anatil02 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 05:39 PM
ئاتە پونى......مەن پەقەت ئىشەنمىدىم
مەن ئەزەلدىن پو ئىتىپ باقمىدىم. مەن مۇنبەردە بىر نەرسە توغۇرسىدا پو ئىتىشتىن بۇرۇن ياكى شۇ بىر تىېما-ئىنكاسنى يىزىشتىن بۇرۇن شۇ قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئۈجۇر-بۇجۇرىنى تەلتەكۈس چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن بلىجىرلايمەن.
بۇ دىگەن مۇنبەر مۇنبەر دىگەنگە ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن ھەر-ھەر ئىقتىدارلىق بىلىملىك كىشىلەر كىرىدۇ ، قىلىۋاتقان ياكى ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىڭزدە ئازىراقلا خاتالىق كۆرۈلسە سۆز-ھەركەتلىرىڭىزنى قىلدىن قىرىق يارىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ .
مەن نۇقۇل خىزمەت ياكى نۇقۇل پۇللىنىلام مەقسەت قىلغان بولسام نەچچە ئون يىل بۇرۇن لايھەلىگەن شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ بەل قويۋەتمەي ئاخىرغا ئىلىپ چىقىپ بۇ كەمدە چىرايلىك بىزەلگەن ئازادە كۆركەم ئىشخاندا ئۆزۈمگە ئوخشاش ئايلىق ئىشق ھەققى ئالدىغان چىرايلىق خانىمدىن بىرنى ئىلىپ ئولتۇرغان بولاتتىم.
مەن ئىزچىل باشقىلارنىڭ نازارىتىگە ۋە باشقۇرشى ئاستىدا ئىشلەشكە ئىتايىن ئۆچ خاراكتىرىم بار ،مەندىكى بۇ خىل ئەركىن ياشاش خاراكتىر مىنى دۇنيانى .دىننى ، كشىلىك ھاياتنى ، روھى دۇنيارىمنى چۈشىنىشتە ۋە قانداق ھاسلات ئىلىشتا مىنى چەكسىز ئەركىن مۇھىيت بىلەن تەمىن ئىتىپ كەلدى . مەن مانا ھازىرمۇ ھىلھەم ھىچقانداق بىر خىزمەتسىز تۇرمۇش مۇھىيتىدا ھىچنىمىدىن قىينالماي ئەركىن ياشاۋاتىمەن . تۇرمۇشۇمغا كىرەكلىك بولغان ئىقتىسادى ئىشىغا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئىلھام قىلىشى بىلەن ئاللىقچان تەييەرلىق كۆرۈپ قويغانمەن .ھىلھەممۇ بۇندىن كىيىنمۇ بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلىش خىيالىممۇ يوق . مەندىكى تۇرمۇش پەلسەپەسى شۇكى تۆگە قانچە يىغىرى شۇنچە .
مەن ئۆزۈم ھەيران قالغان ھەر قانداق بىر شەيئىدە بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ دەپ ئولتۇرماستىن شۇ شەيئىنىڭ تۈزلشىى ھەققىدە مول بولغان سېستىمىلىق تەپەككۇر بىلەن شۇ شەيئىنىڭ ئىچكى-تاشقى ھەركەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمەن ۋە چۈشەنمىگۈچە بولدى قىلمايمەن . بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇ ئارقىلىق پۇل تپىىش ئەمەس بەلىكى بۇ قىسقا ھاياتىمدا ئاللاھ ياراتقان بۇ چەكسىز كائىناتىكى ئاللاھنىڭ قۇدىرەتلىك ھېكىتىمىنى ئەقلى ئىقتىدارىمنىڭ يىتىشچە چۈشىنىپ بىقشىتىن ئىبارەت .
مەن ماڭغان يولۇمدا كۆرگەن ھەربىر شەيئىلەر ئۈستىدە روھىي سىزىمىمدە ھاسل قىلغان چەكسىز مەنۋىى قىمەتلەرنى بەلىكم سىز ۋە بەزىلەر بىر ئۆمۇر ھىس قىلىپ يىتەلمەسلىكى مۇقەررەر .
شۇڭلاشقا سىز بىلەن مىنىڭ ھەر بىر مەسىلە ھەر بىر شەيئى ئۈستىدە چىقارغان يەكۇن .نەتىجە ،كۆز-قاراش چۈشىنىشىمىزمۇ ھەرگىزمۇ ئوخشاش چىقمايدۇ .