مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: XERHAN

رەسىملىك :يەكەندىكى قەدىمىي تۆت چوڭ جامە ، مازارلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 11:18:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرخان بۇرەسملەرنى چارشەنبە،پەيشەنبە كۈنلىرى تارتپتۇ، چۈنكى شۇ كۈنىلىرى يەكەندە يامغۇر ياغقان ، رەسملەرمۇ نەم تۇردۇ ، مەن ئالتۇن مەسچىتتىن باشقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئالتۇن مەسچىتتمۇ 10000ئادەم جۈمە ئوقۇيدۇ، يەكەن شەھەر ئىچدە مەسچىتمۇ كۆپ نامازئوقۇيدىغانلارمۇ كۆپ ،يۇرتۇمغاكۆز تەگمسۇن ،

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1281 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپ بىلەن مەسجىدلەر يېقىن سېلىنىپ ياخشى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىلىپتىكەنتۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 12:21 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92609
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2013-3-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەقىقەت ئىگىلەر، سۇنماس .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89064
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kidirhan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 12:29 PM
بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمى قۇرۇلۇ ...

توغرا دەيسىز   ئەگەشتىم

سۇغاسالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۈمۈرنى،ئالتۇن بىرىپ ئىلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى .

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 01:16:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوجا مۇھەممەت دىگەن كىم بولىدۇ؟

رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2677
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 528 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 01:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا قەدىميكەن

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 01:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك مىھرى ئىسسىق قەدىمى يۇرت جۇمۇ بۇ يەكەن

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48628
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فۇتۇ ئاپپارات قاتارلىق جۇمبۇ جەۋەنلىرىڭ تولۇق تۇرۇپ مۇشۇ ھەپتە بولسىمۇ رەسىم تارتىپ چىقىرىپسەن، بولمىسا قاچان چىقىرار بولغۇيتۇڭ؟ دۇكىنىڭ يەنە شۇ بۇرۇنقى ئورنىدىمۇ يا باشقا يەرگە كەتتىڭمۇ؟ يازمۇ كەلدى، ۋاقىت چىقىرىپ بېرىپ زىيارەت قىلىپ كېلەي دىگەن

مەن ئىسىم ئۆزگەرتتىم، شۇڭا قەستەن باشقا ئىسىمدا كىردىمىكىن دەپ خاتا چۈشەنمەڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3682
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28383
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5202 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4 - ھەزرىتىپىر مەسچىد ( جامە )
ھەزرىتىپىر مەسچىد ھەزرىتىپىر كەنىت تەۋەلىكىدە بولۇپ كەينى قورا تېمى ۋە قورا تېمىغا تۇتاش بولغان مازار 5 - ئوتتۇرا مەكتەپ ، سابىق سىفەن مەكتەپكە بىلەن كىچىك بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ .
1.jpg

مەسچىدنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدى كۆرىنىشى
2.jpg

مەسچىد ھويلىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
6.jpg

مەسچىد ھويلىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
5.jpg

مەسچىد ھويلىسىدىكى مازارغا كىرىدىغان بىر دەرۋازا
4.jpg

مەسچىد ھويلىسىدىكى مازارغا كىرىدىغان يەنە بىر دەرۋازا
3.jpg

ھەزرىتىپىر مەسچىد قوراسى ئىچىدىكى غوجا مۇھەممەت سىرىپ مازىرى نام تاختىسى

يۇنۇس ۋاڭ مازىرى
بۇ مازارلىق
يەكەن شەھرىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەزرىتىپىر كەنتى خوجا مەھەممەت شىرىپ مازىرى يىنىغا جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى 70كىۋادىرات مىتىر كىلىدۇ،بۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەكەن شەھرىگە قويغان يەرلىك ئەمەلدارى يۇنۇس ۋاڭنىڭ قەبرىسى بولۇپ يۇنۇس ۋاڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان ،جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 10 مىتىر،غەربتىن شەرىققە كەڭلىكى 9مىتىر كىلىدىغان تۆپىلىككە قاتار قىلىپ ئۈچ قەبرە ياسالغان ،قەبرىلەرنىڭ سىرتى رەڭلىك كاھىش بىلەن قاپلانغان،قەبرىنىڭ جەنۇپ تەرەپ يۇزىدىكى كاھىشقا قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى يىزىلغان،بۇ ئورۇن 1990-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىقى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

كاھىشقا قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتى يىزىلغان،بۇ ئورۇن 1990-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىقى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئىمىن غوجا مازىرى
ئىمىن غوجا مازىرى يەكەن شەھرنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەزرىتىپىر كەنتى خوجا مۇھەممەت شىرىپ مازىرى يىنىغا جايلاشقان بولۇپ تەكشى يۈزى تۆت چاسا ،خىش قۇرۇلمىلىق ،گۆمبەز تورۇسلۇق قىلىپ ياسالغان،مازارنىڭ تۆت بۇرجىكى ۋە ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىگە كىچىك مۇنار چىقىرىلغان،سىرتقى يۈزى كەڭ كۆپۈنگۈ نەقىشلىق كاھىش بىلەن بىزەلگەن،مازار ئىچىگە دوسكا چىقىرىلىپ مازارنىڭ تارىخى يىزىلغان بولسىمۇ خىلى يىللار ئىلگىرى بۇزىۋىتىلگەن.بۇ مازارنىڭ ئىگىسى ھەققىدە خوجا مۇھەممەت شىرىپ مازىرى ئىچىدىكى تاختىغا :كەمىنە يۇنۇس ھاكىمبەگ بۇ مازارنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزەمنىڭ مازىرىنى بوۋام ئىمىن غوجا مازىرى يىنىدىكى مەدرىسە يىنىغا ياساتتىم دەپ يىزىلغان.
مەزكۇر ئىمىن غوجا بولسا ئەسكى تۇرپان ئاستانىلىك كىشى بولۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرىشى ۋە چوڭ كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن جۈنۋاڭلىق مەرتىۋىسى بىرىلىپ 1759-يىلى يەكەن،قەشقەرلەرگە ھاكىمبەگ بولغان.1777-يىلى 83يىشىدا كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن،ھەمدە مەزكۇر مازارلىققا قويۇلغان.مەزكۇر مازارلىقمۇ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ بىر ئۈلگىسى بولۇپ ،تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولسىمۇ ،يەنىلا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئاساسىې ھالىتىدە ساقلىنىپ قالغان ،1987-يىلى ناھىيە دەرجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

بۇ بۇ مازارلار گەرچە كىچىك كىچىك يەردىلا بولسىمۇ لىكىن ئۇيغۇرنىڭ نەققاشلىق ،بىناكارلىق سەنئىتىنى ناھايتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرجىدە ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ.پۇرسىتى بار قىرىداشلارنىڭ يەكەنگە كەلسە بۇ جايلارنى كۆرۇپ مەدەنيىتىمىزگە تىخىمۇ يىقىندىن كۆز قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مازارلار بەزىلىرى 300يىللىق ،بەزىلىرى ھەتتا 500يىلدىن ئاشقان ، تارىخىمىزنىڭ ئەڭ  جانلىق شاھىدى. نەچچە يۈز يىللىق شۇ قەبرىلەر ئالدىغا كەلسىڭىز نىمنى ئويلايسىزكىن ،قىنى يەركەنگە كەلسىڭىز كۆزدىن كۆچۈرەرسىلەر.
بۇلاردىن باشقا خانلار مازارلىرى تىخىمۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ .سىز يەتتە قەبرە ئالدىغا كەلسىڭىز نىمنى ئويلايسىكىزكىن.گۈمبەزلەرگە تولدۇرۇپ ئويۇلغان گۈللەر ،ئايەتلەرنى كۆرسىڭىز نىمنى ئەسلەرسىز .شۇ زاماندىكى خەلقىمىنى بىر ،ھازىرنى بىر كۆرۈپ <<ھاياجان>>دىن يىغلىمىسىڭىز سىز ھەقىقەتەن خائىنسىز.

مازاردا جەمئىي ئۈچ چوڭ گۈمبەزلىك قەبرىگاھ ۋە كىچىك گۈمبەزلىك قەبرىگاھلار ۋە نۇرغۇن كىچىك قەبرىلەر بار ، تۆۋەندىكى قەبرىگاھلارغا تاختاي بىكىتىلمىگەچكە قايسىسىنىڭ يۇنۇس ۋاڭ ، قايسىسىنىڭ ئىمىن غوجا ، قايسىسىنىڭ مۇھەممەت شىرىپ قەبرىگاھى ئىكەنلكىنى بىلەلمىدىم .


11.jpg

مازارنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى يوغان گۈمبەزلىك قەبرە
10.jpg

بۇ گۈمبەزلىك قەبرىگاھنىڭ ئەتراپى توسۇق بولغاچقا يىراقتىن كۆرىنىشى
9.jpg

مەلۇم بىر گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ ئىچى
8.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرىلەر
15.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرىلەر
14.jpg

مازارغا كىرىش دەرۋازىسى ئىچكى كۆرىنىش
13.jpg

مازاردىكى كىچىك گۈمبەزلىك قەبرە
12.jpg

بۇ مازاردىكى ئەڭ چوڭ گۈمبەزلىك قەبرە
19.jpg

ئەڭ چوڭ گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ يىراقتىن كۆرىنىشى
18.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرە
17.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ يىندىن كۆرىنىشى
16.jpg

گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ چۆرە تېمى
23.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرە
22.jpg

كىچىك گۈمبەزلىك قەبرە
21.jpg

مازار ئىچىدىكى چۆرە تام
20.jpg

مازاردىك باشقا كىچىك قەبرىلەر


خانىدانلىق قەبرىستانلىقى ۋە چىلتەنلىرىم مازىرى
خانىدانلىق قەبرىستانلىقى رىمۇنىت قىلنۋاتقان بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ توسىشى بىلەن تەپسىلى تارتىشقا بولمىدى .
6.jpg

ئالتۇن مەسچىد ھويلىسى تەرەپتىن كىرىش ئىشىكى
7.jpg

سۇلتان سەئىدخان مەقبەرىسى
8.jpg

سەئىدخان مەقەبرىسى ئەتراپىدىكى باشقا خان ئەۋلادى قەبرىلىرى
14.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى تاختاي
11.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي قەبرە
10.jpg

قەدىمىي قەبرىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە چىنە قىشقا يېزىلغان خەتلەر
9.jpg

قەبرىگاھ ئىچكى كۆرىنىش
15.jpg

قەبرىگاھنىڭ يىراقتىن كۆرىنىشى

13.jpg

قەبرىگاھ كەينىدىكى كىچك گۈمبەز
12.jpg

زەيلىشىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان قەبرىگاھنىڭ ئۇل قىسمى
18.jpg

قەبرىگاھ كەينىدىدىكى گۈمبەز ئىچىگە ئوت قالانغاندەك قىلىدۇ
17.jpg

قەبرىگاھنىڭ يىراقتىن كۆرىنىشى
16.jpg

قەبرىگاھتىكى يەنە بىر گۈمبەز
22.jpg

چىلتەن مازىرى تاختىيى ( چىلتەنلىرىم دىسە يەرلىك كىشىلەردىن بىلمەيدىغىنى يوق )
19.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى چىلتەنلەر قەبرىگاھى يىراقتىن كۆرىنىشى
23.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى چىلتەنلەر قەبرىگاھى چوڭ دەرۋازىسى
21.jpg

چىلتەنلەر قەبرىسى ئىچىگە كىرىش ئىشىكى تۈۋىدىكى دۇئا ئوقۇتقۇچىلار 20.jpg

چىلتەنلەر قەبرىسى ئىچىگە كىرىش ئىشىكى تۈۋىدىكى دۇئا ئوقۇتقۇچىلار
24.jpg

چىلتەنلەر قەبرىسى چوڭ دەرۋازىسى
25.jpg

چىلتەنلەر قەبرىسى يىراقتىن كۆرىنىشى
26.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدا مازارۇ شەيىخلەر خىلى كۆپ ئۇچرايدۇ ، ئۇلارنىڭ قېرى ياش ، توڭ پىششىقلىرى ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە توپ بولۇپ ئولتۇرۇشۇپ ئۆتكەن - كەچكەنلەردىن تىلەيدۇ .
27.jpg

چىلتەنلىرىم مازىرىدا بۇنىڭغا ئوخشاش قېرى ، قوغدىلىدىغان دەل - دەرەخلەر خىلى كۆپ .

بۇندىن باشقا جاللات خېنىم مازىرى ، سوپاھاشىم مازىرى ....قاتارلىق بىر قاتار قەدىمىي مازارلارمۇ بار .
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە مۈشۈنچىلىك رەسىم ۋە چۈشەنچە بەرگەچ تۇراي ، رەسىملەر يامغۇرلۇق ھاۋارايىدا تارتىلغان بولغاچقا ياخشى چىقمىغان بولىشى مومكىن .

تىمىدا تىلغا ئېلىنغان مەسچىد ، جامەلەر ۋە مازارلار ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىش دائىرسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاساسى ئۇلى زەيلەپ كەتكەن ، بەزىلىرىنىڭ سىرىتقى يوقىلىپ كەتكەن ، يەنە بەزىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .
خانىدانلىق قەبرىستانلىقى بۇ يىل رىمۇنىت قىلىنۋاتىدۇ .
بىراق باشقا قەبرىستانلىقتىكى گۈمبەز ، قەبرىلەرگىمۇ مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بولۇپمۇ ئازنە مەسچىدكە ئوخشاش تارىخى ئۇزاق بولغان يادىكارلىق ئورنىنىڭ شۇنداق تاشلىنىپ قېلىشى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
مىنىڭچە بولغاندا ئۇ مەسچىدنىڭ ئەتراپىدىكى دۇكانلارنى ۋە ھاجەتخانىنى چېقىۋىتىپ ، مەسچىد تېمىى ئۇلىغا بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ مەسچىد ئىچكى ، تاشقى ھويلىسىدىكى تاشلاپ قويۇلغان نەرسىلەر ، ئەخلەتلەرنى تازىلاپ ، سۇ يولى ، ھاۋا ئۆتىشىش يوللىرىنى ياىشىلاپ قويسا بۇزۇلۇپ ، ئۆرۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى .
يەنە چىلتەنلىرىم ۋە ھەزرىتىپىر مازىرىدىكى بىر قىسىم چوڭ - كىچىك گۈمبەزلىك قەبرىلەرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان ھەم يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان .
مۇشۇنداق ئۇزاق تارىخ ، مۇئەييەن مىللىي ھۈنەر - سەنئەتنىڭ جەۋھىرى بولغان قەدىمىي قۇرۇلۇش ، ئاسار - ئەتىقىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ، بارا - بارا يوقاپ كەتسە ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم چىقمىسا بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىز بىر تالاي دەپتەرگىلا مۇجەسسەملىشىپ قالمامدۇ ؟
ھەر ھالدا  كىيىنچە ھەممىسى بۇزۇلۇپ كەتسە ، ئۆرۈلۈپ چۈشسە ۋە ياكى شەھەر قۇرۇلىشىغا توغرا كىلىپ چېقىىلىپ كەتسە رەسىمىمۇ بولسا قېلىپ قالسۇن دىگەن مەقسەتتە يېرىم كۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ رەسىمگە تارتىپ ساقلاپ قويدۇم ، بۇ رەسىملەر پەقەر بىرقىسمى بولسىمۇ بىراق خىلى كەڭ دائىرىلىك تارتىلغان .
جۇڭگۇ ئىلى تىيەنئەنمىن ۋە سەددىچىن بىلەن ، مىسىر ئەلئىھراملار بىلەن ، ھىندىستان تاجماھال مەقبەرىسى بىلەن داڭلىق بولغىنىغا ئوخشاش ، قاراخانىيلار ، چاغاتايلار ئەۋلادى ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيەلەردەك ئۇلۇغ ، بۈيۈك خاندانلىق ۋادىسىدا قېلىپ قالغان مۈشۈنچىلىك يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ بولغىنىغا رەھمەت !


2013 - يىلى 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى  ( يەكەن )










كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94244
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-2
ئاخىرقى: 2013-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارنى قوغداش كىرەككەن ...قايتا رىمۇنت قىلسا بولغۇدەك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش