زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 03:20 AM
تورداش ! سىز ماڭا بۇ دورىنىڭ يەپ بولغاندىن كىيىنكى سەل ...
زۇلئاي ئىنكاسلىرىڭىزدىن قارىسام ھەممىگە ئاساسى جەھەتتىن رەددىيە بىرىپ مىڭپسىز، ئېنىڭىزغا بولغان قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەتتىن بولغان توغرا چۈشىنەي. لىكىن ھەممە ئىنكاسقا مۇشۇنداق ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس قالدۇرماي دىسەممۇ بولمىدى، چۈنكى ‹كەسپى كىسەل› لىم قوزغىلىپ ئىنكاس يازماي دىسەممۇ بولمىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا تىببى كەسىپنى ئۇقۇغانمۇ زادى بىر چاتاق ئىشكەن دەپ قالىمەن بەزىدە.
كەلگۈندى دىگەن بۇرادەر دىگىننىڭ ئاساسى بار، 复方地芬诺酯片 ماۋۇ دورىنىڭ تەسىرى ئاۋۇ 盐酸曲马多 دىن كۈچلۈكرەك. 复方地芬诺酯片 دورىنى يىگەندىن كىيىن ئادەم بەدىنى ھىچقانداق ئاغرىق بىئارامسىزلىق ئالامەتلىرى تۈگەيدۇ. بەدىنى شۇنداق يىنىگلەيدۇ. شۇڭا بۇنداق دورىنى ئېغىر دەرىجىدىكى ئىككلەمچى ئاغىرىق : راك دىگەندەك كىسەللىكلىرىگە ئىشلىتىشتىكى سەۋەپ شۇ. ئېىنىڭىزنىڭ ماۋۇ دورىنى 40 تىن يىسە ئاندىن تەسىر قىلغۇدەك ھالغا كەلسە، سىزنىڭچە ئېنىڭىزنىڭ بەدىنى شۇ دورىغا قانچىلىك چىدامچانلىق(耐药性) ھاسىل قىلغاندۇ. ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ ! كەلگۈندى بۇرادەر دىگەندەك ئاۋۇ دورىنى ھەددىن جىق يەپ ئويغاق تورسا ھېچنىمە بولمىغان بىلەن، ئوخلىسا نەپەس ۋە يۈرەك ئويقۇغا ئەگىشىپ ھەركەتتتىن توختايدۇ. ۋاقتىدا بايقىيالمىسڭىز، ياتقان يېرىدىلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىدۇ. كەلگۈندى سىزنى قۇرقۇتمايۋاتىدۇ بەلىكم بار گەپنى داۋاتىدۇ.
كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي، خىلى بولدىغۇ دەيمەن بىر كۈنى تورخاندىن چىقىپ كىلىۋاتسام، تورخاننىڭ ئىشىكى ئالدىدىلام بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر، تەخمنەن 17-18 ياشلاردا بار، داق يەردە ھۇشسىز يېتىپ كىتىپتۇ. دەرھال قۇلىنى تۇتۇپ نەپىسىنى تىڭشىدىم، نەپەسلەنگەننىڭ ئالامىتى كۈرۈلمەيۋاتاتتى . 120 گە تېلغۇن ئۇراي دەپ تېلغۇننى يانچۇقۇمدىن ئېلىۋاتسام، ھۇشسىز ياتقان بالىنىڭ ئۆزىدىن 2-3 ياش چوڭراق بىرسى تورخانىدىن ئالدىراش چىقتى. دە-دەرھال ھۇشسىز ياتقان بالىنىڭ مەيدە قىسمىغا كۈچەپ ئىككىنى مۇشلاپ سىلكىپتى، قانداق بولدى بىلەمسىز؟! ئاۋۇ ھۇشسىز ياتقان بالا كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئاغىنىسىنىڭ كەينىدىن تورخانىغا كىشىپ كىتىۋاتىدۇ. ئېچىمدە ئاللا كارامەت تەييار دوختۇر ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ دەپلام قالدىم .
يەنە بىر قېتىم ئاۋۇ بالىدىن كىچىك بىرسى، تورخانىغا دورا يەپ كەلگەن چېغى . تورغا چىقىۋاتقان يىرىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. يەنە كېلىپ كۆز ئالدىمدىلا.
يەنە كىلىپ ماۋۇ دۇرىغا خۇمار بولغان بالىلاردا :
بۇ خىل دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىسى، ئۇرغاندىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇرۇپ، خۇماردىن چىققۇسى كېلىدىغان ( زوراۋانلىق خاراكتېرى )، بىرنەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدىغان، ئۇرۇپ - چاقىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، دائىم چېچىلاڭغۇ يۈرىدىغان لايغەزەل بولۇپ قالىدىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك بولمىغان ياش - ئۆسمۈرلەر ئوغرىلىق ياكى بۇلاڭچىلىق شەكلى بىلەن دورا پۇلىنى تېپىشقا ئورنىدىكەن. شۇنىسى رۇشەنكى، بۇ بىر ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دورا ئىكەن.
ئۇمۇميۈزلۈك ئاشۇنداق ئەھۋاللار كۈرۈلىدۇ. شۇڭا سىزگە دەيدىغان مەسلىھەتىم : قانچە تىز بولسا شۇنچە ياخشى يارىپ زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئاپىرىپ داۋالاتسىڭىز، ئېنىڭىزنى ھالاكەت ئېغىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسىز. ئۇنداق ئۆزۈم تاشلايتتىم ئاز ئازدىن يەپ دىگىنىگە قاراپ ئولتۇرسىڭىز، ئېنىڭىزنى ھالاكىتىگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن بولىسىز.
ئالدى سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئېنىڭىز ئاۋۇ دورىدىن 1-2 نى يىمەيدۇ دە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ArmanimⅡ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 01:46 PM