مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barnakiz886

قۇلۇپلانغان قەلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 05:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
88asra يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 05:49 PM
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=14115      ئەلكىن مۇنبىرىدە كۈرۈپتىمەن، ...

ھە ،توغرا ئەلكىنگىمۇ يوللىغان،مەن شۇ ئۈچ مۇنبەرنى زىيارەت قىلىمەن،لىكىن ئەلكۈيى دىگەنتىڭىز سورىشىم،سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93991
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 06:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت بەك ئېسىل ئىكەن.جەمىيتىمىزدە بۇنداق يىگىتلەر يوق دىيەرلىك جۇمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 09:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنىڭ ھەممىنى ئۇقۇپ تۈگەتتىم. راسلا ئەتراپلىق چىقۋاتىدۇ. ئاخىرىغا ھەرۋاقىت تەشنامەن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 7053
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 67477
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7770 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 10:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف.....

her sey guzel olacak...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 09:36:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرىپ ياتتىم،كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس ،خىيالىم يەنىلا بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر قوينىدا كىزەتتى،ئىكىسىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنى ئالاھدىن تىلەيتتىم،لىكىن ئارزۇ دىگەن رىئالىق ئەمەستە...بۇنىڭدىن  كىيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىغىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم....
شۇنداق خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكەنلىگىمنى بىلمەيمەن،مەن ئۇيغانغاندا كىچە سائەت 3تىن ئاشقان ئىكەن،نەچچە كۈندىن بېرىقى ھاردۇق ۋە كىچىدىكى ئۇيقۇسىزلىق مىنى ئۇبدانلا ئۇيقىغا غەرىق قىلغان ئىدى،مەن ھاجاتخانىغا كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم ،ئۇ مىھمانخانىدا سافا ئۇستىدىلا ياتقان ئىدى،ئۇستىگىمۇ بىر نەرسە ياپمىغاچقا تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدى،تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئۆيىدىن يامانلاپ چىققان ئۆگەي بالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى،مەن يېنىپ كىرىپ پەر يوتقاننى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستاغىنا ئۈستىگە يېپىشىمغا ئۇ كۆزىنى ئاچتى.
-ئويغاندىڭىزما،تۈنۈگۈن كەچ بەك تاتلىق ئۇخلاپ كىتىپتىكەنسىز ئويغاتقۇم كەلمىدى-،دېدى.
مەن گەپ قىلمايلا  كەينىمگە بۇرۇلدۇم،ئۇ  كاپپىدە قوللۇرۇمنى تۇتىۋالدى،-قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىمىز،ئەجىبا سىز بىر پارچە تاشمۇ؟ئىرىمەيدىغان مۇزمۇ؟مىنى يەنە قاچانغىچە كۈتسۈن دەيسىز؟دىدى كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ،سىز بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشىڭىز كىرەك ،بىلەمسىز مەن مۇشۇ كۈننى قانچىلىك ئىنتىزارلىقتا كۈتتۈم،سىزنى ياخشى كۆرىمەن،مەڭگۈ قەدىرلەيمەن،ئەمدى كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ بەخىتنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،دېدى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قانداق ئىپادە بىلدۇرۇشنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم،
ئۇ ئورنىدىن تۇردى ،نەپەسلىرىمىز تىگىشكۈدەك يېقىنلاپ كەلدى -دە مىنىڭ باغرىغا چىڭ باستى...نىمىشقىدۇر بۇ قېتىم ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم،تەقدىرگە تەن بەردىممۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ ئۇنى بىلمەيتتىم،ئۇ ئىتتىك پىشانەمنى تۇتتى ،-ۋوي...قىزىپ كىتىپسىزغۇ؟سىزگە نىمە بولدى ئەمدى؟
دىمىسىمۇ ئىككى چىكەم چىڭقىلىپ ئاغرىپ تۇراتتى،شۇ ئاغرىقتىن ئويغۇنۇپ كەتكەن ئىدىم،ئۇ مىنى دەس كۆتۈرگۈنىچە ياتاق ئويگە ئېلىپ كىردى،كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن،قولتىغىمغا تىرمومىتىرنى قىستۇرۇپ قويۇپ،لۈڭگىنى يۇيۇپ ئەكىرىپ پىشانەمگە قويدى.
ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرى مىھرىبان دادامنى ئەسلەتتى،كىچىكىمدىن باشلاپلا سەل مىجەزىم بولمىسا ئاپامدىن دادام بەك جىدىلىشىپ كىتەتتى،دورىنى ئۆزى تەڭشەپ پۇۋلەپ ئىچكۈزەتتى،كىچىلىرى بولسا ياتاق ئۆيۈمگە نەچچە كىرىپ قاراپ چىقىپ كىتەتتى.

-قىزىتمىڭىز ئۆرلەپ كىتىپتۇ،قاتتىق زۇكامداپ قاپسىز ،دىدى ئۇ ،كارۋاتنىڭ ئۇستىدىكى تارتمىدىن بىر مۇنچە دورىلارنى ئالدى....
ئۇ تۇرۇپ- تۇرۇپ،پىشانەمنى تۇتۇپ باقاتتى،ئۈستۈمگە يوتقانلارنى ئۈستىلەپ يېپىپ قويغاچقا مىدىرلىيالماي قالغان ئىدىم،بىر چاغدا سۇ قۇيغاندەك تەرلەپ كەتتىم،بۇ چاغدا تاڭ ئېتىپ كۈنمۇ چىقىپ بولغان ئىدى.بېشىمنىڭ ئاغىرقىمۇ قويۇپ بەردى،
-قانداقراق تۇرىسىز؟
-خېلى ياخشى،مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىم-،جىم يېتىڭ ،شامالدىسىڭىز يەنە قىزىپ قالىسىز،يوتقانغا چىڭ ئورىنىڭ ،دېدى ۋە چىڭ ئوراپ قويدى.
ئۇنىڭ بۇنداق قاراپ ئولتۇرىشىدىن خىجىل بولۇپ  كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم.

چۈشتىن كىيىن خېلى ياخشى بولۇپ قالغان ئىدىم،قىزىتماممۇ يانغان ئىدى،ئۇ بىردەم ماڭا دۇرا ئىچۈرسە بىردەم شورپا قاينىتىپ پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى،بەزىدە قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بىرىپ كۈلدۇرۇپ تېلىقتۇرىۋىتەتتى...
ھەي شۇمتەك،كۈلسەڭ خېلى ئۇماق بولۇپ كىتىدىكەنسەن،ئادەم قورقۇتماي كۈلۈپ ئولتىرە مۇنداق،دېدى ئۇ تۇنجى قېتىم مىنى سەنلەپ،مەن تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتىم،نىمە ئۈچۈندۇر  ئۇزۈمنى خېلى ئەركىن ھىس قىلاتتىم.

ئۇ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ يېنىمغا كىردى.
قانداق،ياخشى بولۇپ قالدىڭما؟ئۇ شۇنداق دىگەچ يېنىمغا كىلپ ئولتۇردى،دوراڭنى ئىچىۋالغىن ،ئاندىن ئۇخلايلى،ئۇ شۇنداق دىگەچ دورا ۋە چاي ئېلىپ كەلدى،مەن دورىنى ئىچىپ بولغاندىن كىين ،بىر دەپ ئولتۇرايلى دورا ئىچىپلا ياتساڭ ياخشى ئەمەس دېدى.

دورىنىڭ تەسىرى بىلەن مىنى ئۇيقۇ تۇتتى،ئۇ ئاستا يېنىمغا سۈرۈلۈپ كەلدى،مىنى چىڭ قۇۋاقلىغىنىچە ،بويۇنلىرىمغا ،يۈزلىرىمگە ئەسەبىلەرچە سۈيۈشكە باشلىدى....مەن ئەمدى قېچىپ قۇتۇلغۇلى بولمايدىغان تەقدىرگە دۈچ كەلگىنىمنى ھىس قىلدىم،ئۆزۈمنى قاچۇرۇپمۇ قاچۇرۇپ بولالمايتتىم،بۇ رەھىمسىز تەقدىردىن قۇتۇلۇشقا ئامالىم يوق ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ ئۇنى ئاز-تولا ياقتۇرۇپ قالغاندەكمۇ قىلاتتىم،شۇڭلاشقا ئۇنچە بەك قارشىلىق كۆرسىتىپمۇ كەتمىدىم....

كۈنلەر ئۆتىۋەردى،بارغانچە ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى،مىنى شۇنچە قەدىرلەشلىرى بىلەن يۈرۈگۈمدىكى جاراھەت خېلى ساقىيىپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى،لىكىن يەنىلا بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ خىيالىمغا كېلىۋېلىپ مىنى ئازاپلايتتى ،ئۇنى غايىۋانە سېغىناتتىم ،ئۇنىڭ بىلەن خىيالىمدا مۇڭدىشاتتىم،بۇنىڭ ئىرى بار بىر ئايال ئۈچۈن بەكمۇ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىگىنى بىلسەممۇ ،ئۇنى ئويلىماسلىققا خىيال قىلماسلىققا ئامالىم يوق ئىدى.


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 09:42 AM  


سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6995
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 10:36:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئارسالدىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم،ئۇنىڭ ماڭا بنولغان قىزغىن مۇئامىلىسى،مىنى ئەركىلىتىشلىرى،ماڭا كۈيۈنۈشلىرى قەلبىمنى ئاز تولا مايىل قىلغان بولسىمۇ ،لىكىن قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھاببەت ئويغۇنىشىغا ئىشەنمەيتتىم،لىكىن ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن مىھرىبان ئىدى،ياش پەرقىمىزمۇ خېلى چوڭ بولغاچقا،ئۇنى ئىرىم ئەمەس بىر ئاكام بولغان بولسىچۇ دەپ ئۈمۈدمۇ قىلىپ كىتەتتىم،كۈندە مۇشۇنداق گاھىدا بەختىيار،گاھىدا ئازاپلىق ئوي -خىياللار بىلەن ياشايتتىم،كۈندۈك خاتىرەم نىمە ئۈچۈندۇر ئازاپلىق قۇرلار بىلەن تولاتتى،خاتىرەمگە ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز سېغىنىش ۋە قىيالماسلىق پۇتۈلەتتى،ئانچە مۇنچە ھەۋەس بىلەن شئىر يېزىپ قويساممۇ ئۇنىڭدىن ئازاپ تۆكۈلۈپ تۇراتتى،لىكىن ئەمىلىيەتتە ئۈنچە بەخىتسىزمۇ ئەمەس ئىدىم.
توي قىلغىلى ئىككى ئايغا يېقىن بولغاندا مىجەزىم ئۆزگىرەشكە باشلىدى،بىر ئىشلار خوش ياقمايتتى،داۋاملىق ئۇيقۇ تۇتۇپلا تۇراتتى،بەدىنىم تولىمۇ ماغدۇرسىز ،مىجەزىم چۇسلىشىپ كىتىۋاتاتتى،ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا كۈندۈزلىرى ماڭا ئانچە كۆپ ھەمراھ بوللالمايتتى،بۇنداق يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا ئۇ يەنىلا خىيالىمغا كىرىۋېلىپ مىنى ئازاپلايتتى...
بىر كۈنى سەھەر تۇيۇقسىز كۆڭلۈم ئېلىشىپ ياندۇرۇپ كەتتىم،بېشىممۇ قېيىپ تۇراتتى،ئۇمنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ مىنى ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى،بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن دوختۇر مىنىڭ  ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغانلىغىمنى ،ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى ئېيتتى،مەن نەخوشال بولۇشۇمنى ،نەخاپا بولۇشىمنى بىلمەي تېڭىرقاپ قالدىم،لىكىن ئۇنىڭ خوشلىغى ئىچىگە سىغمايلا قالغان ئىدى،بىر قانچە خىزمەتداشلىرى ئۇنى تەبرىكلەپمۇ ئۈلگۈردى،ماشىنىغا چىقىپلا ئۇ مىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى...

بىز ئۆيگە قايتتۇق ،ئۇ يول بويى كۆڭلۈم  نىمە تارتىدىغىنىنى ،نىمە ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغىنىمنى سوراپلا ماڭدى،ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى قىلىقلىرى سالاپىتىگە ماس كەلمەي قالغان ئىدى،خۇددى بىراۋلاردىن ھېيتلىق ئېلىپ شاتلىنىپ كەتكەن كىچىك بالىغىلا ئوخشايتتى.ئۇ تېلىفۇن ئارقىلىق بۇ خەۋەرنى  ئىككى ئائىلىدىكىلەرگە ئۇختۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى.
ئۆيگە كەلگەندە بولسا ئاپام ئاللىبۇرۇن كىلىپ ئۇنڭ ئاپىسى بىلەن بىنا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن،ئىككى ئاپا ئارقا -ئارقىدىن پىشانەمگە سۈيۈپ ماڭا  بەخىت تىلىدى،بۇنىڭدىن بىر خىل بەختىيارلىقنى ھىس قىلدىم،ئاپام سەل ئەندىشە قىلغاندەكمۇ كۆرۈنەتتى.

ئەمدى ئىككىلا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسىگە ئايلاندىم،ئۇلار نىمىنىڭ ياخشىسى بولسا مىنى ئويلاييتتى ،يولدىشىممۇ مىنى بىر دەم يالغۇز قويمايدىغان بولدى،ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن قايسى ئۆيدە ئادەم بار بولسا شۇ ئۆيگە ئاپىرىۋېتىپ ئىشقا باراتتى،كۈنىگە نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋال سۆرايتتى،ئىشتىن چۈشۈپلا مىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتاتتى.

ئىنىڭ بۇنداق ياخشى مۇئامىلىسى مىنى ئىرىتتىمۇ ،ياكى قورسۇغۇمدىكى بىر ئىللىق جاننىڭ مىھرىمۇ ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا كونۇپ قېلىۋاتتاتتىم،ئىشقا كەتكەن ۋاقىتلىرىدا تىزراق قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغان بولدۇم،ئۇنىڭ تېلىفۇن ئۇرۇپ (بالام ئىككىڭلار سالامەتمۇ؟)
دىگەن بۇ سۆزىگە شۇنداق ئامراق بولۇپ كەتتىم،تېخى ئەمدىلا تۆرەلمە ھالىتىدىكى بۇ بالامنى ھەر خىل تەسەۋۇر قىلىپ باقاتتىم.

داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 10:37 AM  


سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52572
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:39:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامى يەنە بارمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52572
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 12:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرگە ناھايتى قىزىقىپ قالدىم. داۋامىنى تىزراق يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52572
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3431
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2011-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 10:40:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرسى چىقمايدىيا. مەن داۋامىنى ئوقۇشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93991
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 11:09:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرناقىز ياخشىمۇسىز،ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق،ۋاقىتىنى ئۇزارتىۋەتمەي تىزراق يېزىپ تۇگىتىۋەتكەن بولسىڭىز،تورداشلار بەك ساقلاپ كەتتى.ۋاقىت ئۇزراپ كەتسە ئەسەرنىڭ بېشىنى ئۇنتۈپ قالىدىكەنمىز،بۇ ئەسىرىڭىزبەك ياخشى چىقىپتىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش