مارشال يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 08:58 PM
مەن يېزىغا ئامراق.شەھەرلەردىكى بۇرۇقتۇرمىلىق،قىستاڭچ ...
توغرا دەيسىز ، يازنىڭ كۈنى ھويلىلارغا گۈل - گىياھلارنى ئۆستۈرۈپ ، سۇلارنى سىپىپ ئايۋان تىگىدە سايداپ ئارام ئالىدىغان بولسا ئادەمگە باشقىچە ياقىدۇ .
بىراق قىش پەسلىدە ئۆيگە كۆمۈر قالايدىغان ئىشلار سەل ئاۋارچىلىق ھەم ئۆينى مەينەت كۆرسىتىپ قويىدىكەن .
مىنىڭچە يېزا ئۆيلىرىنى قىش پەسلىدە ئىسستىش ئىشلىرىمۇ كىيىنچە ئاسانلىشىپ قالارمىكىن دەيمەن ، مەسىلەن : تام مەش ، پارلىق مەش دىگەندەك ...
بىنا ئۆيدە توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى بولۇپ قالسىمۇ ئادەمنىڭ دىمى تۇتۇلۇپ ئۆپكىسى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىتون قۇرۇلمىلىق بىنا ئۆيلەردە ئۇزاق مۇددەت تۇرغاندا رىماتىزىم ، سۆڭەك كىسەللىكلىركلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرارمىش ....