بارا -بارا تۇرمۇشمۇ ئۆز ئىزىغا چۈشتى،ئىلگىركى خاتىرىلەرمۇ كۆڭۈل ئىكرانىمدىن ئۆچۈشكە باشلىدى.ئەتىياز يىتىپ كەلگەچكە كۈندە كەچ تەرەپلىرى ئۇ ئىشلىمىسىلا،ئۆيىمىزگە يېقىنلا يەردىكى غەرىبى كۆۋرۇك مەنزىرە رايۈنىنى ئايلىنىش كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلانغان ئىدى،ئۇ يەرگە بېرىشقا مەنمۇ ئامراق ئىدىم ،چۈنكى كۆل بويىدىكى ھېلىقى ئورۇندۇق نۇرغۇن ۋەدە قەسەملىرىمىزنىڭ گۈۋاچىسى ئىدى.
بۈگۈنمۇ كەچلىك تاماقنى بۇرۇنلا يەپ بولۇپ يەنە كۆل بويىغا كەلدۇق،ئايلىنىپ كېلىپ ھېلىقى تۈنۈش ئورندۇققا ئازلا قالغاندا ئۇ ئورۇندۇقتا ئۇنىڭ بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇرغانلىغىغا كۆزۈم چۈشتى،ئۇنىڭ قولىدا تاماكۇ تۇراتتى،يان تەرىپىدىن كۆرگەچكە شۇ ياكى ئەمەسلىگىە تازا ئىشەنىچ قىلالمىدىم،ھەمدە ئۇنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا يۇرتقا كىلەلمەيدىغىنىنىمۇ بىلەتتىم....
لىكىن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەن ۋاقتىمدا ئۇمۇ تەڭلا يانغا ئۆرۈلۈپ قارىدى،ئاھ خۇدا!دەل شۇنىڭ ئۆزىكەن ئەمەسمۇ ؟؟؟
زىمىن پىقىراۋاتقاندەك ھالسىراپ كەتتىم،ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،دەلدەڭدىپ كەتكەن بولسام كىرەك ،يولدىشىم بىلىگىمدىن كاپلا قىلىپ يولىۋالدى.
نىمە بولدۇڭ؟مىجەزىڭ يوقما؟مىھرىبانلىق بىلەن سورىدى ئۇ ،-
ھە،سەل بېشىم قېيىپ تۇرىدۇ.
يۈر ئەمىسە ،ئۆيگە قايتىپ كىتەيلى.
ئۇ مىنى
يۈلەپ ئېلىپ ماڭدى،يولدا كىتىۋاتىمەن ،يولدىشىممنىڭ قىلغان سۆزلىرى قولىغىمغا كىرمەيدۇ،يۈرەكلىرىم سىقىلغاندەك بولۇپ كۆزلىرىمدىن ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
ۋاي ،ئۇششۇق ،شۇنچىلىك مىجەزىڭ يوق بولغانغىمۇ يىغلامسەن؟كۆڭۈل ئېلىشىش ،باش قېيىش دىگەن ھامىلدار ئاياللاردا كۆرىلىدىغان نۇرمال ھادىسە،ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق،بىر دەم ئارام ئالساڭ ياخشى بولۇپ قالىسەن ،-دېدى ئۇ،لىكىن قەلبىمىكى ئېغىز ئالغان جاراھەتنى ئۇ كۆرەلمەيتتى.
كىچە بىر چاغلارغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى،ئۇنىڭ باياتىنقى مىسكىن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىپ مىنى ئازاپلايتتى،بىر خىل پۇشايمان تۇيغۇسى يۈرۈگۈمنى غاجاپ ئارام بەرمەيتتى.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-14 02:14 AM