ئەگەرفۇتۇن تۇزۇلۆشكە ئىگە بولسىلا «يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك يوق»دىگەن بۇ قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.كومپىتۇن ئىففىكىتى فۇتۇننىڭ تۇزۇلۇشكە ئىكەنلىگىنى ئاللىبۇرۇن دەلىللەپ بولدى.دىمەك،بىزنىڭ يەنىلا بۇ«يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئارتۇق تىزلىك يوق»دىگەن قاراشقا كولدۇرلىشىمىزنىڭ ئۇرنى قالمىدى.
سىز بۇ تەشەببۇسقا قانداق قارايسىز؟
قاسىم سىدىق
كومپىتون ئىففىكىتى 1923-يىلى كومپىتون تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى،شۇندىن كىيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاسپىرانىت ۋۇيۇشۈن(
吴有训) تەرىپىدىن تەجىربىدە ئىسپاتلاندى ۋە بۇ ئىففىكىت
كومپىتوننى1927-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا سازاۋەر قىلدى.بۇ ئىففىكىتتە فۇتوننىڭ زەررىچەئىكەنلىگى ،ئونىڭ بىلەن ئىلىكتىرون ئوتتۇرىسىدا ئىلاستىك سوقولۇش يۈزبىرىدىغانلىغى،بۇ جەرياندا فۇتۇننىڭ بىرقىسىم ئىنىرگىيىسىدىن ئايرىلىدىغانلىغى بايان قىلىنىدۇ.
كومپىتون
خوش،ئادەتتە بىز فۇتۇننى ئىنىرگىيىنىڭ كۋانتى دەپ قارايمىز.ھالبۇكى كومپىتون ئىففىكىتى فۇتۇننىڭ تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەنلىگىنى،جاھاندافۇتوندىنمۇ مىكرۇ قىممەتكە ئىگە بولغان ئىنىرگىيەنىڭ مەۋجۈتلىگىنى دەپ بىرىۋاتىدۇ.دىمەك بىز تىخى ھەقىقى مەنىدىكى« ئىلىمىنتار كۋانىت»قا (شەكىل نەزەريىسىدىكى «ئېن»)ئىرىشمىدۇق.توغرىراغىنى ئىتقاندا بۇ ھەقتە چوڭقۇرئويلاشمىدۇق.چۈنكى نوپۇزى زىيادە كاتتا بولغان پىلانىك ئۈلچەملىرى بىزنىڭ تەپەككۆر ۋە جاسارىتىمىزنى چەكلەپ قويغاندەك قىلىدۇ.
كومپىتون ئىففىكىتىنىڭ شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىففىكىت ئىكەنلىگىنى بارغانچە ھىس قىلماقتىمەن.ئونىڭ شەكىل نەزەريىسىگە بولغان ئونۋىرىسال ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تېما يېزىشقا توغرا كىلىدىغاندەك قىلىدۇ.بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا تاپقان نۇقتام پەقەت شوكى:
فۇتون تۈزۈلۈشكە ئىگە ئىكەن ئونىڭ تەركىپلىگۈچىلىرىنىڭ تىزلىگى ۋەزىچلىغى جەزمەن فۇتون ئۆزىنىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغىدىن يۇقۇرى بولىدۇ.خۇددى ئاتومنىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغىدىن ئىلىكتىروننىڭ تىزلىگى ۋە زىچلىغى يۇقۇرى بولىدىغىنىغا ئوخشاش.
سىز بۇ تەشەببۇسقا قانداق قارايسىز؟.
2012.12.28
光子结构_百度百科
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 10:00 AM