yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 06:23 PM
توغرا ئويلاپسىز. پەن- تېخنىكا ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ...
بۇ خلدىكى ئۆزگىچە لايھەنى 15 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاداش ياپۇنيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىنىچ-ئوكيان فىلوتىدىكى پىئارال -خاربوردىن ئىبارەت ھەربىي بازىسىنى بومباردىمان قىلىش توغۇرسىدىكى تارىخى يىزىلغان بىر كىتاپنى ئوقۇۋىتىپتىكەن قىزقىپ قىلىپ ئوقۇشقا ئارىيەت ئىلىپ ساق قايتا-قايتا بەش-ئالتە قىتىم ئوقۇپ كەتتىمممۇ دەيمەن شۇ كىتاپنى . شۇ كىتاپتا ياپۇنيە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ ئامېرىكنىڭ تىنىچ ئوكياندىكى پىئارال-خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىشغا ئاساسى ماسىلىش ئەتىرتى بولغان ياپۇنيە دىڭىز ئارمىسيىنىڭ ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ كىتىۋاتقاندا دىڭىزدا قىيان كۆتۈرلۈش بولۇۋاتقان بىر پەيىتتە كاپىتاننىڭ شۇ ئەتىرەتنىڭ قوماندانىغا دىڭىزدا قىيان كۈچىيىپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قىيىش دەرىجىسى 15 گىرادۇسقا يەتكەنلىگى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پاراخوتلار توختىلمىسا پاراخۇتلارنىڭ ئۆرۇلۇپ كىتىش خەۋىپى بارلقى توغۇرسىدا دوكىلات سۇنغانلىقى ھەققىدە بايان بار ئىكەندۇق .
يۇقارقى ئابزاستىكى ۋەقەلىك ئەينى ۋاقىتتا مەيلى راسىت بولسۇن مەيلى يالغان بولسۇن . بىراق مەندە نىسبەتەن بىر قىزىقىش قوزغىغان ئىدى ئۇ ۋاقىتتا مەن قانچىلىك قىيپاش يانتۇلۇقنىڭ 15 گىرادۇس بولدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن بلىمەيىتتىم . بىراق مەندە دىڭىزنىڭ كۈچلۈك بولغان قىيان ۋە بورانلىرىغا نىسپەتەن ۋە زۇلمەت كىچىدىمۇ نورمال جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بىر پاراخوت لايھەسىنى لايھەلەپ چىقىشى ئارزۇسى كۈچۈيۇپ كەتتى . مەن شۇنىڭ بىلەن دىڭىز-ئوكياندىكى ھەر خىل پاسسىل ھاۋا رايى مۇھىيتلىرىغا ۋە زۇلمەت كىچىدىمۇ كۈندۇزگە ئوخشاش نورمال جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر پاراخوت لايھەسىنى تۈزۈشكە كىرىشتىم. شۇ ۋاقىتتا خەۋەردە پاپۇنيەنىڭ تۇنجى ياساپ چىققان ئاۋياماتكىسىنى ئامېرىكىسىنىڭ بومباردىمان قىلىپ ۋەيران قىلۋەتكەنلىگى توغۇرسىدا خەۋەر كۆرۈپ قالدىم ئۆمۇرۇمدە تۇنجى قىتىم ئاۋياماتكىنىىڭ رەسىمىنى خەۋەردە كۆرگەن ئىدىم . شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كۆرنىشنى ئىلھام قىلىىپ شۇ ئاۋياماتكىنىڭ پاسسىپ يىتەرسىز تەرەپلىرىنى ئىزچىل كۆڭۇل قويۇپ تۆۋەندىكى بىر قاتار يىتەرسىز تەرەپلىرىنى تەھلىلى قىلىپ چىقتىم .
بۇرۇنقى ئاۋياماتكىلارنىڭ بىرلا ئۇچۇش سۇپىسى بار تىخى بۇ بىرلا ئۇچۇش سۇپۇسى ھەم ئايرۇپىلان ئۇچۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئايرۇپىلان قونىدۇ . بۇ تەرىپى بەكلا يىتەرسىز دەپ قارىدىم .
يەنە بىر يىتەرسىز تەرىپى بولسا بۇ ئاۋياماتكىنىڭ ئۇچۇش سۇپىسى قىيپاش ئۇسۇلدا ياسىلىپ . يەنە بىر تەرىپىگە ئۇرۇشقا ئىشلىتىلدىغان ئايرۇپىلانلار تىزلىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بولۇپمۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئاۋياماتكا ئۈستى بەكلا قولايسىز .
يەنە بىر يىتەرسىز تەرىپى بولسا بۇ ئاۋياماتىكىدا پەقەت كۈندۇزىلا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . كىچىسى جەڭ قىلدى دىيىل
گەندىمۇ مۇنداق قولايسىز ئاۋياماتكا ئۈستىدە جەڭ نەتىجىسى كۆڭۇلدىكدىەك بولمايدۇ .
يەنە بىر يىتەرسىز تەرەپلىرى بولسا بۇرۇنقى ئاۋياماتكىغا يىتەرلىك ئايرۇپىلان ۋە تانكا ، ئەسكرلەر سىغمايدۇ . مەن مۇشۇ ئەۋاللارنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ 180 خىلغا يىقىن ھەر خىل ئوخشىمىغان ئاۋياماتكىنىڭ سۇپىسىنى تەقلىدىكى سىزىپ تەقلىدىكى مودىل بىلەن ئىپادىلەپ ئەڭ ئاخىردا چ چ بوشلۇقىدا ساقلاۋاتقان ئاۋياماتكىنىڭ رەسىملىك زاغرا ئۇسۇلدىكى لايھەسىنى ئىلىپ قالدىم . بەزىبىر سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ھازىرغىچە بىر يەرگە ئاشكارە قىلمىغان ئىدىم ئۇزۇن يلىدىن بىرى تالاي قىتىم ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ قىتىم كۆرسىتىپ بىقىش ئۈچۈن قەسەم باستىم ئاخىرنىڭ قانداق بولۇشىنى كىيىنكى قەدەمدە كۆرىمەن قىنى .