زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:02 AM
رەھمەت سىزگە ، سىزنىڭ قارشىڭىز بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدە ...
بەلكىم سىز دوختۇرخانىغا كىرسەك يۈزىمىز -ئېىناۋىتىمىز چۈشىدۇ دەپ قاراۋاتقان بولسىڭىز كېرەك ۋە ياكى ئېنىڭىز شۇنداق قاراشتىمىكىن ئۇقمىدىم .
سىز بىلسىز ئېدى، ئاۋۇ ئېنىڭىز باشتا يىگەن 曲马多 دىگەن دورىنىڭ تەسىرى 盐酸曲马多 غا خۇمار بولۇپ
بۇ دورىغا خۇمار بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، توختىماي تىت - تىت بولۇش، يۈرۈكىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك بىئارام بولۇش، سۆڭەك - بوغۇملىرى ئاغرىش، دەككە - دۈككۈدىلا يۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 盐酸曲马多 نىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش بەك تەس بولۇپ، ئادەتتە خىرۇئىن خۇمارىدىنى تاشلاشقا قارىغاندا تەس دەپ قارىلىدىكەن.
يامان يېرى، بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.
يەنە كىلىپ ئېنىڭىز 复方地芬诺酯 دىگەن دورا باشتا باشقا تورداشلارمۇ سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ، ماۋۇ دورىنى ئەسلى ئاشقازان راكى دىگەندەك جاھىل ئېغىر كىسەللەرگە ئىشلىتەتتى، ئېنىڭىز 盐酸曲马多 تەسىر قىلماي، 复方地芬诺酯 يىگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى. چۈنكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە تاشلايمەن دەيدۇ ، يەنە 复方地芬诺酯 نى يەيدۇ.
شۇڭا سىزگە دىگەن مەسىلىھەتىم ئېنىڭىز قانچىلىك قارىشلاشسۇن ئۇنى ئۆزىڭىز تاشلىتىپ بۇلالمايسىز، ھەم يېقىن ئۆتىدىغان تەقۋا ئاغىنىلىرىمۇ ھەمرا بۇلۇپ بۇلالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى يارىپ زەھەر تاشلاش ئامبۇلاتۇرىيەسىگە ئاپىرىپ، مۇنتىزىم ياتقۇزۇپ، پىسخكلىك ھەم جىسمانى جەھەتلەردە داۋالاش ئېلىپ بارغىنىڭىز ياخشى.
ئەگەردە چۇقۇم باشقىچە ئۇسۇل قوللىناتتىم دىسىڭىز، ئۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىڭىز .