ئالدىنقىيازلىق تەتىلدە بىر قانچە دوسلۇرۇمنى يۇرتۇم يەكەنگە ئېكسكۇرسىيەگە ئېلىپبارغان،شۇ پۇرسەتتە يەكەندىكى بىرقانچە قەدىمى جايلارنى زىيارەت قىلدۇق.ئەلۋەتتەتوردىشىمىز شىرخان تونۇشتۇرغان قەدىمى مەسچىتلەرنىمۇ كورۇپ چىقتۇق. شىرخان تىلغا ئالغان ئازنى مەسچىتىئۇزۇن يىل رىمۇنىت قېلىنمىغانلقى ئۈچۇن تاملىرى زەيلەپ خەتەرلك ھالەتكە چۈشۈپقالغاچقا پىچەتلەنگىلى ئون نەچچە بوپتۇ. بىز مەدىنيەت ئىدارسىدىكى تونۇشلىرىمىزنىڭيولى بىلەن بۇ قەدىمى مەسچىتنىڭ ئېچىگە كىرىپ كۆرۈش شەرىپگە ئىگە بولدۇق. شۇڭامەسچد ئىچىدىن تارتىلغان بىرقانچە پارچە سۈرەتنى يوللاپ قويۇشنى توغراتاپتىم،تورداشلارنىڭ قەدىمى يۇرت يەكەنگە كېلىپ ساقلىنىپ قالغان مىراسلىرىمىزنىۋەيران قېلىنىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ كىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.