مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13047|ئىنكاس: 61

تەڭداشسىز مۇھەببەت .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22525
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 9632
تۆھپە نۇمۇرى: 326
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:09:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Z3 y3 j: a. d

تەڭداشسىز مۇھەببەت


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h$ i7 f2 l1 m; N3 Q

ئاندۇرېھىم ئابلەتخان

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 r; [+ a5 o! ^0 H/ h6 C1 e5 U

دۇنيادا شۇنداق ئىسسىق بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئاپام.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 O1 s  H3 F: O9 N4 u

كونا زامانلاردا مۇنەۋۋەر ئانا دەيدىغان گەپ يوق ئىدى. كونا زاماندىلا ئەمەس، تۆنۆگۈن بىلەن ئوزوكۈنمۇ يوق ئىدى.

بۈگۈن بىز نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئانىلارنى تونۇدۇق. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئېرىشكەن بايلىق ۋە نەتىجىلەر بۇ ئانىلارنى جاھان سەيناسىدا مۇنەۋۋەرلىك ۋە ئۇلۇغلۇق شەرىپىگە ئېرىشتۇردى.

مەن ھازىرغىچە دۇنياغا كەلگەن مۇنەۋۋەر ئانىلارنى بىرەر دەپتەرگە يېزىپ قويماپتىمەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى يۈزگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى تازا بىلەلمەيۋاتىمەن. ئەمما مىڭدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكى ئېنىق.

جەمىيەتتىكى قۇتۇپلىشىشنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشى بىلەن ئادەملەر ئارىسىدىكى رىقابەت شامىلى ئەمدىلىكتە ھەددىدىن ئېشىپ ئانىلار ساھەسىنىمۇ ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتتى.

مۇنەۋۋەر ئانىلارنىڭ سانى قانچىگە يەتكەندۇ ؟ چوقۇم مىڭغا يەتمىدى. بەلكىم ئەتە ياكى ئۆگۈنلەرگىچە ھېچبولمىسا كېلەر يىلغىچە مىڭغىمۇ يېتىپ قالار.

ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇنەۋۋەر بولالمىغان مىليونلىغان ئانىمىز قانداقمۇ قىلار ؟  چاتاق يېرى، مۇشۇ مىليونلىغان ئانىلار ئارىسىدا مېنىڭمۇ ئانام بار ئەمەسمۇ !؟  

نىمىشقىدۇ مۇشۇنى خىيال قىلساملا كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.

مەن ئانامغا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم. ھەرەمگە ئاپىراي دەپ شۇنچە يىللار ئارزۇ قىلساممۇ يەنىلا ئاپىرالمىدىم. مەرھۇم دادامغۇ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنداقتا دادامغا نىمە قىلىپ بېرەلىدىم ؟! ھېچنىمە . ھەتتا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنىمۇ سەكرات پەيتىدە دىيىشكە ئاران ئۈلگەردىم.

ئۇزۇندىن بۇيان دادامنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قانغۇدەك سۆيۈپ، بىر قۇچاغلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق يەنىلا خىجىل بولاتتىم. بۇ ئارزۇيۇمنىمۇ دادامنىڭ سەكرات پەيتىدە ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

ئون ئالتى يىل بۇرۇنقى ئەشۇ كېچىنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمەن. ھاياتلىقىدا تاغدەك بىلىندىغان دادام ئەمدى بىزنى تاغ بولۇشقا مەجبۇرلاپ ئۆزى جىمجىت ياتاتتى. ئىككى بالا ئۆزلىرى مەڭگۈ ئايرىلغان دادىسىغا ئاخىرقى قېتىم ھەمراھ بولۇپ، دادىسىنىڭ مىيىتىنى سىلاپ، چىرايلىرىغا قاراپ، ئۈنسىز يىغلاپ باغرىنى قاندۇرۋېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى.......

خوش، مەن ئاپامنى ياخشى كۆرمەمدىم ؟

ياق. ئاپامنىمۇ قانچىلىك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.

توغرا ھەممىمىز ئانىلىرىمىزنىمۇ ياخشى كۆرىمىز. بىراق ئۇلارغا ئېيتالمايمىز. پەقەت بىز ئۇلاردىن ئايرىلىۋاتقان ئاخىرقى مىنۇتلاردا قەلبىمىزدىكى بارلىق توساقلار كۈپكەيكۇم بولۇپ ھەقىقى ھىسياتىمىز ئاشكارىلىنىدۇ. ئەپسۇس، بۇ چاغدا ئۇلار بارسا كەلمەس سەپەرگە كېتىۋاتقان بولىدۇ.

ھەي ي.....ھەقىقى مۇھەببەت دىگەن شۇنداق بولامدىغاندۇ !؟

توغرا مەنلا ئەمەس نۇرغۇنلىرىمىزمۇ ئانىلىرىمىزنى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ھەيۋەتلىك سەھنىلەرگە چىقىرىپ گۈلدەستىلەرگە پۈركىيەلمىدۇق. ئۇلارغا شانۇ-شەۋكەت بېرەلمىدۇق. مەن ھەتتا ئاپامغا بۇ يېشىمغىچە بىرەر تال گۈل بولسىمۇ سوغا قىلىپ باقماپتىمەن. نۇرغۇنلىرىمىز شۇنداق. ھىسياتىمىزنى يوشۇرۇپ ئۆگەنگەچكە بەلكىم بۇندىن كېيىنمۇ گۈل سوغا قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.

بىز شەرەپ سەھنىسىدىكى يۈزلىگەن مۇنەۋۋەر ئانىلارغا يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمىز. بىز ئۇلارغا نەتىجىسىگە يارىشا شەرەپلەرنى بەردۇق.

ئەمما مىليونلىغان ئاددى ئانىلارغا كېرەكلىك نەرسىنى بېرەلمىدۇق. چۈنكى بىزدە  ھۆرمەت بىلەن شۆھرەتتەك ئاممىۋى ھادىسە كەڭرى بولغان بىلەن ئىسسىق مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىگۈدەك جۈرئەت كۆپ ئەمەس .

بىزنىڭ ئانىلىرىمىز بىزنى تۇغدى. كىيىملىرىمىزنى تىكىپ-ياماپ بەردى. ئېسىل بولمىسىمۇ ئاددى تاماقلىرى بىلەن قوسۇقىمىزنى تويدۇردى.

ئۇلار ئاغرىپ قالساق يۈگۈرۈپ بېرىپلا كاتتا دوختۇرخانىلاردا ياتقۇزالمايدۇ. قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. يىرىك قوللىرى بىلەن بەدەنلىرىمىزنى سىلايدۇ. بىرەر تال تۇخۇم بىلەن باشلىرىمىزنى تېڭىپ، ياكى قوي مېيىنى كانىيىمىزغا سۈرۈپ دىگەندەك ئاددى پەرۋىشلەر بىلەن بىزنى ساقايتىدۇ. بايراملاردا نەلەردىندۇ يىغىپ ساقلاپ قويغان موچەنلىك پۇللارنى بېرىپ خوشال قىلىدۇ......

بۇنداق خىزمەتلەرنى ھەممىمىزنىڭ ئانىسى قىلغان. مۇنەۋۋەر ئانىمۇ، ئاددى ئانىمۇ قىلغان. بىراق يۈزلىگەن بالىلار ئانىسىنى مۇنەۋۋەر قىلغان بىلەن مىليونلىغان بالىلار ئەشۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزنى مۇنەۋۋەر قىلالمىدۇق. ئۇلارنىڭمۇ بىر مۇنەۋۋەر ئانا ئىكەنلىكىگە باشقىلارنى ئىشەندۈرەلمىدۇق.

مىليونلىغان ئانىلار نوپوزلۇق ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغىدەك نەتىجە ياكى ئىستەك-ئارزۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى ئۆيى ۋە بالىسىدىن ئىبارەت ئاددى نىشاندىن ھالقىمىغاچقا رەڭدار جەمىيەتتە ھېچكىمنىڭ دىقىتىنى تارتمايدۇ.

ئۇلار ئىش-ئوقىتى ئىلگىرى كەلمەيۋاتقان ئەرلىرىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا، چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ دىتىغا ياقماي سىلكەشلىرىگە، ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدىغان رەڭسىز تۇرمۇشقا باغلاقتىكى قويدەكلا كۆنۈپ كەتكەن. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئىشلار شۇنچىلىك نورمال. بۇنىڭدىن باشقىچىرەك تۇرمۇشنى ئويلاش ئۇلار ئۈچۈن بەكلا قورقۇنۇچلۇق ئىش.

ئاياللار ھوقوقى، يېرىم دۇنيا، جەمىيەتتىكى ئورۇن....دىگەن ئاتالغۇلار پەقەت رادىئو-تېلۋىزورلاردا ئاڭلىنىپ قالىدىغان باشقا دۇنياغا مەنسۇپ ئاتالغۇلار. بۇ ئاتالغۇلار بىزنىڭ مىليونلىغان ئانىلىرىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

ئىنسان بالىسى ھوقوق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئەمما ئانىلىرىمىز ھوقوق ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خاتىرجەملىك ئۈچۈن قۇربان بولىدۇ. بالىلىرىنىڭ، ئېرىنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان، نامرات بولسىمۇ ئىسسىق ئۇۋىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھوقوق ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسى بالاخورلۇق بىلىنىدۇ.

ئاياللار ھوقوقى كىملەردە ئوموملاشتى ؟

مەرتىۋە ياكى پۇلغا ئېرىشكەن ئانىلاردا ئوموملاشتى.

ئەمما مىليونلىغان ئانىلىرىمىز مەرتىۋە بىلەن پۇلدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياللار ھوقوقى تەرەپدارلىرىنىڭ ئىشى تازا يۈرۈشمەيۋاتىدۇ. بۇ ئاياللار ھوقوقى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق مەغلۇبىيىتى ھىساپلانسا، ئانىلىرىمىزنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى ئاخىرقى غەلبىسى بولۇپ قالارمۇ ؟

ئۇلار ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ھوقوقىنى قوغداشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ ھوقوق بالىلىرىنىڭ تىرىك يىتىم بولىشى بەدىلىگە قولغا كېلىدۇ. شۇڭا مىليونلىغان ئانىلار ھوقوقسىزلىق ئىچىدە ئۇۋۇلىنىپ كەتسىمۇ بالىلىلىرىنىڭ قەلبىنى يارا قىلىدىغان بۇنداق ھوقوقنى خالىمايدۇ.

مىليونلىغان ئانىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلىملىك، ئۈستۈن دۇنياقاراشقا ئىگە ئاق ياقىلىق ئاياللارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ. دەۋر يېڭىلىقلىرىدىن، زامانىۋى ئاياللارنىڭ رەڭدار تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقى ھەممەيلەننى ئېچىندۇرىدۇ. ھەر ساھەدىكىلەر ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ "بىر ئۆيۈم، بىر بالام" دەپ ياشاۋاتقان بېكىنمە مۇھىتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

ئالەمدىكى جىمى مەخلۇقات ھوقوق ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ. تاكى قىيامەتكە قەدەر ھوقوق ئۈچۈن تىپىرلاش مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. بىراق بىزنىڭ ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ ئىككى جۈپ كۆزنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئەشۇنداق ھوقوقلىرىنى، شەخسى ھوزورىنى تەرك قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئادەملەر بولۇپ قېلىۋېرىدۇ.

ئۇلار ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى بىزنىڭ چىرايىمىزدىن، ھۆزۇر-ھالاۋىتىمىزدىن، ئۈستى-بېشىمىزدىن، يەۋاتقان تائاملىرىمىزدىن ئىزدەيدۇ. ئۆزىنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ماڭغان پۇتلىرى قولاشماي تىترەيدۇ. ئېغىزىغا سالماقچى بولغان بىر تال گۆشمۇ گېلىدىن ئۆتمەيدۇ.

ئۇلارنىڭ شەخسى ئارزۇ-ھاجىتى بولمايدۇ. بالىلىرىنىڭ خوشاللىقى ئۇلارنىڭ خوشاللىقى، ئەرلىرىنىڭ خوشاللىقى ئۇلارنىڭ خوشاللىقى. ئۇلار ھېيت-ئايەملەردە ئامال قىلىپ بالىلىرىغا بىرەر ئىشتان ياكى ئاياق ئېلىپ بېرىشكە بولسىمۇ تىرىشىدۇ. ئۆزى بولسا كونا ئايىقىنى ئوبدان مايلاپ، پايپىقىنى تۈجۈپلەپ ياماپ ھېيت ئۆتكۈزىدۇ.

ئېرىنىڭ قاڭسىق تەر پۇراپ تۇرغان كىيىملىرىنى يۇيۇش، بالىلىرىنىڭ پوق-سۈيدۈككە مىلەنگەن لاتىلىرىنى ئادالاش، قازاندىكى تاماقنىڭ نەچچە تال گۆشىنى چاندۇرماي بالىلىرىغا سېلىپ بېرىش، خوشنىلارنىڭ ئالدىدا بالىلىرىنىڭ قىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىش......مانا مۇشۇلار مىليونلىغان ئانىلارنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى، تۇرمۇشتىكى خوشاللىقى.

ئۇلار ھەيۋەتلىك رىستورانلارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار كۆڭۈل ئېچىش سارايلىرى تۇرماق ھەتتا كۆڭۈل ئېچىشنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇلار دوختۇرخانىنى پەقەت سەكراتقا چۈشكەندە ئاندىن بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ رومانتىك ئايدىڭ كېچىلىرى بولمايدۇ. ئېرىنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى، تۇرمۇشتىن ئالىدىغان ئاياللىق ھېس-تۇيغۇلىرى، ھەۋەس-ئىستەكلىرى....تولىمۇ يىراقتا قالغان بولغاچقا ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

بۇلارنىڭ ئورنىنى خاتىرجەملىكنى نىشان قىلغان رەڭسىز تۇرمۇش ئىگەللىۋالغان. بۇ تۇرمۇشنى ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن، يەنى بىز ئۈچۈن تاللىغان.

ئۇلار ئەرلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بالىلىرىنىڭمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن گۇمانلانمايدۇ. خۇددى ئۆيدىكى كونا ئۈستەلدەك ھەممىسىگە خىزمەت قىلىپ سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. ئەرلىرىنىڭ سىرتتا يۇتۇپ كىرگەن ئاچچىقىنى چىقىرىشىغا، چوڭ بولغان بالىلىرىنىڭ سىلكەپ-ۋاقىرىشىغا ئۈنسىز تۇرۇپ بېرىدۇ. ئېرىنىڭ ياكى بالىسىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم كاتتا ئادەم بولىدىغانلىقىغا تاكى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىشىنىدۇ.

كىچىكىدە پوقىنى تازىلىغان بالىلىرىنىڭ، چوڭ بولغاندا تاپقان بالاسىنى تازىلاش ئۈچۈن كىملەرنىڭدۇ ئىشىكىدە شۈمشەيگەن تۇرقىغا، تۇرمۇشنىڭ يەنە قانداق بالالىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرىكى پۇلاڭلاپ تۇرغان بىچارىلىكىگە ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدۇ. پەقەت ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىلا ئەرلىرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ خىيالىدىن چىقمايدۇ. ئۈنسىز يىغلىتىدۇ.

تۈرمە دەرۋازىسىدا بالىسىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن كۈنلەپ ئولتۇرغان بىچارە ئانىلار، بىر ئۆمۈر شەھەر كۆرۈپ باقماي ئېتىزدىلا ياشاۋاتقان جاپاكەش ئاپىلار، ئەرلىرىدىن بىرەر نۆۋەتمۇ "سىزنى سۆيۈمەن" دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمايدىغان ھېسياتسىز ئانىلار، يىراقلارغا كەتكەن ئوغۇل-قىزلىرىغا ھەر نامىزىدا ئۈنسىز يىغلاپ دۇئا قىلىدىغان چارىسىز ئانىلار.......

ھەي..ي.....ئانىلار......!

توغرا، ئۇلارنىڭ بالىسى كاتتا ئادەم بولالمىدى. خولۇم-خوشنىلار ئارىسىدا پەخىرلەنگۈدەك خىزمەتلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئاپا بولغان ئادەمنىڭ قولىدىن نىمىمۇ كېلىدۇ دەيسىز ؟ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىدۇ دەيسىز ؟ ئۇلار پەقەت بالىلىرىنىڭ تەلىيى كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئانا ئۆز بالىسىنىڭ دۆت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ.

ئۇلار كىتاپلاردىكى مۇنەۋۋەر ئانىلاردەك "ۋەتەن-مىللەت"، "جاسارەت" ياكى "قابىلىيەت" دىگەندەك ھەيۋەتلىك ئاتالغۇلارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى سادىرنىڭ ساۋاتسىز ئانىسىدەك،  مۇستاپانىڭ تۇل ياشىغان جاپاكەش ئاپىسىدەك، خوجىنىيازنىڭ ئۆمرى تاغدا ئۆتكەن مەزلۇم ئانىسىدەكلا ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ.

ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى "ئوڭشىلىپ كەتسىكەن" دەپ غېمىنى يەيدۇ. ھەر كۈنى خۇدادىن بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا خەيرىلىك ۋە ئاسانلىق تىلەيدۇ. ئەمما بىر قېتىممۇ ئۆزى ئۈچۈن تىلەك تىلىمەيدۇ.

بالىلىرى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرسە ئۇلارغا قاراپ مازۇز(پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش) بولۇپ قاراپ كېتىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ كەينىدىن قاراپ قالىدۇ. خۇددى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى تاللىغان يولغا ماڭغانلىقىغا، ئامانقۇلنىڭ جېنىنى ئالقانغا ئېلىپ جەڭگە كەتكەنلىكىگە، مېھرىگۈلنىڭ ئىچكىرىدە كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىشىگە، سادىقجاننىڭ ئەتىدىن باشلاپ چوقۇم ياخشى ئادەم بولۇشقا قەسەم قىلىشىغا، قاراپ قالغاندەك قاراپ قالىدۇ. بالىلىرىغا ياخشىلىق تىلەپ يىغلاپ قالىدۇ.

ئاققۇ دىگەن جانىۋار ھەمراسى ئۆلسە ئۆمۈر بويى تەنھا ئۆتىدىكەن. بەلكىم ئۇ كېيىنكى ھاياتىنى ئىلگىركى ئەسلىمىگە تايىنىپ ئۆتكۈزىدىغاندۇ.

ئەمما ئانىلىرىمىز تۇللۇق ئازابىنى بالىلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلىدۇ. بالىلارنىڭ يېتىرقىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئازار يىمەسلىكى ئۈچۈن يالغۇز تاغدەك، يالغۇز باغدەك چىدام ۋە مۇھەببەت بىلەن جىمجىت ياشايدۇ.

چىن مۇھەببەت دىگەن زادى نىمە ؟

مەن بۇنى بىلمەيمەن. سىز بىلەمسىز ؟ سىزمۇ بىلمەيسىز.

بىز بىلىدىغان مۇھەببەت پايدا-زىيان تەڭپۇڭلىقىدىكى ئاممىۋى مۇھەببەت. ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر زىيان ھىساۋىغا كۆكلەيدىغان ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس.

ئانىلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاياللىق ھېسياتىدىن، ئارزۇ-ھەۋىسىدىن، ھوزۇر-ھالاۋىتىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. ئانىلىرىمىز قەددى-قامىتىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، كۆز نۇرىنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلالايدۇ. ئەمما بىر قېتىممۇ "سىلەر ئۈچۈن مۇنداق قىلدىم!..." دىگەن مىننەتنى ھەرگىز قىلمايدۇ.

ئۇلار بىزدىن نىمىنى سورايدۇ ؟

ھېچنىمىنى. پەقەت بىزنىڭ خوشال بولىشىمىزنىلا تىلەيدۇ.

بىز ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسۈتىۋاتقان ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئاپىلىرىمىز.

بىز ئۈچۈن سەمىمى ياش تۆكۈۋاتقان بىر تۈركۈم ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئانىلىرىمىز.

بىزنىڭ ھايات تۈگمەنلىرىمىزنىڭ قۇرۇق قالماسلىقى ئۈچۈن دان ئورنىدا كۈكۈم-تالقان بولىۋاتقان ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ ئاپىلىرىمىز.

دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ دەرىجە-باھاسى بولىدۇ. بىراق ئاتا-ئانىنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ. ئۇلار مەيلى ئالىم-پىراففىسورنىڭ ياكى ئوغرى-قاراقچىنىڭ ئانىسى بولسۇن پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بالىسى ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرەك رېتىمى پەرقلەنمەيدۇ.

مېتالنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ. شۆھرەت بىلەن ئەمەلنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ. ئەمما ئانىلارنىڭ دەرىجىسى بولمايدۇ. چۈنكى مەنلا ئەمەس يەنە مىليونلىغان بالىلار ئۆز ئانىسىنى ساچىر خانىمغىمۇ تەڭ قىلمايدۇ.

شۇڭا پىداكارلىق بىلەن چىن مۇھەببەتنىڭ باھاسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ باھالانغاندا ھېچنىمىگە ئوخشىماي قالىدۇ.

ئەجەبا، بىز مۇنەۋۋەر دىمەسلىك بىلەن ئۇلار مۇنەۋۋەر بولالمامدۇ ؟

بىز ئۇلۇغ دىمەسلىك بىلەن ئۇلار ئۇلۇغ بولالمامدۇ ؟!

بىز ئۇلۇغ ھىساپلىۋالغانلارغا مەپتۇن بولۇپ ئۆتۈۋېرىمىز. ئانىلىرىمىز ئۇلۇغلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەستىن بىر ئۇلۇغۋار ئىنساننىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېرىدۇ.

ئۇلار ھاياتىمىزدا بىزگە ئۇچرايدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئادەملەر.

ئۇلار كۆزىمىزگە داۋاملىق كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغان يۈرىكىمىز. بىزگە ئۈنسىز خىزمەت قىلىدىغان جىگەر-باغرىمىز.

جاپاكەش ئانىلار !

ئۇلۇغ ئاللە، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتنى سىلەرگە تاپشۇرغان. سىلەرنى ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئادەملەر دەپ ھىساپلىغان. سىلەرنى ئىنسان بالىسىغا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئېۋەتكەن.

پەرۋەردىگار ھېكمەت بىلەن ئەنە شۇنداق ئادەملەرنى ياراتقان. ئۇلارنىڭ جىسمى پىداكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بولسا ئۆمرى شۆھرەتسىز، ئۈن-تۈنسىز پارچىلانغان. ئۇلار بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بولغان. ئۇلارنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتى ئاددى تۇرمۇشنىڭ قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان.

ئۇلار كىملەر ؟

ئۇلار جاپاكەش ئانىلار !

قەدىردانلىرىمىز !

بىز سىلەرگە قانداق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيمىز. ئەمما ھاياتىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ، مۇھەببەتنىڭ سىلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ [' I( F0 r1 K$ N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 w% O% w! c4 y$ Y+ z

قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت.

Abdurehim ablethan

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈزۈتىلدى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" R4 W0 D0 T0 Y6 y: l# S" o0 x بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 04:53 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 \8 ~/ J& G6 z6 p3 j$ M" L1 ^بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 u/ ?% R9 a  Q6 C

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
fatima + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
rizwangul0995 + 100 ئىسىل ئەسەر
amannisa + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
matros1 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 710   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1954
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 09:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللە، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتنى سىلەرگە تاپشۇرغان. سىلەرنى ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئادەملەر دەپ ھىساپلىغان. سىلەرنى ئىنسان بالىسىغا مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئېۋەتكەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ~7 {" {% A; o& \  [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 k/ M8 L- \1 U
ھارمىغايسىز............................
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! a8 h; k! R' O6 J0 D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 F, E% b, S* \8 R4 \" @0 Q

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94994
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:07:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇندىن بۇيان دادامنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قانغۇدەك سۆيۈپ، بىر قۇچاغلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بىراق يەنىلا خىجىل بولاتتىم. بۇ ئارزۇيۇمنىمۇ دادامنىڭ سەكرات پەيتىدە ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ H8 w; K% k1 G( W( Lئاققۇ دىگەن جانىۋار ھەمراسى ئۆلسە ئۆمۈر بويى تەنھا ئۆتىدىكەن. بەلكىم ئۇ كېيىنكى ھاياتىنى ئىلگىركى ئەسلىمىگە تايىنىپ ئۆتكۈزىدىغاندۇ.ئەمما ئانىلىرىمىز تۇللۇق ئازابىنى بالىلىرى ئۈچۈن قوبۇل قىلىدۇ. بالىلارنىڭ يېتىرقىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئازار يىمەسلىكى ئۈچۈن يالغۇز تاغدەك، يالغۇز باغدەك چىدام ۋە مۇھەببەت بىلەن جىمجىت ياشايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 p4 m5 J$ J% O, L# h0 Kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" s9 X1 W: V1 A2 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' i- G, [; w9 u, x
يۈرەك سۆزلۈرۈم ،ھەممىسى يۈرەك سۆزلۈرۈم ئىكەن.مېھرىبان ئانام ياشقا چوڭ بۇلۇپ قالغاندىمۇ يەنىلا مەن ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتىدۇ،بىراق مەنچۇ؟شۇ ئۇھسىنغان ۋاقىتتا يۈگرەپ بېرىپ چارچىغان  پۇت قوللىرىنى سىيلاپ،ئىسسىق بىر قازان تاماق ئېتىپ ھاردۇقىنى چىقىرىشقا ئامالسىز قالغان مەن ،يۈرۈگۈم مۇچلىنىپ پۇچلانماقتا.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! R& I3 s, P1 ?رەھمەت قېرىندىشىم ،شۇ مېھرىبان ئانىلىرىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم،ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. قەلىمىڭىزگە بارىكاللا،يەنىمۇ يېڭى ئۇتۇقلىرىڭىزنى كۈتىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەنسارى. + 50 جەننەت ئانىلارنىڭ تاپ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كۆك ئەتتىرگۈل

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:35:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللە ئانىلىرىمىزنى قىيامەتتە جەننەتكە مۇشەرىپ قىلشاي . ئانىلار ئۇلۇغ - ئانىلار پەرىشتە 1 ئانىلىرىمىزنى ئاسىرايلى !

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40147
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3567
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2013-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 11:08:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي،جاپاكەش ئانىلار.......مەنمۇ ئانامنى شۇنداق سېغىندىم!!!! بىراق.....

كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى، كەلمەيدىكەن كەتمەنلىگەنلەر.

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 462
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 11:28:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي                                 جاپاكەش ئانام .......

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84232
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 11:35:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز.ھارمىغايسىز!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( ^* b5 i$ N; Y3 `' l6 z* E
ئاللاھ  جاپەكەش ئانىلىرىمزغا ئىككى دۇنيالىق بەخىت ئاتا قىلسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ^# Q6 ^, D1 }8 n7 a# {- Oئانىلىرىمىز بىزدىن  زارى بولسۇن .

بەخت ئىرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس،ھىس قىلالماسلىقىڭدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 11:51:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۆۋاتىمىز !  جەمىيتىمىزدىكى بەزىبىر ئانىلاردا بۇ خىل ئالىي جاناپ پاك خىسلەت يوق.

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5414
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2175 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەندە يىغلىۋەتتىم....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 B6 d: A$ b7 `# ?- S. ~6 e, J! g
ھەممەيلەننىڭ يۈرەك ساداسىنى يېزىپسىز رەخمەت...........
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, C) d/ b6 P; Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# I# D: b8 n7 \. e- V
ئانا....! قانداق قىلسام ئەجرىڭنى قايتۇرۇپ بولالارمەن

ئىشىڭنى قىل.................!

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12655
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې..ھې...ئاندۇرېھىم....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matros1 + 10 قىززىق كۈلدىكەنسىز .....

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش