىرەك، بىر تۇتاش بۇيرۇققا بويسۇنىشىڭلار كىرەك! ناۋادا گىپىمگە قايىل بولغان بولساڭلار ماڭا ھازىر ۋەدە بىرىڭلار!
-        ئاكا خاتىرجەم بۇلۇڭ، بىز ئەمدى خالىغانچە ئىش قىلمايمىز!،– دىيىشتى بالىلار دىيىشىۋالغاندەك تەڭلا جاۋاب بىرىپ.
-        ياخشى بۇرادەرلەر، ھازىر سىلەرگە بىر ئىشنى ئۇقتۇرىمەن، - پاششاخان ئۇكىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئىشارەت قىلىۋىدى، تىللاخان ھەر بىر بالىغا ئۈچ بوغماقتىن پۇل تەقسىم قىلىشقا باشلىدى – ئەتە ئەتتىگەندىن باشلاپ بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىمىز، قۇلۇڭلاردىكى پۇل سىلەرنىڭ چىقىمىڭلارغا ئازادە يىتىپ ئاشىدۇ، ھەر بىرىڭلارغا بىردىن ۋىلايەت تەقسىم قىلىندى، ئەتىدىن باشلاپ ئۈزەڭلارغا تەۋە رايۇنغا بېرىپ خەلق ئارىسىغا چۈكۈسىلەر، سىلەرنىڭ ئۇقۇغان كىتاۋىڭلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىدى، ئەمدى ئۇلارنى ئەمىلىيەتكە تەتبىقلايدىغان چاغ كەلدى، ۋاقتىڭلار پەقەت بىر يىل، بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ۋەزىپەڭلار بولسا ئۈزەڭلەرگە تەۋە رايۇندىكى رۇس كۈچلىرىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى شۇنداقلا رۇسلارغا قارشى كۈچلىرىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى يۇشۇرۇن ئىگەللەش، ئۇندىن باشقا شارائىتى بارلار چەۋەندازلىق ماھارىتىنى پۇختىلاڭلار، بولسا ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگۈنىۋېلىڭلار، بۇ جەرياندا ئىگەللىگەن ئەھۋالنى قەتئىي يېزىقچە خاتىرلەشكە بولمايدۇ، خاتىرلىگەن تەقدىرىڭلاردىمۇ چۇقۇم كاللاڭلارغا تىزىۋالغاندىن كېيىن ئەسلىسىنى كۆيدۈرۋېتىڭلار! رۇسلارغا قارشى ھەرقانداق ھەركەتكە قاتناشمايسىلەر، سىلەر پەقەت تىجارەتچى نامىدا يۇقارقى ۋەزىپىنى ئۇرۇندايسىلەر، سالاھىيىتىڭلارنى قەتئىي ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، كىلەر يىلى مۇشۇ چاغدا مۇشۇ ئۆيدە كۈرىشىمىز، ئىشلاردا ئالاھىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالسا بىز سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىمىز، ئسىڭلاردا بولسۇن بالىلار،بۇ ۋەزىپە قارىماققا ئاددى بولغىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە ئاددى ئەمەس، ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇنداش ئۈچۈن قەتئىي پۇلنىڭ كۈزىگە قارىماڭلار، پۇلنىڭ غېمىنى بىز قىلمىز، بۇندىن كېيىنكى ھەركىتىمىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇش-بولماسلىقى سىلەرنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇنداش-ئۇرۇندىماسلىقىڭلارغا باغلىق، قانداق بالىلار؟
-        چاتاق يوق ئاكا، گۈل چىقىرىۋېتىمىز! – دىيىشتى بالىلار تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ قىسقا يېغىنى ئاخىرلاشتى، بالىلار بۇ ۋەزىپىگە ئاتلانغىنىدىن قاتتىق خۇشال بولىۋاتاتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھىكايە-رومانلاردىكى باش قەھىرمانلاردەك ھىس قىلىشىپ پۇللارنى يانچۇقىغا سېلىشقىنىچە ئەتىكى سەپەرنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن رەستىگە مېڭىشتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە پاششاخان بىلەن تىللاخان بىكەتكە بالىلارنى ئۇزاتقىلى چىقىپ  ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى، ئاندىن ئۇلار ئۆيگە ئالدىراپ قايتىپ ئۈيدىكى مال-دۇنيانىڭ ئۆزىگە لازىم بۇلىدىغاننى ئېلىپ قېلىپ  قالغان قىسمىنى شەھەرگە يېقىن جايدىكى چوڭ مازارلىققا يەنى بۇۋىسى جالالىدىن شەيخنىڭ ئۈيى بار مازارلىققا بۇرۇنقى ئۇسۇلى بۇيىچە كۈمۈپ چىقتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار يېڭى پىلانى بۇيىچە پويىز ئىستانسىغا چىقىپ ئۆزىگە لازىم بۇلىدىغان ئادەمنى ئىزدەشكە باشلىدى، پۇيىزدىن ئەمدى چۈشكەن بىر رۇس يىگىت سومكىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىنىچە كىتىپ باراتتى، شۇ چاغدا بېشىغا قىزىل شەپكە كېيگەن كۈزىگە ئەينەك تاقىۋالغان بىر تۈركمەن يىگىت پويىزدىن ئەمدى چۈشكەن بۇ رۇس يىگىتىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قىزغىن سالام قىلىپ قۇلىنى ئۇزاتتى.
-        ياخشىمۇ سىز يىگىت؟ - دېدى قىزىل شەپكىلىك كۆز ئەينەك تۈركمەن يىگىت راۋان رۇس تىلىدا.
-        ھە...ياخشىمۇ سىز؟ - دېدى جاۋابەن رۇس يىگىتمۇ بۇ ناتۇنۇش يىگىت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ.
-        مۇسكىۋادىن كەلدىڭىزمۇ؟
-        ياقەي لېنىنگىرادتىن كىلىشىم، سىز....
-        ھە مەن بىر يەرلىك مۇخپىر يىگىت، ماڭا سىزنىڭ ياردىمىڭىز كىرەكتى، بىلمىدىم ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنارسىزمۇ؟
-        سىزگە قانداق ياردىمىم كىرەكتى؟
-        سىزگە ئۇدۇللا دەۋىرەي، گېزىتخانا باشلىقى ماڭا بىر مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئارتىپ قويىۋاتىدۇ، شەھىرىمىزدە قەدىمىي ھەم چوڭ بىر مەسچىت بار ئىدى، ئۇلار ماڭا شۇ مەسچىتنىڭ پۈتۈن نەقىش-ئويمىلىرىنى رەسىمگە تارتىپ چىق دەۋاتىدۇ، باشلىقىمىز ئۇ بىر رۇس مىللىتىدىن ئىدى، بىز تۈركمەنلەرنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ، مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈيۈم شۇ مەسچىتكە ناھايىتى يېقىن، مەن ئۇيەردە بۇ ئاپىراتنى كۈتۈرۈپ يۈرسەم تازا بىر قاملاشمىغان ئىش بۇلغىدەك، بۇ ئىشنى باشلىققا ئېيتالمىدىم، ۋاقتىدا ئۇرۇندىمىسام يەيدىغان نېنىمدىن ئايرىلىپ قالىمەن دەڭا، شۇڭا بۇ پۇلنى سىزگە بەرسەم مىنىڭ ئورنۇمدا ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز قانداق؟
تۈركمەن يىگىت يېنىدىن خېلىلا جىق بىر تۇتام پۇلنى سۇغۇرۇپ رۇس يىگىتنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى، تۈركمەنىستانغا پۇل تاپقىلى كەلگەن بۇ رۇس يىگىت قۇلىدىكى بۇنچە جىق پۇلنى كۆرۈپ بۇ ئىشقا قىززىپ قالدى.
-        ئاددى بىر ئىشكەنغۇ، بۇنىڭغىمۇ شۇنچە تۈزۈت قىلىش كىتەمدۇ؟ - دېدى رۇس يىگىت ھەيران قالغان ھالدا.
-        ھەي بۇرادەر! – دېدى تۈركمەن يىگىت چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ- سىز بىلمەيسىز، بۇيەردىكى ياشلار بۇ ئاپىراتنى ئىشلىتىشنى ئۇبدان بىلىپ كەتمەيدۇ، تارتقان سۈرەت ياخشى چىقمىسا باشلىققا نېمە دەپ قارايمەن، شۇڭا بۇ بىرنىمىنى ئىشلىتەلەيدىغان ئادەمنى تاپماق بەك تەس بولدى دەڭا!
-        چاتاق يوق، مىنىڭ بۇيەرگە تۇنجى كىلىشىم، ھېلىقى مەسچىتنى ماڭا كۆرسىتىپ قۇيۇڭ مەن قۇلىڭىزدىكى بۇ نىمىنىڭ تىلىنى ئۇبدان بىلىمەن،- دېدى رۇس يىگىت تۈرك يىگىتنىڭ قۇلىدىكى ئاپپىراتنى قۇلىغا ئېلىپ.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۇدۇل ئاۋات رەستىدىكى خانلىق مەسچىتنىڭ ئالدىغا يىتىپ باردى.
-        يىتىپ كەلدۇق – دېدى مۇخپىر يىگىت ئاپپىرات كۈتۈرىۋالغان رۇس يىگىتكە قاراپ خۇشال بولغان ھالدا – ھەر بىر نەقىشنى ئۈچ پارچىدىن تارتىڭ، بىرىمۇ كەم بولمىسۇن، پۇلنى ئاز كۆرسىڭىز ئىش پۈتكەندە يەنە قاتىمەن، مۇنۇ خالتىدا زاپاس نىگاتىپ بار، ھە راسىت بېشىڭىزغا بۇ قىزىل شەپكىنى كىيىۋېلىڭ، مۇسۇلمانلار باشتاق ئادەمنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، گىپىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
مۇخپىر يىگىت بېشىدىكى قىزىل شەپكىنى رۇس يىگىتنىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ قويۇپ بۇ يەردىن كىتىپ قالدى، رۇس يىگىت ئاپپىراتنى بوينىغا ئېسىپ مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ مەسچىتنىڭ تام-تۇرۇسلىرىدىكى ھەرخىل رەڭلىك نەقىش-گۈللەرنى ۋاسىلدىتىپ تارتىشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىت دەل كىشىلەر پىشىن نامىزىدىن يېنىۋاتقان چاغ ئىدى، مەسچىتتىن يېنىۋاتقان كىشىلەر بېشىغا قاملاشمىغان رەڭدىكى شەپكە كېيگەن بۇ رۇس يىگىتكە ئەجەبلىنىپ قارىشىپ ئىچىدە بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتاتتى.
-        توۋۋا بۇ رۇسنىڭ كېيگەن شەپكىسىنى، ئايال كىشىدەك قىزىل بىر نىمىنى كىيىۋاپتۇغۇ بۇ!
-        بىزنىڭ مەسچىتىمىزنى رەسىمگە تارتىپ نېمە قىلىدىغاندۇ ئەمدى بۇ؟
-        نىمە قىلاتتى بۇ خەق، مەسچىتىمىزنى يېقىۋېتىشنىڭ كۇيىدا بۇلىۋاتقاندۇ-شۇ!
-        ھاي ئەتراپقا قاراپ گەپ قىلىڭلار، مۇخپىر دىگەن تۈركمەنچىنى ئۇبدان بىلىدىكەن، ئېغىزىمىزدىن بالاغا قالمايلى يەنە!
كىشىلەر ئۆزىنىڭ رەسىم تارتىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان رۇس يىگىتكە كەينىدىن قاراشقىنىچە چىكىتىپ قېلىشتى، مەسچىتتىكى نەقىش-ئويمىلار كۆپ ئىدى، رۇس يىگىت ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا بۇ ئىشنى تاماملاپ مەسچىتنىڭ ئالدىغا چىقتى، ھېلىقى تۈركمەن مۇخپىر يىگىت مەسچىت ئالدىدا ئۇنىڭغا ساقلاپ تۇراتتى، ئۇ يېنىدىن يەنە ئازراق پۇل چىقىرىپ رۇس يىگىتكە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتى.
كەچتە خانلىق مەسچىتكە كىلىپ خۇپتەن نامىزى ئۇقۇيدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ئىمام قىرائەتنى تۈگىتىپ سەجىدىگە بارغاندا مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا ۋاررۇ-ۋۇررۇ ئاۋاز ئاڭلىنىپ كەتتى.
مۇشۇ تاپتا بىر قىزىل شەپكىلىك يۇچۇن ئادەم مەسچىتنىڭ ھويلىسىدىكى گىلەمگە بىنزىن چېچىپ ئوت قۇيىۋاتقان ئىدى، سىرتتىن نامازغا كىچىكىپ كەلگەن بىر قانچەيلەن بۇ ساراڭنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ۋاقىراپ ئېتىلغان ئىدى، قىزىل شەپكىلىك يۇچۇن ئادەم رۇسچە بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىرغىنىچە ئۇچقاندەك يۈگىرەپ قېچىپ ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدى، ئۇنىڭغا ئېتىلغان بۇ ئادەملەر ئوت يالقۇنىنىڭ يامىراپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بۇ يۇچۇن ئادەمنى قوغلاشتىن ۋاز كىچىپ كۈيىۋاتقان گىلەملەرنى سۆرىگىنىچە مەسچىت ھويلىسىغا ئاچىقىپ ئۈچۈرۈشكە باشلىدى، ئاڭغىچە قېرى ئىماممۇ ئەتتەھە ياتۇدا ئۇزۇن ئولتۇرالماي ئىككى يانغا ئالدىراپ سالام قىلىپ جامائەتنى باشلاپ ھۇيلىغا چىقىپ ئۈلگۈردى.
-        قايسى مۇرتەد دەۋزىخىنىڭ ئىشى بۇ؟ ئاللاھنىڭ ئۈيىگىمۇ ئوت قويغان بارمۇ؟! - دېدى ئىمام غەزەپتىن تىتىرەپ.
ئوتنى ئۈچۈرىۋاتقان ھېلىقى بىر قانچە كىشى ئىمامنىڭ ئالدىغا بىر قىزىل شەپكىنى كۈتۈرۈپ كىلىپ بەس-بەستە ئەھۋالنى دوكلات قىلىشقا باشلىدى:  
- سىرتتىن كىرىشىمىز، بىر ساراڭ بۇ گىلەملەرگە ئوت قۇيىۋېتىپتۇ، تۇتىۋالايلى دىسەم، ئۇ كاپىر ئاجايىپ چاققانكەن، قېچىپ كەتتى، قارىساق سېپى ئۆزىدىن رۇسكەن، تېخى رۇس تىلىدا بىزنى بىر نېمە دەپ تىللاۋاتىدۇ، ئالدىراشچىلىقتا بېشىدىكى شەپكىسىنى چۈشۈرۈپ قويدى، بىزمۇ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى بەك قوغلاپ كەتمىدۇق، بۇلغان ئەھۋال مۇشۇ دىسىلە ئاخۇنۇم!
-        چۇقۇم ئەشۇ چۈشتىكى قىزىل شەپكىلىل رۇسنىڭ ئىشى، بۇ شەپكىنى مەن ئۇنىڭ بېشىدا كۆرگەن – دېدى جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى تىللاخان گەپنى ئۇلغايتىپ.
-        توغرا مەنمۇ كۆرگەن، شۇنىڭ بېشىدىمۇ مۇشۇنداق شەپكە تۇراتتى، چۇقۇم ئەشۇ رۇس مۇخپىرنىڭ ئىشى! – دېدى يەنە بىرەيلەن.
ئىمام ئاخۇنۇم «روسنىڭ ئىشى» دىگەننى ئاڭلاپ غولغۇلا قىلىشىۋاتقان جامائەتنى بېسىقتۇردى.
-        ھاي جامائەت، گۇمان ئىماننى قاچۇرا دەپتىكەن،  ھەر نېمە بولسا ئوتنى ۋاقتىدا ئۈچۈرىۋالدۇق، قالغان گەپنى ئەتە دىيىشەيلى، ھەممىڭلار تارقىلىڭلار!
ئىمامنىڭ جامائەت ئارىسىدىكى ئىناۋىتى چوڭ ئىدى، جامائەت ئىمامنىڭ گىپىنى بۈلىۋىتەلمەي گۇدۇڭشىغىنىچە مەسچىتتىن ئايرىلىشتى.
ئەسلىدە بۇ قىزىل شەپكىلىك ئادەم پاششاخاننىڭ ئۆزى بولۇپ ئۇ بۇ ئوتنى مەلۇم مەخسەت بىلەن قويغان ئىدى، چۈنكى تۈركمەنىستاندا مۇنداق بىر ئىش ئۇمۇمى يۈزلۈك ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى، زۇلۇم شۇنچە كۈچىيىپ ئادالەتسىزلىك زىمىننى بىر ئالغان بولسىمۇ مىھراپتا ئولتۇرۇۋالغان كالتە موللىلار خەلىققە ئىزچىل «پادىشاھنىڭ ئەمىرىگە بويسۇنماق ۋاجىپتۇر»«ھەممە ئىش لەۋھۇلمەھپۇزغا مۇشۇنداق پۈتۈلگەن»«روسلار مەسچىتلىرىمىزنى يىڭىلاپ زىلچا گىلەمگە تولدۇردى» دىگەندەك تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ جەمىيەتنىڭ نىسبىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتاتتى، خەلق ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن ناھاقچىلىققا نىسبەتەن غۇلغۇلا قىلشىقاندا ئۇلار تەپ تارتماستىن «ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە» دىگەن ئايەتنى بورمىلاپ مىسال كەلتۈرەتتى، مانا مۇشۇنداق مىھراپ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدە بۇ زىمىندىكى كۈپۈنچە مۇسۇلمانلار قوينىڭ قۇزىسىدەك يۇۋاشلىشىپ  ھەممە ئىشنى ئاللاغا قۇيىدىغان دەرىجىگە بېرىپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازاتلىقى توغۇرلۇق ھېچقانداق پىكىر-تەپەككۇر قىلمايدىغان، زۇلۇمغا قارشى ھەركەت قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قېلىۋاتاتتى، ھەتتا ئاز ساندىكى زۇلۇمغا قارشى چىققۇچىلار رۇسلارنىڭ قوغلاپ زەربە بىرىشىدىن قېچىپ مەسچىتنىڭ ھويلا- ئۆگزىلىرىدە پانالىنىپ قۇنۇپ قالغان چاغلاردىمۇ جامائەت بۇلارنى قۇرشاپ تۇتىۋېلىپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئەھۋاللارمۇ بۇلىۋاتاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پاششاخان بۇ غەمسىز مۇسۇلمانلارغا رۇسلارنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەمىلىيەتتە بىر بىلدۈرۈپ قۇيۇش ھەمدە بۇلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقان ۋىجدان-غۇرۇرىنى غىدىقلاش ئۈچۈن بۇ مەسچىتكە ئوت قۇيۇش ھەركىتىنى رۇسلا كۇچىسىدىكى ئوت كىتىش ۋەقەسىگە ئۇلاپ پىلانلىغان ئىدى.
ئەتىسى بۇ گەپ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ پۈتۈن شەھەردە غۇلغۇلا قوزغىدى، مۇشۇ ئىشنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك بۈگۈنكى خانلىق مەسچىتكە  جۈمە نامىزى ئۇقۇغىلى كەلگەن جامائەت ئادەتتىكى چاغدىكىدىنمۇ كۆپ يېغىلغاندەك تۇراتتى. كىشىلەر ئۆز-ئارا قۇلاقلىرىنى يېقىپ كۇسۇرلىشىپ بۇ ئوت قۇيۇش ۋەقەسىنى توختىماي ئانالىز قىلىشاتتى، ئىمام كۈتۈلمىگەن بىرە ئىشنىڭ يۈز بىرىپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ بۈگۈنكى ۋەز-نەسىھەتنى قىسقارتىپ خۇتبىگە بالدۇرلا چىقىۋالدى، ناماز ئۇقۇلۇپ دۇئا ياندۇرۇلدى، دەل مۇشۇ پەيتتە مەسچىت ھويلىسدا كۆز ئەينەك تاقىۋالغان پىشانىسىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بېشىغا چىرايلىق سەللە ئۇرىۋالغان ياش بىر قارى يىگىت جامائەتكە بىر ئىشنى ئۈنلۈك مۇراجەت قىلىۋاتاتتى.
- ھەي ئەزىز مۇسۇلمانلار، جاھان زادى نېمە بولۇپ كەتتى؟!- دېدى قارى يىگىت ئۈنلۈك ئاۋازى بىلەن ئۈيىگە مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقان پۈتۈن جامائەتنى توختۇتۇپ -   ئاخشام بۇ رۇسلار بىزنىڭ بۇ مەسچىتىمىزگە ئوت قۇيۇشقا پېتىندى، ئەتە يەنە نېمە ئىشلار يۈز بىرە ، ھۆكۈمەت رۇسلار كۇچىسىدىكى ئوت كىتىش ۋەقەسىنى بىزدىن كۈرىۋاتىدۇ، ئۇلار پۈتۈن تەكشۈرۈشنى بىزگە قارىتىۋاتىدۇ، شۇڭا رۇسلار بىزدىن ئۆچ ئالماقچى، ھۆكۈمەت رۇسلار كۇچىسىدىكى ئوت قويغۇچىلارنى تىزدىن تېپىپ چىقىپ بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىشى كىرەك، قاراڭلا بۇ گىلەمگە!
ئاڭغىچە تىللاخان تاھارەت ئېلىش ئۈينىڭ بۇلىڭىغا تىقىپ قۇيۇلغان يېرىمى كۈيۈپ كەتكەن گىلەمنى سۆرەپ ئاچىقىپ جامائەتنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قارى يىگىتنىڭ سۈزىگە لوقما سالدى:
-        شۇنداق جامائەت ئۇلار بىزنى نېمە كۈرىۋاتىدۇ، بۈگۈن بىز مەسچىتىمىزنىڭ كۈيىشىگە قاراپ تۇرساق، ئەتە ئۇلار بىزنىڭ قۇرئانىمىزنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئەتىسى خۇتۇن –سېڭىللىرىمىزنى كۆيدۈرىدۇ ، بىز تۈركمەن مۇسۇلمانلىرى ئاخىرەتتە ئاللاھغا نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرىمىز؟!
جامائەت باشلىرىنى لىڭىشتىپ قاتتىق غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.
-        بۇ يىگىت توغرا دەيدۇ!
-        شۇنداق بىز ئەمدى قاراپ تۇرساق، بىزنى مۇسۇلمان دىگىلى بولماس!
-        ھۆكۈمەت ئوت قويغۇچىنى تېپىشى كىرەك!
-        ئاللاھنىڭ ئۈيىگە ئوت قويغۇچىنى چالما-كىسەك قىلىشىمىز كىرەك!
-        ......
مەسچىت ھويلىسىدىكى جامائەت بارغانسىرى كۈپىيىپ غۇل-غۇلا زورىيىشقا باشلىدى، شۇ چاغدا ئىمام ئاخۇنۇم يۈگۈرۈپ چىقىپ جامائەتكە گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇزاكىرسىنى توختاتماقچى بۇلىۋىدى، پاششاخان بۇنى ھىس قىلىپ تىللاخانغا ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ ئۈنلۈك ئاۋازى بىلەن سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ جامائەتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى:
- ھەي مۇسۇلمانلار! بىزنىڭ تاقىتىمىزنىڭمۇ چېكى بار، بىز ھەرقانچە پەرۋاسىز بولغان تەقدىردىمۇ مەسچىتىمىز بىلەن قۇرئانىمىزنى قوغدىشىمىز كىرەك، ئۆزىنى ھەقىيقى مۇسۇلمان ئەركەك دىگۈچىلەر بولسا مەن بىلەن مېڭىڭلار! بىز شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلايلى، ئۇلار بىزگە بۇنى چۈشەندۈرسۇن!....
بۇ چاغدا تىللاخان ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ بېرىپ يېنىدىن بىر باغلام پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىغا سۇندى.
-        ئىمام ئاخۇنۇم بۇ ياققا كەلسىلە، بۇنى مەككىدىكى ئاتام سىلىگە ئاتاپ ئىۋەتكەن ئىكەن، يېقىندا ئاتام سىلىنى چۈشىدە تۇلا كۆرۈپ سىلىنىڭ سالامەتلىكلىرىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ، ئالدىمىزدىكى ئايدا سىلىنىڭ ھەجگە بارىدىغان ئىشلىرىنى ئاتام ئۆزى ھەل قىلغۇدەك، پۈتۈن چىقىمنى ئاتام ئۈزەم كۈتۈرىمەن دەيدۇ! – دېدى تىللاخان ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ يېڭىدىن تارتقىنىچە مەسچىت ئىچىگە ئەكىرىپ.
ئىمام ئاخۇنۇم بۇنچە جىق پۇلنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەجگە بارىدىغان گەپنى ئاڭلاپ مەسچىت ھويلىسىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن كارى بولماي تىللاخاننىڭ كەينىدىن ھىجىيىپ ماڭدى.
-        ئاخۇنۇم بۇ يەردە مىت قىلماي تۇرسىلا، ئەسلى بۇ پۇلدىن بەش بوغماقنى  ئاتام سىلىگە ئىۋەتىپتىكەن، قالغان تۆت باغلامنى ئاكام يېنىغا سېلىۋالغان ئىدى، جىندەك تۇرۇپ تۇرۇپسىلا، ئامانەتنى ۋاقتىدا بىرىۋەتەي!- تىللاخان شۇنداق دەپ قۇيۇپ مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا يۈگۈردى.
ئىمام ئاخۇنۇم ئاسماندىن ياغقان بۇ بايلىقنىڭ خۇشاللىقىدا تۇرغان يىرىدە چىكىتتەك تۇرىۋەردى. ئاڭغىچە ھويلىدىكى جامائەت چوڭىدىن- كىچىككىچە «لا ئىلاھە ئىللەھۇ مۇھەممىدىن رەسۇلىلاھ!» دىيىشكىنىچە ياش قارى يىگىت پاششاخاننىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن خانلىق مەسچىتنىڭ ئارلىقى پىيادە يېرىم سائەتلىك يول ئىدى، جامائەت يولبۇيى ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دىگەن كەلىمىنى شۇئار قىلىپ توۋلاپ ماڭغاچقا باشقا مەسچىتلەردىكى جامائەتمۇ سەپكە قېتىلىپ چوڭ يولغا پاتماي قېلىشتى، كىشىلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە سەلدەك ئېقىشقا باشلىدى، سەپنىڭ بېشىدا پاششاخان قاتارلىق بىر قانچە ياش ھېلىقى يېرىمى كۈيۈپ كەتكەن گىلەم بىلەن قىزىل شەپكىنى ئېگىز كۈتۈرۈۋېلىشقان ئىدى، شەھەرنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى كۇچا چارلاش قىسىملىرى بۇ زىمىندا ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ نامايىشچى قۇشۇننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇلار بۇنى كۆرۈپ ئالاقزادە بولغىندىن قورقۇشۇپ باش شىتابىغا تېلفۇن قىلىپ قىلىپ ئۆلگۈردى، كۇچا –كويلاردىكى رۇسلار دۇكانلىرىنى تاقىشىپ ئۆيلىرىگە مۈكۈشۈپ جېنىنى ساقلاشنىڭ كۇيىدا ئالاقزادە بۇلۇشتى.
يولنىڭ يېرىمىدىن ئاشقاندا تىللاخان ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان پاششاخاننىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ «ئانام بۇلالماي قالدى، چوڭلار سىنى ئانام بىلەن رازىلىشىۋالسۇن دەيدۇ» دەپ ئاكىسىنى سەپتىن ئېلىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ نامايىشىچى قۇشۇننى قېنى قىززىقلاردىن بىر قانچىسى باشلاپ مېڭىۋەردى.
ئۇلار شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئالدىغا بارغاندا سانسىز قۇراللىق رۇس ئەسكەرلەر تەق بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىنى توستى. بىردەملىك سۆھبەتتىن كېيىن شەھەر باشلىقى ئىلاخۇن ھاجى چوڭ كارنايدا سۆز قىلىپ مەسچىتكە ئوت قويغان جىنايەتچىنى ئەتە ئەتتىگەنگىچە تۇتۇپ ئىنىق جاۋابىنى بىرىدىغانلىقىنى جامائەتنىڭ خاتىرجەم ئۆيگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى، ئاقكۆڭۈل شەھەر جامائىتى رۇسلارغا بەكلا ئىشىنەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ  غەلبىسىدىن خۇشال بۇلۇشۇپ دەرھال ئۆيلىرىگە بىخىرامان قايتىشتى.
كەچ بولۇپ ناماز شامدىن ئاشقاندا ئوتتۇز- قىرىقتەك ھەربىي ماشىنا خانلىق مەسچىت ئەتراپىغا يېغىلىپ مۇشۇ مەھەللىگە تەۋە  ئونبەش ياشتىن يۇقۇرى ئاتمىش ياشتىن تۈۋەن ئەرلەرنىڭ ھەممىنى ماشىنىغا تۇخۇ باسقاندەك بېسىپ ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى، شەھەر ئىچىنىڭ يوللىرىدا ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ئايىغى كېچىيچە ئۈزۈلمىدى، رۇسلار ئالدى-كەينى بولۇپ بۇ قېتىملىق ئەرىز قىلىش نامايىشقا قاتناشقان ئاممىدىن بىر يېرىم مىڭغا يېقىن ئادەمنى تۇتۇپ ھەپتىگىچە سۇراق قىلدى، تۈرمە ئادەملەرگە تۇشۇپ پاتمىغانلىرى ھەربىي گازارمىلارغا سۇلاندى، سۇئال-سۇراق شۇنداق تىز شۇنداق قورقۇنۇشلۇق بولدىكى بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن قۇيۇۋېتىلگەن بولسىمۇ يىگەن تاياقنىڭ زەربىسىدىن ئۇلار بىر-بىرىنى تۇنىيالمىغۇدەك بولۇپ كىتىشكەن ئىدى. رۇسلارنىڭ «ئادىل سىياسىتى» دىن رازى بولۇپ كىلىۋاتقان خەلق ئاممىسى تۇيۇقسىز ئۆزىگە قىلىنغان بۇ ئادالەتسىز مۇئامىلدىن ھاڭ-تاڭ قالدى، ئۇلاردىن ئاغرىندى، ئاخىرى قايتىدىن پىكىر قىلىپ ئويلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ رۇسلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىنى بىلىشتى، مەسچىتنىڭ ئۆگزىسگە پانالانغىلى كەلگەن سىياسى جىنايەتچىلەرنى رۇسلارغا تۇتۇپ بەرگەن ھېلىقى بىر توپ جامائەت بۇ قېتىم ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ تايىقىنى ئۆلگىدەك يەپ كۆڭلىدە« توۋۋا خۇدايىم، ھېلىقى بىز تۇتۇپ بەرگەن جىنايەتچىلەرنى بۇلار مۇشۇنداق ئۇرغانمىدۇ؟ بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولساق ھەرگىزمۇ تۇتۇپ بەرمىگەن بۇلاركەنمىز» دەپ ياقىسىنى تۇتۇشتى، ئەمىلىيەتتە ئۇ سىياسى تۇتقۇنلار شۇ كېچىسىدىكى سۇراقتىلا تاياق زەربىسىدىن ئاللاقاچان ئۈلۈپ قالغان ئىدى ياكى بولمىسا مەڭگۈلۈك مەجرۇھ بولۇپ قالغان بۇلاتتى.
پاششاخان بىلەن تىللاخان ئوتتۇرا يولدا سەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا شەھەردىن ئايرىلىپ قوشنا بىر  ناھىيىنىڭ تاغلىق يېزىسىدا ھەپتە تۇرۇپ قايتىپ كەلدى. ئۇلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رۇسلارنىڭ تۈرمىسىدە  بىر ھەپتە تاياق بىلەن ساۋىدىلىپ چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل سىياسىتىنىڭ «رازىمەن»لىرىدىن بولغان مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ رۇسلارغا نىسبەتەن باشقىچە بىر پىكىردە بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىشتى. دىمەك رۇسلار بۇ قېتىم ئۈزلىرىنىڭ تىلى بىلەن دىلىنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق شەھەر خەلقىگە ئىسپاتلاپ  سۈت ئۈيقۇدىكى نەچچە مىڭ ئادەمنى بىر ھەپتىدىلا ئويغۇتۇپ چىققان ئىدى.

*       *       *       *       *       *       *       *
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ۋەزىپىگە كەتكەن بالىلارنىڭ يېغىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى، پاششاخان بىلەن تىللاخان بۇ بىر يىل ئىچىدە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسنىڭ ئالدىدىكى دوقمۇشتىن بىرلا يەردىكى ئون ئائىلىك شەخسى تۇرالغۇنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ ئورنىغا ئۇن-ياغ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بىر كىچىك زاۋۇتنىڭ جىددى تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى، زاۋۇتقا كىرەكلىك ئۆيلەر پۈتۈپ ماشىنا ئەسلىھەلەر قۇراشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى، بالىلارمۇ دىيىشىپ قويغاندەك ئالدى-كەينى بولۇپ ئىككى كۈن ئىچىدە يېغىلىپ بولدى، قەلەندەرلەر كۇچىسىدىكى بۇ كونا ئۆي قايتىدىن  جانلىنىپ قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، بالىلار كىچىگىدىن بىر ئۆيدە چوڭ بولغاچقا بىر-بىرىنى بەكلا سېغىنغان ئىدى، بۇ بىر يىلدا بالىلارنىڭ ئالدى ئون سەككىزگە  كەينىمۇ ئون يەتتىلەرگە كىرىپ قالغان بولغاچقا ئەمدىلا خەت تارتقان يۇمران بۇرۇت-ساقاللار بالىلارنىڭ چىرايىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىۋاتقان ئىدى، ئۇلار كېچىيچە بېشىدىن ئۆتكەن قىززىق ئىشلارنى دىيىشىپ قىزغىن پاراڭ ئىچىدە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى، ئاندىن ئەتىسى ئەتتىگەندە پاششاخاننىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ بىر يىللىق قىلغان خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكلات بەردى. بالىلار بۇ قېتىم ھەقىقەتەن غەلبە بىلەن قايتىپ كەلگەن ئىدى، پاششاخان بىلەن تىللاخان بالىلارنىڭ ۋەزپىنى ئۇرۇنداش ئەھۋالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بالىلاردىن بەكلا رازى بولدى، پاششاخان بالىلارنى يېڭى زاۋۇتقا باشلاپ ئاپىرىپ زاۋۇت ھويلىسىنىڭ كەينىگە ھەر بىر بالىغا ئاتاپ سېلىنغان مۇنچىلىق ئۆيلەرنىڭ ئاچىقۇشىنى بىر-بىرلەپ تارقىتىپ بەردى، ياتاق ئىچىدىكى ئۆي جاھازىلىرىدىن باشلاپ يوتقان كۆرپىلەرگىچە يېڭىدىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىنغان بولۇپ بالىلار بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال بولدى، شۇنداق قىلىپ كەچتە بۇ يېڭى تۇرالغۇدا قىسقا يېغىن ئېچىلدى.
-        يىگىتلەر! بۈگۈندىن باشلاپ بۇ زاۋۇت بىزنىڭ يېڭى تۇرالغۇمىز بولىدۇ،- دېدى پاششاخان بالىلارغا ئۈنلۈك جاكارلاپ– زاۋۇت مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشقا چۈشىدۇ، زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلار پەقەت مۇشۇ يەتتىمىز، ھازىرچە بىز ئۇن تارتىش زاۋۇتىنىلا ماڭدۇرىمىز، ئىسىڭلاردا بولسۇن، ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز باشقا بىر ئىش، ھازىر ھەممىڭلار تارقىلىپ ئۈزەڭلارنىڭ ياتىغىدىكى مۇنچىغا كىرىپ غۇسلى تاھارەت ئېلىپ چىقىڭلار، سىلەرگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار!
بالىلار يەنە نېمە خۇشاللىق ئىش بۇلار دىگەندەك ئالدىراپ ئۆزلىرىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كىتىشتى، بىر دەمدىن كېيىن بالىلار ئىشلارنى تۈگۈتۈپ پاششاخاننىڭ ھوجرىسىغا يېغىلىشتى.
-        يىگىتلەر، بۈگۈن بىز بۇ يەردە مۇھىم بىر ئىشنى قارار قىلىمىز!- دېدى پاششاخان بالىلارغا كەسكىن قىلىپ – ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلار، ئەركىنىلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشنى خالايدىغانلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! – پاششاخاننىڭ سۈزى تۈگىمەستە بالىلار ئورنىدىن بىردەك چاچراپ تۇرۇشتى – ياخشى ، ناھايىتى ياخشى! تىللاخان يىگىتلىرىمىزنىڭ قۇلىغا قۇرئاننى بىرىڭ!- تىللاخان دەرھال ئالدىن تەييارلاپ قويغان قۇرئانلارنى يىگىتلەرنىڭ قۇلىغا بىرمۇ بىر تۇتقازدى – قۇلىمىزدىكى ئىلاھى مۆجىزە قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئاسمان-زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى قەسەم قىلىمىزكى، بىز بۈگۈندىن باشلاپ ئاللاھ يۇلىدىكى ھەقىقى ئاكا-ئىنىلەردىن بۇلدۇق! – پاششاخان ئۇكىسى تىللاخانغا قارىدى، تىللاخان ئاكىسى پاششاخاننىڭ سۈزىنىڭ ئاخىرىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ تەكرارلاپ يىگىتلەرگە قارىدى، يىگىتلەرمۇ تىللاخاننىڭ ئېيتقىنى بۇيىچە«بىز بۈگۈندىن باشلاپ ئاللاھ يۇلىدىكى ھەقىقى ئاكا-ئىنىلەردىن بۇلدۇق!» دەپ پاششاخاننىڭ قەسەم سۈزىنى ئۈنلۈك قىلىپ تەڭ تەكرارلىدى، پاششاخان سۈزىنى داۋام قىلدى – ئاللاھ يۇلىدا، ۋەتەن يۇلىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز! – يىگىتلەرمۇ تەڭ ئېيتىشتى « ئاللاھ يۇلىدا، ۋەتەن يۇلىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز!» - تەشكىلاتىمىزنىڭ نامى تۈركلەر ئىتتىپاقى! تەشكىلاتنىڭ بۇيرىقىغا قەتئىي بۇيسۇنىمىز! ۋەتەن مۇستەقىل بولمىغىچە كۈرەشنى قەتئىي توختاتمايمىز! – يىگىتلەر ھاياجانلانغىنىدىن پەس ئاۋازدا تەڭ توۋلاشتى« تەشكىلاتىمىزنىڭ نامى تۈركلەر ئىتتىپاقى! تەشكىلاتنىڭ بۇيرىقىغا قەتئىي بۇيسۇنىمىز! ۋەتەن مۇستەقىل بولمىغىچە كۈرەشنى قەتئىي توختاتمايمىز!» -قۇرئان بىلەن قەسەمكى ئاللاھ يۇلىدا، ۋەتەن يۇلىدا، تەشكىلات يۇلىدا جېنىمىز پىداھ !- « قۇرئان بىلەن قەسەمكى ئاللاھ يۇلىدا، ۋەتەن يۇلىدا، تەشكىلات يۇلىدا جېنىمىز پىداھ !»
قەسەم سۈزى تۈگىدى، پاششاخان  قۇلىدىكى قۇرئاننى مەيدىسىگە چىڭ بېسىپ تۇرۇپ يىگىتلەر بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، يىگىتلەرمۇ بىر قۇلىدا قۇرئاننى مەيدىسىگە چىڭ بېسىپ تۇرۇپ يەنە بىر قۇلى بىلەن پاششاخان ۋە تىللاخاننى نۈۋەت بىلەن قۇچاقلاپ چىقتى. بۇ كىچە يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر تەشكىلاتىنىڭ بولغانلىقدىن قاتتىق پەخىرلىنىپ كەلگۈسىدىكى قايناق كۈرەشلەرنى خىيال قىلىپ ھاياجانلانغىنىدىن قىلدەك تولغىنىپ چىقتى.
زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يىگىتلەر رۇس تېخنىكنىڭ ئۈگەتكىنى بۇيىچە ئىشقا چۈشۈپ كەتتى، ئالدىدىكى بىر ئايدا يىگىتلەر بېشىنى كۈتۈرمەي ئىشلىدى، يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار بۇلارنىڭ زاۋۇتىنى تەبرىكلەپ بۇ يەرنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ لەۋھە-بېغىشلىمىلارنى تەقدىم قىلىشتى، كېيىنچە يىگىتلەر كۈندۈزى ئازراق ئىشلەپ قۇيۇپ كەچلىكى يەر ئاستى ئۈيگە كىرىپ تەشكىلاتنىڭ تۇنجى بەرگەن ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنداشقا باشلىدى.
پاششاخان تەشكىلات نامىدا يەنى «تۈركلەر ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئايلىق گېزىت چىقىرىپ بۇ گېزىتنى پۈتۈن تۈركمەنىستان رايۇنىدا زور كۈلەمدە تارقاتماقچى بولغان ئىدى، ئۇلار مەخپى يەر ئاستى ئۈيىگە ئۈچ-تۆت شىپىگىراف، بىر قانچە تۈركمەنچە ھەم رۇسچە خەت ئۇرۇش ماشىنىسى  قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى قۇيۇپ كىرىش ئېغىزىنى ناھايىتى مەخپى ھالدا ئۈن ساقلايدىغان ئامبارغا ئۇستىلىق بىلەن  ئۇرۇنلاشتۇردى.
تۇنجى قارارلىق گېزىت پۈتۈن تۈركمەنىستان رايۇنىغا يەتكۈدەك تىراژدا ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە بېسىلىپ چىقىلدى، ئۇنىڭ سىتونى ئاساسەن مۇنداق ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بىرى «تۈركمەنلەرگە خەت» دىگەن مەزمۇندا ئىدى، بۇنىڭدا رۇس تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۈركمەنىستان رايۇنىدىكى زورلۇق-زۇمبۇلىرى، بۇلان-تاراجلىرى ئاددى مىساللار ئارقىلىق پاش قىلىنىپ تۈركمەن خەلقىنىڭ قۇلىغا ئارا-توقماق ئېلىپ بولسىمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى، بۇ گېزىتنى كۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈركمەن پوقراسىنىڭ كاللىسىدا رۇسلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە تولغان قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا غەزەپلىنىش تۇيغۇسى ۋە ئۇلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى دەسلەپكى قەدەمدە كۈرەش ئېڭى پەيدا بۇلاتتى.
ئىككىنچىسى بولسا«روسلارغا خەت» دىگەن مەزمۇن بولۇپ بۇ رۇس ۋە تۈركمەن تىلىدا بېسىلغان ئىدى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى رۇس پۇقرالىرىنىڭ تۈركمەنىستاندىن چىقىپ كىتىشىنىڭ زۈرۈرلىكىنى، رۇس ھاكىمىيىتىنڭ بۇ زىمىندا پات ئارىدا ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى، بىگۇناھ رۇس پۇقرالىرىنىڭ بۇيەردىن بالدۇرراق كەتمىسە بۇ ئۇرۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ «تۈركلەر ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن بىھۇدە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقنى، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ رۇس پۇقرالىرىنىڭ تۈركمەنىستان زىمىنىدىكى جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى، «تۈركلەر ئىتتىپاقى»ئەزالىرىنىڭ پۈتۈن تۈركمەنىستان رايۇنىغا كەڭ تارقالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بولۇپ ئۆتكەن  ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «تۈركلەر ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغانلىقى، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ تاھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنىق بىر جاۋاپ بىرەلمىگەنلىكى ئەمىلىي پاكىت-مىساللار ئارقىلىق تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى، بۇنى كۈرگەن ھەرقانداق بىر رۇس پۇقراسى ئەتىلا ئۇرۇش پارتلايدىغاندەك بىرخىل سىزىمغا كىلىپ قېلىپ ئۆي-زىمىنلىرىنى سېتىپ ئۆز ۋەتىنىگە بالدۇرراق كىتىش خىيالىغا كىلىپ قالاتتى.
گېزىتلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئالتە رايۇنغا بۈلۈندى، پاششاخان بىلەن تىللاخان بىر بۈلەكنى ئاستانىگە ئېلىپ قالدى، قالغان بەش بۈلىكىنى بەش يىگىت ئۆزى بۇرۇن مەسئۇل بولغان بەش ۋىلايەتكە ئېلىپ ماڭدى. ھەر بىر ۋىلايەتنىڭ گېزىتى نەچچە يۈزمىڭدىن مىلىيۇن پارچىغىچە بولۇپ ھەر بىر ۋىلايەتكە تەقسىم بولغان گېزىت قارا ماشىنىنىڭ توچىيىدە بىر توچەي ئەتراپىدا كىلەتتى، ئۇلار بۇ گېزىتلەرنى تۈپلەپ ياخشى تاڭغاندىن كېيىن ئەتراپىنى يوتقان-كۆرپىلەر بىلەن پۇختا ئۇراپ پاختا بىلەن يۈزىنى يېپىپ بوكلات قىلىنىغان پاختىغا ئوخشىتىپ يۈك تۇشۇيدىغان قارا ماشىنا بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە مەخپىي يۆتكىدى.
گېزىتلەر مەنزىلگە يىتىپ بارغاندىن كېيىن بۇنىڭغا مەسئۇل يىگىت ئالدى بىلەن گېزىتلەرنى ئۆزى بۇرۇن ئىجارە ئالغان ئۆيگە چۈشۈردى، ئۇلار ئالدىنقى بىر يىلدا ۋەزىپە ئۈتەش جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئاساسەن شۇ ۋىلايەتكە تەۋە ھەرقايسى ناھىيىلەرگە بېرىپ سىياسى جىنايەتچى دەپ رۇسلارنىڭ تۈرمىسىدە ياتقان ياكى يۈرتتا رۇسلارنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئاز-تۇلا ھەركەت قىلغان ۋە ياكى كىشىلەرنى ئويغۇتۇش تەرەپدارىدا تەشۋىقى-تەربىيە ئېلىپ بارغان ئىلغار پىكىردىكى دىنىي زاتلارنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ دوستلۇق ئورنىتىپ قويغان ئىدى، بۇنداق ھەقىيقى مۇسۇلمان كىشىلەر يۇرت-يۇرتلاردىن تېپىلاتتى.
بۇ قېتىم يىگىتلەر تەشكىلاتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇىشىغا ئاساسەن گېزىتلەرنى ھەرقايسى ناھىيىلەرگە تەقسىملەپ تىگىشلىك گېزىتنى  ئاخشىمى ئەل ياتقۇ بولغاندا شۇ ناھىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسى ئالدىغا چۈشۈردى، يىگىتلەر بېشىغا كىيمە چاچ ۋە كۈزىگە ئەينەك تاقىۋالغاندىن كېيىن دەرۋازىنى يىنىك چەكتى. ئىشىك ئېچىلدى.
-        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! – دېدى يىگىت ئىشىكنى ئاچقان تۇنۇش ئادەمگە قۇلىنى ئۇزىتىپ.
-        ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام مىھمان، قېنى ئۆيگە كىرەيلى! – دېدى ئۆي ئىگىسى ئالدىدىكى بۇ كىشىنى تۇنىيالماي ئۇنى ئىچكىرىكى ئۈيىگە باشلاپ.
-        ئۆزلىرىگە دەيدىغان جىددى ھەم مەخپىي بىر گەپ بارئىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاشقا تاۋىلىرى بارمىكىن قېرىندىشىم؟
-        ئاللاھ ئۈچۈن يۈرۈگۈم پىدا قېرىندىشىم، قېنى ئېيتىڭ!
-        مەن دىنىمىز ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، تۈركمەن مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان «تۈركلەر ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ مۇشۇ رايۇنىدىكى ۋەكىلى بۇلىمەن، ھازىرچە ئىسمىمنى دىمەي تۇراي، قۇلۇمدا تەشكىلاتىمىزنىڭ چىقارغان مۇھىم بىر گېزىتى بار ئىدى، ئالدى بىلەن بۇ بىر پارچىسىنى ئۇقۇپ بېقىڭ!
ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېتىپ گېزىتنى تەپسىلى كۆرۈشكە باشلىدى.
-         بەكمۇ ياخشى ئىش بۇپتۇ، بىزنىڭ خەلق مەنىۋى جەھەتتىن يىتەكلىنىشكە مۇھتاج ئىدى – دېدى ئۆي ئىگىسى گېزىتنى تۇلۇق كۆرۈپ بولۇپ ھاياجانلانغان ھالدا.
-        بىز بۇ گېزىتنى پۈتۈن تۈركمەنىستان خەلقىگە ئوخشاش بىر كۈندە بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىشىمىز كىرەك ئىدى، ئاللاھ يۇلىدا بۇ ئىشقا ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنارسىزمۇ؟ قانچىلىك چىقىم كەتسە تەشكىلاتىمىز بۇنى كۈتۈرىدۇ!
-        چاتاق يوق، بۇنىڭغا مىنىڭ ئامالىم بار- دېدى ئۆي ئىگىسى ناتۇنۇش ئادەمنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ – بۇ ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، خالىساڭلار تەشكىلاتىڭلارغا مەنمۇ ئەزا بولسام...
-        بۇنى مەن يۇقىرىغا يەتكۈزەي، شۇنداقتىمۇ بۇ پۇلنى قۇبۇل قىلىڭ – دېدى يىگىت بىر باغلام پۇلنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئۆي ئىگىسىگە سۇنغاچ – بۇ يۇقىرىنىڭ تەلىۋى، ھامىنى بۇ ئىشلىرىمىزغا لازىم بولىدۇ. راستىنلا قۇلىڭىزدىن كىلەمدۇ؟
-        خاتىرجەم بۇلۇڭ قېرىندىشىم، مىنىڭمۇ يۈرۈگۈم ۋەتەن ئىشقىدا ھەرىنىڭ كۈنىكى بولۇپ كەتكەن ئادەممەن!  تەشكىلاتىڭلارنىڭ تەلىۋى شۇنداق بولغان بولسا مەن بۇ پۇلنى ئېلىپ قالاي، بۇ بىر ئوت پۇل، ئىشلىتىدىغان يەر ھامىنى چىقىپ قالىدۇ، ئېيتىڭە قاچان، قايسى ۋاقىتتا تارقىتىمىز؟
-        ئالدىمىزدىكى جۈمەدىن كېيىنكى يەنە بىر جۈمە كۈنلىكىدە، بۇ كۈنى بازار كۈنىغۇ؟ جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا تارقىتىشنى باشلىۋىتەيلى! سىزنىڭچە چاتاق يوقتۇ؟
-        جۈمە كۈنلىكىدە دەڭ ...- ئۆي ئىگىسى بىردەم ئويلىنىپ قالدى – چاتاق يوق، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، خاتىرجەم بۇلۇڭ، ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندايمەن!
-        ماقۇل ئەمىسە، بۇ رايۇننىڭ ئىشى سىزگە كەتتى، ئالاھىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالسا سىزگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرىمەن.
يىگىت بىلەن ئۆي ئىگسى باغلانغان گېزىتلەرنى قازىناق ئۆيگە يۆتكەپ بىر-بىرنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقشىپ تۇرۇپ خوشلاشتى.
باشقا ۋىلايەتلەرگە مەسئۇل بولغان يىگىتلەرمۇ يۇقاردىكى ئۇسۇل بۇيىچە ئىش كۆرۈپ پىلاننىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق باستى، گېزىتنى تارقىتىدىغان جۈمە كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى، جۈمە كۈنلىكى پۈتۈن تۈركمەنىستاننىڭ ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدە چوڭ بازار بۇلاتتى، كىشىلەر ھەپتىدە بىر كىلىدىغان بۇ چوڭ بازار كۈنىنى قولدىن بىرىپ قويماي ئائىلىدىكى ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەننى ھارۋىغا بېسىپ بازارغا ئەكىرگەنچىلىك قىلاتتى.
جۈمە نامىزى ئۇقۇلۇپ كىشىلەر مەسچىتتىن چىققاندا مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى يوللار بۇ گېزىتلەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى، گېزىتنىڭ چۆگىرسىدىكى ئەرەپچە«لائىلاھە ئىللەللەھۇ ، مۇھەممىدىن رەسۇلىللاھ» دىگەن كەلىمە ناھايىتى چوڭ قىلىپ بېسىلغان بولغاچقا بۇ گېزىتنى كۈرگەنلىكى ئادەم قۇلىغا ئېلىۋالاتتى، چۈنكى بۇ كەلىمىنى دەسسەپ سالسا ناھايىتى چوڭ گۇناھ بۇلاتتى، شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر ئىڭىشكىنىچە بۇ گېزىتنى تالىشىپ يەردىن تىرىۋالدى، ساۋادى بارلىرى شۇ مەيداندىلا ئۇقۇپ يانچۇقىغا مەھكەم تىقتى، ساۋادى يوقلىرى مەكتەپتىكى باللىرىغا ئۇقۇتۇش ئۈچۈن قوينىغا تىقتى، بۇ بىر كۈندە ئاشلىق ساتىدىغان بازاردىن باشلاپ رەخ-پەخ ساتىدىغان بازارغىچە مال-ۋاران بازىرىدىن باشلاپ ئاشخانا-ناۋايلارنىڭ ئالدىغىچە بۇ گېزىت زور كۈلەمدە تارقىتىلدى، بۇ گېزىت بۇ بىر كۈندە پۈتۈن تۈركمەنىستاننىڭ شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېزا-سەھرالىرىغىچە تۇلۇق يىتىپ بارغانچىلىك قىلدى، ئاۋام پۇقرالار گېزىتنى ئۇقۇپ بىر-بىرى بىلەن پىسىرلىشىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ باشلىرىنى لىڭىشتىشاتتى، كەچلىكلىرى دوقمىش-دوقمىشلاردا بۇلىدىغان قىززىق پاراڭنىڭ تېمىسى مۇشۇ گېزىتتىن باشلىنىدىغان بولدى.
روس پۇقرالىرى بۇ گېزىتنى كۈتۈرۈشۈپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يېغىلىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ گېزىتكە قارىتا چۈشەندۈرۈش بىرىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەر قايسى ساقچى ئىدارىلىرىغا يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق تېلفۇنلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل تۈركمەن ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپسى ئېلىپ تاشلاندى. بۇ قېتىملىق گېزىتنىڭ قۇتىراتقۇلۇق خاراكتىرى ئىنتايىن ئېغىر، پاش قىلىنغان رۇسلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشىلىرى ئەمىلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېزىتنىڭ قاپلىنىش دائىرسى ئادەتتىن تاشقىرى كەڭرى بولغاچقا رۇس ھۆكۈمىتى ئۆزىنى قۇيغىلى يەر تاپالماي قالدى، ساقچى تەرەپ بۇ «تۈركلەر ئىتتىپاقى» توغورلۇقمۇ ھېچقانداق يىپ ئۇچچىغا ئىرىشەلمىدى، ساقچىلار كېيىن بىر ئىككى ناھىيىدىكى گېزىت تارقاتقۇچىلارنى پاش قىلىپ تۇتىۋالغان بولسىمۇ لېكىن تۇتۇلغۇچىلار بۇ قېتىمقى ھەركەتتە كىمنىڭ ئۆزلىرىگە يىتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئۇبدان بىلمىگەچكە ساقچى تەرەپ ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى، ئۇلار تەكشۈرۈش-تىنىتىش خىزمەتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتىرلىك ئېلىپ بارغان بولسىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ باش ئىشتابىنىڭ نەدىلىكىنى، ئەزالىرىنىڭ كىملەر، قانچە ئادەم ئىكەنلىكىنى،گېزىتلەرنى قەيەردە باسىدىغانلىقىنى زادى بىلەلمىدى، رۇس تەرەپ خائىن-ئىشپىيۇنلارغا ئاجرىتىدىغان چىقىمنى ھەسسىلەپ كۈپەيتكەن بولسىمۇ يەنىلا ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيۋاتاتتى.
مۇشۇ قېتىملىق گېزىت تارقىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركمەنىستاننىڭ مۇقىملىقى بىر ئاز تەۋرەپ قالدى، يۇرت-يۇرتلاردا ساقچىخانىلارغا ئوت قۇيۇش، ساقچى-ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىش، رۇس پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈش، مىللى مۇناپىقلارنى قەسىتلەش قاتارلىق بىر قاتار رۇس ھاكىمىيىگە قارشى ھەركەتلەر پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قاتار ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئۆزلىرىنى «تۈركلەر ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى دەۋالغاچقا ھۆكۈمەت قاتتىق سارسىمىگە چۈشۈپ تۈركمەن پۇقرالىرىغا بولغان بېسىم-نازارەتنى ھەسسىلەپ كۈپەيتتى، ئارغامچىنى تولغاۋەرسە ئۈزۈلگىنىدەك تىنىچ ئۇخلاپ ياتقان بۇ خەلق ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىگە بۇلىۋاتقان بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆزلىگىدىن ئويغۇنۇشقا باشلاپ قارشىلىق ھەركەتلىرى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى، بۇجەرياندا «تۈركلەر ئىتتىپاقى» تۈركمەنىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ھەركەتلەرنى ئېلىپ باردى، بۇ تەشكىلات تۈركمەنىستان ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ باشلامچى كۆزنەك تەشكىلاتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، قەرەللىك گېزىت چىقىرىش ئىشلىرىنى قەتئى توختاتمىدى،  رۇسلارغا قارشى ھەرقانداق كاللىسى جايىدا بىر ئادەم «تۈركلەر ئىتتىپاقى»نىڭ ھەركىتىنى قۇلىدىن كىلىشىچە قوللىدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ توپلىغان «بايلىقى» ئەزەلدىنلا مول بولغاچقا تەشكىلات پەردە ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ كىملىگىنى بىلدۈرمەستىن  رۇسلارغا قارشى ھەركەت قىلغۇچىلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن زور ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلاتنىڭ ھەرقايسى رايۇنلاردىكى ھەركىتى ۋە ئىناۋىتى بارغانسىرى زورىيىشقا باشلىدى.
«تۈركلەر ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى بىردىن-بىر ئالاھىدىلىكى - تەشكىلات ئەزالىرى ئۆزىگە باش بولغىچىنىڭ كىملىگىنى بىلەلمەيتتى، ناۋادا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى يەنە بىر ئەزا بۇقۇل قىلماقچى بولسا تەشكىلاتنىڭ تۈزىمىگە ئاساسەن تەشكىلاتقا كىرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ تىگى-تەكتى ياخشى سۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەزا قۇبۇل قىلغۇچى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى يۇشۇرغان ئاساستا ئۇنىڭغا يېڭى ۋەزىپە تاپشۇراتتى ياكى ئۇنىڭ ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلاتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكىتەتتى. يېڭى ئەزالارنىڭ يېرىم يىلغىچە ئەزا قۇبۇل قىلىش سالاھىيىتى بولمايتتى، تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچتىن بەشكە قەدەر ئەزا تەرەققى قىلدۇرالايتتى.
مانا مۇشۇنداق كونا ئەزالار پەقەت ئۆزىنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەزاسىنى بىلىدىغان لېكىن ئەزالىرىنىڭ يېڭى يىتىشتۈرگەن ئەزالىرنى بىلمەيدىغان، بىر ئەزا ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مەسئۇلىنىڭ كىملىگىنى بىلمەيدىغان ئالاھىدە قائىدە-تۈزۈم ئاستىدا تەشكىلاتنىڭ مۇكەممەللىگى بارغانسىرى ئاشتى، ھۆكۈمەت تەرەپ «تۈركلەر ئىتتىپاقى»نىڭ ئۈستىدىن ھېچقانداق يىپ ئۇچچىغا ئىرىشەلمىدى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى تەشكىلات ئەزانى ئالدىراپ قۇبۇل قىلمايتتى، ئەزا قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ناۋادا بۇ ئەزا ۋەزىپە ئۇرۇنداش جەريانىدا ساقچلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىپمۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىمىغان بولسا،ئۇزۇن مۇددەتلىك كىسىلىپ كەتكەن بولسا، رۇسلار تەرىپىدىن ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، ۋەزىپە ئۇرۇنداش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان ۋە ياكى ئېغىر مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا «تۈركلەر ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن بۇنداق تەشكىلات ئەزالىرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا زور سوممىدىكى نەپىقە پۇل بىرىلەتتى، تەشكىلات ئەزالىرى يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى جان دىل بىلەن ئۇرۇنلايتتى، تۇتۇلۇپ قالغانلارمۇ ئاللاھ يۇلىدا شېھىت بۇلۇش شەرىپى ئۈچۈن ئىمان ۋىجدانى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتەتتى، تاياق-توقماقتا ئۈلۈشكە رازى ئىدىكى مۇناپىق خائىن بولۇپ ياشاشنى خالىمايتتى.
ئەلۋەتتە بۇ خىل نەپىقىنىڭ ھەممە قىسمىنى پۈتۈنلەي تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بۇلالمايتتى، بۇنىڭغا نىسبەتەن «تۈركلەر ئىتتىپاقى» مۇنداق چارە قوللانغان ئىدى يەنى بۇنداق ئۈلۈپ كەتكۈچىلەر ياكى كىسىلىپ كەتكۈچىلەرنىڭ يۇرتىدىكى كاتتا باي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى بايلارنىڭ مال-دۇنياسىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق نىسبەتتە ئىئانە توپلايتتى.
باشتا ئاز ساندىكى بايلار بۇ خىل نەپىقە يېغىشنى ئىنتايىن قوللىدى، ئۇلار نەزىرىدە «دىنسىزلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قېچىپ بولمايدىغان بۇرچى، ھۆرلۈك-ئەركىنىلىك ئۈچۈن ئاللاھ يۇلىدا جەڭ قىلغۇچىلار بىزنىڭ ئەڭ مۇكەممەل مۇسۇلمانلىرىمىزدۇر، ئاللاھ ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلار ئالدىدا بىزنىڭ چىقارغان بۇ پۇلىمىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىمىز كىرەك» دەپ ئويلايتتى.
ئەكسىچە كۆپ ساندىكى يۇرت كاتتىلىرى «بىزنىڭ بۇ كۈنگە قېلىشىمىزنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزغا مۇشۇنداق پۈتۈلگەنلىكىدىن بولغان، تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس، بىزنىڭ مۇشۇنداق بۇلىشىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان، پادىشاھنىڭ ئەمىرىگە بويسۇنماق ۋاجىپ، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سەۋرى قىلماق كىرەك، ئاللاھ سەۋرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان يەردە بىز ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ بۇلالامدۇق» دەپ ئىئانە تاپشۇرۇشتىن باش تارتىشاتتى.
بىر قېتىم مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ يىراق بىر بازىرىدا ساقچىلار رۇس سودىگەر بىلەن جىدەللىشىپ قالغان بىر بۇۋاينى سۇراق قىلىش جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى، بۇۋاينىڭ پەرزەنىتلىرى ئادەتتىن تاشقىرى يۇۋاش ئادەملەردىن بولغاچقا يۇرتتىكى چوڭلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ بۇنى«قازايى تەقدىر»دىن كۆردى. لېكىن بۇ بۇۋاينىڭ چوڭ نەۋرىسى «تۈركلەر ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ ئۇ بۇ ناھاقچىلىقنى كۈتۈرەلمەي بۇۋىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسئۇلى بىلەن جىددىي كۆرۈشۈپ بۇ توغۇرلۇق يوليۇرۇق ئالماقچى بولدى. چۈنكى تەشكىلاتنىڭ تۈزىمىدە ھەرقانداق تەشكىلات ئەزاسى ئۆز ئالدىغا ھەركەت قىلىشقا بولمايتتى.
تەشكىلات ئەزالىرى ئۆزىدىن يۇقۇرىدىكىلەرنى جىددى ئىزدىمەكچى بولسا باشتا كۆرۈشۈش ئۇسۇللىرىنى دىيىشىۋالاتتى. ئۈينىڭ ئالدىغا بىرنەرسە قاچىلانغان تاغاردەك نەرسىلەرنى قۇيۇپ قۇياتتى ياكى ئۈيىنىڭ ئالدىدىكى دەرەخكە قىزىل رەختەك بىر نىمىلەرنى باغلاپ قۇياتتى.
ناۋادا جىددىي كۆرۈشمەكچى بولسا تۇرۇشلۇق بازارلىق تەشۋىقات ئىشخانىسىدىكى رادىئۇ پونكىتىغا چىقىپ ئازراق ھەق تۈلەش ئارقىلىق ئۈيىدىكى بىرە چارۋىسىنىڭ يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى چوڭ كارنايدا ئىلان قىلدۇراتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئەزا دەرھال ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئەزا بىلەن ئالاقىلىشاتتى. ئادەتتىكى كىچىكراق ھەركەتلەرگە تەشكىلاتنىڭ شۇ ۋىلايەتتىكى تۇرۇشلۇق باش ئەزاسى يەنى پاششاخاننىڭ يىگىتلىرى قارار چىقىراتتى.
بۇ قېتىم تەشكىلات ئەزاسى شىرمۇھەممەدنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بۇۋىسىنىڭ ئۈچىنى ئېلىش تەكلىپى تەشكىلات تەرىپىدىن ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن قار ياغقان بىر ئاخشىمى شىر مۇھەممەد ئايالى ۋە ئىككى بالىسى ئۇخلاپ قالغاندا ئۆيدىن مەخپى چىقىپ بازارلىق ساقچىخانا تەرەپكە يول ئالدى. بۇ قېتىمقى ئۆچ ئېلىش پىلانىنى تەشكىلات تۈزۈپ بەرگەن بولۇپ شىرمۇھەممەد يالغۇز ھەركەت قىلىشى كىرەك ئىدى.
شىرمۇھەممەد پىلان بۇيىچە تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ دىجۈرنىلىك قىلىۋاتقان ئىشخانىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆتتى، ئىشخانىدا ئىككى تۈركمەن بىرى رۇس بولۇپ جەمئىي ئۈچ ساقچى مەشكە كۆمۈرنى راسا چىڭقاپ قۇيۇپ لايدەك ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. كۈمۈر بىرە سائەتلەردىن كېيىن كۈيۈپ پەسىيىشكە باشلىغاندا شىرمۇھەممەد ھەركەتنىڭ قەدەم باسقۇچىغا ئاساسەن ئاۋال ئىشخانىنىڭ كەينىدىكى دەرىزىدىن چىقىرىلغان مەشنىڭ كارنىيىغا بىر ئازلاتا-پۇتىنى تىقتى، مەشتىن ئاز-تۇلا ئىس يېنىشقا باشلىدى، بۇ چاغدا ساقچىلار كۆمۈر چۇغىدىن چىققان زەھەرلىك گازدىن قىسمەن زەھەرلىنىشكە باشلاپ ئېغىر ئۇيقىغا غەرىق بۇلىۋاتاتتى، يەنە يېرىم سائەتلەردىن كېيىن توك سىمى ئامبۇر بىلەن كىسىپ تاشلىنىپ كارناينىڭ ئېغىزى تۇلۇق ئىتىلدى، بۇ ۋاقىتتا ئۈچ نەپەر ساقچى گازدىن رەسمىي زەھەرلىنىپ ھۇشىدىن كىتىشكە باشلىدى، بىرى جان ھەلپۇزىدا ئورنىدىن دەلدەڭشىپ تۇرۇپ بېقىپ قاراڭغۇدا ئىشىكنى سىلاپ تېپىپ بولغىچە يەرگە يېقىلىپ ئورنىدىن تۇرالمىدى، قالغان ئىككىسى بولسا پۈتۈنلەي ھۇشىدىن كىتىپ بولغان ئىدى.
شىرمۇھەممەد تامنىڭ كەينىدە تاڭنىڭ سۈزۈلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ  ئىككىنچى ئەزەن ئۇقۇلغاندا دەرىزىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ دىجۈرنىلىك قىلىدىغان ئىشخانىغا سەكرەپ چۈشتى، ئۇ بۇرنىنى ھۆل لۈڭگە بىلەن تۇسۇپ تۇرۇپ قول چىراق بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ ئۈچ دانە تاپانچا بىلەن ئوتتۇز پاي ئوقنى غەنىمەت ئالغاندىن كېيىن بۇ دىجۈرنىلىك ئىشخانىسى بىلەن يان تەرەپتىكى ئالتە ئېغىز خىزمەت ئىشخانىسىغا بىنزىن چېچىپ ئوت قۇيىۋىتىپ ئاندىن بۇ يەردىن ئايرىلدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ساقچىلار ئىشقا كەلگەندە ساقچىخانىنىڭ پۈتۈنلەي كۈيۈپ كۈل بولۇپ خارابە ئىچىدە ئۈچ جاننىڭ قارا كۆمۈر بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار بۇ ئىشنى تەھلىل قىلىپ گۇمانلىق ئادەملەرنى تەكشۈرۈپ باقماقچى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىرمۇھەممەدنىڭ ئۈيىگە تۆت نەپەر ساقچى كىچىك ماشىنا بىلەن يىتىپ كەلدى، ئەسلىدە شىرمۇھەممەد ئۇ كۈنكى ئوت قۇيۇش ئىشىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالغان بولسا ساقچىلار ئۇنى قۇيىۋىتەتتى، چۈنكى ساقچىلار بۇ ئىشنى مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر قىلغان بۇلىشى مۇمكىن شىرمۇھەممەدنىڭ قۇلىدىن كىلىشىمۇ ناتايىن دەپ قارايتتى.
لېكىن شىرمۇھەممەد ساقچىلار مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىۋاپتۇ دەپ ئويلاپ ھويلىسىغا كىرگەن ساقچىلارغا ئولجا ئالغان تاپانچىسى بىلەن ئاۋال قول سالدى، بىر ساقچى نەخ مەيدانغا ئۆلدى، يەنە بىرى ئېغىر يارلاندى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تاپانچا ئىشلىتىشى بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكىسنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ساقچىلارنىڭ يەنە بىرى ئۇنى ئېتىپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئوغلان بۇۋىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش يۇلىدا باتۇرلارچە شەھىد بولدى.
«تۈركلەر ئىتتىپاقى» بۇ يىگىتنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلىدىغان نەپىقىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ مالىيەسىدىن ئاجرىتىپ قالغىنىنى قائىدە بۇيىچە بۇ يۇرتتىكى بايلاردىن يېغماقچى بولدى-دە يۇرت بايلىرىنى مەخپىي سەپەرۋەر قىلدى، كۆپ ساندىكى بايلار ئۆزىنىڭ ئاتىغىنىنى بەردى، لېكىن ئاز ساندىكى يۇرت بايلىرىغا بۇ گەپ ئانچە خوش ياقمىدى.  بۇ يۇرتتا مەخسۇس كالا-توپاق سودىسى قىلىدىغان چوڭ بىر باي كىشى بولۇپ نەپىقە يېغىش نەۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە «تۈركلەر ئىتتىپاقى»نىڭ بۇ تەلىۋى چىرايلىقچە رەت قىلىندى.
بۇ گەپ پاششاخاننىڭ قۇلىقىغا يىتىپ باردى، پاششاخان كۈلۈپ كىتىپ يىگىتىگە بىر چارىنى ئۈگەتتى.
بىر كېچىسى شۇ رايۇندىكى تەشكىلات ئەزالىرى ھەركەتكە كىلىپ ئۇ باينىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ  تازا سەمىرگەن توپاقتىن ئوتتۇزنى ئوغۇرلاپ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىتىلەپ ئەكىلىپ تۆت-بەش يەرگە گۈلخان سالدى، گۈلخان راسا كۈيۈپ قۇم چوغقا تولغاندا يىگىتلەر ھەر بىر گۇلخاننىڭ ئورنىدىكى قىززىق قۇمغا ھەر-ھەر قاپاقتەك كاۋىدىن بەش-ئوننى كۆمدى، كاۋا قوقاس ئوتنىڭ دەپتىدە بىر دەمدە كاۋاپ بولۇپ پىشىپ كەتتى. يىگىتلەر چوغدەك قىززىق كاۋىنى قوقاسنىڭ ئارسىدىن ئېلىپ شۇ پېتى توپاقنىڭ مۈڭگۈزىگە سانچىپ ئېلىۋاتماي قۇيۇپ قويدى، بىر دەمدىن كېيىن توپاقنىڭ پۇلاتتەك مۈڭگۈزلىرى قىززىق كاۋىنىڭ دەپتىدە يۇمشاشقا باشلىدى، يىگىتلەر ھېچ كۈچىمەيلا توپاقنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئۇچچى ئالدىغا بولغان بولسا ئۇنى كەينىگە قايرىدى، يانغا قارىغان بولسا ئالدىغا قايرىدى، شۇنداق قىلىپ توپاقلارنىڭ ئەسلىدىكى مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى.
يىگىتلەر ئەتىسى ئەتتىگەندىلا بۇ توپاقلارنى خاتىرجەم يىتىلەپ شۇ باي تۇرۇشلۇق بازارغا ئاپاردى، بىچارە باي قول ئاستىدىكىلەرنى كەينىگە سېلىپ توپاقلىرىنى ئىزدەپ بازارغا بارغاندا بۇ توپاقلانى كۆرۈپ «توۋۋا خۇدايىم، بۇ توپاقلارنىڭ ھەممە يىرى مىنىڭ توپاقلىرىمىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن، پەقەت مۈڭگۈزىلا ئوخشىمايدىكەنغۇ؟!» دەپ ھەيران قالدى، توپاقلارنىڭ مۈڭگۈزىگە قاراپ ئەسلا ئۆزىنىڭ توپىقى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلالمىدى، يىگىتلەر باينى يېنىغا چاقىرىپ تۇپاقلارنىڭ ھەممىنى ئالالىسا ئەرزان بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوتتۇز دانە توپاقنى نەخ مەيداندا بايغا سېتىپ بەردى، باي بولسا «ئوغرى ئالغان ئوتتۇز توپاقنىڭ ئورنىغا بۇ ئەرزان ئوتتۇز توپاقنى ئالدىم، خۇدايىمغا قىلغىنىم بار ئىكەن!» دەپ قايغۇسىنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇپ ئۈيىگە قايتتى.
شىرمۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمىشىمۇ بۇ ئارقىلىق ۋاقىتلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
بىر كۈنى ناماز بامداتقا يېقىن پاششاخان ئانىسى(ئىنىك ئانىسى) مەريەم خېنىمنىڭ خانلىق تاجنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ قۇيغانلىقىنى چۈشەپ ئويغىنىپ كەتتى. بۇ كۈن دەل پاششاخاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە يەنى ئۇنىڭ يىگىرمە ياشقا توشقان كۈنىگە توغرا كەلگەچكە  ئۇ دائىمقىدىن بۇرۇنراق تۇرۇپ جەينىمازدا ئۇزۇن ئولتۇردى، ئىنىك ئانىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ روھىناتىغا ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ناماز بامداتنى ئۇقۇپ بولۇپ مەسچىتتىن يېنىشىدا ئۇكىسى تىللاخاننى ئېلىپ شەھەرگە يېقىن جايدىكى چوڭ قەبرىستانلىقا قاراپ ماڭدى.
ئۇلار مازارلىققا يىتىپ بارغاندا قۇياش ئەمدى بېشىنى كۈتەرگەن ئىدى، ئۇ ئۆزىگە تۇنۇشلۇق بولغان مومىسىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئۇزۇن قىرائەت قىلدى، ئۇلار پۇرسەت كۈتۈپ مازارلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلگەندە قەبرىگە كۈمۈلگەن ھېلىقى كۆمزەكنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۇلار ھايال ئۆتمەي كۆمزەكنى ساق-سالامەت كولاپ ئېلىپ شەھەر تەرەپكە ئالدىراپ ماڭدى.
ئۇلار زاۋۇت كۈتۈپخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىشىكىنى مەھكەم تاقاپ ئۇكىسى تىللاخان بىلەن كۇزىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشقا باشلىدى، كونا ياغلىقنىڭ ئىچى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان دانە-دانە ئالماسلار بىلەن تولغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەپتەر تۇخۇمىدەك چوڭلىقتىكى يېشىل ئالماس قۇيۇلغان خانتاجى مىنى مەن دەپ كۈرۈنۈپ تۇراتتى.
تىللاخان ۋالىلداپ چاقناپ تۇرغان ئالماسلارنى قۇلىغا ئېلىپ سىلاپ كۆردى، ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق سانى جىق ھەم چوڭ ئالماسلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، ئۇ ئالتۇندىن ياسالغان شاھلىق تاجنى قۇلىغا ئېلىپ كۆز ئالدىدىكى بۇ بايلىقلارغا قاراپ ھەيران قالغىنىدىن جىددىلىشىپ كەتتى.
-        ئاكا بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟ - دېدى تىللاخان قۇلىدىكى تاجنى ئاكىسىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
-        ئەمدى ھەممىنى ساڭا دەيدىغان ۋاقىت بولدى ئۇكام،– دېدى پاششاخان ئېغىر بىر ئۇھ تىنىپ– بۇ تاجنى ئاتا-ئانام ماڭا قالدۇرۇپتىكەن، ساڭا ئەمدى بىلگەنلىرىمنى دەپ بىرەي قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغىن!.....
پاششاخان شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ شەخسى تەرجىمىھالىنى، ئانىسىدىن ئاڭلىغان ئىشلارنى ئۇكىسى تىللاخانغا تەپسىلى بايان قىلىشقا باشلىدى.
تىللاخان ئاكىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاخىرغىچە ئاڭلاپ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاكىسىنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئېيتتى:
-        ئاكا، سىنىڭ ئاددى ئادەم ئەمەسلىكىڭنى بىلەتتىم، بىز سەندىن پەخىرلىنىمىز ئاكا، سەن ئۈچۈن ئۈلۈپ كەتسەم مەن رازى، ئەمدى بۇندىن كېيىن...- تىللاخان گىپىنىڭ ئاخىرسىنى يۈتىۋېتىپ شۇك بولۇپ قالدى.
-        ھە نېمە بۇندىن كېيىن؟ -دەپ كۈلۈمسىرىدى پاششاخان.
-        بۇندىن كېيىن سىنى نېمە دەپ چاقىرىمەن ئاكا، سەن ئەسلى بۇ ئەلنىڭ قانۇنلۇق پادىشاھى ئىكەنسەن، مەن بىلمەي ساڭا ئۇكا بۇلىۋاپتىمەن...- دېدى تىللاخان يەرگە قاراپ خىجىل بولغان ھالدا.
-        شۇمۇ گەپمۇ؟ سەن مىنىڭ ئاللاھ يۇلىدىكى قۇرئان تۇتۇشقان جىگىرىم ئۇكامسەن! بىلىپ قويغىن تاجدىن كەچسەم كىچىمەنكى سەندىن كەچمەيمەن! -  دېدى پاششاخان ئۇكىسىغا تەسەللى بىرىپ.
تىللاخان ئاكىسىنىڭ سۈزىدىن تەسىرلىنىپ كۈزىگە مۆللىدە ياش ئېلىپ پاششاخاننىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتى.
ئاخشىمى ئەل ياتقۇدا  ئۆزىنىڭ ياتقىدا يالغۇز قالغان پاششاخان ياغلىقتىكى تۇمارنى قۇلىغا ئېلىپ يېنىدىكى قەلەمتۇراچ بىلەن ھىم تىكىلگەن ئېغىزىنى سۈكۈشكە باشلىدى، تۇمارنىڭ ئىچىدىن خىرۇم بىلەن قاپلانغان ئىككى پارچە قەغەز چىقتى، ئۇنىڭ بىرى پاششاخاننى بېقىپ چوڭ قىلغان مەريەم خېنىم تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان تۈركمەن تىلىدا يېزىلغان-  ياۋۇزبەگ بىلەن كۈن چىچەكنىڭ ئۈلۈپ كىتىشنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ تاغدىكى مەخپىي پانالانغان جاينىڭ ئورنى قاتارلىقلار بار بولغان پۈتۈكچە ئىدى، يەنە بىر پارچىسى  ناھايىتىمۇ كونا بىر خىل سامان قەغەزگە سىزىلغان خەرىتىدەك بىرنىمە بولۇپ ئاستىدا ئەرەپ يېزىقىغا ئوخشايدىغان يېزىق بىلەن چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن ئىدى.
پاششاخان تۈركمەنچە پۈتۈكتىن ئاتا-ئانىسىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچى خائىنلارنىڭ كىملىگىنى بىلىۋالدى يەنە بىر خىل يېزىقتىكى پۈتۈكنىڭ ئىچىدىكىنىڭ نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي باشقىلاردىن سۇراپ بىلمەكچى بولدى. ئۇ بۇ كېچىنى ناھايىتى تەستە يۇرۇتتى.
ئەتىسى ئۇ تۇماردىكى پۈتۈلگىنى بۇيىچە شاكىرخان ھاجى دىگەن مۇناپىقنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۈيىگە باردى، شاكىرخان ھاجى بالدۇرلا ئۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ئاق ئىنەكنىڭ بالىسى چالا ئىنەك بولغىنىدەك ھېلىقى يارلىقتا بوينى قاتلىشىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ساقچى ئىدارىسنىڭ سىياسى كومىسارى بەكرى بەدى دەل مۇشۇ شاكىرخان ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ چىقتى. «بەدى» دىگەن لەقەم شاكىرخان ھاجىنىڭ ھاياسىز خوتنىنىڭ ياش چېغىدىكى لەقىمى بولۇپ كىشىلەر بۇ بەكرى دىگەن مۇناپىقنى زاڭلىق قىلىپ مۇشۇنداق دەپ ئاتىۋېلىشقان ئىدى.
ئۆزۋاقتىدا  تۈرمە سۇراقخانسىدا زەنجىرگە باغلانغان ياۋۇزبەگ تەرىپىدىن بۇيۇن تۇمۇرى ئۈزۈلۈپ ئۆلگەن ھەربى گېنىرالنىڭ يانچۇغىدا ھېلىقى ئەتىۋارلىق يېشىل ئالماس بار ئىدى، باشقا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئەمەلدارلار ئۇنىڭ يانچۇغىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا بۇ ئالماسقا كۈزى چۈشۈپ قېلىپ سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ شاكىرخان ھاجى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاچكۆز رۇسلار بۇ يېشىل ئالماسنىڭ يەنە بىر جۈپتىنى تېپىش ئۈچۈن شاكىرخان ھاجىنى قاتتىق سۇراققا تارتىدۇ، ئەمىلىيەتتىمۇ شاكىرخان ھاجى كۈنچىچەك مەلىكىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمىگەچكە ئاخىرى سۇراق جەريانىدا ياۋۇزبەگكە ئوخشاش قىززىق تۆمۈرگە بېسىلىپ قىيىن-قىستاقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رۇسلار شاكىرخان ھاجىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتالمىش«ۋەتەن خائىنلىرى»بولغان تۈركمەنلەرگە دۆڭگەپ قۇيۇپ ئىشنى تۈگىتىدۇ.
پاششاخان بۇ مۇناپىق ھاجىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنى ئاڭلاپ لاسسىدە بولۇپ قايتتى. ھەپتىدىن كېيىن ياۋۇزبەگنى سېتىۋەتكەن ھېلىقى زەرگەرنىڭمۇ خەۋىرى يىتىپ كەلدى ، تىللاخاننىڭ دىيىشىچە ئۇ زەرگەر يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا بىر خىل يامان كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.
ئۆز ۋاقتىدا ئىسمايىل سەتەڭنىڭ بەزمەخانىسىدىكى رەققاس قىز ئىنىك ئانىنىڭ پىلانى بۇيىچە  زەرگەرنىڭ ئۈيىدە بىر ئاخشام قونۇپ چىققاندىن  كېيىن ئۇزۇنغا قالماي زەرگەرنىڭ يامان يىرىگە بىرخىل يۇقۇملۇق سۈگەل تاراپ كەتكەن ئىدى، بۇ خىل سۆگەل بارغانسىرى ئەۋىج ئېلىپ زەرگەر ئاخىرى كىچىك تەرەت قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ سۈيدۈك تىنىگە تاراپ كىتىشتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.
پاششاخان بىر كۈنى ئۇكىسى تىللاخاننى يېنىغا چاقىرىپ تاج بىلەن ئالماس سېلىنغان كۇزىنى ئۇنىڭغا سۇندى.
-        بۇلارنى ئىككىمىز بىلىدىغان بىر يەرگە يۇشۇرايلى،- دېدى پاششاخان قۇلىدىكى كۇزىنى ئۇكىسىغا تەڭلەپ قەتئىلىك بىلەن- مەن سەپەرگە ماڭىدىغاندەك تۇرىمەن ئۇكام، ئۆينىڭ ئىشىگى ساڭا قالدى،  ناۋادا مەن ۋاقتىدا قايتىپ كىلەلمىسەم ئىشلارنى سەن داۋاملاشتۇرىشىڭ كىرەك!
-        ئېغىزىڭنى ئۈششۈتمە ئاكا، ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا ئۇ كۈننى كۆرسەتمەيدۇ!– دېدى تىللاخان ئاكىسىنىڭ قۇلىدىكى كۆمزەكنى ئېلىشنى رەت قىلىپ – سەن ئەمدى نەگە باراي دەيسەن؟
-        ساڭا قايسى كۈنى تۇمارنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە خەرىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلمىگەن ئىدىم،- دېدى پاششاخان ئۇكىسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ-  ئۇ چاغاي تىلىدا پۈتۈلگەن خەرىتە ئىكەن، ئۇنىڭدا چىنى ماچىن دىگەن دۆلەتتىكى بىر جايغا دۇنيانىڭ ئاجايىپ –غارايىباتلىرى پۈتۈلگەن «ئالەم ۋە ئادەم» دىگەن بىر قوليازمىنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى، بۇ كىتاپچىنىڭ دۇنيادا پەقەت بىرلا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، نەچچە كۈندىن بىرى چۈشۈمگە ئانام تۇلا كىرىۋالدى، ئانام چۈشۈمدە داۋاملىق بىر قېلىن كىتاپنى ماڭا سۇنۇپ تۇرىدۇ، ئانامنىڭ روھى قۇرۇنۇپ قالمىسۇن، مەن شۇڭا ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇ  قوليازمىنى ئىزدەپ باقاي دىگەن ئىدىم، سىنىڭچە قانداق؟
-        ئانىمىز چۈشۈڭدە بۇ كىتاپنى ساڭا تەڭلىگەن بولسا بارغىن ئاكا، بەلكىم بۇ چۈشۈڭدە بىرە سىر باردۇ، خەرىتىدە قوليازمىنىڭ  قەيەردىلىكىنى ئىنىق دىمەپتىمۇ؟
-        شۇنداق، قوليازمىنىڭ ئورنى ئىنىق ئىكەن، لېكىن ئۇ چىنى ماچىن دىگەن يۇرت ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ غەربىگە توغرا كىلىدىكەن، چىگىردىن چىقمىسام بولمىغىدەك، قاچان كىلىشىمنى بىلمەيمەن، شۇڭا بۇلارنى سەن بىلىدىغان بىر يەرگە يۇشۇرايلى دىگەن.
-        خاتىرجەم بول ئاكا، ئۇلۇغ ئاللاھ سەن بىلەن بىرگە، سەن چۇقۇم سالامەت قايتىپ كىلىسەن، بۇپتۇ بۇلارنى بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قۇيايلى، چىگىردىن چىقىش رەسمىيەتلىرىڭ قانداق بولدى؟
-        بۇ ئاسانغا توختىدى، ساقچى ئىدارىسى باشتا بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى ئېيتقان ئىدى، قۇلۇمدىكى پۇلنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ باشلىقىنىڭ يۈرىگى ئويناپ ئۆزى مۇسكۇۋاغا يول ئالدى، مىنىڭچە بۇ ئىش تەسكە توختىمايدۇ ئۇكام.
-        بۇپتۇ ئاكا، چاتاق يىرى مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشىغا قانداق يىتەكچىلىك  قىلارمەن؟
-        بۇ توغۇرلۇق بېشىڭنى قاتتۇرمىغىن، سىنىڭ قۇلۇڭدىن كىلىدۇ، يامىنى كەلسە گېزىت چىقىرىش ئىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىسەن، قالغان ئىشلارنى بەش دانە يىگىتىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلىۋەر، چاتاق چىقمايدۇ.
ئۇلار تەشكىلاتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى مۇزاكىر قىلىشقاندىن كېيىن كۆمزەكنى ئۆزلىرى بىلىشىدىغان بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قۇيۇشتى.
(داۋامى بار)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش