مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barnakiz886

قۇلۇپلانغان قەلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3440
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1821 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 04:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داۋامى قاچان بار؟

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:01:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي تىزراق يازاسىز  

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلكۈيىدە ئوقىغان ئىدىم بەكلا ياخشى يىزىلغان جۇمۇ.

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
88asra يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 05:02 PM
ئەلكۈيىدە ئوقىغان ئىدىم بەكلا ياخشى يىزىلغان جۇمۇ.

كىم يوللاپتۇ ئەلكۈيىگە،شۇنچە ئەسكەرتىش بەرسەممۇ بۇ ئەسەر ئوغۇرلىرىدىن قۇتۇلغىلى بولمىدى زادى،مەن  دەسلىۋىدە قاشتېشى مۇنبىرىگە يوللىغان،ھازىر مىسرانىمغا يوللاۋاتىمەن،ماڭا خاپا بولماي ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز.

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇبىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن،
-بولدى ئەتىدىن بىرى چارچاپ قالغانسىز،كىرىپ ئارام ئېلىڭ،مىنىڭ ئىرىشمەكچى بولغۇنۇم سىزنىڭ تىنىڭىز ئەمەس بەلكى روھىيىتىڭىز،قەلبىڭىز ماڭا تەئەللۇق بولغانغا قەدەر سىزنى ساقلايمەن،مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ،ھامان بىر كۈنى ماڭا تەئەللۇق بولىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئۇ شۇ سۆزلەرنى دىدى-دە،مىنىڭ قولۇمدىن يىتىلەپ ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىردى،-يەنە ئەنسىرىسىڭىز ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىڭ،مانا بۇ ئىشىكنىڭ ئاچقۇچى،لىكىن يەنىلا سىز بىلەن سىردىشىپ بۇ كىچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايمەن،-دىدى ئۇ.
ياتاق ئۆيدىكى كارۋات ئالاھىدە بىزەلگەن ئىدى،كەشتە تىكىلگەن قوش ياستۇق ئۈستىگە ،ئەتتىر گۈلدىن يۈرەك ياساپ يولەپ قويۇلغان ،كارۋات ئۈستىگىمۇ گۈل بەرگىلىرى چېچىلغان بولۇپ،گۈپۈلدەم خوش پۇراقلار چېچىلىپ تۇراتتى.
مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم،ئۇنىڭ بۇنچە تەشەببۇسكارلىغى مىنى تەمتىرىتىپلا قويغان ئىدى،
-مەن...مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي ،-دىدىم تەمتىرەپ.
-بولىدۇ،ھە-توختاپ تۇرۇڭ،ئۇ ئىشكاپنى ئاچتى -دەئىچىدىن ھاۋارەڭ ئىپەكتىن ناھايىتى سىپتا قىلىپ تىكىلگەن بىر قۇر  ئۇخلاش كىيىمىنى ئالدى،-بۇنى مەن سېتىۋالغان،بىلمىدىم سىزگە يارامدىكىن؟كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئازادە ئۇخلاڭ ،دېدى.

شۇندىلا يۆتكەش ئۈچۈن ئېلىۋالغان كىيىملىرىمنىڭ ئۇنىڭ چوڭ ئۆيىدە قالغانلىغىنى ھىس قىلدىم.مەن گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ قولىدىن كىيىمنى ئالدىم ۋە ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ،تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتىم.
چىققىنىمدا بولسا ئۆكارۋاتنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى،مىنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپ يېنىمغا كەلدى.

پاھ-كۆپ-كۆك ئاسماندىكى  قوياشتەك نۇرلىنىپ كىتىپسىز،سىزگە ھاۋارەڭ كىيىم بەك يارىشىدىكەن،دېدى.
بۇ گەپتىن يۈزلىرىم ئۆت ئېلىپ ياندى،خىجىللىق بىلەن يەرگە قارىۋالدىم.
-بولدى...بولدى...مىنىڭ مۇشۇ ئېغىزىمزە،ئەمدى ئارام ئالايلى،مەن گەپ قىلمايلا  كارۋاتنىڭ قىرىغا ئولتۇردۇم،يۇقىرى ئۆتۈڭ ،مەن بۇ تەرەپتە توساق بولۇپ بەرمىسەم ،كارۋاتتىن يۇمۇلنىپ كەتمەڭ يەنە،ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق...

ئۇ بەك گەپدان ئىدى،ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇق مىجەزى بىلەن ئارىدىكى يېتىرقاشمۇ يوقۇلۇپ كەتتى،ئۇ شۇنداق يۇمۇرلۇق سۆزلەيتتى،مەكتەپ ھاياتىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى،كىچىك ۋاقتىدىكى دوستلىرىنى،ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى ھەممىنى سۆزلەپ بەردى....قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ ئەنسىز چىقىرىشىدىن ئەىككىمىزلا چۈچۈپ كەتتۇق،سائەت تۆت يېرىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى،دىمەك بىز كىچىنى ئۇخلىماي پاراڭلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىدۇق
.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 05:19 PM  


سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ،ۋاي...تاڭ ئېتىپ كىتىپتىغۇ؟مەن تۈنۈگۈن قېلىپ قالغان نامازلىرىمنى ئوقىۋالاي ،سىز كىچىكىنە بولسىمۇ كۈزىڭىزنى يۇمىۋېلىڭ،بامدات ۋاختى بولغاندا ئويغىتىمەن-،دەپ چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنىڭ تېخىمۇ قايىللىغىمنى قوزغىدى،بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇغان بىر ئادەمنىڭ دىلىنىڭ ئىسلامغا بۇنداق سادىق بولىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
قانچىلىك ياتتىمكىن ئۇ كىرىپ ئويغاتتى-،تۇرىڭە جىنتەك،ناماز ۋاختى بولۇپ كەتتى.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇنجى قېتىم بامدات نامىزىنى ئۆز ۋاختىدا ئوقۇدۇم،ئويدىمۇ ناماز ئوقىساممۇ لىكىن سەھەردە ئۇخلاپ قېلىپ ۋاختىدا ئوقۇيالمايتتىم،بىز نامازلىرىمىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇ تۈنۈگۈن كەچ دوسلىرى بىز ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن لىكىن يىيىلمىگەن كاۋاپنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالدى-دە ،قوش ئالقانچىلىك كىلىدىغان قورئاننى ئېلىپ يېنىمغا كەلدى.
-ئوقۇشنى بىلەمسىز؟
-ياق،لىكىن شۇنداق ئوقۇشنى ئۈگەنگۈم بار.
--سىز ئەقىللىق ،چوقۇم تىزلا ئۈگۈنىۋالىسىز،ئويدە ئىلىكتىرونلۇق قۇرئان بار ،شۇنىڭدىن ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ،ئۇ شۇنداق دىگەچ قۇرئاننى ئېچىپ ئۆزى كەلگەن يىرىدىن باشلاپ قىرائەت بىلەن ئۇنلۇك ئوقۇشقا باشلىدى،بۈگۈنگىچىلىك نەچچە قېتىملاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغىنىنى ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن بۈگۈنكىدەك  بۇنداق دىققەت بىلەن ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن،قەلبىم ئاجايىپ بىر ئىپادىلىگۈسىز ھىسىيات بىلەن لىق تولدى،ئىسلامنىڭ ھەقىقى بۇيۇك ئىكەنلىگىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلدىم...
ئۇ ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كىيىن ،-سىز قۇرئان ئۇقۇشنى كىمدىن ئۈگەنگەن ئىدىڭىز ؟دەپ سورىدىم،
-مانا بۇنىڭدىن،دىدى ئۇ قەلەم شەكىللىك ئىلىكتىرونلۇق قۇرئاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،سىزمۇ چوقۇم ئۈگۈنەلەيسىز،قولىىڭىز بىكار ئەمەس ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئاڭلاڭ،بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا ئەرەپچىسىنى ئۈگۈنۈڭ -دېدى.
بىز ناشتىغا ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا،ئىشىك يەڭگىل چىكىلدى،يەڭگىلەر ئالماشتۇرىدىغان كىيىملىرىمنى ئېلىپ بىزنى بۈگۈنكى يۈز ئاچقۇ بولىدىغان زالغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
ھەممىمىز بىرلىكتە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ،بىز تەييار بولۇپ زالغا يىتىپ باردۇق،مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىمىز ۋە بارلىق ئۇرۇق -تۇققانلار زالغا لىق تولغان ئىدى،بىز كىرىشىمىزگە ئۇنىڭ ئانىسى ئالدىمىزغا كەلدى-دە،مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويدى،مەن ئاپامنى كۆرۈپ كۆلرۈشمىگىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەندەك،ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم....

بۇ ئىشلار تۈگەپ سائەت 4لەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق،ئۆيدە يەنە ئىككىمىزنىڭ يالغۇز قالىدىغىنىنى ئويلىسام تەنلىرىم شۇكۈرنىپ كىتەتتى،ئاخشامقى گەپلىرىنى ئويلىسام سەل خاتىرجەممۇ بولۇپ قالاتتىم،تۈنۈگۈندىن بېرى ئۇنىڭغا قەلبىمدە ھۆرمەت ئويغانغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ مۇھاببەت ئەمەس ئىدى،يۈرۈگۈمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرالمايتتىم،قەلبىمگە يۈرۈگۈمدىكى ئۇ مەبۇدەم سالغان قولۇپنى ئېچىشقا ھېچكىم قادىر ئەمەس ئىدى.ماشىنىنىڭ يىنىك تۇرمۇزلىنىشى بىلەن خىيالدىن ئويغاندىم،ماشىنىدىن چۈشۈپ پەلەمپەيدىن بوينىمدىن بىرسى سۆرەۋاتقاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن چىقتىم،ئۇ ئالدىمدا چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى،ئۆيگە كىردۇق.
-ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىدىڭىز،ئەسىر ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قېنىپ بىر ئۇخلىۋېلىڭ ،دېدى ئۇ.ۋە ئۆزى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ھەر ئىككىلىمىز ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،مىھمانخانىغا چىقىپ ئولتۇردۇق،يۈرۈگۈم يەنە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى...
ئۇ ئاستا سۈرۈلۈپ يېنىمغا كەلدى-دە قوللىرىمنى بارماقلىرى ئارىسىغا ئېلىپ چىڭ سىقىپ مىنى ئۆزىگە تارتتى،ئەمدى يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى،ئۆزۈمنى قاچۇردۇم،لىكىن ئۇنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئارىسىدا ئاجىز تېنىم مىىدىرلاشقا ئامالسىز قالغان ئىدى...ئۇنىڭ نەپەسلىرى بويۈنلىرىمغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى،مەن بولسام بۆرە ئالدىدىكى بىچارە قوزىچاقتەك دىر-دىر تىتىرەپ تۇراتتىم،ئۇ قولاقلىرىمغا ئاستا شىۋىرلىدى،-سىزنى جېنىمدىن ئارتۇق كۆرىمەن ئامرىغىم،مىنى قۇبۇل قىلىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن،مەن زورلۇق بىلەن سىزگە ئىرىشىشنى خالىمايمەن،مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى بىردىنبىر ئادەم بولىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن،مەن باشلىرىمنى چايقاپ يۇلقۇندۇم....
ئۇ بىلەكلىرىمدىن تارتىپ مىنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە كۆزلىرىمگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ-،بىلۋاتىمەن،تىترەۋاتىسىز،ئۇ قەلبىڭىز لەرزىگە كەلگەندىن ھاسىل بولغان ھاياجان ئەمەس،بەلكى ياۋۇز ئادەم ئالدىدىكى ۋەھىمىدىن پەيدا بولغان قورقۇنۇچ،چىرايلىق كۆزلىرىڭىزدىن ماڭا بولغان نەپرەتنى ھىس قىلالايمەن،ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇ كۆزلەر چوقۇم بىر كۈنى ماڭا مۇھاببەت بىلەن تىكىلىدۇ،ئۇ كۆزلەردىن بىراۋنى ئەمەس ئۆز ئەكسىمنى كۆرىمەن!!!بولدى كىرىپ ئارام ئېلىڭ،شام ۋاختى بولغاندا سىزنى ئويغىتاي دېدى.

مەن جانسىز قەدەملىرىم بىلەن ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،ئىككى تامچە ياش مەڭزىمگە سىرغىپ چۈشتى.

داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 05:34 PM  


سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزرەك يىزىڭە .....

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2935
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:31:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەقىللىق ،چوقۇم تىزلا ئۈگۈنىۋالىسىز،ئويدە ئىلىكتىرونلۇق قۇرئان بار ،شۇنىڭدىن ئۈگەنسىڭىز بولىدۇ،ئۇ شۇنداق دىگەچ قۇئاننى ئېچىپ ئۆزى كەلگەن
تەھرىرلەپ قويسىڭىز بۇپ تىكەن پۇتاق تاپقىنىم ئەمەس تۇغرا چۇشىنىڭ ،ئەسىرىڭىز ناھايتى ياخشى چىقۋاتدۇ ئاخىرىغا تەشنامەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-3 05:34 PM  


كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:35:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 05:31 PM
سىز ئەقىللىق ،چوقۇم تىزلا ئۈگۈنىۋالىسىز،ئويدە ئىلىكت ...

رەخمەت سىزگە ،تىماممنى ئەستايىدىل كۆرگىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،بۇنىڭدىن كىيىن ئىملاغا چوقۇم دىققەت قىلىمەن.

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barnakiz886 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 05:05 PM
كىم يوللاپتۇ ئەلكۈيىگە،شۇنچە ئەسكەرتىش بەرسەممۇ بۇ ئ ...

http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=14115      ئەلكىن مۇنبىرىدە كۈرۈپتىمەن،بۇ مۇنبەردىكى سىز ئەمەسمۇ؟

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش