ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم .`!! بىزنىڭ بۇ يەردە بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىدىغان ياشلار ئىنتايىن كۆپ ..تېخىمۇ كۆكپىيىپ كېتىپ بارىدۇ ... راست گەپنە قىلسام ئىلگىرى ئۆزۈممۇ مۇشۇ ناكەسنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان
..... ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولغاچقا ھازىرقى ئىنىڭىزنىڭ روھى _ ھالىتى ، كەيپىياتىنى بەك ئوبدان ھېس قىلالايمەن...ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قىينىلىدۇ ..ئۇ چاغدىكى كەيپىياتنى شۇ ئادەم ئۆزى ۋە شۇنداق بىئارامچىلىقنى تارتىپ باققان ئادەملا بىلىدۇ .. ئاللاھدىن ئىنىڭىزنىڭ ئۇ ناكەس نەرسىدىن تېزراق قۇتۇلۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن ..`!!!
ئەمدى گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك ، ئەلۋەتتە ئىلگىرى مەنمۇ ئاشۇ كوچىدا تىمسىقلاپ يۈرگەن ئىدىم ،خۇددى ھازىرقى ئىنىڭىزدەك تولىمۇ چېچىلاڭغۇ ۋە شۇنچىلىك بوشاڭ ئىشقىلىپ ھەممىنى دەپ يۈرمىسەممۇ سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ بولدۇڭلار ئۇنى ئىستىمال قىلىپ يۈرگەن ئادەمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى...شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش بولغاچقا سىزگە پەقەت بىلىدىغىنىمنىلا دەي ..............................
ئەڭ ئاۋۋال ئىنىڭىز ئەتراپىدىكى ئاشۇ ناچار بالىلار ، ئاشۇ نەرسىنى ئىستىمال قىلىدىغان ئاغىنىلىرىدىن بىراقلا مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋەتسۇن ، قەتئى ئالاقە قىلمىسۇن ،چۈنكى يەنە قايتىدىن كاللىسىغا ئاشۇ نەرسە كىرىۋالىدۇ ... مۇمكىن بولسا ئىنىڭىزنى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ساپ يەرلىرىگە ،يېزا _ قىشلاقلىرىغا ئېلىپ كېتىڭلار ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە يەرلىك ، قۇۋۋەتلىك نەرسىلەردىن يېسۇن ، كۇندە قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسۇن ، چۈنكى قايناقسۇ بەدەندىكى زەھەرنى تەر بىلەن بەدەن تېشىغا تېپىدۇ ، بولسا سوغۇق سۇدا ئانچە مۇنچە يۇيۇنۇپ بەرسۇن ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا پايدىلىق تەرىپى بار