babur-7 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:40 AM
قاتتىق دىسكا موقىم دىسكا ، كومپىيوتىرنى ئاچسام نورما ...
مەنمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچىلگەن قاتتىق دىسكىلارنى بۇزۇپ بولدۇم ،. ئەلۋەتتە قەستەن ئەمەس .
ئۇنداق ئاۋاز چىقىشنىڭ سەۋەبى ھەرخىل بولىدىكەن ، يەنى قاتتىق دىسكا سىلكىنىپ كەتكەندە ، توك كۆپ قېتىم تەكشىسىز ھالەتتە ئىگىز - پەس بولغاندا ، سىستىمىدىن تاقالماي بىۋاستە توك مەنبەسىنى ئۈزىۋىتىش ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا ....
بىراق بۇ قېتىم قاتتىق دىسكىنى ئەسلىدىكى ئورنىدىن باشقا بىر كومپيۇتېرغا يۆتكىگەن ئىدىم ، مەشۇلاتلار توغرا ئىدى ، ھەم شۇنداق يىنىك ئورناتقان ، لىكىن ئورنىتىپ بولۇپ قوزغاتسام ئاشۇنداق ئاۋاز چىقىپ قوزغالمىدى ، ھەم ئاۋاز بارغانچە كۈچىيىپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاجرىتۋىتىپ قايتا توككا چاتمىدىم .
قاتتىق دىسكىدىن ئاشۇنداق ئاۋاز چىقسىلا ئاساسەن بۇزۇلدى دىسەك بولىدىكەن . ئالدىنقى يىلى نەچچە دىسكا ئاشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىغان ئېچىلمايدىغان بولۇپ قېلىپ خىلى ئۇستا رىمونىتچىلارمۇ ئوڭشىيالمىغان ئىدى .
ئۇنىڭ سەۋەبى قاتتىق دىسكا ئىچىدىكى سائەت ئىستىرىلكىسىغا ئوخشايدىغان بىر تال نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ قاتتىق دىسكىنڭ تەخسىسىگە تىگىشىشتىن شۇنداق ئاۋاز چىقىدىكەن .
ئۇ قاتتىق دىسكىنى توككا چاتماي تۇرۇپ ، پەم بىلەن تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى ئۇستىراق رىمونىتچى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ ، بەلكىم بۇ يىللاردىن تېخنىكا سەل ئۆسۈپ ، رىمونىتچىلارنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسا ئوڭشىيالاپ قېلىشى مومكىن .