uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 01:54 PM
ئىشقىلىپ بەك يول مىڭىپ كەتتىم . بولۇپمۇ يەكەن پەن-ت ...
بۇ گېپىڭىز مىنىڭ ‹ شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى › غا كىرگەن ۋاقتىمنى ئەسلەتتى .
مەن تۇرۇشلۇق جاي ئۇ نەشىرياتقا يىقىنلا ئىدى ، مەن ياسىنجان سادىق چوغلانغا تىلىفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سورىسام ئاشۇ نەشىرياتتىكى بىرەيلەننىڭ ئىسمىنى چىقارغان ئىدى ، يېنىغا كىرسەم :
- نەدە ئوقىغان ؟ قانچە ياش ؟ ..دىگەنلەرنى سوراپ ، ئىرىشكەن جاۋابىم : - سىنىڭ بۇ يېشىڭ ھەم سەۋىيەڭدە مەتبۇئاتقا يارىغۇدەك بىر نەرسە يېزىشىڭدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ .
دىمەسمۇ ، شۇنداق ئېغىر كەلدى ئۇ گەېپى ، گەرچە مەن ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان ھالەتتىمۇ ئەمما يۈزۈمدىن - يۈزۈمگە ئۇنداق تۆۋەن چاغلاپ ، ئۈمۈدسىز پاراڭ قىلىشى بەكمۇ بىئارام قىلغان ئىدى .
گەپ قىلماي ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقاي دەپ ماڭسام ، ئۆزرە سۈپىتىدە : - ھە قېنى بىر ئېلىپ كەل ، بولغۇدەك بولسا ژورنال ياكى گىزىتتەك بىر يەرگە يەتكۈزۈپ بىرەي ... دىدى .
يېنىغا قايتا چىقمىغان ئىدىم .
مەكتەپتە تۈزۈك ئوقىمىغىنىم ھەم ئاشۇ يېشىمدا مەتبۇئاتقا بىر نەرسە سۇنىشىم تازا ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ ، ئەمما ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىشخانىسىغا بىر قانچە يىللىق ئەجرىمنى ئېلىپ ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد ئىزدەپ كىرگەن ئىدىم .
قورسىقىدا ساپاسى يوق ياكى كىبىرى بار ئادەملەرگە ئۆزىگە ماس كەلمىگەن ئىشخانا زايا كەتكىنى كەتكەن .
بوپتۇ ، ئۈمىدسىزلەنمەڭ ، ھەم ئۇلارغا ئارتۇقچە قايناپمۇ كەتمەڭ ، ئۇنداقلارغا ئارتۇقچە كايىشمۇ بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ... ئۈرۈمچىدە كۆرسىتىپ بېقىڭ ، يەنە كىلىپ شۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر بىلەن بىر كۆرىشىپ بولسا شۇلار بىلەن بىللە مۇناسىۋەتلىك ئىدارىگە بېرىپ بېقىڭ .