zapar يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 08:46 PM
كىچىك ۋاقىمتدا قىيغىتىپ ئوينايدىغان، نۇرغۇن باللىق ئە ...
ھەي................ يامان تاتلىق ئىشلارنى ئىسىمگە سېلىپ قويدىڭىز ئەمەسمۇ ؟
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مىنىڭمۇ خامان باققىنىم ئىسىمدە ، يامغۇر ياغىدىغان بولسا بۇغداي ، باشاقلارنى يۆگەپ ساتمىنىڭ ئاستىغا كىرىپ شار - شار قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ كىتەتتۇق .
كالىلىرىمىزنىڭ كەينى مەھەللىسىگە خالتا كەيدۈرۈپ قويۇپ ۋالغا سالغىنىممۇ ئىسىمدە ...كىيىنچە تىراكتور ، سۆپەكلەر پەيدا بولدى .
ھەي ، سامان توشۇيدىغان ۋاقىتتا ئويۇن بوپ بىرەتتىدە ئەمما ... سامانلىققا سەكرەپ ئويناپ ئارقىدىن ئۆستەڭلەرگە سەكرىگەن .
تاۋۇزلۇقتىكى ساتمىلارغا يۈزىدە شەبنەم يالتىراپ تۇرغان مۇزدەك تاۋۇزلاردىن نەچسىنى ئۈزۈپ ئەكىرىپ قويۇپ كاسىداپ يەپ كىتەتتىم ، ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يىگەن تاۋۇز بىلەن بازاردىكى تىلىملاپ ساتقان تاۋۇزنىڭ تەمى ئوخشىسىمۇ لەززىتى باشقىچە بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كاسىداپ يىيىشكە ئامراق ئىدىم .
قىش پەسلىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى ، چۇككالتەك دەيدىغان بىر ئويۇن بولىدىغان ئويناپ كىتدىىغان ، يەنە ھېلىقى پاينەك دەيدىغان ئويۇنمۇ بولدىغان پاينەك تالىشىمەن دەپ ھوشۇقلارغا تاياق يەيدىغان ....
ھەي ................ بۇنداق مۇھىت ، بۇنداق ئويۇن ، بۇنداق ھىسىياتنى بۇ يەردە تورغا چىقىۋاتقانلاردىن قانچىسى بىلەركىن . بىراق مىنىڭ شۇنداق خۇشال ، بىغەم ، راھەت كۈنلىرىم ئاشۇ ئىكەن .
ھازىر بولسا ئۇ كۈنلەرگە قايتاي دىسەم مۇھىت ، شارائىتنى تاپقىلى بولسىمۇ بىراق ئاشۇ چاغلاردىكى تاتلىق ھىسىياتلارنى تاپىقىلى بولمايدۇ .