pitbull يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 10:55 PM
فىزىك ئەپەندىم سىزدىن بىر سوئال سوراي.
يەرشارى نىمە ئۈ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش سۇئالىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم ،،،
سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزدىكى مەسلە بىز ئادەتتە دەۋاتقان نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى كۆزقارىشىدىكى سۇئال ئىكەن . نىيوتوننىڭ نەزەرىيىسىدە تارتىش كۈچى ئارلىققا ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈپ بارىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . يەنى ھەرقانداق ئىككى جىسىم بىر-بىرىنى تارتىدۇ . بۇ تارتىش كۈچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەربىر جىسىمنىڭ ماسسىسىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ دىيىلىدۇ . ئەگەر بىر جىسىمنىڭ ھەركىتىدىكى ماسسىسى ئىككى ھەسسىچىلىك چوڭايسا ، يەنە بىر جىسىمنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك چوڭايسا ، ئۇ ھالدا تارتىش كۈچى ئالتە ھەسسە چوڭىيىدۇ . 2 ھەسسە ئېغىرلىقتىكى جىسىم تارتىش كۈچىنىڭ 2 ھەسسە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، يەنە ئۇنىڭ ماسسىسىمۇ 2 چوڭىيىدۇ . نىيوتوننىڭ قانۇنى بويىچە ، بۇنداق 2 تەسىر خالاس بولىشىپ كىتىدۇ . نىيوتوننىڭ تارتىش كۈچى قانۇنى يەنە 2 جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قانچىلىك يىراق بولسا ، تارتىش كۈچىنىڭمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاجىزلايدۇ دەپ قارىلىدۇ .
ئىنىقكى نىيوتوننىڭ بۇ قانۇنى تۈپتىن خاتا ، ئەگەر راستىنلا نىيوتوننىڭ قانۇنى بويىچە بولىدىغان بولسا ، يەرشارىنىڭ ئوربىتىلىق قۇياشنى ئايلىنىش داۋامىدىكى ئەك كىچىك تەسىرلەرمۇ يەرشارىنىڭ مۇقىم ئوربىتىسىغا چوڭ تەسىرلەرنى كەلتۈرىشى مۇمكىن . چۈنكى تارتىش كۈچى ئارلىققا ئەگىشىپ ئۆزگەرسە يەر شارىدىكى ھاياتلىق يا كۆيۈپ كېتىدۇ ، ياكى بولمىسا توڭلاپ قالىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن بىز ئېنىشتىيىننىڭ نەزەرىيىسىگە تاينىپ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىمىز .