ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندىم،
مەن سىزنىڭ يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرىشىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ فىزىكىغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە يات بولغان بىر يېڭى ئىلىم-پەن ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىشكە غەيرەت قىلىشتەك جاسارىتىڭىزنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ھەمدە سىزنىڭ ئاداققىچە بوشاشماي تىرىشىدىغان روھىڭىزغا قايىللىقىمنى بىلدۈرىمەن.
سىز «29-تىئورما» دەپ ئاتاپ، ئوتتۇرىغا قويغان پەرەز ياكى خىيال مۇنداق ئىكەن: ئەگەر بىر شار-شەكىللىك جىسىم ياكى زەررىچە تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، z-ئوقى ئەتىراپىدا سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، y-ئوقى يۆنىلىشىنى بويلاپ سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ شار y-ئوقىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە، ياكى x-ئوقى نۆلدىن چوڭ بولغان يېرىم تەكشىلىك ئىچىگە قايىدۇ.
بۇ ھادىسىدە ئالدى بىلەن مۇنداق شەرتلەرنى قويۇشقا توغرا كېلىدۇ:
(1) بۇ شارنىڭ ئەڭ تاشقى يۈزىدىكى ھەر بىر نۇقتا تۆۋەندىكى ئۈچ ئۆلچەملىك شار شەكلىنىڭ تەڭلىمىنى قانائەتلەندۈرىدۇ:
(x*x) + (y*y) + (y*y) = R * R
بۇ يەردىكى R شارنىڭ رادىيوسى بولۇپ، «*» كۆپەيتىش بەلگىسىدۇر.
(2) بۇ شار قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان. يەنى، يۇقىرىدەك ھەرىكەت جەريانىدا ئۇنىڭ شەكلى ھېچ قانداق ئۆزگەرمەيدۇ. ھەمدە ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىك بىلەن سۈركۈشۈش جەريانىدا، ئۇ شارنىڭ يۈزىدە ھېچ قانداق ئۇپراش يۈز بەرمەيدۇ.
(3) ئۇ شارنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىكمۇ قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان بولۇپ، شار ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغاندا، بۇ تەكشىلىكنىڭ يۈزىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. بۇ تەكشىلىك ئىنتايىن سىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى xy-تەكشىلىكىگە پاراللېل قويۇلغاندا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەڭ ئىگىز نۇقتا بىلەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنىڭ پەرقى نۆل بولىدۇ. (ئەگەر بۇ پەرق بىر نانو-مېتىر كەلسىمۇ، ئۇ شار بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتىدۇ. شۇڭا بۇ شەرت ئىنتايىن مۇھىم. )
يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانغان ئەھۋالدا، بۇ شار يەر شارىنىڭ يۈزىدىكى بىر جايدا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھەرىكەت قىلغاندا، بۇ شار تۆۋەندىكىدەك كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ:
F1 : شار يۈزى بىلەن ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تەكشىلىك ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچى. بۇ كۈچ y-ئوقىغا قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە
F2 : ھاۋانىڭ توسقۇنلۇق كۈچى. بۇ كۈچمۇ y-ئوقىغا قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە
F3 : ھاۋا ئېقىمى ياكى شامالنىڭ ئىتتىرىش كۈچى. بۇ كۈچنىڭ يۆنىلىشى شامالنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش
ئەگەر ھاۋا ئېقىمى ياكى شامال مەۋجۇت ئەمەس بولسا، F3 = 0 بولۇپ، F1بىلەن F2نىڭ تەسىرىدە، بۇ شار سىزىقلىق ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بارغانسېرى ئاستىلاپ، مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەندە توختاپ قالىدۇ. لېكىن، ئۇنى سولغا ياكى ئوڭغا قايدۇرىدىغان ھېچ قانداق كۈچ مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، بۇ شار ھەرگىزمۇ سولغا ياكى ئوڭغا ئېغىپ كەتمەيدۇ.
يۇقىرىدىكى بايان بىر نوپۇزلۇق بايان بولۇپ، مەن ئۇنى خەلقئارادىكى ھەرقانداق سورۇنغا كۆتۈرۈپ چىقالايمەن. ئەپسۇسكى، بۇ يەردىكى فىزىكىلىق ھەرىكەت ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسى ئۈچۈن بىر مەشىق بولالايدىغان بىر ھادىسە بولۇپ، ئۇنى چۈشىنىش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈش ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي فىزىكا دەرسىچىلىك سەۋىيىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ.
شۇڭلاشقا، سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىز، بىر «تىئورما» ئەمەس. بىر «ئىلمىي پەرەز» ئەمەس. بىر «ئەقلىي ھۆكۈم» مۇ ئەمەس. مېنىڭچە ئۇنى «بىر پەرەز» دېيىشمۇ ئارتۇقچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى «فىزىكىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق بىر ئادەمنىڭ قالايمىقان سۆزى» دېيىش ئەڭ مۇۋاپىق.
سىزگە گالىلى ئالماشتۇرىشى (Galilean transformation) بىلەن لورېنتس ئالماشتۇرىشى (Lorentz transformation) توغرۇسىدا ئۇچۇر بەرگەن كىشى ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرسى بولۇپ، سىزگە پۈتۈنلەي خاتا ئۇچۇر بېرىپتۇ. بۇ يەردىكى فىزىكىلىق ھادىسە بىلەن ئۇ ئىككى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ كىشىنىڭ بۇ مەسىلىگە گالىلى ۋە لورېنتس دېگەندەك ئۇقۇملارنى كىرگۈزىشى، ماڭا خۇددى ئۆزىنى قالتىس بىلىملىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا بولغاندەك تۇيىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈن سىزگە بۇ ئىنكاسىمنى سەل ئۇزۇنراق يېزىپ كەتتىم. بۇنىڭغا خېلە كۆپ ۋاقتىم كەتتى. سەۋەبى، مەن سىزنىڭ توردا نەچچە يىللاردىن بۇيان «تىئورما» ۋە باشقا نەرسە دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ئېلان قىلىۋاتقان يازمىلىرىڭىز توغرۇسىدا خېلە كۆپ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىدىم. شۇڭلاشقا، مەن بۇ ئىنكاسنى سىزنى ۋە مىللەتنى ئاياش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كەلگەن خارلىنىش يېتىپ ئاشىدۇ. ئۆز ئىچىمىزدىن، ئىلىم-پەن ساھەسىدە باشقا يېڭى خارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلانمىساق بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار تەبىئىي-پەندە بەك تەرەققىي قىلىپ كەتمىگەن. لېكىن، كەسىپ ئەھلى بولمىغان بىرسىنىڭ خالىغانچە كولدۇرلىتىشىنىمۇ قۇبۇل قىلىدىغان دەرىجىدە سەۋىيەسىزمۇ ئەمەس. ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ئايايلى. ئۆز مىللىتىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلەيلى.
مەن مەزكۇر فىزىكىلىق ھەرىكەت توغرۇسىدا بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە يازمايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ھېچ بىر قىممىتى يوق. ئاخىرىدا سىزگە مېنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەكلىۋىم بار:
(1) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇمىي فىزىكا دەرسنى تولۇق ئۆگىنىپ چىقىڭ. ئامېرىكىدا 60 ياشقا كىرگەندە باكلاۋر ئۇنۋانىغا ئېرىشىدىغان كىشىلەر خېلە كۆپ بار. مېنىڭچە سىز ھازىرمۇ فىزىكىنى ئۆگىنەلەيسىز.
(2) كەسپىي جەھەتتە يۈكسىلەي، دېسىڭىز، چوقۇم ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىڭ. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، دەرستىن سىرت ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىككى يىلدا ئۆگىنىپ بولغان. ئاخىرىقى ئىككى يىلدا يەنە ياپون تىلىنىمۇ ئۆگەنگەن. ئىلىم-پەننىڭ، بولۇپمۇ تەبىئىي-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنى غايە قىلغان كىشىدە ئەنە شۇنداق شىجائەت بولىشى كېرەك. خەلقئارادا ھەر بىر كەسىپ ئۈچۈن بىر قانچىدىن، ماقالىسى 3 تىن 5 كىچە بولغان كەسپىي مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قوبۇل قىلىنىدىغان، ئىنگلىز تىلىدىكى ئىلمىي ژورناللار بار. بىر پەرەز، بايقاش، ياكى ئىدىيە كەم دېگەندە ئاشۇنداق بىر ژورنالدا ئېلان قىلىنمىغىچە، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر «ئىلمىي نەزەرىيە»، «ئىلمىي ھۆكۈم» ياكى «تىئورما» بولالمايدۇ. خەلقئارا سەھنىگە چىقىرىپ باقمىغان خىياللىرىڭىزنى «تىئورما» دەپ ئاتاپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. ئاڭلىسام سىز بۇرۇن ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنسىز. يازغۇچىمۇ بولغان ئىكەنسىز. بىز ھەممىمىزنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلاردا توغرا ئىلمىي پۇزۇتسىيىنى يېتىلدۈرۈش بۇرچىمىز بار. ھېچ بولمىغاندا ئىلىم-پەن ئالدامچىلىرىدىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنايلى. سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشىلەرنىڭ كۆزىدە قانچە ئىگىز چىققان بولساق، بىر كۈنى شۇنچە قاتتىق موللاق ئېتىپ چۈشىمىز. بۇ بىر تەبىئىي-قانۇنىيەت.
(3) كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ سۆزىگە ئېتىۋارسىز قارىماڭ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىدا ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر فىزىكىچىلار بار. بەزىدە سىز شۇلارنى زىيارەت قىلىپ، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئەڭ ئالدىدا شۇلارغا دەپ بېقىڭ. ئۇلار كەسىپ ئەھلى بولغاچا، ئۇلار ئۆز كەسپىدە نوپۇزلۇق پىكىرلەرنى بېرەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئادەتتە خاتالاشمايسىز.
قىسقىسى، مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مىللەتكە ئىگە چىقايلى. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئاياق ئاستى قىلمايلى.
گالىلى ئايلاندۇرمىسى بىلەن لورېنتس ئايلاندۇرمىسىنى بىلمەكچى بولغانلار، تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار:
(1)
In physics, a Galilean transformation is used to transform between the coordinates of two reference frames which differ only by constant relative motion within the constructs of Newtonian physics.
http://en.wikipedia.org/wiki/Galilean_transformation
(2)
In physics, the Lorentz transformation (or transformations) is named after the Dutch physicist Hendrik Lorentz. It was the result of attempts by Lorentz and others to explain how the speed of light was observed to be independent of the reference frame, and to understand the symmetries of the laws of electromagnetism.
https://en.wikipedia.org/wiki/Lorentz_transformation
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 08:53 AM